كۇئېنلون باغرىدا دۇنيا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى . ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى "دۇنيا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى" كۈنى . 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كۇئىنلون باغرىدىكى بىر چەت تاغلىق يېزىدا كىشلەرنى ھاياجانغا سالغان ھەم ھەممە تەئەججۈپ بىلەن قاراشقان بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى .ئۇ بولسىمۇ "دۇنيا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى" ئىدى .5-ئاينىڭ 5-كۈنى دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ بۇ كۈندە ھەممە ئاران بىر كەلگەن دەم ئېلىشقا قايتىپ كەتتى . شۇنداق قىلىپ سەل كېچىككەن بولساقمۇ رەھبەرلىكنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا 5-ئاينىڭ 7-كۈنى (دۈشەنبە )چۈشتىن كېيىن ئالتە سائەت دەرسنى تولۇق ئوقۇپ بولۇپ كىچىك كۆلەمدە "دۇنيا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى"ئۆتكۈزۈلدى . بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىر چەت تاغلىق يېزىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تولىمۇ يات ھەم ئەھمىيەتلىك ئىش ئىدى.(يەنى بۇ پائالىيەت خوتەن ۋىلايىتى ،خوتەن شەھىرىدىن 160كىلومېتر كېلىدىغان چىرا ناھىيە چاقار يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى) دوپپا ھەققىدە سۆز قىلىنىپ ،ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ تۈرلىرى ،كىيىش ئۇسۇلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلدى. دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە قىلىندى .
.
"دۇنيا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز !"
قاراڭ بۇ دوپپىلار بالىلارغا نېمانداق ياراشقان ھە !
ئوقۇغۇچىلار "چىمەن دوپپا " دېگەن ئۇسسۇلنى ئويناۋاتىدۇ .
ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ نازۇك ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق "دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى"نى تەبرىكلەۋاتىدۇ .دوپپىنى كۈيلەۋاتىدۇ.
ناخشا ئۇسسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى تەنتەنە قىلىۋاتىدۇ .
مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ رەھبەرلىرىگە "دوپپا سوۋغا " قىلىۋاتىدۇ .
مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلار "خاتىرە سۈرەت"كە چۈشىۋاتىدۇ .
ئوقۇغۇچىلار رەتلىك تىزىلىپ يېزا بازىرىدىن كېسىپ ئۆتۈپ ،قوشنا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراش ۋە دوستلۇق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى.
پائالىيەت يۇقارقى بىر قانچە تەرتىپ بويىچە غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ ،كىشىلەرنىڭ قەلبىدە "ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ "يارىشىملىق ئىكەنلىكىنى قايتا بىر قېتىم نامايەن قىلدى. بۈگۈن مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلماس ئەسلىمە قالدۇردى . ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل -پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان "ئۇيغۇر دوپپىلرى "كۇئېنلون باغرىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىپ ،كەڭ خەلق ئاممىسىغا قايتىدىن ئۆزىنى تونۇتتى . يۇقارقى پائالىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن بىر قىسىم ھۈنەرۋەن ئۇستىلار ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىدى،بۇلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز . ئۇلار خوتەن شەھىرىدىن رۇزمۇھەممەت ئۇستام ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :18040948811 ئابدۇرىشىت ئۇستام ، ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :13319039908 (شىنجاڭدىن ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۇكانلارنى ۋە باشقا ھەۋەسكارلارنى توپ ۋە پارچە ھەر خىل نۇسخىدىكى دوپپىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆكنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-11 01:31 AM
|