مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4085|ئىنكاس: 38

دېھقانلىرىمىز ھەققىدە ئويلىنىش[مارشال] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51026
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9848 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 01:35:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دېھقانلىرىمىز ھەققىدە ئويلىنىش


مارشال



ئۇزۇندىن بىرى ئەتراپىمدا مەۋجۇت ۋە يۈز بېرىۋاتقان بەزى مەسىللەر ھەققىدە ئويلىنىپ يۈرۈيمەن. پۇل- ئىقتىسادنى مەقسەت قىلىپ ياشاش، تىرىكچىلىك قىلىش،ھاياتلىق داۋىنىدا ئۇچرىغان توسالغۇلار ۋە شىۋىرغانلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش،ئۆزىنى قانداق تاكاماللاشتۇرۇش يولىدا پەيدا بولغان ئۆزگىچە تەپەككۇرلار، زېمىنغا چوڭقۇر ئەقىدە باغلاش، ئانا تەبىئەت ئاتا قىلغان بايلىقنى مەيلى  ئەجىر-مېھنەت يولى بىلەن، مەيلى زوراۋانلىق قىلىش يولى بىلەن بولسۇن، ئىشقىىلپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش  ھازىرقى زاماندىكى كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزنىڭ كاللىسىدىكى مەركەزلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.

  دىڭ شىياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى سىرتقا قارتا ئېچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزھەر جەھەتتىن تەرەقىي قىلىشقا باشلاپ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئالغا ئىلگىرلىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئامىللار شەكىلەندى،ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى دەۋرىدە، ھەربىر پۇقرانىڭ يىراقلارغا نەزەر سېلىپ،ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش،ئىسلاھاتنىڭ تەرەقىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كەڭ  پۇقرالاردىن  ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، تەرەققىيات قەدەمىگە ماسلىشىپ مېڭىشنى تەلەپ قىلدى.شۇنىڭ بىلەن 30 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى، خەلىق تۇرمۇشى ھەسسىلەپ ئېشىپ، شۇنىڭغا يارىشا، پۇقرالارنىڭ ساپاسىمۇ ماس قەدەمدە ئىلگىرلىدى.

ئىككى يىلدىن بېرى، مەن دېھقانچىلىقتىن ئىبارەت ياشاش يولىنى تاللاپ، دېھقانلارنىڭ ئارىسىغا چۆكۈپ، ھەقىقى بىر دېھقانغا ئايلاندىم. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزەمنىڭ ھېس قىلغانلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، يېزىمىزدىكى بۇرۇنقى نامراتلىق بىلەن ھازىرقى تەرەققىياتنى سېلىشتۇرغان ئاساستا،كۆرگەنلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باققۇم كەلدى.ئەلۋەتتە، شۇ نۇقتا ھەممىمىزگە ئېنىقكى،ئۇمۇمىي نىسبەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ %80~%90گىچە يەنىلا  يەرگە باغلىنىپ، تەبىئي ئىگىلىككە تايىنىپ تۇرۇپ، قۇشۇمچە باشقا ئىگىلىكلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلگەن يەرگە باغلانغان دېھقان مىللىتى.

2010-يىلى 4-ئايلاردا،مەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ساياھەتكە باردىم، ساياھەت جەريانىدا مېنى ھەممىدىن بەك ئويلاندۇرۇپ قويغىنى شۇ بولدىكى،گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ بەزى ناھىيە-شەھەرلەردىكى دېھقانچىلىق قىلىش شەكلىنىڭ بىزنىڭ شىنجاڭغا قارىغاندا،ھەقىقەتەن كۆپ كەينىدە ئىكەنلىكى،تېخى ماشىنلاشمىغان،ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ۋە بېكىنمە ھالەتتىكى ياشاش ئۇسۇلى كاللامدا نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى،ئالقانچىلك يەرنىمۇ ئىسراپ قىلماسلىق، ئەپكەش بىلەن سۇ تۇشۇپ،نەچچە ، مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ باغرىدا زىرائەت پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈرۈش،كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېراكتۇر (سۆپەك) ئارقىلىق تېرىماي،قول ئارقىلىق سۇلياۋ تارتىپ،قولدا بىرمۇ-بىر ئۇرۇق سېلىپ تېرىش،دەريادىن ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن سۇ تارتىپ،بىز ئانچە نەزەرگە ئېلىپ كەتمەيدىغان ئالقانچىلىك يەرنىمۇ بوشقا قويماي،چارۋىچىلىقتا چاكاندا ئۆسىدىغان،تاش-شېغىللىق يەرلەردە سوغۇققا چىداپ تۇرۇپ،چارۋىچىلىق بىلەن مەشغۇلبولۇۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ، ئۆزەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دېھقانلىرىمىزنىڭ تېخى ھەقىقىي دېھقان بولمىغانلىقىنى،يەرنىڭ قەدىرىنى بىلمەي ياشاۋاتقانلىقىمنى تۇلۇق ھېس قىلىپ يەتتىم، ئىچكىردىن يېڭىدىن شىنجاڭغا كەلگەن كۆچمە نۇپۇسلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلسە،ناھايىتى تېزلا يۈكسىلىپ،تەرەقىياتنى قولدىن بەرمەي، پايدىلىق شەرت-شارائىتلارنى قەدىرلەپ، بېيىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى ئاز-تولا بولسىمۇ چۈشەندىم.

  بىزنىڭ يېزىدا 1982-يىلى ئۇمۇميۈزلۈك يەر ئسىلاھات دولقۇنى ئېلىپ بېرىلغان،بۇرۇن شولۇق دەپ قارالغان يەرلەر، تىنماي زەيلىكتە سۇ ئاقىدىغان مەزگىللەردە،ئەينى ۋاقىتتىكى يۇرت كاتتىلىرى جاپاغا چىداپ،كەتمەننى قولىغا ئېلىپ،زېمىننى كۆكەرتىش،ئۆز تىرىكچىلىك يولىدا جان بېقىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا-مۇشەقەتلەرنى تارتقان،كېچە-كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، تىنىم تاپماي ئانا زېمىنغا كۆپلەپ ئەجىر قىلغانلىقى، چۆلنى بوستان قىلىشقا ئىرادە باغلىغان پىشقەدەم دېھقانلار نۇرغۇن رىيازەت،دىشۋارچىلىقلاردىن غالىپ كېلىپ قاقاس چۆللەردە مۇنبەت ئېتىزلار، كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك باغلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

  كىچىك ۋاقلىرىم ئىدى، چوڭ دادام ۋە دادام بۇرۇنقى ئۆز تارىخلىرىنى ماڭا ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى،داش قازاننىڭ تامىقىنى يېيىش ،دۆلەتكە باج تۆلەش، ئوپچە ئەمگەك قىلىش، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا تارتىلىپ،تارتقان كۈلپەتلىرى،قۇرۇق ئەشمىدىن ئېشەك ھارۋىسىدا ئۇتۇن تۇشۇپ كېلىپ،بازارغا ئەچىقىپ سېتىش ۋە تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇزاق يوللارنى،تاڭ ئاتماس كېچىلەرنى ئۆتكۈزگىنى ،چۇرۇق كىيىملەرنى كىيىش، بىر ھەپتىگىچە ياغدا قۇرۇغان تاماقنى ئېتىپ يېيەلمەسلىك....بەزى تارىخىنى ئاڭلىساەم كۆزلىرىمگە ياش كېلەتتى، دادام بۇرۇندىن تارتىپلا، بوز يەر ئېچىشتا ئۆزى باشچى بۇلۇپ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان ، يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى بۆلۈش ۋە دېھقانلارغا ھۆددىگە بېرىش ئىشلىرىدا قول تىققان ئادەم ئىدى، نۇرغۇن قىسمەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن پىشقەدەم دېھقانلارنىڭ بىرى ئىدى.

   ئەينى چاغدا، يېزىدا دېھقانلارغا يەرنى ھۆددىگە بېرىش ئىشى باشلىنىپتۇ، نۇرغۇن كىشىلەر شولۇق، پىچاندىن باشقا نەرسە ئۈنمەيدىغان بۇ زەي تۇپراق ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن،ھالبۇكى،شۇ دەۋردە،ھەممە ئوپچە ئەمگەك تەقسىماتى  ۋە ھاشار قاتارلىق ئالۋان-سېلىقلار يەرنىڭ كۆلىمىگە قاراپ بەلگىلىندىكەنتۇق،باج پۇلى،سۇ پۇلى،ھاشار پۇلى....قاتارلىق تۈگىمەس پۇللار نۇرغۇن دېھقانلىرىمىزنى ھاسىرتىپ قويغان ئىكەن،شۇ دەۋردە،ئەمدىلا،قولىغا يەرنى ئېلىپ خوش بولغان دېھقانلار شۇ ئالۋان-سېلىقلار تۈپەيلى،يەر تېرىشتىن زېرىكىش،يەرنى تېرىغانغا چۇشلۇق،قورسىقىنىمۇ باقالماي،قەرز ئارتىلىپ قېلىش ئىشلىرى نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا دېھقانلىرىمىز بۇ قانۇنىيەتنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكى،كېيىن ئاشۇ قولغان تەقسىملەنگەن يەرلەرنىڭ قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلىدىغاننى ئويلاپ يېتىدىغان دېھقانلىرىمىزئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن،شۇنچىلىك جاپا-مۇشەقەتكە چىدىغان،كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئەمگەك قىلغان دېھقانلىرىمىزنىڭ كۆپى يەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ،باج-سېلىقلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ قازىنى ئاسقان ئىكەن.نېمىلا دېمەيلى،شۇ ۋاقىتتا،يەرلىرىنى ئۆتكۈزگەن بەزى دېھقانلىرىمىزنىڭ  قولىدا يەنە  10~20مودىن قالدۇرۇق يېرى بار ئىدى.بۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن دېھقانلىرىمىزنىڭ يېرىگە قارىغاندا يەنىلا كۆپ ئىدى.

   يېقىنقى ئون يىللاردىن بۇيان،كورلا شەھىرىنى ئىقتىسادىي شەھەر قىلىپ  قۇرۇپ چىقىش،تەرەقىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش –ھازىرقى تەكىتلىنىۋاتقان مۇھىم قارارلارنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى، تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرلەردە ئورمان بىنا قىلىش ، بەختىيار،باياشادلىققا تولغان نەشپۈت شەھىرىنى قۇرۇپ چىقىش شەھەردىكى رەھبەر ۋە ھەر قايسى خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ قالدى، دۆلەتنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى،قوللىشى ئاساسىدا، كورلىدىكى يېزا-ئىگىلىك،چارۋىچىلىق،باغۋەنچىلىك قاتارلىق مۇھىم كەسىپلەر بارا-بارا ئۆز قىممىتىنى تېپىشقا باشلىدى،ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق،بۇرۇنقى ئۆلچەملەشتۈرۈپ مەيدانغا بۆلۈپ تېرىش ئۇسۇلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بۇرۇنقى ئالۋان-سېلىقلار تۈگەشكە باشلىدى، تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرلەردە نەشپۈتلۈك باغ بەرپا قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى ھەم كورلا دېھقانلىرى ئارىسىدا ھازىر نەشپۈت، كېۋەزنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قۇشۇمچە قىلىپ،ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا، بۇ ئۇمۇمىي نۇقتىدىن قاراپ بېرىلگەن باھا بولسىمۇ،ئەمما،دېھقانلىرىمىزنىڭ بەزى مەڭگۈلۈك پۇشايماندا قالدۇردىغان،كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ كېلەچىكى بىلەن ھېچقانداق ھېسابلاشماي،بۈگۈننىلا ئويلاۋاتقان دېھقانلىرىمىز ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا،كېيىنكى رىقابەتتە كىرىزىسقا يۇلۇقۇش،دەۋر تەرەقىياتى بىلەن ماسلىشالماي مېڭىش ئىشلىرى ساقلانماقتا.بۇ قىسمەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى مېنىڭ ئىچىمنى ھەقىقەتەن ئاچچىق قىلىشقا باشلىدى.
  
   2000-يىللارنىڭ بېشىدا،بىزنىڭ يېزا دېھقانلىرى ئارىسىدا يەرنى ئۆمۈرلۈك سېتىش دولقۇنى قوزغالدى،بۇرۇنقى بوز يەرلەرنى مۇشۇنداق مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇشتىكى تارتقان ھەرەجلىرى بىلەن ھېسابلاشماي، ئازراق قىيىنچىلىقتىن قورقۇش، كېيىنلىكىنى قەتئىيلا ئويلىماسلىق،نەچچە يۈز يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئاتا كەسپىنى تاشلاش بىلەن مەشغۇل بۇلۇشقا باشلىدى، بۇ ئاچچىق رېئاللىقنىڭ كەينىدىكى پۇشايمان ھېسىياتىنى شۇ سۆيۈملۈك دېھقانلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن پات-پات ئاڭلاپ قالىمەن، يۈرىكىم زەرداب بوپ كېتىدۇ، ئاشۇ كەڭرى كەتكەن، جاپاغىلا چىدىسا، ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كېلىدىغان ، كونىلارنىڭ سۆزى بويىنچە:‹‹يەر دېگەن ئالتۇن قۇزۇق›› دېگەن ھېكمەتنى ھاللا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاز-تولا چۈشەنگەن چېغى،ئۆكۈنۈش ھېسىياتى ئارقىلىق دەرتلىرىنى پات-پات تۆكۈپ بېرىدۇ،بۇ ئىشلار تۈگسە نېمە دەي،يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەر سېتىش ئىشى يەنە قاتتىق  ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى، سەۋەبى يېقىنقى 3-4يىللاردىن بۇيان،كورلا شەھىرى سوغۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، تەبىئي ئاپەت سەۋەبىدىن نەشپۇتتىن تۈزۈكرەك ھوسۇل ئالغىلى بولمىغاچقا ،ئۇنىڭدىن كىرىدىغان ئىقتىسادى كىرىم ئازلاپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن كۆپ دېھقانلىرىمىزداپايدى يوق ئىشنى قىلغۇچە ، باشقا ئىشنى قىلغان تۈزۈككەن،دەپ، ئازراق قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ،ھېسىياتقا تايىنىپ، قارىسىغىلا ھۆكۈم چىقىرىپ قولىدىكى يەرلەرنى سېتىشقا مەجبۇر بولدى.

    مەن نەشپۈتلۈك باغلارنىڭ قۇرۇپ  كېتىشىنى پۈتۈنلەي ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدىن بولدى دەپ قارىمايمەن،ھاۋاراينىڭ تەسىرى سەۋەبلىك ھەرگىزمۇ ئۇنچىلىك كۆپ يەرلەردىكى نەشپۈتلۈك باغلار تېزدىن قۇرۇپ كەتمەيدۇ،قانداق دېگەندە،بىزنىڭ باغنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى نەشپۈتزارلار ھەم ھەر يىلى ھوسۇل بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، دېمەك، نەشپۇتچىلىقتىن پايدا كۆرەلمىگەن دېھقانلاردىكى بۇ زارلىنىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، كۆپلىگەن دېھقانلىرىمىزدا قارىسىغىلا دېھقانچىلىق قىلىش،پەن –تېخنىكىغا تايانماسلىق،يەرگە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىمەسلىك ئەھۋاللىرى ئېغىر.  ھەر يىلى يەرنى مەسھۇلات مىقدارىغا قاراپ، مەھەللىۋى ئۇغۇت بىلەن ئۇغۇتلاش،قىش ۋاقتىدىكى ئۈششۈك ئاپىتىگە قارىتا،قاتتىق چارە-تەدبىر قوللىنىپ،ئالدىنى ئېلىش،باغنىڭ ئەتراپىغا قۇيۇق بولغان مۇداپىيە ئورمىنى بەرپا قىلىش ئىشلىرى كۆپلىگەن دېھقانلىرىمىزنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ. بۇ ھال كورلا نەشپۈتى مەسھۇلاتنىڭ يىلسرى ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

     دادامنىڭ ھەر قېتىم دەيدىغان بىر تاتلىق گېپى بار:‹‹بالام،بىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنى دورىماسلىقىمىز كېرەك،يەر بىزنى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ،يەرنى ساتقاندىن ئۆلگەن ياخشى،ھازىر ئۇيغۇرلار يەر سېتىپ ماشىنا ئېلىۋاتىدۇ،خەنزۇلار بولسا،ماشىنسىنى سېتىپ،ئىچكىردىكى مال-مۈلۈكىنى سېتىپ،بۇ يەرگە كېلىپ،يەر ئېلىۋاتىدۇ،كېيىنلىكنى چوقۇم ئويلاش كېرەك،ئەۋلادلىرىم نېمىش قىلار،قانداق جېنىنى باقار،مەندىن كېيىن قالسا،قانداق كۈن كەچۈرەر دېگەن ئىدىيە مېنىڭ ئېڭىمدا ھەر دائىم مەۋجۇد،شۇڭا،بىز ،ئېسىل ماشىنا ھايدىيالمىساقمۇ، ئەسكى موتۇسىكىلىت مىنسەكمۇ يەرنى ھەرگىز ساتمايمىز،پارتىيەنىڭ ھازىر سىياسىتى بەك ياخشى،بۇنداق ۋەزىيەتنى چوقۇم قەدىرلەش كېرەك.›› دەرۋەقە،ئەتراپىمغا قارايدىغان بولسام،ئاشۇ يېرىنى سېتىۋاتقان دېھقانلىرىمىز ماشىنا ئالدى،ئۆي سالدى،كىيىنىشلىرى نوچى،ئۇيۇن-تاماشادىن ئايرىلىپ قالمايدۇ،يەنە بىزنىڭ يېزىمىزدا،قىمار ئويناش مودا ئېقىمغا ئايلىنىپ،نۇرغۇن كىشى ئۆي-بىساتىدىن ئايرىلىپ،بازاردا ئىجارە ئۆي ئېلىپ،تاكسى شوپۇرى،ئىشچى،يايمىچى قاتارلىق كىرىم مەنبەسى ئىنتايىن ئاز بولغان،پەقەت ھازىرقى تۇرمۇشىنى ئاران قامدىيالايدىغان،ئەتە ئۈچۈن قانداق مەبلەغ يىغىش،ئىگىلىك يارىتىش روھىدىن قىلچە سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان كىشىلەر ئاۋۇشقا باشلىدى،بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر بۇنىڭ بىلەن تۈگەشتە يوق،ئاتا-ئانىلار ئاجرىشىپ كېتىدىغان،بالىلارنى يېتىم قىلپ تاشلايدىغان،كوچىلاردا سەرسانلىق،بىچارىلىك پاتقىقىغا قىستىغان بۇ ئادەملىرىمىزنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىسام،ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق بولىدۇ،يۈرىگىم ئۆرتىنىدۇ.يەرنى ئۆمۈرلۈك سېتىشتىن كېلىپ چىققان ۋاقىتلىق تۇرمۇش پاراغىتىنى قوغلىشىش،ئەتىسى بىلەن كارى بولماي،ئۆزىنى ۋەيران قىلىش،مەھكۇملۇق ،قاراڭغۇ يولغا كىرىپ قېلىش ،سۆزلەپ كەلسە،نۇرغۇن ئىشلار كۆز ئالدىمدا تۇلۇپ يېتىپتۇ.

    يېزىمىزدا يېقىنقى 5-6يىلدىن بېرى،ئۇيۇن سۇرۇنلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى،بۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار ئۈمىدلىك،چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىدۇ دەپ ئويلايدىغان نۇرغۇن بالىلارنىڭ بۈگۈنكى ھال-كۈنى تولىمۇ ئېچىنىشلىق،ئۇلار مەكتەپتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن،شۇ يېزا بازىرى ئىچىگە چىۋىندەك ئولىشۋىلىپ،بېليارتخانا،ئېلىكتۇرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق،تورخانىدىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.،ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئالتۇندەك ئۆتۈپ كەتكەن بىھۇدە ۋاقتى،ھەر كۈنى لايغەزەللىك قىلىپ،ئۆتكۈزگەن بىكار كۈنلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن،تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ،ئۇيۇنلارغا مەستخۇش بۇلۇش،ئەتىنى ئويلىماسلىق،بۈگۈنۈم خوشال ئۆتسىلا بولدى دەپ ئويلايدىغان بۇ ياشلارنىڭ نادانلىق پاتقىغىغا پېتىپ قېلىشى،ئۆزىنى دەڭسەپ باقماسلىقى،كېيىنكى تۇرمۇش قۇرۇش،پەرزەنتلىك بۇلۇپ،بىر ئۆينىڭ مۇرىسىدىن ئىس چىقىرىش قاتارلىق مۇھىم مەسىللەرنى ئويلاپمۇ قويماسلىقى ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ،ئاتا-ئانا ھەر بىر كىشىگە باقىۋەندە ئەمەس،ھەر بىر بەندە ئۆز رىزقى توشقاندا،ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىدۇ،ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان تەلىم-تەربىيەنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن.كۆپلىگەن ياشلىرىمىز نادان،ھۇرۇن،جانسىز،يىراقنى كۆرەلمەيدىغان،بىخۇد قىلىپ قويماقتا،بالىلاردا يۆلىنۋىلىش،قېيىداش پىخسىكىسى شەكىللىنىپ،،ياشلىرىمىزنىڭ گۈزەل كېلەچەكتىكى ھەممە كىشى ئارزۇلايدىغان ،نۇرغۇن ئىشلارنى تەۋرىتىدۇ دەپ قارالغان ياشلارنى مۇشۇ قىسمەتلەرگە دۇچار قىلماقتا.بۇ ئويناۋاتقان كۆپىنچە  ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يېرىنى مەڭگۈلۈك سېتىۋاتقان كىشىلەر بۇلۇپ،رېئاللىق ئالدىدىكى بەزى چىگىش مەسىللەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە نۇرغۇن تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەرنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەلمەكتە.

    ھازىرقى شارائىتىمىزغا قارايدىغان بولساق،قەتئىي ئۈزۈپ ئېيتىش كېرەككى،كورلىدىكى دېھقانلارنىڭ ھال-كۈنى ۋە بەزى سىياسەتلەر جەھەتتە جەنۇبىي شىنجاڭغا قارىغاندا ھەقىقەتەن ياخشى،چۈنكى،مەن ھەر قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭدىن تىرىكچىلىك ئۈچۈن كورلىغا كەلگەن جاپاكەش،يۈزلىرىدە يىللارنىڭ يالدامىسى قالغان قۇرۇقلار،قاپارغان قوللار،يەنىلا،ھاياتقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراپ ياشاپ كەلگەن دېھقان ئاكىلار بىلەن بىللە ئىشلەيمەن ھەم ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولىمەن،سىردىشىمەن،دەرۋەقە،جەنۇبىي شىنجاڭدا ساقلىنۋاتقان زىدىيەتلىك مەسىللەر نۇرغۇن،ھەر كۈنى ئۆستەڭ چېپىش،سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساش قۇرۇلۇشى،يول ياساش قاتارلىق ھاشارلارنىڭ كۆپلىكى،كۆپ يېزىلاردىكى كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆز مەنپەتىگە چوغ تارتىدىغان،خەلقنىڭ ھالال قان-تەرىنى شورايدىغان پارازىتلارنىڭ كۆپلىكى،ھەر قانداق ئىشتا جەرىمانىنى ئۆلچەم قىلىپ،نۇرغۇن دېھقانلىرىمىزنى دېھقانچىلىقتىن زېرىكتۈرۈپ قويغان ئىشلارنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەنمۇ كۆردۈم،شۇ يەردىكى دېھقانلار ئارىسىدا ئادالەتسىزلىككە،خورلۇققا ئۇچراۋاتقان بەزى دېھقانلار ئارىسىدا بىلىم –سەۋىيىسى بىر قەدەر كۆپ،نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشىلەر كەنت كادىرلىرىغا ھەق گەپنى قىلىپ،ۋارقىراپ قويسا،شۇ چاغدىلا،ساقچىخانىغا تۇتۇپ بېردىكەن،ئۇ يەردىكى ھەر قايسى يېزا-كەنتلەردە يەرلەردە مەجبۇرىي يۇسۇندا بىرخىللا زىرائەت يېتىشتۈرۈش ،پۇلى ئاينىمىغان ،بازاردا تۆكمە بوپ كەتكەن مېۋىلەرنى تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرلەرگە مەجبۇرىي يۇسۇندا تىككۈزۈش،سۆزلەپ كەلسە،جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان،ئادالەتسىزلىك يامرىغان،پارىخۇر،ئۆز مەنپەتىگە چوغ تارتىدىغان  پوق قورساق كادىرلار بىر بۇلۇۋىلىپ،خەلققە زۇلۇم سالىدىغان،ھەرخىل جەرىمانە قۇيۇپ،دېھقانلىرىمىزنى ھالسىراتقان ئىشلار ساماندەك،بۇ ئىشلارنىڭ تا ھازىرغا كەلگۈچە تۈگمەسلىكى نۇرغۇن دېھقانلىرىمىزنى مۇساپىرلىق،يىراق يۇرتلارغا سەرگەندان قىلماقتا،ئاشۇ بىزنىڭ يېزىدىكى دېھقانلىرىمىز مۇمكىن بولسىدى،ئىچكىردىكى ئاشۇ كونا دېھقانچىلىق شەكلى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش شەكلىنى بىر كۆرۈپ باققان بولسا،ئۆزىنىڭ قانداق تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئاز-تولا بىلگەن بولاتتى،جەنۇبىي شىنجاڭدا ئادىللىق بىلەن كەنتنى سورايدىغان،خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىغا دەرمان بولىدىغان كەنت –يېزا رەھبەرلىرى ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگەللەيدۇ.بۇ تۈزۈلمە شارائىتنىڭ تېخىچە ھەل بولمىغانلىقى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ.

   مەن ئۆمۈرلۈك يەلىرىنى سېتۋىتىپ خار بولغانلارنى  جىق كۆردۈم،ھازىر ئاشۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پۇشايماننى ئالدىغانغا قاچا يوق،زاۋۇت-فابرىكىلاردا خىزمەت قىلىش،ئاشۇ يېرىنى سېتىۋاتقان خەنزۇرلارنىڭ قولىدا ئىشلەش،بازاردا بىدىكچى،يايمىچى بولۇپ،كىرىم مەنبەسى ئاز ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ،غورىگۇل تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان،قىمار ئويناپ،پۈتۈن مال-بىساتىدىن ئايرىلىپ.ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ،بالىلارنى يېتىم قىلدىغان،قاۋاقخانا،ئۇيۇن سۇرۇنلىرىدا ئەرزان ھاراقلارنى ئىچىپ،ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ،ياشاشنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيۋاتقان دېھقانلار ھەقىقەن كۆپىيىپ كەتتى،ئىدىيىسىنىڭ ئازاد بولمىغانلىقى پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىگى ۋە ئالدىن يىراقنى كۆرەرمەسلىك سەۋەبىدىن چىققان بۇ تىراگىدىيەلىك ۋەقەلەر ھەربىر ئەقىل ئېگىسىنىڭ ئويلاپ بېقىشقا ۋە ئۇنىڭ ئاچچىق ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئېلىشقا ئۈندەيدۇ.يەرنى سېتىش دولقۇنىنىڭ زىيىنىنى ھەرگىزمۇ ئاددىي مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ،بۇ ئىش ئاشۇ ئاتا-ئانىلار بىلەن تۈگەپ كەتسە مەيلى ئىدى،لېكىن،شۇ كىشلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بىچارە،روھى سۇلغۇن،كۈنلىرى مەنىسىز،ھاياتقا بولغان قىزغىنلىق يوق،ئۇيۇن-تاماشا سورۇنلىرىدىن بېرى كېلەلمەيدىغان،چۈشكۈنلۈك،مەنىۋى روھى گاداي قىلىپ،جەمىيتىمىزدىكى ئادەم ئويلاپ بولغۇسىز نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى بۇلۇپ قالدىكەن.

   ئاخىردا دەيدىغان سۆزۈم،ئىنسان دۇنياغا باي بۇلۇش ئۈچۈن تۇغۇلمايدۇ،ئىنساننىڭ دۇنياغا ئاپىرىدا بۇلۇشتىكى سەۋەبى،ئۆزىگە چۇشلۇق رىزق-نېسىۋە ئىزدەش،بەخت دەرگاھىدا خوشال-خورام ئۆتۈش ئۈچۈن ياشايدۇ،ئازغىنە خوشاللىقنى دەپ،ئۆزىنىڭ بەخت –نېسىۋىسىنى،مەڭگۈلۈك ياشاش ھۇلىنى نابۇت قىلىش ئېچىنىشلىق قىسمەتتۇر،بۇ ئىشنىڭ جەمىيەتتە ئاۋۇپ كېتىشى ۋە تەرەقىي قىلىشى مىللىتىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان يېزا دېھقانلىرىنىڭ خىرىس ئالدىدا تۇرغان،رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان دەۋردە،ئۆزىنى ئوتقا ئىتىترگەنلىك بىلەن باراۋەردۇر.


2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 06:29 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
attirgul + 500 دەلىللەر يېتەرلىك
ئەلشاھ + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
boran114 + 200 ھەق گەپ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1200   باھا خاتىرىسى

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 01:50:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن دەيمەن مۇشۇ دېھقانچلىق بىلەن شۇغۇللانغانلارىنىڭ تېنى ساغلام بولامدىكىن دەپ ئىشقىلىپ 100% بولمسمۇ 80% شۇنداق . جەمئيەتكە شۇنداق نەزەر سالساق ھازىر 4 بايلىق كېسكى يەنى 4خەتەرلىك كېسەل دىېھقانچلىق بىلەن شۇغۇللىندىغانلاردا ئاز ئۇچرايدۇ .  

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5232
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 827 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 01:55:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى مارشالنىڭ سېپى ئۆزىدىن بىر دېھقان ئىكەنلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مەن ئۇنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا دېھقانچىلىق قىلىپ، قايسى ۋاقىتلاردا مۇنبەر ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالدىم.
دېھقانلار تېمىسى بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىك، مۇھىم بىر تېما. چۈنكى بىزنىڭ  كۆپلىگەن دېھقانلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش  بلەن شۇغۇللىنىش شارائىتى يوق دېيەرلىك، ئۇلارنى ھەر جەھەتىتىن يېتەكلەش ھەقىقەتەن مۇھىم ئىدى. مارشالنىڭ بۇ تېمىسى كىشىنى ئويغا سالىدۇ، بولۇپمۇ ئەمگەك قىلىش ئېغىر كىلىش، تېرىلغۇ يەرلەر ھۈكۈمەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئېچىش تۈرىگە توغرا كېلىپ قېلىش سەۋەبلىك يەر-زىمىنىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ،يەر سېتىپ ئېرىشكەن ئازغىنە پۇلىدىن تىزلا ئايرىلىپ قېلىپ  كوچىلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىمىز  بىزنىڭ يۇرتتىمۇ ئاز ئەمەس.
‹يەر دېگەن ئالتۇن قۇزۇق›، ‹يەر -ۋەتەن دېمەكتۇر›. شۇڭا يەر ساتمايلى.
ھورۇنلۇق قىلمىشى دىنىمىزدىمۇ،ئەخلاقىمىزدىمۇ ئېغىر ئېلىنىدىغان ئىشلار جۇملىسىدىن. شۇڭا كاللىمىزنى سىلكىتىۋىتپ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ قەدىرلەشكە تېگىشلىك نەرسىلىرىمىزنى كۆز قارچۇقىمىزدەك ئاسىرايلى.
تېما ئىگىسىگە تەشەككۇر، مارشالدەك پىكىرى ئويغاق دېھقانلىرىمىز كۆپ بولسا، ئاللا خالىسا، كەلگۈسىمىزدە ئىشەنچ كۆپ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 01:58 PM  


ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ھەممىڭلارغا تىن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11398
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 7571 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 02:13:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ مۇنبەر باشقۇرغۇچىمىزمۇ دىھقانلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى بىلىدىكەن ھە،ئى ۋىلايەت ، ،ناھيە باشقۇرغۇچىللىرىمىزمۇ  دىھقانلارنىڭ  ئاھۇ -زارىنى شۇنچىلىك بىلمەسلىكى مۇمكىن ، تۇلىراق ئېلىشنى بىلىپ .

ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر ئۇيغۇر خەۋەر تورىدا مەرھەممەتwww.uyhawar.com

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10062
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7797 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 02:16:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنى ئېيىتسام مارشال ئەپەندىمگە ھەقىقىي ھۆرمىتىم بار.
بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭمۇ بىرگىپى بار ؛‹‹يەردىگەن ئالتۇن قوزۇق››دەپ ،شۇڭا يەرنى ئالىمىز لىكىن  بار يەرلەرنى ھەرگىزمۇ  ساتمايمىز.

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3829
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2172 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 02:22:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوپپىسى لازىم بولۇپ قالسا دېھقان زاتىنىڭ،
يوللىمايلى بېشىنى مەنسەپ ئۈچۈن يۇقىرىغا.
بىخۇتلۇقتا ئات-ئېشەك بويىنى پەرىق ئېتەلمەي،
باغلىمايلى ئېشەكنى، ئات باغلىغان ئوقۇرغا.

دېھقان بەرگەن ئاش-ئوزۇق كۈچ بەرگەندە بىلەككە،
بىلەكتىكى كۈچ بىلەن يېتىش ئۈچۈن تىلەككە.
باشلىق بولۇش كويىدا دېھقانلارنى تۈنەككە
چۈشۈرگەنلەر، ئەمەلنىڭ تېيىلمايلى پوقىغا.

ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شەخسى بىنەم ئاچقۇزۇپ،
بىنەملەشكەن يېرىگە بىدە ئۇرۇقى چاچقۇزۇپ.
چاچمىغاننى <<ئۆزگە يۇرت>> لارغا مەجبۇر قاچقۇزۇپ،
قاچقانلارنى ئېشىنچى چىقارمايلى ياقىغا.

بىر كەنىتنىڭ ئەڭ تۆۋەن خىزمىتىنى قىلسا كىم،
ئۆيدىن بارماس ھاشارغا تۇققانلىرى بىر قېتىم.
قويدىن يۇۋاش دېھقانلار بولۇپ قالدى ئەمدى جىم،
جىمجىتلىقى دېھقاننىڭ كەتتى دېمە باقىيغا.

جىمجىتلىقنىڭ ئۇۋالى بىر كۈن ساڭا يېتىدۇ،
يەتكەن كۈنى ئاھ سەندىن ئەمەل مەنسەپ كېتىدۇ.
ئاچكۆز ئادەم ئۆزىدىن ئۆزى بالا كۈتىدۇ،
بالاخورلار بولدى بەس ئۆرلىمەيلى چوققىغا.

ئۆرلىسەكمۇ ئۆرلەيلى شوتا قىلماي دېھقاننى،
ئادىمىيلىك بابىدا جاندىن ئەزىز مېھماننى.
ئۇ بولمىسا كىم باقار ئاش نان بېرىپ بۇ جاننى،
ئوخشاتمايلى دېھقاننى يىلتىزى يوق نوتىغا.

دېھقانلارنىڭ نېنىنى ئۈچ ۋاق ھارام يېگەنلەر،
يىغىنلاردا بۈگۈن باي بولدى دېھقان دېگەنلەر.
ئەمىلىيەت ئالدىدا تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەنلەر،
ئۆلمەي تىرىك تۇرۇپلا تارتىلغۇسى بىر كۈنى،
ياكى ۋىجدان يا قانۇن يا ئۆلۈمنىڭ سوتىغا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kizzik99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 02:23 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئەلشاھ + 500 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

ئىشەنمەيمەن ساڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6159
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21082
تۆھپە نۇمۇرى: 1444
توردا: 793 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 02:24:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىر دىھقان،،سۆزلىسەك گەپ جىق،بىر ناھىيە ،بىر يىزا ھەتا بىر كەنىتنىڭ ئشى بىر -بىرىگە ئوخشىمايدۇ،،

قىنى كۆرەرمىز،،،

http://www.deathclock.com

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 824
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13691
تۆھپە نۇمۇرى: 1124
توردا: 6727 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 03:20:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بۇيەردىكى ئېتىزلارغا قارايدىغان بولساق ، ماۋۇ خەنزونىڭ ئېتىزى ئىكەن دەپ ئالدىن بىلىۋالىمىز، پەرىق ئىنتايىن چوڭ ،چۇنكى ئۇلار ئىسسىقنى ئىسسىق دىمەي سوغوقنى سوغوق دىمەي ، قاچانلا قارىسا ئېتىزدىن بېرى كەلمەي شۇنداق ئىشلەيدىكەن، بىزنىڭ بەزى دېھقان ياشلېرىمىز  « ئەمگەك ئادەم دۇشمىنى ،ياشاپ كەتسۈن كۇلەڭڭە » دەپ دەرەخ ساھىسىدە كورت ئويناپ ئولتاغان، خوشياقمىغاندا يەرنى ئاق تاشلاپ قۇيىدۇ ياكى بولمىسا يەرنى ئالتۇن بىلىدىغان ئىچكىرىدىن چىققان يولداشلارغا سىتىۋىتىپ كېيىنسىگە مولھوسول ئالىدىغان ۋاقىتتا شۇ سىتىۋەتكەن يەرگە كۇنلۇكچى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ، بەك كۇلكىلىك! بەزىدە بەك ئادەمنى غەزەپلەندۇرىدۇ.  ئەمدى قارايدىغان بولساق ھوكىمەت ھەر ئايدا تۇۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بېرىپ قىلىۋاتىدۇ ، بولمىسا قانداقمۇ قىلار ؟! تېما ئىگىسىگە رەھمەت . مەنمۇ مۇشۇ تۇغۇرلۇق بىرنەرسە يازاي دەپ تۇرغان ئىچىمدىكىنى يېزىپسىز، رەھمەت. جاھاندا دېھقان بولماق....... قانداق دىسەك بولا؟!!

سۇ بۇيىدا سۇغا مەن تەشنا، لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5289
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7875
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 03:21:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەر  سېتىش  نۇمۇس  ،  ئەمما   ئىككى  ـ  تۆت  مو  يەر  ،  ئىككى  ـ  تۆت  تال
چىچقاق   پاقلانغا قاراپ  <<  شۈكرى >>  قىلىپ  كۈن  ئۆتكۈزۈش    تېخىمۇ  نۇمۇس...  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 03:33 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11441
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 03:31:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۆزۈم كۆرگەنلەرنى دەپ بېرەي . گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تەبىئى يەر شارائىتى جوڭگودا ئەڭ ناچار ، شەنشى ئۆلكىسى شىئەننىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا 90% دېھقاننىڭ ئۆيى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قەۋەتلىك ، ئېرىق ئۆستەڭلەرمۇ بىتۇن ، ھەتتا ئېتىزلىقنىڭ ئارىسىدىكى يوللارمۇ بىتۇن ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ مەھەللە ئارىسىدىكى پۇتۈن يوللار بىتۇن ، مەن بۇرۇن بىر دېھقاندىن ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدىكى بىتۇن يولنى ئۆزۈڭلار سالدىڭلارمۇ ياكى ھۆكۈمەت ياساپ بەردىمۇ دەپ سورىسام ھۆكۈمەت ياساپ بەردى دەپ جاۋاب بەرگەن . بۇ يەردە ھىچكىم ئۇنى تېرى بۇنى تېرى دەپ مەجبۇرلىمايدىكەن ، ھاشار دېگەن ئۇقۇمغۇ مەۋجۇت ئەمەس . بۇ يەردە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ ، قوناق تېرىسا قونىقىنى ھىچكم ئۆزى سۇغارمايدىكەن ، يامغۇر سۈيى بىلەن ئېتىزلىق لىق توشۇپ كېتىدۇ ، بۇلتۇر 9-ئايدىن 10 ئايغىچە  بىر ئاي يامغۇر ياغدى . ئاساسەن دېگۈدەك ھەريىلى مۇشۇنداق بولىدىكەن . يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېنىدىكى بىر بوش يەردە ھەرخىل يۇقىرى تىپتىكى يېزا ئېگىلىك ماشىنىلىرىدىن يىگىرمە ئوتتۇزى قاتار قاتار تىزىقلىق ، بۇ ماشىنىلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭكەن . يەنە بۇ يەردە بىر يېزىنىڭ بازىرى قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيسىنىڭ يېرىمىچىلىك چىقىدۇ . ھەر بىر يېزىنىڭ بازىرىدا مېھمانخانىلاردىن 20-30 بار ، لېكىن شىنجاڭدىكى بەزى ناھىيەلەردە 2-3 مېھىمانخانا ئاران چىقىدۇ ، مانا بۇلار ئىقتىسادى جەھەتتىكى پەرقلەر .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش