يىزا يەر ھۆددىگەرلىك ماجرالىرى
يىزا يەرھۆددىگەرلىك ماجرالىرى دىلۇلىرنى قانداق ھەل قىلىش كىرەك.نۇۋەتتە رايۇنىمىزدىكىخەلق سوت مەھكىمىللرى ئاساسى جەھەتتىن يىزا يەر ھۆددىگەرلىكىگە ئائىت ماجرادىلولىرنى قۇبۇل قىلمايدۇ. ئۇنداقتا خەلق سوت
مەھكىمللىرنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟ يىزا يەر ھۆددىگەرلىك ماجرالىرنى زادى قايسى ئورۇن بىر تەرەپ قىلىدۇ؟
يىزا يەرھۆددىگەرلىك قانۇنىنىڭ 51- ماددىسدا«....ئالاقىدارلار كىڭىشىپ مۇرەسسە قىلىشنىخالىمسا ياكى كىلىشەلمىسە ،يىزا يەر ھۆددىگەرلىكى كىسىم ئاپپاراتىغا كىسىم قىلىشنىئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.خەلق سوت مەھكىسمگە بىۋاستە داۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.»دىيلگەن .بۇنىڭدىن قارىغاندا يىزا يەرھۆددىگەرلىك ماجرالىرنى يىزا يەرھۆددىگەرلىك كىسىم ئاپپاراتىنىڭ كىسىم قىلىشىغا سۇنۇش ئالدىنقى شەرىت ئەمەسبىۋاستە خەلق سوتىغا دەۋا قىلسا بولىدۇ . ئالى خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ يىزا يەرھۆددىگەرلىك ماجرالىرى دىلولىرنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى تەدبىقلاش مەسىللىرىھەققىدىكى ئىزاھاتىنىڭ 1- ماددىسدا « يىزا يەر ھۆددىگەرلىكىگە چىتىلىدىغانتۇۋەندىكى ھەق تەلەپ ماجرالىرنى خەلق سوت مەھكىمىللىرى قانۇن بۇيىنچەقۇبۇل قىلىشىكىرەك.1. ھۆددە توختام ماجرالىرى .2. ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەزۇر قىلىشماجرالىرى .3. ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەش ماجرالىرى .4. ھۆددە يىرىنى سېتىۋىلىشتۆلەم خىراجىتىنى تەقسىم قىلىش ماجرالىرى .5. ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشماجرالىرى . كوللىكتىپ ئىقتىسادى تەشكىلات ئەزالىرى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغائەمىلليەتتە ئىرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا ،خەلق سوتمەھكىمىللىرى ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەمۇرى مەسئۇل تارماقلارغائىلتىماس سۇنۇپ ھەلقىلىشىنى ئۇقتۇرۇش كىرەك. كۇللىكتىپ ئىقتىسادى تەشكىلات ئەزالىرى تەقسىمقىلىنىدىغان يەر تۆلەم پۇلىنىڭ سۇممىسى ھەققىدە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا ،خەلق سوتمەھكىسمى قۇبۇل قىلمايدۇ.» دىيلگەن .بۇ قانۇن ئىزاھاتىغا قارىغاندا خەلق سوتمەھكىمىللرى يىزا يەر ھۆددىگەرلىك ماجرالىرغا مۇناسىۋەتلىك يۇقۇردا ئىيتىلغان بەشتۇرلۇك ماجرانى چۇقۇم قۇبۇل قىلىشى كىرەك،قۇبۇل قىلمىسا قانۇنغا خىلاپبولىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ يىزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنىنى يولغاقۇيۇش چارىسىنىڭ 26-ماددىسدا « يىزا يەر ھۆددىگەرلىكىگە دائىرى ماجرا ياكى تالاشتارتىش كۇرۇلسە ،ئىككى تەرەپ كەنىتئاھالىلەر كۇمۇتىتى ،يىزىلىق خەلق ھۆكۇمىتى قاتارلىقلاردىن مۇرەسسە يۇلى بىلەن ھەلقىلىشنى تەلەپ قىلسا ياكى يىزا يەر ھۆددىگەرلىك كىسىم ئاپپاراتىغا كىسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوتمەھكىمىسگە بىۋاستە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ» دىيلگەن .بۇنىڭغا قارىغاندا يىزا يەر ھۆددىگەرلىك ماجرالىرنى چۇقۇم مۇرەسسەقىلىش كىرەك ياكى يىزا يەر ھۆددىگەرلىك كىسىم ئاپپاراتى كىسىم چىقىرىشى كىرەكئاندىن خەلق سوتى قۇبۇل قىلىدۇ دەيدىغان مەنە چىقمايدۇ. يىزىلاردىكى يەرنى ھۆددەئىلىپ باشقۇرۇش ماجرالىرى مۇرەسسە كىسىم قانۇنىنىڭ 4-ماددىسدا « ئالاقىدارلاردىنكىلىشىۋالمىغانلىرى ،مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقىرالمىغانلىرى ياكى كىلىشىۋىلىش مۇرەسسەقىلىشنى خالىمىغانلىرى يىزا يەر ھۆددىگەرلىك كىسىم كومىتىتىغا كىسىم قىلىشنى ئىلتىماسقىلسمۇ ،خەلق سوت مەھكىسمگە بىۋاستە داۋا قىلسىمۇ بولىدۇ » دىيىلگەن .
يۇقارقى قانۇنلارغا ئاساسلانغا دىھقانلار يىزا يەرھوددىگەرلىك ماجرالىرنى خەلق سوتىغا ئەرىزقىلسىمۇ كىسىم ئاپپاراتىغا كىسىم قىلىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىسمۇ ئۇزىنىڭئىختىيارى .خەلق سوت مەھكىمىللىرنىڭ يىزا يەر ھۆددىگەرلىك ماجرالىرى دىلۇلىرنىقۇبۇل قىلماسلىقى ئالاقىدار قانۇن ۋە ئىزاھاتلارغا خىلاپ.ئاساسى جەھەتتىنقارىغاندا رايۇنىمىزدا رايۇن ،ناھيە ،شەھەر،يىزىلاردا تىخى يىزا يەر ھۆددىگەرلىككىسىم ئاپپاراتى قۇرۇلمىدى . قۇرۇلغان تەقدىردىمۇ كسىم ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنۇشياكى خەلق سوتىغائەرىز سونۇش بۇدىھقانلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇقەددەس ئىختىيارى تاللاش ھۇقۇقى ، دەخلى قىلشقا قەتئى بولمايدۇ.يىزا يەرھۆددىگەرلىك كىسىم ئاپپاراتلىرى دائىرمىزدە ئەمەس دەپ دىلۇ قۇبۇل قىلىشىنى رەتقىلىدۇ ياكى كىسىم قىلساق جاۋاپكار بۇلۇپ قالىمىز دەپ دىلۇ قۇبۇل قىلمايدۇ.كۆپلىگەن يىزا يەر ھۆددىگەرلىك ماجرالىرى يىزا كەنىت ھەتتا ناھيىگە مۇناسىۋەتلىكبۇلغاچقا كىسىم قىلىش تەسكە توختايدۇ. يىزا يەر ھۆددىگەرلىك كىسىم ئاپپاراتلىرنىڭئۇرنى ،فۇنكىسىيىسى ،ھۇقۇقى ئاجىز بۇلۇپ ماجرالارنى تىز ۋاقتىدا ھەل قىلىشى قىيىن.خەلق سوت مەھكىمىللىرنىڭ يىزا يەر ھۆددىگەرلىكى ماجرالىرنى قۇبۇل قىلىشنى يولسىزرەت قىلىشى، يىزىلارنىڭ مۇقىملىقىغا تەسر يەتكۇزۇپ دىھقانلار بىلەن دىھقانلار ئوتتورسىدىكى،دىھقانلار بىلەن كەنىت يىزا ئوتتورسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۇرۋىتىدۇ .بۇ دۆلىتىمزنىڭ قانۇنچىلىق دۆلىتى ئۇبرازىغا زوردەرىجىدە نۇقسان يەتكۇزشى مۇمكىن .خەلقسوت مەھكىمىللىرى قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ئورۇن بولغاچقا ئالاقىدار قانۇن ۋەئىزاھات بۇينچە ھەقىقى رۇلىنى جارى قىلدۇرۇپ يىزا يەر ھۆددىگەرلىك ماجرالىرىنىقۇبۇل قىلىپ دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ،يىزىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم تىنىچ بۇلۇشىتۆھپە قۇشۇشى كىرەك .
24 سائەتقانۇندىن ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش قىزىق لىنىيەلىك تىلفۇنى ؛18299819854 بەختىيار ئادۇۋكات چ چ: 1471561935 توردا ماتىريال يوللاش ئۇچۇن بۇ نۇمۇرقالدۇرۇلدى،چ چ دا مەسلھەت بىرىش قولايسىز، دوسلارنىڭ ئامال بار تىلفۇن بىرىشنىتەۋسىيە قىلىمىز
بىزنىڭ مۇلازىمەت ۋەدىمىز:
باراۋارلىك، ئادىللىق ، ئىتتىپاقلىق ،تىنىچلىق ۋەتەرەققىيات، بىزنىڭ ئەڭ ئالى نىشانىمىز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-12 04:09 PM