ئامېرىكىدىكى بىر ھەربىي مەكتەپ «ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى-ئىسلام دىنى»نى دەرسلىك مەزمۇنى قىلغان
جۇڭگو تور تېلىۋىزىيە ئىستانسى (CNTV) خەۋىرى : ئەنگېلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»نىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا قوراللىق قىسمى شىتاپ ئوفىتسېرلىرى ئىنىستىتوتى بۇرۇن دەرس تەسىس قىلىپ ، ئوقۇغىچىلارغا «ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى بولسا ئىسلام دىنى»دەپ تەلىم بەرگەن، ئۇلار يەنە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس شەھىرىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە، ئامېرىكا بەش بۈرجەكلىك بىنا بۇ دەرسنى توختىتىشنى بۇيرۇق قىلغان .
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قوراللىق قىسم شىتاپ ئوففىسىرلىرى ئىنىستىتۇتى تەسىس قىلغان بۇ دەرستە، «ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى بولسا ئىسلام دىنىي» دېگەن مەزمۇننى ئاساسلىق ئوقۇتۇش مەزمۇنى قىلغان، يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى بولغان مەككە ۋە مەدىنىنى يوقىتىدىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشىگە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان .
كېيىن، بىر ئوقۇغۇچى بەش بۈرجەكلىك بىناغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، ئىسلام دىنىغا قارشى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا بولغان قارشى پىكىرنى ئوتتۇرغا قويغان، ئامېرىكا بەش بۈرجەكلىك بىنا 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ دەرسنى توختىتىۋەتكەن .
ئۆتكەن 10يىلدا، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى كۆپ قېتىم، ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزى بىلەن ئەمەس، بەلكى ، ئىسلام دىنىدىكى چېكىدىن ئاشقان رادىكال كۈچلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق بۇ ھەربىي مەكتەپ تەسىس قىلغان بۇ دەرسلىك بۇ خىل پىكىرگە خىلاپلىق قىلغان. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇنداق دېگەن: «ئۇلار سىلەر جەزىملەشتۈرگەن ھەرقانداق شەيئىدىن بىزار بولىدۇ، ھەمدە سىلەر تەسلىم بولمىغۇچە ، مەڭگۈ سىلەر بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ.»
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)مۇ ئالاھىدە خادىملارنىڭ تەربىيىلىنىش دەرسلىكىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزگەن، چۈنكى ئۇلار بەرگەن دەرسلىكلەردىمۇ ئىسلام دىنىغا بولغان ئېغىر نارازىلىق ئىپادىلەنگەن .
ئامېرىكا قوراللىق قىسمى شىتاپ ئوففىسىرلىرى ئىنىستىتوتى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئۇنۋېرسىتىتىغا قاراشلىق ئىنىستىتوتلارنىڭ بىرى. بۇ ئىنىستىتۇت 1946-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان، 1981-يىلى 8-ئايدا دۆلەت مۇداپىئە ئىنىسىتىتۇتىغا قوشۇۋېتىلگەن، ئىنىستىتۇت ۋىرگىنىيە شىتاتىدىكى نورفولكقا جايلاشقان. ئىنىستىتۇت باشلىقى مايور گېنرال دەرىجىلىك ھەربىي ئوفېتسىر بولۇپ، بۇ ۋەزىپە قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن نۆۋەتلىشىپ ئۈستىگە ئېلىنىدۇ. ئىنىستىتۇتنىڭ مەسئۇليىتى بولسا ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفېتسىرلارنى تەربىيەلەش .
ئوقۇغۇچىلار مايور، پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېرلار، ياكى ئوخشاش دەرىجىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى. ئىنىستىتۇتتىكى شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى 92 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەربىي خادىم 20 نەپەر ، مۈلكىي كادىر 72 نەپەر. دەرسلىك قۇرۇلمىسى مەجبۇرىي ئۇقۇلىدىغان دەرس ۋە تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرس تۈرىگە بۆلىنىدۇ. مەجبۇرىي ئۇقۇلىدىغان دەرسنىڭ مەزمۇنى : بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىش پىلانىنىڭ بەلگىلىمىسى، دۆلەت مۇداپىئە باشقۇرۇشى، كونترول قىلىش ۋە ئالاقىلىشىشقا بىرلىشىپ قوماندانلىق قىلىش، بىرلەشمە ئېلېكترون ئۇرۇشى. تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلەر جەمئىي توققۇز بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلار چوقۇم بۇنىڭ ئىچىدىن بىر دەرسلىكنى تاماملىشى كېرەك .
مەنبە
http://news.ifeng.com/world/detail_2012_05/11/14473093_0.shtml بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-12 12:30 PM