مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3729|ئىنكاس: 0

يۈننەن ئۆلكىسىدە ئۈزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈزبەردى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8410
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1473 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 05:13:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۈننەن چاۋجياناھيىسىدە ئۈزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈزبەردى

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت9 ئەتىراپىدا، يۈننەن ئۆلكىسى شاۋتۇڭ شەھەر چاۋجىياناھيە بەيخېتەن بازارلىق خۇاچاۋ ئىجتىمائى رايۇن ئاممىغا قۇلايلىق يارىتىش مۇلازىمەت زالىدا پارتىلاش ۋەقەسى يۈزبەردى، لى فامىللىك بىر ئايال يەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ تېرىلغۇيەرلەرنى ئىگەللەش قىلمىشىغا نارازا بولغانلىقتىن، بىرياشقا كىرگەن بالىسىنى ئېلىپ، مۇلازىمەت زالىغا كىرىپ، پارتىلاتقۇچنى پارتىلىپ، ئۈزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى سادىر قىلدى. 10-كۈنى كەچ سائەت 21 ئەتىراپىدا ،يەرلىك ھۈكۈمەت ۋەقەنىڭ ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، بۇۋەقەدە 4كىشى قازاقىلىپ، 17كىشى يارلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.  ۋەقە يۈزبەرگەندىن كىيىن، شەھەرلىك پارتىكوم ھۈكۈمەت قاتارلىق تارماقلار ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، «5.10» ۋەقەىسىنى بىرتەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، ج خ تارماقلىرى دىلو رازۋىت قىلىشقا ئاتلاندى.

« بۇۋەقە ئىنتايىن ئېغىر ۋەقە بۇلۇپ، كىشىنى چۈچۈتىدۇ» دېدى مۇناسىۋەتلىك خادىملار. ۋەقە يۈزبەرگەن ئۇرۇن كەنىت ئاھالىللىرىنىڭ ئىگەللەنگەن يەرلەرتوغرىسىدا كىلىشىم ئىمزالاش زالى بۇلۇپ، پارتىلاتقۇچنىڭ كىلىش مەنبىيى ۋە ۋەقە ئەھۋالى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەكشۈرۈلىشكە باشلىغان.

10-چىسلا سائەت 8ئەتىراپىدا، بۇمۇلازىمەت زالىغا ئادەملەر يىغىلغان بۇلۇپ، زال سىرتىغىچە يۈزدىن ئارتۇق ئامما توپلانغان ئىدى، يەرئىگەللەشكە تۇلۇقلىما بىرىش مەسلىسىدە ئامما بىلەن ئىش بىجىرگۈچىلەر ئوتتۇرسىدا ماجرا يۈربەرگەن، لى فەمىللىك ئايال ئۈزىنىڭ بىرياش ئۈچ ئايلىق بولغان بالىسىنى يۆگەككە يۈگەپ ، يۆگەك ئىچىگە پارتىلاتقۇچ يۇشۇرۇپ زالغا كەلگەن بۇلۇپ، سائەت 9ئەتىراپىدا لى فەمىللىك ئايال ئىش بىجىرگۈچىلەربىلەن ماجرالىشىپ قالغان بۇلۇپ، ئاچچىقىدا پارتىلاتقۇچنى بالىنىڭ بادىنىگە قۇيۇپ تۇرۇپ پىلتىغا ئوت ياققان، بۇۋەقە تۇيۇقسىزلا يۈزبەرگەچكە نەق مەيداندىكى ئامما ھاڭ-تاڭ قالغان، كۈچلۈك پارتىلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا مۇلازىمەت زالى ۋەيران بۇلۇپ، ئەتىراپنى پارتىلىغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرى،  چاچرىغان قان بىر ئالغان. لى فەمىللىك ئايال ۋە بىرياشلىق بالىسى بۇقېتىملىق ئۈزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسىدە  نەق مەيداندا ئۆلگەن.

قايسى سەۋەپ، لى فەمىللىك ئايالنى ئۆز بالىسىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۈزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسىنى سادىرقىلىشقا سەۋەپ بولغان؟ تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن كەچلىك گېزىت مۇخبىرى  بۇيەرگە يىتىپ كىلىپ ، ئامما بىلەن سۆھبەتتە بولدى، ئامما مۇخبىرنى ئىزلەپ كىلىپ، ھۈكۈمەتنىڭ يەرئىگەللەپ قۇرلۇش قىلىش ئىشلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئامما بىلەن بولغان سۆھبەتتە مۇخبىر بۇقېتىملىق ئۈزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەپنى تاپتى.

كەنىت ئاھالىللىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ھۈكۈمەتنىڭ بۇقېتىمقى يەرئىگەللەش باھاسى ھەربىرمويەرنىڭ 60مىڭ يۈندىن 80مىڭ يۈەنگىچە بۇلۇپ،  بۇيەرلەرنى يەرئېچىش خۇجايىنلىرىغا ئۈتۈنۈپ بىرىش باھاسى بىرمويەرنىڭ نەچچەيۈزمىڭ يۈەن بولغاچقا،  ئاھالىلەر ھۈكۈمەتنىڭ بەرگەن تۇلۇقلىماسوممىسى ۋە چېقىپ كۈچۈرۈش ھەققىنى ئاز دەپ قاراپ، نۇغۇن ئاھالىلەر كىلىشىمگە ئىمزاقۇيۇشنى رەت قىلغان.

تۇنۇشتۇرۇلىشچە، بەيخېتەن بازىرىدىكى جەمئى 4 ئىجتىمائى رايۇنى 27مەمۇرى كەنىتتە، كىشى بېشى تېرىلغۇ يەر بىرمودىن توغرا كېلىدىكەن، بازاربۇيىچە جەمى 90مىڭ مودىن ئارتۇق تېرىلغۇيەر بۇلۇپ، شەھەرلىشىش سۈرئىتىنىڭ تىزلىشىشگە ئەگىشىپ، شۇنداقلا، سەنشىيا سۇئىلىكتىرئىستتانزىسىغا ئوخشاش يەنەبىر چوڭ تىپتىكى سۇئىلىكتىر ئىستەنزە قۇرلىشىنى مۇشۇ بازاردا ئېلىپ بېرىلىش بىلەن 400مىڭ كىشىنىڭ ھازىر باربولغان ئولتۇراق ئۈيى بۇسۇئىلىكتىرئىستەنزە قۇرلىشىغا توغرا كىلىپ قالغاچقا،  2004-يىلىدىن باشلاپ ھۈكۈمەت تەرەپ بەيخېتەن بازىرىدا يەرئىشلىتىشنى باشلىغان، ئەمما يەرلىك ھۈكۈمەت بىلەن ئاھالىلەر ئوتتۇرسىدىكى تۇلۇقلىما ۋە چېقىپ كۈچۈرۈش ھەققى مەسلىسىدە بىرلىك ھاىسل بولمىغاچقا بۇخىزمەت قاتىمال ھالغا چۈشۈپ قالغان.

« چاۋجىيا رايۇننىڭ يەرشەكلى مۇرەككەپ بۇلۇپ، تېرىلغۇ كۈلەم ناھايىتە ئاز» دەيدۇ كەنىت ئاھاللىرى. ھۈكۈمەت ئىگەللىمەكچى بولغان يەر ناھيىنىڭ قوغدۇلىدىغان تېرىلغۇ يەرلىرى بۇلۇپ، 2004-يىلىدىن باشلاپ، بۇيەرگە بىرىلىدىغان  سۇغۇرۇش سۈيىنى شەھەرئاھالىللىرىگە تەمىنلەش باشلىغاندىن كىيىن، سۇقىس بۇلۇپ كەتكەن، ناھيىدىن سۇقىس بۇلۇش مەسلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېرىلغۇسىياسىتىنى تەڭشەپ، ماندارىن ۋە پىپا قاتارلىق ئىقتىسادى مىۋىلىك دەرەخ تېرىشنى يولغا قويغان، مانا ئەمدى بۇئىقتىسادى دەرەخلەر مىۋىگە كىرگەندە بولسا، بۇيەرنى يەرلىك ھۈكۈمەت ئىشلەتمەكچى بولغان.

ئىگلىنىشىچە، بۇئىقتىسادى مىۋىلىك دەرەخزارلىقنى ئىشلىتىش داۋامىدا، قۇماندانلىق شىتابى بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر ئوتتۇرسىدا كۆپ قېتىم ئىنتايىن ئۆتكۈر زىددىيەتلەر بولغان. ھۈكۈمەتنىڭ يەرلەرنى تۈۋەن باھادا سېتىۋېلىپ، يۇقىرى باھادا ئۈتۈنۈپ بىرىشى بۇقېتىملىق ئۈزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىشنىڭ ئاساسى سەۋەبى ئىكەن. بىرقىسىم ئامما يەنە مۇنداق دېگەن:« ھۈكۈمەتنىڭ يەرئىگەللەپ ئىشلىتىشتىكى مەسلىلىرىنى ئامما يۇقىرىغا ئىنكاس قىلغىلى ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ھېچكىم سورىمىدى، ئەگەر كەنىت ئاممىسى بۇلارنىڭ گەپ-سۈزىنى ئاڭلىمىسا تېخى سۇلاپ قۇيۇلدى».

چاۋجىيا ناھيىلىك دوختۇرخانا مەسئۇلى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن:«  ۋەقە يۈزبەرگەندىن كىيىن دوختۇرخانىغا 17 ياردار ئېلىپ كىلىندى، ھازىر 13ئادەم داۋالىنىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ مېڭىسى سىلكىنگەن، قۇلاق پەردىسى يىرتىلغان، كۈرۈش سىزىمى تۈۋەنلىگەنلەر بۇلۇپ، دوختۇرلارمۇ بارلىق كۈچى بىلەن قۇتقۇزۋاتىدۇ. ياردارلارنىڭ سىرىتتىكى توغقانلىرى ئىنتايىن قايغۇرماقتا،».

مەنبە:  سۇمرۇغ تورى. ئەسلى مەنبە:

http://news.ifeng.com/mainland/special/yunnanqiaojia/content-3/detail_2012_05/11/14458941_0.shtml


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ALDIYAR + 10 يەردىگەن ئالتۇن قوزۇق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش