مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1012|ئىنكاس: 12

ھەقىقى قۇدرەت تېپىش دىگەن نىمە ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77266
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-3-11
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 11:18:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى قۇدرەت تېپىش دىگەن نىمە ؟


;مەيلى ئىنتېرنىت بولمىسۇن ياكى شىنخۇا كىتاپخانىسىدىكى كىتابلار بولمىسۇن ھەممىسىدە " ئەرلىرى زەئىپلەشكەن مىللەتنىڭ ئاياللىرى پاھىشە بولىدۇ "،" روھىيىتىمىزدىكى ئاجىزلىقلار " دىگەندەك گەپلەر دەۋىر سۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى . بۇ ناھايىتى نۇرمال ئەھۋال . چۈنكى ئۈزىنى ئىتراپ قىلىش ، ئۈزىنى تۇنۇش ، تەرەققى قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان ئىنسانلار ئىچىدە بىز ئۇيغۇرلار بىرىنچىسى ئەمەس شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقىسى ئەمەس . مەيلى تەرەققى قىلغان ياۋروپالىقلار بولمىسۇن ، قەدىمى مەدەنيەتكە ئىگە ئافرىقا ۋە شەرقى ئاسىيالىقلار بولمىسۇن بۇ ھەقتە ئىزلىنىش توختىماي داۋام قىلىۋاتىدۇ .
تەرەققى قىلغانلار ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ يول ئالدى ، تەرەققى قىلمىغانلار ھېلىمۇ ئات -تۈگە بىلەن سودا يۇلى ئېچۋاتىدۇ ، ئىنساننىڭ شۇنداقلا مەلۇم خىل مىللەت ۋە ئادەملەر توپىنىڭ ئۈزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا قۇشۇلۇپ مېڭىش ئىستىكى بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق .
دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتساق " ھەر قانداق مىللەتنىڭ تەرەققىياتى تۈز سىزىق بويىچە ئىلگىرلىگەن ئەمەس ، بەلكى گاھ ئۆرلەپ گاھ پەسىيىپ تۇرىدىغان زەنجىرسىمان ھالقىدا بىر پۈتۈنلىككە ئىگە بولغان ". بىزنىڭمۇ تارىختا گۈللەنگەن چاغلىرىمىز بولغان ، ئۇيغۇر مەدەنيىتى سودىگەرلەر ۋە باشقا ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن دۇنياغا تارقالغان . تەبئى ئاپەت ۋە ئىچكى -تاشقى بېسىمنىڭ نەتىجىسىدە يىڭىلىق يارىتىلىشقا ئىمكان بولماي ، بىكىنمىچىلىك سەۋەبىدىن پىكىر قىلىش شەكلى دەۋىرگە ماسلىشالماي ، تەپەككۇر ئۇسۇلى يىڭىلانماي تاكى ئازات بولغان 49 -يىلغىچە جاھالەت ھەر خىل نام ھەرخىل ئېقىم سۈپىتىدە بىزنى ئالداپ بېسىپ كەلدى .
دۇنيادا يېڭى دەپ ئاتالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت تارىخىنىڭ تەكرارلىنىشى ، باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلنىشى خالاس . شۇڭا بىز چۇقۇم باشقىلارنىڭ تەرەققى قىلىش ، قۇدرەت تېپىش جەريانىدىكى ئالاھىدىلىكرىنى ئۆرنەك قىلىشىمىز ، ئۈگىنىشىمىز كىرەك .
مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ئىسلام دىنى "قۇرئان " ئارقىلىق ئىنسان ، ئائىلە ، جەمئىيەتنىڭ فونكىسيىسى ۋە بۇرچىنى بەلگىلەپ جاھالىيەت دەۋرىدە قالغان ئەرەبلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ قۇدرەتلىك ئىسلام ئىمپىريىسى قۇردى . ئابباسىلار خانلىقى " يۈز كۈنلۈك تەرجىمە ھەرىكىتىنى " يولغا قۇيۇپ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات ، فىزىكا ، خېمىيە ۋە باشقا پەنلىرىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كەڭ تارقىتىپ ، ئالى بىلىم يۇرۇتلىرىنى قۇرۇپ ، ئالىملارنى چىللاپ كىلىپ نەچچە ئون يىل تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئەرەب يېرىم ئارىلى جوڭگو ۋە قەدىمى يۇنانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ مەدەنيەت مەركىزىگە ئايلاندى . سېرىتنىڭ ئىلغار مەدەنيىتىنى قۇبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە ئەرەبلەر شۇ قەدەر گۈللەندىكى ئۆز سېڭلىسىنى ئاكىسى ئالىدىغان ياۋايى مىللەتتىن دۇنيانىڭ خۇجىسىغا ئايلىنىپ خىرىستىئانلار پەقەت يىراقتىن نەپرەت بىلەن قاراپ تۇرسىمۇ باش كۈتۈرۈپ ياق دىيەلمەيدىغان ھالەتكە كەلدى .
بىر مەزگىل مائارىپ ۋە ئىسلاھات ئارقىلىق دۇنيانىڭ خۇجىسىغا ئايلانغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمپىراتۇرى ئوردىغا مىڭلىغان گۈزەللەرنى يىغىپ قۇيۇپ يېرىم يالىڭاچ قىزلارنىڭ ئۇسۇلىنى نىپىز پەردە ئارقىسىدىن كۈرۈپ يۈزلەپ خۇتۇنلارنى ئېلىپ ، ئوخشىمىغان ئاپىدىن بولغان پەرزەنىتلەر شاھلىق ئورنىغا كۆز تىكىپ ھىلە -مىكىر پىلانلاۋاتقان ، خەلقنىڭ ئاۋازى پادىشاھقا يەتمەيۋاتقان چاغدا ياۋروپالىقلار ئازاپ ۋە خورلۇق ئىچىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللنىش تارىخىنى تەتقىق قىلىپ ھەممە ئىش تەقدىر ۋە ئىلاھنىڭ ۋەھىيسى ئارقىلىق بۇلىدۇ دىگەن قاراشتىن قايتىپ ئىنساننى ۋە شەخىسنى مەركەز قىلغان نەزىريىۋى ئاساسلارنى ئىلان قىلدى . مۇنداقچە دىگەندە شەيئىلەرنى بىلىش ئۈچۈن كۈزۈتۈش ۋە تەجرىبە قىلىش كىرەك دەپ قارالدى . مۇسۇلمانلار " مەسچىتكە كىرگەندە ئىشتاننىڭ پۇشقىقى ئۇزۇن بۇلۇش كىرەكمۇ قىسقىمۇ " دىگەندەك ئەرزىمەس نەرسىلەر ئۈچۈن قېلىن دىنني كىتاپلارنى ئىزدەپ تالىپلار ئون يىل ئۇقۇپ موللا بۇلالمايۋاتقان چاغدا ياۋروپا ئەدەبىيات سەنئەت قايتا گۈللنىش ھەركىتىنى قوزغاپ دىن بىلەن مائارىپنى ئايرىپ تاشلاپ مەكتەپلەرنى قۇرۇپ ھەقىقى قۇدرەت تېپىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ۋە ئاساسى بولغان مائارىپ ۋە مەدەنيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا باشلىدى .
ياۋرۇپانىڭ تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىپ خۇلاسىلەپ چىققان جامالىدىن ئافغانى " دەۋىر ئالغا باسىدۇ ، بىر ئىزداتوختاپ قالمايدۇ ، مۇسۇلمانلار مۇشۇ نوقتىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىدىكى ئە جانلىق پىرىنسىپ قىلىش كىرەك ، مۇسۇلمانلار بارلىق پايدىلىق نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىشى ، بارلىق زىيانلىق نەرسىلەردىن ۋاز كىچىشى ، غەرىبنىڭ پەن -تېخنىكىسىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى قوغدىشى كىرەك ، ھەقىقى ئىمان كونىلارنىڭ ، يۈزلۈكلەرنىڭ شۈبھىلىك تەشەببۇسى ئۈستىدە ئەمەس ، بەلكى ھەقىقى قايىللىق ۋە مۇستەھكەم دەلىل ئۈستىدە بولىدۇ " دەپ ئوتتۇرغا قويدى .
بۇ خىل قاراشنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ئابدۇقادىر داموللا ، مەمتېلى ئەپەندىلەر شىنجاڭدا يېڭى مائارىپ ھەركىتىنى باشلىدى .
يۇقارقى گەپ شۇ يەردە قالسۇن .




ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەدەنيەت ۋە مەرىپەت ، سىياسى ۋە ئىقتىسادتا چىكىنىشى ، قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ھەدىسلىرىگە خاتا ۋە گۇرۇھ مەنپەئەت نوقتىسىدىن تەدبىر بىرلىشى ، خۇراپاتلىقنىڭ ئەۋىج ئېلىشى ئاھالىسىنىڭ ئاساسى قىسمى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر رايۇنىغا پاسسىپ تەسىر ئېلىپ كەلدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايۇنىدا تۇمشىقىغا تىپىك يەپ لالما ئىت كەبى خورجۇن كۈتۈرۈپ كەلگەن ئاتالمىش " پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى " ئۇيغۇر رايۇنىدا ئەمدىلا بېخلىنىپ لېكىن ئىلغار پىكىرلىكلەر ۋە سەئىدىيە خانلىقىدىكى ئىلغار كۈچلەر تەرىپىدىن بېسىلىپ ياتقان تەركى دۇنيا خۇراپاتلىققا كاتالىزاتۇر بۇلۇپ ئەڭ ئاخىردا ئۇيغۇر دىگەن ئىسىممۇ ئىستىمالدىن قىلىپ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر گەۋدىسى يىمىرلىپ قەشقەرلىك ، خۇتەنلىك ، ئاقسۇلۇققا پارچىلاندى . ئۇيغۇر شۇ دەۋىردىكى مائارىپىنىڭ نىشانىنىڭ بۇرلۇشى ۋە دىنني ئەقىدىنىڭ يۈكسەكلىككە كۈتۈرلۈپ خۇراپاتلىققا ئايلىنىشى شۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ماددى ئىشلەپچىقرىش ، ساپا ، نۇپۇس جەھەتتىن غايەت زور زىيانغا ئۇچراتتى . تەلۋىلەرچە دىننىي ئىتىقادتىن باشقا ھېچنىمىسى يوق نادان خەلق ئۆز ئارا ئاق تاغ قارا تاغ بۇلۇپ قىرغىن قىلىشىپ ئىنسانىي ھۇقۇق ، كىشلىك قەدىر قىممەت ، نىكاھ ۋە كىشلىك ئەركىنلىك ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىبرەت بولغىدەك دەپسەندە قىلىدى . ھەتتا ئادەم بېشىدا قىزىل دەريا بويىدا خاتىرە مۇنار تىكلەندى . شۇندىن كىيىن ئازاتلىققىچە بولغان بىر دەۋىردە ئۇيغۇر دىيارىدا تۈگىمەس ئىچكى جىدەل ، ئوخشىمىغان "ئىسلام " گۇروھلىرى ، ئوخشىمىغان ھەم پىشمىغان نەزىريە ھۈكۈم سۈرۈپ ياڭ زىڭشىن دەۋرىگە كەلگەندە كولمىناتسىيە نوقتىسىغا يەتتى .
بۇ ھەقتە نەزەر خۇجا ئابدۇ سەمەتوف :" مۇسۇلمانلار ئىچىدە نىمىشقا ئىلىم لازىم دەرىجدە تارقالمىدى ؟ ھەقىقى سەۋەبى بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ پۇلنىڭ يوقلىقىدۇر ، كەمبەغەللىكنىڭ سەۋەبى بولسا بەك ئۇچۇق ،مىڭ نەچچە يىللاردىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن بىز ئۇقۇش ۋە باي بۇلۇشقا ئەمەس بەلكى بىر -بىرىمىزنى ئۆلتۈرۈش ۋە قىرغىن قىلىشقا ۋاقىت تاپالماي يۈرىمىز ، بۇ يولدا سەرىپ قىلغان بايلىق ۋە كۈچىمىزنى ساۋاب ھىساپلايمىز ، قاراڭلار ئىسلام دۇنياسىغا ! كىم كىم بىلەن سۇقۇشىدۇ مۇسۇلمان مۇسۇلمانلار بىلەن سۇقۇشىدۇ ، مۇشۇ سۇقۇشقا كەتكەن پۇل ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا ئىشلىتىلگەن بولسا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىلىم يامان ئەمەس تارقالغان بۇلاتتى " دەپ ھەسرەت بىلەن يازدى .
ئۇيغۇر تارىخىدا ھەر بىر دەۋىردە يىراقنى كۈرۈپ ئۆز خەلقى ئۈچۈن قۇربان بىرەلەيدىغان ئالىم ، زىيالى ، شائىر ، يازغۇچى چىقىپ تۇرغان . بىراق ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىزدىنىنىشى ، ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بۇلۇپ تۇرغىنىمۇ يالغان ئەمەس . ساتقىن - مۇناپىقلارنىڭ ئىلغارلارغا تۆھمەت قىلىشى ، زىيانكەشلىك قىلىشى تارىخ سەھنىسىدە قايتا - قايتا ئوينىلىپ تۇرغان تىراگىدىيىگە ئوخشاش قايتا - قايتا تەكرارلانسىمۇ ئۇيغۇر ئانىللىرى ھەرخىل ئىسىمدىكى ئىلغارنى ئۇلاپ تۇغۇپ كىلىۋاتقان ئىدى . ئاۋام خەلق نەچچە يۈز مائارىپسىز قالغان بولغاچقا ئۇلاردا ئەڭ ئاساسى بولغان قارشىلىق كۆرسۈتۈش ئېڭى ، گۇمان ئېڭى ، كىرزىس ئېڭى يۇقىلىپ مەسچىت خانىقانى كۆرسە ، ياكى ئەرەبچە ناخشا - مۇناجاتنى ئاڭلىسىمۇ يىغا تۇتىدىغان ، كۆڭلى يۇمشاق ، نادان ، كىم قاياققا تارتسا شۇ ياققا ماڭىدىغان ، ئۆز تەقدىرى ئۈچۈن ئويلىنىشنى گۇناھ دەپ قارايدىغان بىر خىل جەمئىيەت مۇھىتى شەكىللەندى . ساياھەت ۋە جاسۇسلۇق ۋەزىپىسى بىلەن كەلگەن چەتئەللىكلەرمۇ " چېكىدىن ئاشقان دىنني تەلۋىلىك بۇ خەلقنىڭ ئازاپ -ئۇقۇبەتلىرىنىڭ تۈپ يىلتىزى " دەپ قۇيۇپ ئۈتۈپ كەتتى .
نامراتلىق ساتقىن ۋە خائىنغا ئىدىيىۋى دەستەك بولدى ، ئاۋام خەلق ئاق -قارىنى غۇۋا بىلسىمۇ گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى ، ئۇيغۇر زىيالىلىرى بەزىللىرى بىر ئۆمۈر تىرىشىپ - تىرمىشىپ بېقىپ ئاخىرى قان قۇسۇپ خۇدا دىگنىچە جەينامازغا يېقىلدى ، يېقىلمىغانلىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، مەمتېلى ئەپەندىدەك ئەلەملىك كۈلۈپ تۇرۇپ جادۇغا باش قويدى .
چەتئەل تارىخىغا قاراپ باقساق ھازىرقى دۇنيادىكى يەتتە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئىچىدە گىرمانىيە ، ئامىرىكا ، فىرانسىيە ، ياپۇنيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر خىل ئورتاقلىقنى بايقايمىز . نىمە دىگەندە مائارىپ . ھەقىقى قۇدرەت تېپىشنىڭ بىرىچى زۈرۈزر شەرتى ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسى بۇلۇشى ، بولغاندىمۇ يۇقىرى ساپاسى بۇلۇش كىرەك .
ئەمدى گەپنى قايتۇرۇپ كىلىپ بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بىلەن باغلايلى . بىز ھازىر تەنقىت قىلىۋاتقان ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى كۆڭۈل بۈلىۋاتقان مەسلە تەرەققىيات ، ئىقتىساد ، جەمئىيەتتىكى ئەخلاقسىزلىق ، زەھەر چىكىش ، ئەيدىز ، غۇرۇر ، كىرزىسكە ئۇچراۋاتقان خاسلىق قاتارلىقلار . نۇرغۇن كىتاپلار يېزىلدى ، زەھەردەك سېسىق ئىبارىلەر ئىشلىتىلدى . چېكىدىن ئاشقانلىرىدا ئىنكار قىلىنماسلىققا تىگىشلىك مەسلىلەر ئىنكار قىلىندى . ھەتتا مەسئۇليەتنى ئۇيغۇر زىيالىلار ئۈستىگە ئېلىش كىرەك دەپ زىيالىلارغا تىغ ئۇچى قارىتىلدى . مەسلە ھەل بولدىمۇ ؟ ياق ، ئۆز پېتى كىتىۋەردى . نىمە قىلىش كىرەك ؟
خوش ، ئەمدى ئۈستىدىكى گەپنى قۇيۇپ تۇرۇپ يەنە بىر نوقتىدىن پاراڭلىشايلى . مەركىزى تېلىۋۇزىيە ئىىستانسى " چوڭ دۆلەتنىڭ باش كۈتۈرۈشى " دىگەن چوڭ ھەجىملىك فىلىمنى قويغاندىن كىيىن دۆلەت ئىچى ۋە سېرتىدىكى مۇنبەرلەردە قاتتىق زىل-زىلە قوزغىدى . نەچچە كۈن ئاۋال چىڭخۇا داشۆنىڭ ياپۇنيىگە تەكشۈرۈشكە بارغان پىروفىسسورى تەكشۈرۈشنى ئاياقلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىزنىڭ GDP ياپۇنيىنى ئىككى قاتلىغان بىلەن ئاۋام خەلىقنىڭ ساپاسى ياپۇنيىگە يەتكىلى يەنە ئوتتۇز يىل پەرىق باركەن دىگەن خۇلاسىنى چىقاردى . سىنگاپور سەھەر گىزىتى ئۇزۇن تەھلىل ماقالىسى ئىلان قىلىپ جوڭگولۇقلار ئەڭ ئاۋال ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كىرەك ، ھەربى كۈچنىڭ تەرەققى قىلىشى ،GDP نىڭ ئېشىشى ھەقىقى قۇدرەت تېپىشنىڭ شەرتى ، لېكىن ئۇ ھەقىقى قۇدرەت تاپقانلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ ، ئەڭ مۇھىمى ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسى چۇقۇم ئۈسۈشى كىرەك دەپ خۇلاسە چىقرىلىپ ، ئارقىدىن گىرمانىيىنىڭ قۇدرەت تېپىش سىرى ، ياپۇنيىنڭ قۇدرەت تېپىش سىرى ، ئامرىكىنىڭ قۇدرەت تېپىش سىرى ، فىرانسىينىڭ قۇدرەت تېپىش سىرى دىگەن كىچىك تىمىلاردا ئايرىم - ئايرىم توختىلپ ، ئىنچىكە تەھلىل ئېلىپ بېرىش ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە ھەقىقى قۇدرەت تېپىشنىڭ تۈپكى ئاساسى ئۇمۇمى خەلىقنىڭ ساپاسىدا ، ساپانى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى ئۇسۇلى مائارىپتا ، شۇڭا ھەقىقى قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن چۇقۇم مائارىپقا تايىنىش كىرەك دەپ خۇلاسە چىقاردى .
خۇ جىنتاۋ باش شۇجى以人为本,建立和谐社会 دىگەن چاقىرىقنى مۇنداقلا ئوتتۇرغا قويغان ئەمەس ، ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈزۈتۈش ، تەتقىق قىلىش ، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇرغا قۇيغان دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە چاقىرىق . ئۇنى ئۈگىنىپلا قۇيۇش ، تەتقىق قىلماسلىق توغرا پۇزۇتسىيە ئەمەس . ئۇ جوڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ، تەرەققىيات ئەھۋالى ، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان چاقىرىق.
بىز جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق بىر ئەزا مىللىتى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن يۇقارقى تەھلىلنى سۇغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشىمىز كىرەك .
ئەگەر ساپا يۇقىرى بولغان بولسا ئەنخۇيدىكى بۇۋاق بالىلار ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىت يېمىنىڭ يۈزدىن بىرىگە تەڭ بولمىغان يالغان سۈت پاراشۇگى بىلەن بېقىلىپ ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي بېشى يۇغىناپ كەتمىگەن بۇلاتتى ، سانائەتكە ئىشلىتىلدىغان ئىسپىرىت ، ھەتتا ئادەم سۈيدۈكدىن يالغان ماۋتەي ھارىقى ياسىلىپ سېتىلمايىتتى ، ۋاقتى ئۆتكەن دۇرا -ئۇكۇللارغا يېڭى ماركا چاپلىنىپ سېتىلمايىتتى ، ساختا ماشىنا تۇرمۇز مېيى بازارنى قاپلاپ كەتمىگەن بۇلاتتى . نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ ؟ ساپا تۈۋەن ، مائارىپ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلالمىغان ياكى ئالدىن كۆزلىگەن مەخسەتكە يەتمىگەن .بۇ ھەقتە شاڭخەيلىك بىر ئادۇۋكات ئالەم كىمىمىز ئاسمانغا چىقتى ، لېكىن بىز پاسكىنا نەرسىلەرنى يىيىشتىن ئەندىشە قىلۋاتىمىز ، يىمەكلىكتىن خاتىرجەم بۇلالمايۋاتىمىز دىدى ھەسرەت بىلەن . بۇ خىل مەسلىلەرنى بازر باشقۇرۇش ، سۈپەت باشقۇرۇش ئۇرۇنلىرىغا تايىنىپ ياكى ئاممىۋى پاش قىلىش تېلىفۇنىغا تايىنىپ ھەل قىلىپ بۇلۇش مۇمكىن ئەمەس ، پەقەت ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسىغا ، مائارىپقا تايانغاندىلا ھەل بولىدۇ .
ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقى ئاجايىپ گۈزەل ئەخلاق ، مەدەنيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلدە قېقىلىپ سۇقۇلۇشقا ئۇچراپ ، ھازىرقى دەۋىردە ساپاسىزلار تەرىپىدىن چۆرىۋېتىلگەن بولسىمۇ ئۇ ئۈزىنىڭ گۈزەللىگىنى ، قىممىتىنى يۇقاتقىنى يوق . مىھمان كۈتۈش ، يىمەك -ئىچمەك مەدىنيىتى ، بالىلار تەربىيىسى ، توي ، نەزىر قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئۈرۈپ -ئادەت ئاساسى جەھەتتىن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر دىن ئۆرنەك ئېلىپ ھازىر خەلقئارا ئۆلچەمگە ئايلانغان قائىدى -يۇسۇن بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ.
ئەلۋەتتە ، بىزدە پاھىشە يوق ، زەھەر چەككۈچى يوق ، ئوغرى -بۇلاڭچى ، قاتىل پاھىشۋاز يوق دەپ دىيەلمەيمىز . بۇ خىل ئەخلاقسىز قىلمىشلار ئۇيغۇرلار ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىردىمۇ ، خوجىلار دەۋرىدە خاراپ بولغان ۋاقىتتىمۇ بىر تارىخى ھادىسە سۈپىتىدە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان . شۇنداقلا باشقا مىللەتلەردىمۇ مۇتلەق تۈگىتىلگەن مەسلە ئەمەس . ئىنسانلار جەمئىيىتى بولىدىكەن بۇ خىل ھادىسە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ ، يۇقىرى ساپالىق تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىمۇ بۇ خىل ھادىسە ھازىرغىچە مەۋجۇت ، تۈگىتىلگىنى يوق . لېكىن بۇخىل ھادىسنى سان جەھەتتىن ئازايتىشقا بولىدۇ . ئازايتىش ئۈچۈن يەنىلا مائارىپقا ، ئاۋام خەلىقنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆستۈرلىشىگە تايىنىش كىرەك . بۇ يەردە ئېيىتىلغان مائارىپ توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ ياكى ئالى مائارىپنى كۆزدە تۇتمايدۇ ، ئۇ 0 ياشتىن باشلىنىلدىغان ئائىلە تەربىيىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ناۋادا بىز يۇقىرقىدەك ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى كەسىپ قىلىۋالغان ياش -ئۆسمۈرلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرسەك ئۇلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنىڭ ئائىلە تەربىيىسگە مۇناسىۋەتلىكلىكىنى بايقايمىز . مائارىپ جوڭگولۇقلار چۈشەندۈرگەندەك ئۇنداق تار دائىرىدە ئەمەس ، ئۇ نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، بۇ بىزنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەزمۇن .


چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە چىرىك چىڭ خاندانلىقى كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ھاقارەتلىك شەرتنامىلەرنى ئىمزالاپ چەتئەل پاراخۇتلىرىنىڭ زەمبىرىكى ئىشىك ئالدىغا توغۇرلانغاندىمۇ قىلچە نۇمۇس قىلماي ئۇلۇغ خاقان غەرىپ ياۋايىلىرىغا مھىر -شەپقەت ئاتا قىلدى دەپ تارىخىي پۈتۈكلەرنى پۈتۈپ تۇرغان ، كاڭ يۇۋېي لار يۈز يىل يېڭىلىققا كۈچۈش ھەرىكىتىنى قوزغاشتىن سەل بۇرۇن جوڭگولۇق زىيالىلار بىلەن ياپۇنيىدىكى زىيالىلار دۈمبىسىگە ياۋروپادا گۈرۈچ بولمىسا ئاچ قالمايلى بىر خالتىدىن گۈرۈچنى يۇدۇپ غەرىپنىڭ قىممەت قارىشىنى ئۈگىنىشكە ماڭغان ئىدى . بۇنىڭ ئىچىدە غەرىپنىڭ ئىلغار ئىدىيىسنى ئېلىپ كىلەلىگىنى ياپۇنيىدىن فۇزى يۈجى بىلەن جوڭگودىن سۈن جۇڭشەن ئەپەندى بولدى .
مىيجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۈچۈشتىن بۇرۇن ياپۇنيە گۈرۈچ تېرىش بىلەن بىلىق تۇتۇشنى ئاساس قىلغان ، ياۋروپالىقلار زەمبىرەكنى ئىشىك ئالدىغا توختىتىپ قۇيۇپ ھەر بىر توي قىلماقچى بولغان قىزنى ئاق تەنلىكلەر تۈكلۈك مەيدىسىگە بېسىپ بىر كىچە ياتقاندىن كىيىن كىيوغۇلغا تاپشۇردىغان بىچارە دۆلەت ئىدى . ھۇرۇنلۇق ، قاششاقلىق ، مەينەتلىك ، ياۋايىلىقتىن باشقا ھېچبىر يېڭىلىق يوق ئىدى . فۇزى يۈجى دىگەن ئۇرۇق ، پۈۋلىسە ئۇچۇپ كىتىدىغان بۇ چۇقۇر ئادەم ئامرىكا ، فىرانسىيە ، ئەنگىليە قاتارلىق دۆلەتلەردە مىللەتنىڭ چىقىش يۇلىنى ئىزدىگەندىن كىيىن غەزەپلەنگەن ھالدا قايتىپ كىلىپ بۇرۇندىن باشلاپ ياپۇنيە ئۇچراپ كەلگەن ۋە چۇقۇنغان كوڭزى - مىڭزى ئىدىيىسنى جان -جەھلى بىلەن سۆكتى ، ھەتتا ياپۇنيە گەرچە جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ئاسىيا غا تەۋە بولسىمۇ ئۇ چۇقۇم ئاسىيادىن چىقىپ كىتىشى كىرەك دەپ脱亚论 دىگەن نەزىريىنى ئوتتۇرغا قويدى . ھازىرقى ياپۇنيە پۇلىنىڭ ئۈستىدە بۇ ئادەمنىڭ رەسىمى بار . ئۇنىڭ بەزى قاراشلىرى ئەينى ۋاقىتتكى جالالىدىن ئافغانى بىلەن يېقىنلىشىدۇ ، ئەلۋەتتە يەنە ماھىيەت جەھەتتىن پەرىقلىنىدىغان قىسمىمۇ بار .
بىز ماركىسىزىمچىلار بىز ، ياپۇن بۇرژازىيسىنىڭ ۋەكىلى ، ئەشەددى مىللەتچى ، غەرىپپەرەس ، بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشنىڭ كۈشكۈرۈتكىچىسى بولغان فۇزى نىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ماركىسىزىملىق نوقتىنەزەردە تۇرۇپ مېغزىنى قۇبۇل قىلىپ شاكىلىنى چىقرىپ تاشلاپ ، بۇلۇپمۇ چەتنىڭ ئىلغار پەن -تېخنىكىسى ۋە مەدىنيىتىنى قۇبۇل قىلىشقا دائىر قىسمىنى قۇبۇل قىلساق بولىدۇ .

كاڭ يۇۋىيلار "يېڭىلىق ئۈچۈن جوڭگودا تېخى قان تۈكۈلمىدى ، بىرىنچى بوپ مىنىڭ تۈكۈلسۇن " دەپ مەردانە ھالدا جازا سەھنىسىگە مىڭىپمۇ ، تۇركۈملەپ جوڭگولۇق ئۇقۇغۇچى پارخۇتنىڭ ئاستا بۈلۈمچىسىگە مۇكىنىپ غەرىپكە بېرىپمۇ تاكى جوڭگو كومپارتىيىسى قۇرۇلغىچە جوڭگونىڭ چىقىش يۇلىنى تاپالمىدى . نىمىشقا ؟ ئۇلار غەرىپنىڭ ماھىيەتلىك نەرسىلىرىنى بىلەلمىدى ، غەرىپ ئىدىيىسىنى جوڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرەلمىدى ، ئەڭ مۇھىمى گىلاستۇك تاقاپ ، كاستىيۇم -بۇرۇلكا ، پەلتۇ كىيىپ كىلىپ، كافىخانىلارنى ئېچىپ ، تاماكىنى چىشلەپ تۇرۇپ شىلەپىسىنى سول قۇلىغا ئېلۋېلىپ چىرايلىق قىزلارنى يىتىلەپ مېڭىشتىن باشقا مەدەنيەت ئەكىلەلمىدى . قىياپەت ئۆزگەردى ، مەردانىلاشتى ، باشقىلار ھەۋەس قىلدى ، قىزلارنى تۆت كۇچىدا بوينىدىن قايرىپ تۇرۇپ سۈيەلىدى ، بىراق غەرىپنىڭ جوڭگوغا كىلىشكە تىگىشلىك نەرسىسىدىن بىرىمۇ كەلمىدى .
21 -ئەسىرنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىنىش بىلەن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئابدۇقادىر جالالىدىن دىگەندەك ئۆز تەقدىرى ، تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدى . دەسلەپتە يەھۇدىيلار بالىسىنى تامدىن سەكرىتىدىكەن ، ياپۇنلار بۇۋاقنى چوڭ يولغا تاشلاپ قۇيۇپ ئۆزى ماڭمىسا يۈلىمەيدىكەن ، تاماقتىن كىيىن مىۋە يەيدىكەن دىگەندەك قاراشلار بارلىققا كىلىپ ئارقىدىن ئۇيغۇرنى سۈكۈپ تىللاش مودا بولدى . قوي گۆشىدىن باشلاپ چوڭ دادىمىزنىڭ ساقىلىغىچە ھەممىسى خاتا بولدى ، ئوغرىنىڭ ، ***نىڭ ، ھەزىلەكنىڭ ، ئاقچىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولدى ، خۇددى باشقا مىللەتلەر جەننەتىتىن ئەمدى چىققاندەك . نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرنى سۈيىمەن دەپ تۇرۇپ بىر قاچا تاماقنى نىسىگە بىرىشتىن قورقىدىغان بوپ قالدى . يەھۇدىي بالىسىنى تامدىن سەكرەتسە ئۆزىنىڭ ئىشى ، ياپۇن بالىسىنى يۆلىمىسە ئۆزىنىڭ ئۆرۈپ -ئادىتى ، ئۇلارنىڭ قۇدرەت تېپىشنىڭ سىرى كۈندۈلۈك تۇرمۇش ئادىتىدىمۇ ؟ ياق ، مائارىپتا ، ساپادا ، ئائىلە تەربىيىسىدە .

ئۇيغۇرنى تىللاش مودا بۇلۇشتىن بارا -بارا قالغانىن كىيىن بىر قىسم ئاقكۆڭۈل ئەمما داۋاملىق كىتاپ ئۇقىمىسا بولمايدىغان كىشىلەر ، نىيىتى خالىس ئەمما كۈزۈتۈشكە ئەھمىيەت بەرمەي ، ماھىيەتنى تاشلاپ يۈزەكى نەرسىلەرنى بەك تەھلىل قىلىدىغان كىشىلەر دىنىي ئىتقادىمىز سۇسلاپ كەتكەچكە .......دەپلا گەپ باشلاپ ھەممە گۇناھنى شۇ ياققىلا ئارتىپ يەنە بىر يېڭى ئېقىم بارلىققا كەلدى . ئۇنى خاتا دىيەلمەيمىز ، بىراق مەسلىنىڭ ماھىيىتى شۇ يەردە دەپ كىسىپ دىيەلمەيمىز .

ئامرىكىلىق مۇسۇلمان ئەمەس ، ياپۇنلۇقمۇ مۇسۇلمان ئەمەس ، ئىنگىلىز ، نىمىس ، فىرانسۇزمۇ مۇسۇلمان ئەمەس . ئۇلار قۇدرەت تاپالىدى ، راۋاجلاندى ، ئەيدىزنى كونتورۇل قىلالىدى ، دىمەك مەسلە بىز ئويلىغاندەك ئاددى ئەمەس . ئىتىقاد چۇقۇم بۇلۇشى كىرەك ، ئىتقادسىز ئادەم ھەر قانداق يامان ئىشنى قىلىۋېردۇ ، چۈنكى ئۇنى چەكلەپ تۇردىغان سېرىتقى كۈچ يوق ، ئۇ قۇرقىدىغان ئىلاھىي كۈچ يوق . بىراق خىروئىن يۆتكەشتىن بۇرۇن نەزىر بىرىپ ، يالىڭاچ ئۇسۇلغا چىقىشتىن بۇرۇن بىسمىللا دىيىشتىن قارىغاندا مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن ، ساپاسىز ئادەملەرگە نىسبەتەن دىنمۇ چەكلەش كۈچىنى يۇقىتىدىكەن ، چۈنكى ئۇ دىننى بىر ئىتىقاد سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى ئۆستەڭ كولاشقا چىقىدىغان ھاشار سۈپىتىدە قۇبۇل قىلغان . ئۇنداقتا ھەقىقى ئىتقادنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك ؟ يەنىلا مائارىپقا ، مائارىپ بىلەن بارلىققا كەلگەن ساپاغا تايىنىمىز . ساپا بولغاندىلا ئۇ مۇسۇلمانچىلىقنى ، ئىنساننىڭ بۇرۇچ ۋە ئىتىقادىنى، ئائىلىنىڭ فونكىسيىسىنى چۈشىنەلەيدۇ ، بۇنداق قۇبۇل بولغان ئىتىقاد مۇستەھكەم بولىدۇ .
كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ كەتتۇق ، لېكىن ھەقىقى قۇدرەت تېپىش دىگەن نىمە ؟ دىگەن مەسلە بىلەن ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان ساپا ۋە مائارىپنى تىلغا ئېلىپ ئوتتۇق . بۇنى يەنە ئىنچىكە سۆزلىسەك سەھىپە كەڭىيىپ كىتىپ ئاپتۇرنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېشىپ كىتىدۇ . خۇددى زوردۇنكام دىگەندەك دۇنيادا يامانلىق بىلەن ياخشىلىق ، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك ، ساختىلىق بىلەن چىنلىق مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ تۇرىدۇ ، بىر تەرەپنىڭ مۇتلەق غەلىبە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس . ھەممىمز ئىزدەنگۈچى ، ئىزدىنەيلى .....
خىروئىن ، ئىپپەت -نۇمۇسىنى سېتىش ، ساختىپەزلىك ، ھاراقكەشلىك قاتارلىق ئىللەتلەرنى پۈتۈن مىللەتنىڭ خاتالىقى سۈپىتىدە ئەمەس ، ئىقتىسادىي ئامىل ، جەمئىيەت ئامىلى قاتارلىق تەرەپلەردىن مۇۋاپىق تەھلىل قىلىپ تەنقىد قىلساق بولىدۇ . چۈنكى ئۇيغۇرلاردىمۇ نۇرغۇن ساپالىق كىشىلەر بار ؟ ئۇيغۇر پاھىشە بار يەردە سىچۈەنلىك ، خېنەنلىك ، گەنسۇلۇق ........ ئوخشاش بار ، بۇ بىر جەمئىيەت ھادىسىسى . ھەتتا ياۋروپا ۋە ئامرىكىدىكى دوكتۇر ، ماگىستىر ئىچىدىمۇ بار . بۇنى مىللى بېسىم قىلۋالساق توغرا بولمايدۇ .

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، زوردۇن سابىر ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قاتارلىق يازغۇچىلىرىمىز ئۇيغۇرنى تىللىغىدەك ئابرۇيغا ، بىلىمگە ، تەجرىبىگە ئىگە ئىدى ، تىللىسىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ سېسىق ، ئەڭ ئەدەبىي ، ئەڭ ساترىك تىللار بىلەن تىللىغىلى سەۋىيىسى يىتەتتى ، بىراق دىققەت قىلساق ئۇلار بۇ تەرەپتە بەك ئىھتىياتچان ، بۇلۇپمۇ ، مىللەت ، زىيالىي ، دىھقان دىگەن چوڭ ئۇقۇملارغا كەلگەندە ئۇلار بۇ ھەقتىكى پاراڭلاردىن قاچىدۇ ياكى كۈيىنىشنى ئاساس قىلىپ گەپ قىلغان . دىمەك ئۇلار مەلۇم نەرسىلەرنى بىزدىن بۇرۇن ئويلاپ يەتكەن . ئۇلار خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر ، موتىۋەرلەر ، بەزى گەپلەرنى يەڭگىللىك بىلەن دىمەسلىكىدە چۇقۇم بىر داۋلىسى بار . بۇ يەنە ئىزدنىدىغان بىر يېڭى تىما .

_ سالام دۇنيا يازمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 10:41:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ئەسلى بۇ بىر دىنى تىما ئىكەندە.
كەسپى دىنى بېكەتلەردىن كۈچۈرمىگەنسىز؟ مىسرانىمدا دىنى تېمىلارنى كۈچۈرۈپ چاپلاپ تۆكمە قىلىش بەك ئەۋىج ئېلىپ كەتتى ھازىر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mashrab تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 10:43 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77266
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-3-11
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 10:48:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-5-12 10:41 AM
ھە ئەسلى بۇ بىر دىنى تىما ئىكەندە.
كەسپى دىنى بېكەتلەرد ...

ياق ، بىلىكتىن كۆچۈرگەن .  ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان تىماكەن . شوڭا ئەۋەتىپ قويدۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79792
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3164
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 10:59:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئىدىيىمىز ھەقىقەتەن قاتمالكەن بىزئۇيغۇرلارنىڭ بالا بىقىش تەربىيەسى بىلەن چەت ئەللىكلەرنىڭ بالا بىقىش تەربىيەسىدە زور پەرىق بار ،  ھەي بىز نىمىشقا ئۇلاردەك بولالمايمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10971
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 12:58:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مەكتەپ مائارىپى ئەدەپ ئەخلاق تىن چەتنەپ كىتىۋاتىدۇ . ئەمدى ئائىلە مائارىپىغا ئېسىلماقتىن باشقا ئامال يۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5290
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7886
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2027 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 02:58:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىممەتلىك      ئەسەردىن  تەمىن  ئەتكىنىڭىزگە    رەھمەت  ...   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 03:00 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7090
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 03:31:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىز غا تەشەككۈر !!ھارمىغايسىز !!!

ئەگەر ئۆزۈڭىزنىڭ مۆجىزە يارىتالمايدىغىنىڭىزنى بىلسىڭىز،تىرىشىپ تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى مۆجىزىگە ئايلاندۇرۇڭ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49798
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2987
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 04:09:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.،
ھەقىقىي قۇدرەت تېپىش ھەرگىزمۇ ئۈزىنىىڭكىنى باشقىلاردىن قۇبۇل قىلغان نەرسىلەر ئۈچۈن قۇربان قىلىش ئەمەس،بەلكى باشقىلارنىڭكىنى ئۆز تەرەققىىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش.
بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى بىر كەمچىللىك بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزدە نىمىنىڭ بارلىقىنى ئۇقماي ئۆتۈپ كىتىشىمىز.بىز ھىچقاچان مەكتەپلەردە ئۇيغۇر(ئىسلامى) ئەخلاقى ۋە ئۇيغۇرچە(ئىسلامى) قىممەت قارىشىنى ئۈگۈنۈپ باقمىدۇق ھەم ئاڭلاپمۇ باقمىدۇق،ئاڭلىغىنىمىز ماركىسىزىم ۋە باشقىچە بولغان بىر ئەخلاق قارىشى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   imam567 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 04:30 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49798
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2987
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 04:44:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز تا ھازىرغىچە بىر ئۈزۈمىزگە خاس مىللىي مائارىپ ئەندىزىسى شەكىللەندۈرگىنىمىز يوق.بىز مائارىپنى مىللىيچىلاشتۇرالمىدۇق،بەلكى مائارىپ بىزنى ياۋرۇپاچىلاشتۇردى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 10:23:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي،مىنىڭچە قۇدۇرەت تىپىشتىن سۆز ئىچىشتىن ئاۋال ئەرلەر كاللىسىنى قاتتىق سلكىۋىتىپ قۇرامىغا يەتكەندە بىر خوتۇن ئىلىش،ئىككىنجى ‹‹خوتۇن››ئالماسلىق.بالىلىق بولۇپ ئانا تىل بىلەن تەربىيلەش،ئايالىغا قىزىغا كۈندەشلىك قىلىش،يىڭىياچە قىلىقىدىن قۇسۇر تىپىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىمەھەل ھەركىتىنى چەكلەش.پۇل تىپىشتا ئادىل بولۇپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە ئىلىنىش.ئىتىقادى ھىسابلىنىدىغان دىنىدا تەۋرەنمەي نۇرمال بولغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش،ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماسلىق،ناھەقچىلىققا مەردانە پوزىتسىيە تۇتۇش،خەلىقنىڭ تارازىسى بىلەن ئۆزىنى ئۆلچەش.يات جىنىس بىلەن بولغان ئالاقىدە ئاداشماسلىق.ئائىلىدە ئىناقلىقنى ،ئىشىنىشنى سۇسلاشتۇرماسلىق.ھاراققا،يات جىنىسقا بىرىلمەسلىك،جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى ھەر خىل مەدىنىيەتلەر تۇقۇنىشىدا ئاداشماسلىقنى ئۆلچەم قىلىش،ئايالىنىڭ سىرىتتا ئىشلەپ پۇل تىپىشىغا قارشى تۇرۇش.

قىسقىسى ئەر بولغان كىشى قوپال ئەمما قائىدىلىك ئىش قانۇنىيتى بىلەن مەزمۇت تۇرالىسا مىنىڭچە بۇنداق ئەرنىڭ بەختى ئىچىلغان،رىسقى كەڭ بولغان بولىدۇ.ئەكىسچە بولغاندا قۇدىرەت تىپىش ئەمەس ھەتتا ئۆزىنىڭ،مىللىتىنىڭ ھەتتا جەمىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلمەيدىغان،ئايالى ۋە قىزلىرى قەيەردە،بۇنى ھىس قىلمايدىغان ۋە تۇغرا چۈشىنىدىغان بولىدۇ.ھەر كىم ئۆز مەيدانىدا خاتا بولسىمۇ ئۆز يولىدا مىڭىشى كىرەك شۇندىلا قۇدىرەتلىك بىر نىشاننى كۆرەلەيدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-13 10:25 PM  


ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش