|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك
پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە ،قومۇلدا ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ،پەقەت ئىشلەيمەنلا دەيدىغان ئادەم بولسا ئىش بولۇش كەيپىياتى شەكىللەندى .قومۇلدا توشمۇ توشتىن قۇرۇلىۋاتقان ئېغىر سانائەت كارخانىلىرى ھەدەپ يەرلىكتىن ئادەم قوبۇل قىلىۋاتىدۇ .بۇ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئەلۋاتتە .پارتىيە ھۆكۈمەت قومۇلدىكى كان بايلىقلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئېچىپ ،بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن دىھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان يەرلەرنى قىسقارتىۋاتىدۇ .دىھقانچىلىققا بىرىلىدىغان سۇلارنى ئازلىتىۋاتىدۇ .ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنىڭ كۆلىمىنى قىسقارتىپ ،باغۋەنچىلىككە ۋە تېمىتىپ سۇغۇرۇشقا ئۆزگەرتىۋاتىدۇ .بۇ تەدبىرلەر ياخشى ئۈنۈم بىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ قومۇلغا ئورۇنلۇشۇپ كان بايلىقلارنى ئېچىشقا تۈرتكىلىك بولىۋاتىدۇ .يەنە بىر ياخشى سىياسەت شۇكى ئىلگىرى شەھەر ئەتراپىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەپىلىكلەر رايونى ئاساسىي ئېچىش ئوبىكتى قىلىنىپ ،شەھەر قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىۋاتقان ئىدى . دۆلەتنىڭ قۇرلۇشقا يەر ئېشلىتىش قانون نىزاملىرىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىگە ئەگىشىپ كەپىلىك رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش بىر ئاز تەسلەشتى . لېكىن قومۇلنى سانائەت رايونىغا ئۆزگەرتىش ،ئەڭ موھىمى قومۇلنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ نوپوسقا مۇھتاجمىز .سانائەتكە ئىھتىياجلىق بولغان مەلىكىلىك ئىشچىلارنىڭ كەمچىل بولىشى قومۇلنىڭ ھالقىما تەرەقىياتىدىكى بىر ھەل قىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە .قانداق قىلىش كىرەك ؟دانا پارتىيە ھۆكۈمەت يەنىلا ئادىل قارار چىقىرىدۇ .تەننەرخىنى تېخىمۇ تىجەش ،يەرلىك مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ،يەرلىكنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن نىشاننى شەھەرگە يېقىن بولغان ئاقار بوزيەر رايونىغا قارىتىش ئەڭ ئاقىلانىلىق .ھازىر ئاقار رايونىنى يېڭى شەھەر رايونى قىلىش سىتراتىگىيەسى بىكىتىلىپ ،دەسلەپكى خىزمەتلەر ۋە پىلانلار ئورۇندۇلۇپ بولىندى .ئاقاردىكى نەچچە تۈمەن مو زىرائەت ئېتىزلىرى يېپيېڭى شەھەر قۇرۇشقا بوشۇتۇلۇپ بىرىلدى .نەچچە يۈزلىگەن ئاھالىلەر بىر كىچىدىلا بېيىپ كەتتى .گەرچە بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىنى قوغداش سىياسىتىگە مەلۇم دەرىجىدە خىلاپ بولسىمۇ لېكىن قومۇلنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن بۇنچىلىك قۇربانلىق بىرىش ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان بىر ئورۇنلاشتۇرۇش ئەلۋەتتە .كەلگۈسىدە بۇ رايوندا يېپيېڭى بىر شەھەر قۇرۇلۇپ ،ئون تۈمەنلىگەن مەلىكىلىك ئىشچىلار بۇ رايونغا ئورۇنلىشىدۇ -دە قومۇل سانائىتىگە ئادەم يىتىشمەسلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ .شۇ ۋەجىدىن ئاقاردىكى تېرىلغۇ يەرلەرگە بىرىلىدىغان سۇنى تىجەپ ئىشلىتىش ۋە سۇ ئىشلىتىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلماقتا .
پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدىكى بۇ پىلانلار ئاساسىدا كەلگۈسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق ،كەلگۈسىدە قومۇل بۇرۇنقى قالاق دېھقانچىلىققا تايىنىدىغان ھالەتتىن ،كۆككە تاقاشقان بىنالار قەد كۆتەرگەن ،ئاۋاتلاشقان ۋە يەرلىك خەلىقلەر ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن ھالەت كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ .
لېكىن بەزى سەلبى ھالەتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .
1.ئېكلوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلىشى ،مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشى .كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىشى .
2.سۇ قىسچىلىقى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كېلىدىغان يەرلىك بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت .
3.كۆچمە نوپوسنىڭ كۆپىيىشى بىلەن يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ سۇسلىشىشى ،مىللى رايونلارنىڭ تەبىئىي شەكىللەنگەن مەدەنىيىتى يوقىلىشقا قاراپ مېڭىشى.
4.دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ قىسقىرىش بىلەن يەرلىكنىڭ ئاشلىق ،كۆكتات قاتارلىق زۆرۆر يىمەكلىكلەرنى تەمىنلەشتە بىڭتۈەن،ئاقار زامانىۋى دېھقانچىلىق رايونىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىش ،ئۆز ئۆزىنى قامدىيالماسلىق .
5.شەھەر نوپوسىغا ئۆزگەرتىلگەن دىېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ياكى باشقا ئامىللار سەۋەپلىك بىردىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولالماسلىق .بۇنىڭ بىلەن نوپوس تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى قاتارلىقلار.
6.ئېغىر سانائەت كارخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقان يەرلىك كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك جەھەتتە چىكىنىشى .
كۆپچىلىك ئومومىي ۋەزىيەتكە ئېتىبار قىلغان ئاساستا ئۆزىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساق .كۆپنىڭ ئەقلى كۆپچە بولغىنىدەك تەرەققىيات جەريانىدا مەيدانغا كېلىدىغان مەسىلەرنى ھەل قىلىش ئوسوللىرىنى تېپىپ قېلىشىمىز مۇمكىن .
مەنبە:مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-11 07:16 PM
|
|
|
|
|
|