تۇرپانغا ئىككى شىڭگىل
ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان يۇرتلىرىمىزدىن بىرى تۇرپاندۇر، شۇنداقلا تۇرپان, ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىم تارىخى-مەدەنىي ئىزىلىرى ياخشى ساقلانغان موزيدۇر.
بۇ يازمىمىزدا تۇرپان ئاش-تۇزىغا بەدەل بولسۇن ئۈچۈن،تۇرپانغا ئالاقىدار ناملار ھەققىدە ئازراق توختىلىمىز.
1-كارىز نامى ھەققىدە.
كارىز، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان بۈيۈك تۆھپىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
كارىزنى بىر بۆلۈك كىشىلەر ئىراندا پەيدا بولغان دىيىشىدۇ، كارىزنى ئىراندا «قانات» دەپ ئاتىشاركەن.
ئىرانىيلەر 4 مىڭ يىل بۇرۇن ئالتاي-ئارال ۋادىسىدىن ئىلەم ئىگىزلىكىگە سۈرۈلگەن كىشىلەردىندۇر، شۇڭا كارىزنىڭ شۇلار ئارقىلىق تۇرپاندىن ئىرانغا تارقىلىشىنى قىياس قىلىش قىيىن ئەمەس.
كارىز ،ئەڭ بۇرۇن كارىزغا ئىھتىياج چۈشىدىغان تۇرپان زىمىنىدا پەيدا بولغان، بۇ تارىخىي رىياللىق ۋە رىيال ئىھتىياجدۇر.
كارىزنى بۈگۈنكى «كورد» دەپ ئاتالغان مىللەت تۇرپان ۋادىسىدىن ئىلەم ئىگىزلىكىگە ئىلىپ بارغان بولۇشى زور ئىھتىمال، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەبىلەسى ھىساپلانغان «گورت» دەپ ئاتالغان كىشىلەر ،كۆنچى ۋەتۇرپان ۋادىسىدىن ياۋروپا ۋە غەربى ئاسىياغا كۆچكەن، ياۋروپا تارىخىدىكى گۇتلارنىڭ مىللىي نامى بىلەن تۇرپاننىڭ قۇت-قۇتۇ-قۇچۇ دەپ ئاتالغان يۇرت نامى ئوتتۇرۇسىدا يىلتىزداشلىق بار، كورد نامىمۇ دورت-تورت-چورت-كورت تەلەپپۇز ئۆزگۈرۈشىدە بىزگە يەتكەندۇر، قۇت-قۇچۇ-قوشۇ ۋە دورت-كورت سۆزلىرىنىڭ مەنىسى«تورت» دىمەكتۇر، «تورت» ئاتالغۇسى ، مىللىي نام سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغۇزخاندىن بۇرۇنقى 4-تاشقى قەبىلىسىنىڭ نامىدۇر.
كارىز دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى«غاردەك ئازگال»«غار ئاز» دىمەكتۇر، تۇرپانئۇيغۇرلىرى يۇقۇرى تىخنىكىلىق جاپالىق ئەمگەكلەر بىلەن يەر ئاسىتىغا قىزىپ چىقىرىدىغان سۇغۇرۇش سىستىمىسىنى كارىز دەپ ئۇيغۇرچە ئاتغان بولۇپ،كارىز سۆزى«كار» ۋە «ئىز» ئىككى سۆزدىن ياسالغان.
«كار» سۆزىنى ئۇزۇن يىللىق تەلەپپۇز تارىخىدا «كار-گار-غار» دىگەن شەكىللەردە بىزگە يەتكەن، مەنىسى بۈگۈنكى «تونىل» دىگەن سۆز بىلدۈرىۋاتقان مەنا بىلەن يىقىن كىلىدۇ.
«ئىز» سۆزى مەنچە ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئاز» سۆزىدىن تاۋۇش ئۆزگەرتىپ كەلگەن بولۇپ،مەنىسى«ئازگال»دىگەنلىك، يەنى ئۇيغۇر تىلىدا سۇ چوڭقۇر ئويۇۋاتقان جاينى «ئازگال، ئازما»دەيدۇ. شۇنداقلا "ئاز" سۆزى كىيىنكى تەلەپپۇزلاردا "ئاز-قاز" شەكلىدىمۇ تەلەپپۇز قىلىنغاندۇر، كارىز دىمەك «كار ئاز» سۆزىدىن ياسالغان بولۇپ، مەنىسى« غاردەك ئويۇلغان،غاردەك كولانغان،غاردەك قازىلغان» دىمەكتۇر. كارىزلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىمۇ خۇددى شۇنداقتۇر.
................
2-ئايدىڭ كۆل نامى ھەققىدە .
يەر شارىدا «لۇت كۆلى» دەپ ئاتالغان « ئۆلۈك دىڭىز» ئەڭ چوڭقۇر جايدۇر، بۇ جاي لوت قەۋمى ھالاك بولغاندىن كىيىن پەيدا بولغان بولۇپ، ھىچقانداق جانلىق ياشىمايدۇ.
يەر شارىدا ئىككىنچى چوڭقۇر جاي تۇرپاندىكى ئايدىڭ كۆلدۇر، بۇ نامنىڭ بۈگۈنكى تەلەپۇزىدىن بىزگە يىتىدىغان مەنا «ئاي نۇرىدا يورۇغان كۆل» دىگەن بولغاي.
ھالبۇكى بۇ جاينى كىچىلىك مەنزىرىسى بىلەن "ئايدىڭ كۆل" دەپ ئاتاش ئادەمنى قايىل قىلالىشى ناتايىن، چۈنكى ھەر زامان ئايدىڭ بولىۋەرمەيدۇ، ھەمدە كۈندۈزلىگى "ئايدىڭ" بولۇشى مۈمكىن ئەمەس، شۇنداقلا بۇ كۆلنىڭ كىچىسىدىن باشقا ۋاقىتتا يوقاپ كىتىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس، "ئايدىڭ كۆل" نامىنى "ئاي يورۇقىدا يورۇغان كۆل" دەپ چۈشەنگىنىمىزدە ، ئۇنداقتا "ئايدىڭ كۆل" نامى بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە نام بولۇپ قالغان بولىدۇ.
ئەمما «ئايدىڭ كۆل» نامىنى مۇشۇ كۆلنىڭ جۇغراپىيەلىك تۈزۈلىشى بىلەن باغلاپ يەنىمۇ چوڭقۇرراق تەپەككۈر قىلساق قانداق مەناغا ئىرىشەرمىز؟...
ئاتا-بوۋىلىرىمىز چوڭقۇر يەرنى «ئويداڭ» دەيتتى،تىلىمىزدىكى«ئويداڭ-چوڭقۇر» دىگەن سۆز شۇندىندۇر.
ئايدىڭ كۆل نامىمۇ «ئويداڭ كۆل» نامىدىن بۇزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشلار سەۋەبىدە بىزگە يەتكەن بولۇپ، مەنىسى« چوڭقۇر كۆل» دىگەن بولغاي، بۇ نامنىڭ بىلدۈرىۋاتقان مەناسىدىن بىزگە يىتىدىغان تارىخىي ئۇچۇر: تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەر شارى جۇغراپىيەسىدىن خەۋەردارلىقى، ھىچ بولمىغاندامۇ ئۇيغۇر دىيارى جۇغراپىيەسىدىن تولۇق خەۋەردارلىقىدۇر.شۇڭا ئۇلار يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭقۇر كۆلگە «ئويداڭ كۆل» دەپ ئىسىم قويالىغاندۇر . «ئايدىڭ كۆل» نامىدىن بىزگە يىتىدىغان ئىككىنچى تارىخىي ئۇچۇر، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۈر جەھەتتە بوۋىلىرىدىن تولىمۇ ئارقىدالىقىدۇر، بوۋىلار بىر ئىشنى «ئىگىزدە تۇرۇپ، يىراقنى كۆرۈپ» ياكى "خانتەڭرى چوققىسىدا تۇرۇپ، ئاتلانتىك ئوكياننى كۆزدە تۇتۇپ " ئويلانغان بولسا، بىز « بۇرۇنىمىزغا مىڭ بىر قىيامەتتە يامىشىپ چىقىپ،كاتتا دەنالىقىمىز بىلەن بۇرۇتىمىزنى كۆرۈپ» ئويلىنىۋاتىمىز .
..........................
3-سىنگىم نامى ھەققىدە .
«سىنگىم» تۇرپاندىكى بىر يىزا نامى، شۇنداقلا بىزەكلىك بۇددا مىڭ غارلىرى جايلاشقان جىلغىنىڭ قارشىسىدىكى تاغنىڭ ئارقىسىغا جايلاشقان يۇرتتۇر.
ئۇيغۇر تىلىدا «سىن» سۆزى «سۈرەت، چىراي» دىگەن مەنادا ئىستىمال قىلىنىدۇ، «گىم» سۆزى «گەمە، گەرم،گار» تەلەپپۇزىدا ئاتالغان بولۇپ، "گار-غار" سۆزىگە "ئىم" قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان سۆزدۇر، "گەرم" سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچەمەنىسى«قېزىلغان ئۆي» دىمەكتۇر. ئۇنداقتا «سىنگىم» سۆزىنىڭ مەنىسى « سۈرەتلىك ئۆي»ياكى «قىزىلىپ ئىچىگە سۈرەت سىزىلغان ئۆي» دىمەكتۇر. بۇ نام تۇرپان بۇددا مىڭ ئۆيلىرى سەۋەبىدە پەيدا بولغان ئۇيغۇرچە ئاتالغۇدۇر .
................
4-بەلدىڭ نامى ھەققىدە.
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى «ئورۇندۇق» دىگەن نەرسىنى «بەلدىڭ»دەپ ئاتايدۇ، «بەلدىڭ» ئاتالغۇسى«ئوغۇزنامە» داستانىدا «بەندىڭ چاپتۇردى» دىگەن جۈملىدە «بەندىڭ» تەلەپپۇزىدا يىزىقتا خاتىرلەنگەن، ئەپسۇسكى تەتقىقاتچىلىرىمىز تولىمۇ يۈزەكىي پىكىرلىرى بىلەن بۇ سۆزنى "خەنزۇچىدىن كىرگەن سۆز " دەپ باھالىۋەتتى.
قەشقەر تەرەپتە بۇ سۆزنى «پەلتىڭ»دەپمۇ ئاتايمىز، «بەندىڭ» ۋە«بەلدىڭ-پەلتىڭ» سۆزى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزدۇر.
ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىلىدا بۇ نامنىڭ نىمە مەناسى بار؟
ئانا تىلدا"مەن"،تۈركچىدە "بەن" سۆزى ۋە «بەندە»، «بوي»،«بەردەم»،«بەل» ئاتالغۇلىرى بىلدۈرۈپ كىلىۋاتقان مەنا ئادەم ياكى ئادەمنىڭ بېلىدۇر. «بەن» سۆزى ئۇزۇن يىللىق تەلەپپۇز ئۆزگۈرىشىدە «مەن-بەن-بەي-بەر-بەل » شەكلىدە بىزگە يەتكەن بولۇپ، مەنىسى«بەل»دىمەكتۇر، ئادەمنىڭ بەل قىسمىغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ ئەزانى«بورەك» دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبىمۇ شۇدۇر، يەنى «بۆرەك» دىمەك «بەلەك» دىمەكتۇر، مەنىسى«بەلگە چاپلىشىپ تۇرغان ئەزا» دىگەن مەنانى ئىشارەت قىلىدۇ.
بۈگۈنكى" بەلدىڭ" سۆزى ئۇزۇن يىللىق تارىخىي ئۆزگۈرۈشلەردە "بەندىڭ-بويدىڭ-
بەردىڭ-بەلدىڭ-پەلتىڭ" تەلەپپۇزىدا بىزگە يەتكەن، بۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇنىڭ مەنىسى«بەلنى دىڭ-تىك قىلىپ ئولتۇرىدىغان نەرسە» دىگەن بولغاي .
قەدىم خوتەن تەۋەسىدىن تىپىلغان ئورۇندۇق، ياسىلىشىنىڭ نەپىسلىگى، تارىخنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
يىراق بوۋىلىرىمىز يۈكۈنۈپ ئولتۇرسا بەلنىڭ ئىگىلىدىغانلىقىنى، «بەندىڭ-بەلدىڭ»دە ئولتۇرسا بەلنىڭ دىڭ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يىتىپ، بۇ كەشپىياتىغا ھەقلىق ھالدا«بەندىڭ-بەل دىڭ» دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغان، «بەندىڭ» سۆزى بەندىڭنىڭ تارىم ۋادىسىدىن خەنزۇلارغا تارقىلىشى بىلەن خەنزۇ تىلىغا تارقالغان ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بولۇپ، بوۋىلىرىمىزدىن قالغان تەۋەرۈك نامنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن خەنزۇچە دەپ جۆيلۈش زامانىۋىي نادانلىقتۇر .
ئەكىچە خەنزۇچىدا قاچاندىن باشلاپ "بەندىڭ" ئاتالغۇسىنىڭ ئىشلىتىلگنلىكىنى تەتقىق قىلساق، "بەندىڭ"نىڭ ۋە "بەندىڭ" دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ قاچانلاردا خەنزۇلارغا ئومۇملاشقانلىقىنى بىلەلەيمىز.
.................
2012-5
شەھرى تۇرپان
ت.ت.قۇرىغار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-11 10:31 AM