مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4584|ئىنكاس: 62

ئالداپ ئوغۇرلۇققا سېلىنغان ئىلھام قۇتقۇزىۋېلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25514
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 02:55:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۈگۈن مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئالاھىدە بىر كۈن بولدى .
ئادىتىم بويچە دوسلۇرۇم بىلەن <بالاڭزا تاماقخانىسى >دا  تاماقلىنىپ كەلگەندىن كىيىن تور ئارلاۋاتقان ئىدىم ، تەخمىنەن كەچ سائەت يەتتىلەر بولغاندا  (بېيجڭ ۋاقتى) تۇيۇقسىز دالىيەندىكى دوسلىرىمىزدىن بىر ئوغۇرلاپ ، ئالداپ كىتىلگەن  بالىنىڭ خەۋرى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ ئىشقا جىددى قىزىقتىم .
ئالداپ كىتىلگەن بۇ ئوماق ئىنىمىزنىڭ ئىسمى ئىلھام ياسېن بولۇپ ئاتا- ئانىسى تىرىكچىلىك ئۈچۈن قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ، باللىرىنى بېقىش ئۈچۈن كۆرمىگەننى كۆرىۋاتقان كىشىلەر  ئىدى .
دالىيەندىكى دوسلىرىمىدىن ئالغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئىچكىرلەپ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئوماق ئىنىمىزنىڭ بىر خەنزۇ يولداشنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق . سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بىلدۇقكى بالا تەخمىنەن بىر ئاي بۇرۇن ئالداپ ئىچكىرگە ئېلىپ كىلىنىپ ئوغۇرلۇققا سېلىنىشقا باشلىغان ، قاتتىق تاياق يىگەن .  شۇ جەرياندا ئۇشبۇ خەن يولداشقا ئۇچراپ قالغان ، بالىنىڭ ئالداپ كىلنىگەن ، قىيىن - قىستاققا ئۇچراۋاتقىنىنى كۆرۈپ يەتكەن بۇ يولداش دەرھال دالىيەندىكى ئۆزى تونۇيدىغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر دوستىمىزغا تىلفۇن قىلغان ، دوستىمىزمۇ بۇ ئىشقا جىددى پوزىتسىيە تۇتقان ھەم ئىزباسار كوت - كوت توپىدا بۇ خەۋەرنى تارقاتقان . مەن بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن  كىيىن چاڭچۈندە ئۇنۋېرستىتا ئوقۇيدىغان ئابدۇلئەزىز دوستىمىزدىن ھېلىقى خەنزۇ يولداشنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى ئېلىپ  تىلىفۇن قىلىپ بالىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردۈم ، ئۇ ماڭا بالىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكنى ، بالىنىڭ قورقۇپ كەتكەنلىكىنى  بىزنىڭ تىزدىن ئامال قىلىشىمىزنى ئېيتتى  ، مەن ئۇنىڭغا بالىغا ئوبدان قاراپ تۇرۇشنى ،  ئەڭ تىز سۈرئەتتە دالىيەن شەھرىدىكى دوسلىرىمىزنى يېنىغا ئەۋەتىدىغانلىقىمزنى ، ھەمدە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى يوق ھەرقانداق ئادەمگە بالىنى تاپشۇرۇپ بەرمەسلىكنى ، چۈنكى ھېلىقى ئادەم بىدىكلىرىنىڭمۇ  بالىنى ئىزدەۋەتقان بولۇش ئىھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتىم ، ئۇ قوشۇلدى ، مەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىم ھەم ئىنىمىز ئېلھام بىلەن كۆرۈشۈشنى ئېيتتىم ، ئۇ تىلىفۇننى ئېلھامغا بەردى :
_ ئۇكان ياخشىمۇسەن ؟
-ياخشى .
-ھازېر ساڭا بىر ئىش يوقتۇ ؟
-ياق .
-ئۇندا قتا ياخشى ، ئەنسىرمەي تۇر ، يېنىڭدىكى خەنزۇ يولداشنىڭ قېشىدىن ھەرگىز ئايرىلما ئۇقتۇڭمۇ ؟!
- ئىن ، بىلدىم ئاكا .
- داداڭ ئاپاڭنىڭ ئىسمى نىمە ؟ ئۇلارنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى ئەسلىيەلەمسەن ؟
- دادمنىڭ ئىسمى ياسېن ، ئاپامنىڭ ئىسمى ئانارگۇل  ، ئەسلى دادامنىڭ تىلىفۇنى يادىمدا بار ئىدى ، ھېلىقىلار(ئۇنى تۇتۇپ كەتكەنلەرنى دەيدۇ ) ماڭا مەجبۇرىي نۇرغۇن نومۇرلارنى يادىلاتقۇزۇپ دادامنىڭ نۇمۇرىنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم ، پەقەت كەينىدىكى ئۈچ خانىلا يادىمدا بار ......
- بولىدۇ ، بىز ئۆيۈڭدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشايلى ، يېنىڭغا بىرنەچچە ئۇيغۇر ئۇقوغۇچى ئاكىلىرىڭ بېرىپ سىنى ئېلىپ كىتىدۇ ، ئاڭغىچە ھېچنەرگە مىدىرلىما  !!
- ماقۇل ئاكا .
تىلىفۇننى قويغاندىن كىيىن ئابدۇلئەزىز قاتارلىق تورداشلار قانداق قىلىشنى توردا مەسلىھەتلەشتۇق ، بىرنەچچە دوستىمىز ئەتە تاڭ ئاتقاندا بالنىڭ قېشىغا بېرىش تەكلىپىنى بەردى ، ئەمما بۇ ئىشنى كىچىكتۇرۇشكە بولمايتى ، بىرنەچچە مىنۇتلۇق پىلاندىن كىيىن دالىيەن دېڭىز ئىشلىرى ئونۋېرستىتىدىكى بىرنەچچە دوستىمىز دەرھال بېرىپ بالىنى يېنىغا ئېلىپ كىلىدىغان بولدى .
بالىنى ئېلىپ كىلىدىغان دوسلىرىمىز دەرھال يولغا چىقتى ، مەن دەرھال مىكرو بىلوگۇمدا توۋەندىكىدەك ئۇچۇر تارقاتتىم .

QQ截图20120512020420.png


ئۇچۇر تارقالغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە تارقىلىشقا باشلىدى ، نۇرغۇن دوسلىرىمىز بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلدى ،  ۋاقىت ئۆتمەكتە ئىدى ، تورداشلار ھەرخىل يوللار بىلەن بالىنى ئاتا- ئانىسىنىڭ خەۋرىنى سۈرۈشتۈرىۋاتاتتى .
گەرچە بالىنىڭ دەپ بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن بالا تۇرۇشلۇق قايدىكى xxساقچىخانىسى بىلەن ئالاقىلاشقان بولساقمۇ تىلىفۇننى ئالغان يولداش قوپال پوزىتسىيە بىلەن 我们不管这个事دىگەن  جاۋابىنى بەرگەندىن كىيىن بىز  يەنە باشقا ئاماللارنى قىلىشقا باشلىدۇق ، ھەممىمىز تولىمۇ جىددىيچىلىك ئىچىدە ئىدۇق . تەخمىنەن بىر يېرىم سائەتتىن كىيىن ھەممىمىزنى خۇشال قىلىدىغان بىر خەۋەر- بالىنىڭ دادىسىنىڭ تىلىفۇن نومۇرى تورداشلار تەرىپىدىن تېپىلدى .
مەن تىلىفۇن نۇمۇرنى باستىم ،
،186xxxxxياسىنجان ئاكا تىلىفۇننى ئېلىپ قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيۋاتقاندەك قىلىۋاتاتتى .

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياسىنجان ئاكا  
- ۋەلەيكۇم ئەسسالام ......
- ئوغلىڭىز ئىلىھامنىڭ خەۋرى تېپىلغان ئىدى ، ئۇ ھازېر بىزنىڭ دوسلىرىمىزنىڭ قېشىدا .....
ئۇ ئارلىقتا  نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغان ئىدى ، ئېنىق يادىمدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە جۈملە قالدى :
- ۋاي ئۇكام  ، مۇشۇ تىركچىلىك قىلىپ ئۈرۈمچىدە تاپقان 6000-7000مىڭ كوي پۇل باتى ، شۇ بالنى ئىزدەي دەپ بېيجىڭغىچە بېرىپ شۇنچە ئۇزۇن ئىزدەپمۇ تاپالماي ، يېنىمدا پۇل قالماي تېخى تۈنۈگۈن پويىز خادىملىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرۈپ پويىزغا چىقىۋېلىپ تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلگەنتىم تېخى.......
ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئاتا مىھرىنى كۆرگەندەك بولدۇم ، بىر دادىنىڭ مۈكچەيگەن بەللىرى ، يات بېيجىڭ شەھرىدىكى ناتۇنۇش كوچىلاردا دوقمۇش - دوقمۇش ، كۆرۈكلەرنىڭ ئاستىدا ، ھەشەمەتلىك سودا- سارايلاردا يۈرەك پارىسىنى ئىزدەۋاتقان كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەندەك بولدى .
ئۇنىڭ كەيپىياتنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ئۈچۈن گەپنى قىسقارتتىم ، ئۇ دالىيەندىكى بىر تۇققىنىغا تىلىفۇن قىلىپ  تۇققىنى ئەتە ئەتىگەن بالىنى ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يولغا سالىدىغان بولدى .


ئۇف دەپ سائەتكە قارىسام بېيجڭ ۋاقتى كەچ سائەت ئون بىردىن ئېشىپتۇ ، مىكرو بىلوگۇمدا توۋەندىكى خوش خەۋەرنى يوللىدىم .

444.png


نىمە دەي ..... بۈگۈن مەن ئۈچۈن بىر ئالاھىدە كۈن ، ھازېر مەن تۇرىۋاتقان بۇ شەھەردە ئاللىقاچان ئىككىنجى كۈن ئەتىگەن سائەت ئۈچ بولاي دەپ قالدى ، ئەمما كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كەلمەيۋاتىدۇ ، توغرا بۈگۈن مەن خۇشال بولۇشۇم كىرەك ، ئەمما نىمىشقىكىن خۇشال بولالمايۋاتىمەن ، ئىچكىرنىڭ مىھرى سوغۇق شەھەرلىرىنى ھەر بۇلۇڭ - بۇلۇڭلىرىدا يەنە قانچىلىك ئىنى - سىڭىللىرىمىز نىمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتقاندۇ ؟ تاياقتىن شەلۋەرەپ كەتكەن بەدەنلىرى قانچە ئېچىشىۋاتقاندۇ ؟ ئوغۇرلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قېلىپ قايسى كىملەرنىڭ پەشۋاسىنى ، مۇشتۇمىنى يەۋاتقاندۇ ؟ ئەلەمدىن ئىڭرىشىپ ، تويغۇدەك تاماق يىيەلمەي ئانا مىھرىگە ، دادا مىھرىگە قانچىلىك زار بولىۋاتقاندۇ ؟!  شۇنداق تۇرسا مەن قانداقمۇ خاترجەم ئۇخلىيالايمەن ، ئىلھام ئىرشكەن بۈگۈنكى بەختكە يەنە قانچىلىك ئىنى - سىڭىلىمىز ئىرىشەلەر ؟! ئىھ ئۇلۇغ ئاللاھىم ، شۇ ناراسىدىلەرنىڭ بەختىنى بەرگىن  !!

未命名.jpg

(بۈگۈن قۇتقۇزىۋېلىنغان ئىلھام )

20090619_0799dd74d5dafdcbc1c5zOsiWfbdKwHk_jpg_thumb.jpg

( ئوغۇرلۇققا سېلىنىپ يەرلىك پىدائيلار تەرپىدىن تۇتىۋېلىنغان ئۆسمۈر ، توردا بۇ خىل رەسملەر بەك كۆپكەن ئىچىم سىيرلىپ باشقىلىرنى يوللىمىدىم )
ئاخېردا ئېلھامنىڭ تېپىلىپ ئاتا - ئانىسى بىلەن يۈز كۆرششگە ياردەمدە بولغان ھەممە دوسلارغا ئۇنىڭ ئاتا - ئانسى نامىدا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز  .  

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 10:51:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسى قانۇنى بويىچە   قانۇنلۇق بىر پۇخرا ،گىراژدان بولۇش سالايىتىم بىلەن  سۆز قىلىش، پىكىر بېرىش ھوقۇقىغا ئىگىمەن. شۇڭا كۆڭلۈمدىكى بىر گەپنى قىلسام:
  مۇشۇ بەيدۇ تورىدىن ئۇچۇر ئىزدەپ ئۇيغۇرچە رەسىم ئىزدىگىلى كىرسەم، ئۇيغۇر دەپ خەنزۇچە بېسىشىمغىلا    « ئۇيغۇر ئوغرى»،  « ئۇيغۇر پاھىشە قىزلىرى » دېگەن تېمىدىكى مەخسۇس ھۆججەت ئىستونى ۋە سانسىزلىغان ئېچىنىشلىق ھەم  نومۇسلۇق رەسىملەر بار ئىكەن.  شۇنى سورىغۇم كېلىدۇ،  ئەگەر بىز ئەتراپىمىزدىكى پاھىشخانىلار ياكى باشقا ناچار ئىشنى قىلىۋاتقان خەنزۇ يولداشلارنى رەسىمگە تارتىپ ياكى ئۇلار ھەققىدكى قىسمەن تەنقىدى كۆز قارشىمىزنى بايان قىلىپ تورغا بايان قىلساق دەرھال سىياسى جاۋابكارلىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ياكى  دەرھال تازلىنىدۇ. لېكىن ئاۋۇ جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ تور بەتلەردە مەخسۇس ئۇيغۇر مىللىتىىگە ھاقارەت بولىدىغان ، مىللەتنىڭ ئوبرازىغا تاقىلىدىغان مەخسۇس ئىستون ۋە ھۆججەت، رەسىملەر ئېلان قىلىنسا  ھەم ئۇزاق مەزگىلگىچە مەۋجۇت بولسا بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋە  جاۋاپكارلىق سۈرۈشتە قىلىدىغان ئادەم يوق؟؟؟

   جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى  خەلق دىمكورتىيسى دېكتاتۇرلىقىدىكى  جۇمھۇرىيەت،  ھەرقايسى مىللەتلەر مەيلى قايسى دىن، قايسى مىللەت بولىشى، نوپۇسىنىڭ ئاز- كۆپ بولىشىدىن قەتئىنەزەر   قانۇن ئالدىدا بابباراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ دەپ جۇڭگۇنىڭ ئاساسى قانۇنىغا
  ئېنىق قىلىپ يېزىلغان، ئەمما بۇ  «  ھوقۇق چېكى » قاچانمۇ ھەقىقىي ئەمىنلىشەر،   ئۇ  « چەكتىكى پۇل » نى قاچانمۇ ئېلىپ خەجلىيەلەرمىز؟

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
lawa0998 + 108 سىناپ باققۇلۇق
tohtihan1 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 118   باھا خاتىرىسى

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ياقۇپجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69152
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 536 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:04:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتېمىنى كۆرۈپ ناھايتى خۇشال بولدۇم،ئاپتورئەپەندىگەرەخمەت

ھايات ساڭاكۈلۈپ باقمىسا،سەن ھاياتقاكۈلۈپ باق..ئاچچىق كۈلسەڭمۇمەيلى!!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:13:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا تېخى ..خەن يولداشلار قۇتقۇزۋاپتۇما ؟ شۇڭا بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن .ئىمانلىق دەپ قارىغان بەزى ھايۋانلاردىن ئىمانسىز دەپ قارلدىغان مۇشۇنداق قېرىنداش مىللەتلەرىنىڭ ئۈلگى ئارتۇق ....بۇ بالىنىڭ تېپغىندىن خوش بولدۇم .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10308
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2983 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:23:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خەۋەرنى مەن بايا چ چ بوشلقىدا كۆرگەن ، مەنمۇ دالىيەندە بولغاچقا قانداق قىلسام ياردەم قىلالارمەن دەپ يۈرسەم مانا ئەمدى ئاتا ئانىسىنى تېپىپ بىرىپسىلەر ،

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10308
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2983 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:23:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خەۋەرنى مەن بايا چ چ بوشلقىدا كۆرگەن ، مەنمۇ دالىيەندە بولغاچقا قانداق قىلسام ياردەم قىلالارمەن دەپ يۈرسەم مانا ئەمدى ئاتا ئانىسىنى تېپىپ بىرىپسىلەر ،

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72516
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4204
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 319 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:40:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى ئىش قىپسىلەر .ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭلارغا بەركەت بەرسۇن.

تەخسىكەش،چېقىمخورلار يەر يۈزىدىن تامام يوقالسا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72516
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4204
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 319 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:41:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى ئىش قىپسىلەر .ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭلارغا بەركەت بەرسۇن.

تەخسىكەش،چېقىمخورلار يەر يۈزىدىن تامام يوقالسا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 2050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 12:00:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-5-12 11:13 AM
توۋا تېخى ..خەن يولداشلار قۇتقۇزۋاپتۇما ؟ شۇڭا بەزىدە ش ...


ئۇيغۇرنىڭ ھەممسى مۇسۇلمان ئەمەس ئويلاپ گەپ قىلىڭ ،مەن مۇسۇلمان دەۋاسىلا مۇسۇلمان بولۇپمۇ قالمايدۇ ،مۇسۇلمانلارنىڭ نامىغا داغ چۈشۈردىغان گەپ قىلىشقا ھوقۇقىڭىز يوق ،مۇسۇلمان دىگەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان دىگەن گەپ ئەمەس جۇمۇ بىلىپ قىلىڭ ،راس ياخشى ئىش بولۇپتۇ ،مۇشۇنداق ئەمەلى ھەركەتكە ئۆتۈزكە تىگىشلىك ئشلىرىمىز جەميىتىمىزدە خىلى يغىلىپ قالدىغۇ ئشقىلىپ ..................ئاز- ئازدىن تىرىشساقمۇ بىر گەپ بولۇپ قالار مىدىرلىماي ئادەم تىللاپ ئولتۇرغاندىن ياخشى ،سىزگە ۋە دوسلىرىڭىزغا بەركەت ياغسۇن تىما ئىگىسى ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاھلالە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 12:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 2050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 12:03:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ مەيلى قايسى مىللەت بولۇپ كىتىشىدىن قەتئى نەزەر ،شۇ باللارنى قۇتقۇزۋالغىنى ئۈچۈن تەشەككۈر ئىيتىىمىز ،ھىچقانداق ئىش مۇتلەق بولمايدۇ ،ھەر مىللەتنىڭ ئىچىدە ياخشى ئادەممۇ ئەسكى ئادەممۇ بار ،شۇڭا بىراۋغا مىللەت نامىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەمەس ،ئادىمىيىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇئامىلە قىلىش كىرەك ...............ئشىنمەنكى باشقىلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلدىغان ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارمۇ خىلىلا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbar5 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش