پاكىز، رەتلىك كىيىنمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدۇ...
دۇكان، ئاشخانا، رىستۇرانلارنىڭ پاكىز كىيىنمىگەنلەرنى كىرىشكە بولمايدۇ دەپ ئىلان چاپلىشى ۋە شۇنداق ھەركەتنى قىلىشى خىرىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىگە چىقىلغانلىق بۇلامدۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىپ بىقىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە .
ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش قانۇنىنىڭ 10-ماددىسى ۋە 14-ماددىسىدا ئىستىمالچىلارنىڭ ئادىل سودىلىشىش ھوقۇقى بىلەن ھۆرمەت قىلىنىش ھوقۇقى بەلگىلەنگەن .بۇ ئىككى ھوقۇق تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1.ئىستىمالچىلار ئادىل سودىلىشىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئىستىمالچىلار تاۋار سېتىۋىلىش ۋە مۇلازىمەتنى قۇبۇل قىلىشتا ،سۇپىتى ئىشەنىچلىك ،باھاسى مۇۋاپىق ،مىقدارى توغرا بۇلۇشتەك ئادىل سودىلىشىش شارائىتىغائىرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.تىجارەتچىلەرنىڭ زورلاپ سېتىشقىلمىشىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
2. ئىستىمالچىلار تاۋار سىتىۋىلىش ۋە ،ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەتنى قۇبۇل قىلىشتا ،ئۆزىنىڭ ئىنسانى ئىززەت ھۆرمىتى ،مىللى ئۇرۇپ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە .ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قۇغداش قانۇنىدا بۇ ئىككى ھوقۇقنىڭ بەلگىلىنىشى ئىستىمالچىلار بۇ ئىككى ھوقۇقنى يۇرگۇزگەندە چەكىلىمىگە ئۇچرىمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس .ئىستىمالچىلار بىلەن تىجارەتچى باراۋەر بولغان ھەق تەلەپ سوبىكتى بۇلۇپ ئىستىمالچىلار تىجارەتچىلەرنى تاللاشقا ھوقۇقلۇق. شۇنىڭغا ئۇخشاشلا تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ تىجارەت مۇھىتىنى ،ئورنىنى، شارائىتىنى تاللاشقا ھوقۇقلۇق. ھەر قانداق ھوقۇق مەنپەت مەجبۇريەتنىڭ چىكى بولىدۇ. ئىستىمالچى ھۇقۇقىنى يۇرگۇزگەندە تىجارەتچىنىڭ ھۇقۇقىغا چىقىلىشقا بولمايدۇ. يۇقۇرقى قانۇن ماددىللىرغا قارىغاندا دۇكان، ئاشخانا ،رىستۇرانلارنىڭ پاكىز كىيىنمىگەنلەرنى كىرىشكە بولمايدۇ دەپ ئىلان چاپلىشى ۋە شۇنداق ھەركەتنى قىلىشى خىرىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەتىگە چىقىلغانلىق بولمايدۇ.
سائەت قانۇندىن ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش قىزىق لىنىيەلىك تىلفۇنى ؛ 18299819854(ئادۇۋكات بەختىيار)
چ چ: 1471561935 توردا ماتىريال يوللاش ئۇچۇن بۇ نۇمۇرقالدۇرۇلدى،چ چ دا مەسلھەت بىرىش قولايسىز، دوسلارنىڭ ئامال بار تىلفۇن بىرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بىزنىڭ مۇلازىمەت ۋەدىمىز:
باراۋارلىك، ئادىللىق ، ئىتتىپاقلىق ،تىنىچلىق ۋەتەرەققىيات، بىزنىڭ ئەڭ ئالى نىشانىمىز .
خەلق ئادۇۋكاتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-12 06:01 PM