مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1557|ئىنكاس: 12

مارتىن لۇتىر كىڭ ۋە‹ مىنىڭ بىر غايەم بار › [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6216
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12200
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 2471 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 11:59:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مارتىن لۇتىركىڭ

1964-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

ئامېرىكا (1968-1929)

مارتىن لۇتىركىڭ 1929-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا گېئورگىيە شىتاتى ئاتلانتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1954-يىلى، مارتىن ئالاباما شىتاتى مونتگومېرى شەھىرى دېكىستېر كوچىسىدىكى باپتېت ئۇيۇشمىسى چركاۋىنىڭ باستىرى بولغان. 1955-يىلى ئىلاھىيەت ئىلمىنىڭ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1955-يىلى مارتىن مونتگومېرى شەھىرىدىكى رىكشىچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پۈتۈن شەھەردىكى بەش مىڭدىن ئارتۇق نېگىرنى ئاممىۋى جامائەت قانۇنىغا ۋە شىركەتلەرنىڭ بىر يىلغا سوزۇلغان ئېزىشلىرىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ،  سوت مەھكىمىلىرىنى يەرلىك تىرانسپورت قوراللىرىدىكى ئورۇن ئايرىش بەلگىلىمىسىنى چەكلەشكە مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ بىر خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىدىكى داھىي شەخسكە ئايلانغان. 1958-يىلى سەرگەردانلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە سولانغان. 1963-يىلى، مارتىن نېگىرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان نامايىشنى ۋاشىنگتوندا پىلانلاپ ئەمەلگە ئاشۇرغان. 1964-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن. 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۇ بىر نەپەر ئىرق ئايرىمىچى ئۇنسۇرى تەرىپىدىن گېلىغا ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. مارتىن گەندىگە چەكسىز چوقۇنىدىغان بولۇپ، زوراۋان بولمىغان پىرىنسىپلارغا ئىشىنەتتى.


<مىنىڭ بىر غايەم بار>

نۇتۇق

مارتىن لۇتىركىڭ

بىر ئەسىر ئىلگىرى، ئامېرىكىلىق بىر بۈيۈك زات" نېگىر قۇللارنى ئازات قىلىش خىتاپنامىسى''نى ئىمىزالىغانىدى. بۈگۈن بىز بۇ بۈيۈك زاتنىڭ سىمىۋوللۇق مەنىگە باي ھەيكىلى چۈشۈرگەن سايە ئاستىدا بۇ يەرگە يىغىلدۇق. بۇ مۇھىم بۇيرۇق ئادالەتسىزلىكنىڭ ئازاپلىق يالقۇنلىرىدا جەبىر تارتىۋاتقان نەچچە مىلىيۇن نىگىر قۇلغا نىسبەتەن گويا ئۈمىد بېغىشلىغۇچى بەھەيۋەت ماياك، ئۇزاققا سوزۇلغان قۇللۇق زۇلىمىتىگە خاتىمە بەرگۈچى سۈبھى نۇرى.
ئەمما 100يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز نېگىرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىدەك ھەقىقەتكە يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمىز! 100يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە،ئېرىقىي كەمسىتىشنىڭ ۋە ئېرقىي ئايرىمچىلىقنىڭ ئېغىر ئىشكەللىرى ئاستىدا، نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشى زەئىپلىكتە ئۆتىۋاتىدۇ. 100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشى مول بايلىققا تولغان دىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاقاس ئارالدا تۇرىۋاتىدۇ. 100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، نگىرلار يەنىلا ئامرىكا جەمئىيىتىنىڭ بىر بۈرجەكلىرىدە ياشاۋاتىدۇ، ھەمدە ئۆز زىمىنىدا سەرگەردانلىقنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ. بۈگۈن بىزنىڭ بۇ يەردە يىغىلىشىمىزمۇ، دەل شۇنداق كىشىنى ھەيران قىلىدىغان ھەقىقىي ئەھۋاللارنى خەلقى -ئالەمگە ئېچىپ بېرىش ئۈچۈندۇر!
مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈن بىز بېرىلگەن ۋەدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختىگە يىغىلدۇق. جۇمھورىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى »نىڭ يۈرەكنى تىترىتىدىغان ھەر بىر سۆزلىرىنى يازغىنىدا، ھەر بىر ئامرىكىلىققا ۋەدە بېرىپ، ھەر بىر كىشىگە ھاياتلىق، ئەركىنلىك ۋە بەختنى قوغلىشىشىنىڭ مۇقەددەس ھوقوقىنى بېرىمىز دىگەنىدى.
رەڭلىك ئېرقتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن، ئامرىكا ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىدى.ئامرىكا بۇ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى، ئۇ نېگىرلارغا بىر پارچە قۇرۇق چەك كىسىپ بەردى خالاس! بۇ چەككە«مەبلىغىمىز يىتىشمەيدۇ»دىگەن تامغا ئۇرۇلغاندىن كىيىن، يەنە قولىمىزغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ. ئەمما بىز ھەققانىيەتنىڭ بانكىسىنىڭ ۋەيران بولغىنىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز! بىز بۇ دۆلىتىمىزنىڭ غايەت زور پۇرسەتلەر خەزىنىسىنىڭ قۇرۇپ قالغىنىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز! شۇڭا بۈگۈن بىز بۇ چەكنى ئەمەلىلەشتۈرمەكچى---بۇ چەك بىزنى قىممەتلىك ئەركىنلىك ۋە ھەققانىي كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
بىز بۇ مۇقەددەس يەرگە كېلىپ ئامرىكىنى تەكىتلىمەكچى، ھازىر ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي، ھازىر ئۆزىمىزنى بېسىۋىلىشقا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ تىنچلاندۇرۇش ئۇكۇللىرىغا بويسۇنالمايمىز! ھازىر دەل دىمۇكراتىيە ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان پەيىت! ھازىر دەل ئېرقىي كەمسىتىشنىڭ قاراڭغۇ جىلغىسىدىن مىللىي باراۋەرلىكنىڭ نۇرلۇق يولىغا قەدەم قويىدىغان پەيىت! ھازىر دەل پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئوغۇل -قىزلىرىغا پۇرسەتلەر ئىشىكىنى ئاچىدىغان پەيت! ھازىر دەل دۆلىتىمىزنى ئېرىقىي باراۋەرسىزلىكنىڭ تەتۈر قاينىمىدىن ياندۇرۇپ، ئاكا-ئۇكا باراۋەرلىكىگە كەلتۈرىدىغان پەيت!
ناۋادا ئامرىكا ۋاقىتنىڭ تەخىرسىزلىكىگە ۋە نېگىرلارنىڭ قارارىغا سەل قارايدىكەن، ئۇنداقتا، ئامرىكىغا نىسبەتەن بۇ ئەجەللىك زەربە بولۇپ قالىدۇ. ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ خۇش ھاۋا كۈنلىرى يىتىپ كەلمەيدىكەن، نېگىرلارنىڭ قەھرى جاھاننى ئالىدۇ. 1963-يىلى جەڭنىڭ ئاخىرىلىشىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسچە باشلىنىشىشىدۇر! بەزىلەر نېگىرلارنى ئانچە -مۇنچە ئۇچۇغداپ قويساقلا ئوڭشىلىپ قالىدۇ دەپ ئويلىشىدۇ، ناۋادا دۆلىتىمىز بۇ ئىشقا پىسەنت قىلمايدىكەن، بۇنداق خىيالچىلار ئۈمىتسىزلەنمەي قالمايدۇ. نېگىرلار پۇقرالىق ھوقوقىغا ئېرىشەلمەيدىكەن، ئامرىكىغا تىنچ-ئامانلىق يوق! ھەقىقەتنىڭ نۇرلىرى بىر كۈن يىتىپ كەلمەيدىكەن، قارشلىق بورانلىرى بۇ دۆلەتنىڭ ھۇلىنى تەۋرەتمەي قالمايدۇ!
ئەمما ھەققانىيەتنىڭ دەرۋازىسىدا تاقىتى تاق بولغان كىشىلەرگە بەزى گەپلەرنى قىلىشىم زۆرۈر. قانونىي ئورنىمىزغا ئېرىشىش مۇساپىمىزدا، خاتا يوللاردىن، خاتا ئىشلاردىن ساقلىنىشىمىز زۆرۈر. ئەكىنلىككە بولغان تەقەززالىقىمىزنى دەپلا، دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك جامىدا شاراپ ئىچسەك بولمايدۇ. بىزنىڭ كۆرەشلىرىمىز مەڭگۈ توغرا يولدا، قاتتىق ئىنتىزام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىمدۇر. بىزنىڭ يېڭى مەۋقە ئۇقۇمدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمىز زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئايلىنىپ كەتسە بولمايدۇ. بىز ئىشلىرىمىزنى روھىيەت بىلەن ماددى دۇنيانى يېڭىدىغان دەرىجىگە كۆتۈرۈشىمىز لازىمدۇر. نېگىرلار دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىنقىلاۋى روھىمىز بار،ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا بارلىق ئاق تەنلىكلەرگە بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقاتساق بولمايدۇ، چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئاق تەنلىك ئاكا-ئىنىلىرىمىز شۇنى تونۇپ يەتتىكى، ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ تەقدىرىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۈگۈنكى يىغىلىشىمىزغا قاتناشقان ئاق تەنلىكلەر بۇنىڭ پاكىتى. ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز زىچ باغلىنىشلىق،بىز ئايرىم ھەرىكەت قىلساق بولمايدۇ.
بىز ھەرىكەتلەنگەندە چوقۇم ئالدىغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك، كەينىمىزگە يېنىشقا بولمايدۇ، ھازىر بەزىلەر ئوتيۈرەك ئىنسانىي ھوقوقچىلىرىدىن «سىلەر قاچان زارى بولىسىلەر؟»دەپ سورىشىۋاتىدۇ.
ئەگەر نېگىرلار داۋاملىق ساقچىلارنىڭ ياۋۇزلارچە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىكەن، بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز!
ئەگەر بىزنىڭ مىھنەتكەش گەۋدىمىز يول بويىدىكى ياكى شەھەرلەردىكى مىھمانخانىلارغا سىغمايدىكەن، ئۇنداقتا بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز!
ئەگەر نېگىرلارنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش دائىرىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ كىچىك نامراتلار رايونىدىن چوڭ نامراتلار رايونىغا يۆتكىلىدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز!
ئەگەر مىسسىپى شىتاتىدا يەنە بىر نېگىر سايلامغا قاتنىشالمايدىكەن، ناۋادا نىيويوركتىكى بىر نېگىرنىڭ سايلام بىلىتى ئەتكەس قىلىنىدىكەن، ئۇنداقتا بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز!
ياق! بىز ھازىر ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز، كەلگۈسىدىمۇ ھەققەنىيەتنىڭ دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ دولقۇنلىمىغۇچە ، بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز!
مەن دىققەت قىلدىم، بۈگۈن يىغىلىشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا زۇلۇمنى بولۇشىغا تارتقان، ئەمدىلا تار قاماقخانىلاردىن چىققان، ئەركىنلىكنى قوغلاشقىنى ئۈچۈن، ئۆز زىمىنلىرىدا ئۆلگۈدەك تاياق يىگەن. ساقچىلارنىڭ بورانلىرىدا يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشىلەر باركەن، سىلەر ئىنسانلار پەيدا قىلغان ئازاپنىڭ دەردىنى تارتقانلار، تىرىشىڭلار، شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، سىلەرگە تەئەللۇق بولمىغان ئازاپلارنى تارتىش بىر خىل گۇناھىنى يەڭگىللىتىش يولىدۇر. !
بىز مىسسىپىغا قايتايلى، ئاراباماغا قايتايلى، جەنۇبى كارولىناغا قايتايلى، گىئورگىيەگە قايتايلى، لۇئىس ئانناغا قايتايلى، بىزنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلىرىمىزدىكى نامراتلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىمىزغا قايتايلى، كۆڭلىمىزدە سان بولسۇنكى، بۇ خىل ئەھۋال ھامىنى بىر كۈنى ئۆزگىرىدۇ، بىز ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ.
دوستلىرىم، بۈگۈن سىلەرگە شۇنداق ئېيتالايمەنكى، مۇشۇ دەقىقىلەردە،بىز ھەر خىل ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرىساقمۇ، بىز يەنىلا ئارزۇغا ئىگە، بۇ ئارزۇ ئامرىكىنىڭ ئارزۇسى ئىچىگە يىلتىز تارتقان بىر ئارزۇ!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، بۇ دۆلەت ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، «بۇ ھەقىقەتلەرگە قىل سىغمايدۇ، ھەممە كىشى باراۋەردۇر» دىگەن سۆلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە يەتسە!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، گىئورگىيەنىڭ قىزىل تېغىدا، قۇللارنىڭ بالىلىرى بىلەن قۇلدارلارنىڭ بالىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ، ئاكا-ئۇكا بولۇشسا!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، مىسسىپى شىتاتىمۇ ھەققانىيەت بايرىقىنى كۆتىرىپ، زۇلمەت دۇنيانىڭ قۇملۇقلىرى ھاققانىيەت دۇنياسىنىڭ بوستانلىقىغا ئايلانسا! !
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، مېنىڭ تۆت بالام كىشىگە تېرىسىنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئەمەس بەلكى ئەخلاقىنىڭ ياخشى يامانلىقىغا قاراپ باھا بېرىدىغان دۆلەتتە ياشىسا!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، ئاراباما شىتاتى ئۆزگىرىپ، بىر كۈنلەردە شۇ يەردىكى نېگىرلار ئاق تەنلىكلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بىللە ئىلگىرلىسە!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، جىلغىلار ئۆرلەپ، تاغلار پەسىيىپ، مۇشاققەت يوللار تۈزلەنسە، نۇر جاھاننى قاپلىسا!
مانا بۇ بىزنىڭ ئارزۇيىمىز! بىز مۇشۇ ئارزۇ بىلەن جەنۇپقا قايتتۇق. مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا، ئۈمىتسىزلىك قىيالىرىنى ئارزۇلارغا تولدۇرالايمىز، مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا، بۇ دۆلەتتىكى يېقىمسىز ئۇرۇش ئاۋازلىرىنى،يېقىملىق سېمفونىيەگە ئايلاندۇرالايمىز!
مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا،بىللە ئىشلىيەلەيمىز، بىللە دۇئا قىلالايمىز، بىللە كۆرەش قىلالايمىز، بىللە تۇرمىگە قامىلىمىز، ئەركىنلىكنى بىللە ھىمايە قىلالايمىز! شۇڭا ئىشىنىمىزكى، ھامىنى بىر كۈنى ئەركىنلىككە چىقىمىز!
ئەركىنلىك يىتىپ كەلگەن كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى باشقىچە زوق بىلەن، «مېنىڭ ۋەتىنىم، مېنىڭ گۈزەل ماكانىم، مەن سېنى كۈيلەيمەن، سەن ئاجداتلار قان بەرگەن زىمىن، سەن بىزنىڭ پەخرىمىز، ئەركىنلىك ئاۋازىمىز ھەر جايدا ياڭرار» دەپ ناخشا ئېيتىشىدۇ.
ناۋادا ئامرىكا ئۇلۇغ دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن، بۇ ئارزۇ چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك! ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى زىمىنلارنى تىترىتىشى كېرەك! نيويورك شىتاتىنىڭ تاغۇ دەريالىرىنى تىترىتىشى كېرەك!
ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى كولورادو سىتاتىنىڭ مۇزلۇقلىرىدا ياڭرىسۇن! ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى كالىفورنىيەنىڭ تاغلرىدا ياڭرىسۇن! بۇنىڭلىق بىلەنلە ئاماس، يەنە گىئورگىيە زىمىنىنىمۇ تەۋرەتسۇن! تىنناس شىتاتىدىكى تاغلاردا ياڭرسۇن!
ئەركىنلىك ئاۋازى مىسسىپىنىڭ ھەر بىر تاغلىرىدا ياڭرىسۇن! ئامرىكىنىڭ ھەر بىر زىمىنىدا ياڭرىسۇن!
بىزنىڭ ئەركىنلىك سادالىرىمىزنى ياڭرىتايلى، ھەربىر شىتات ۋە شەھەرلەردە ياڭرىتايلى، بىز شۇ كۈننىڭ كېلىشىنى تېزلىتەلەيمىز! شۇ چاغدا، پەرۋەردىگارنىڭ بەندىلىرى نېگىرلار، ئاقلار، يەھۇدىلار ۋە غەيرى يەھۇدىلار، خىرىستىيانلار، كاتولىكلار قول تۇتۇشۇپ، بىر قەدىمىي نېگىر ناخشىسىنى ئېيتىشىدۇ ''ئاخىرى ئەركىن بولدۇق، ئاخىرى ئەركىن بولدۇق، پەرۋەردىگارغا رەھمەت! بىز ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقتۇق!''


مارتىننىڭ نۇتۇقىدىن كېيىن دۇنيا بوكىس ماھىرى مۇھەممەد ئالىمۇ نامايىشقا قاتناشقان ```

ئىملا خاتالىقى بولسا كەچۈرۈڭلار```

مەنبە: ئوكيان تورى ۋە باشقا تور دۇنياسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 02:23 AM  


ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!

سالام قەشقەر ساھ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6296
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8336
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 925 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:20:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تەرجىمىسى بىرلىككە كەلگەن ئەسەر ئىدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسىلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەسەر نامى « مېنىڭ ئارزۇيۇم» ...ھەقىقەتەن ئېسىل نۇتۇق.
تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:23:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارتىن لىيۇتىركىڭنىڭ ئۆلىمى بەك پاجىئەلىك!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70668
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3787
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2011-12-17
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 12:01:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ باكەندە، ئەجەپ ياخشى، ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىشتە پايدىلانسام بولغىدەك، تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6216
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12200
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 2471 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 02:23:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى بۇ تېمامنى ئازبولغاندا 3-4 بەتلىك مۇنازىرە بولامىكىن دىسەم توۋا ```
بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن شەخىسنىڭ بىرسىگە ئاران 3 ئەزا ئىنكاس يېزىپتۇ ````

ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30224
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7555
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 2270 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 02:56:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق ئوتتۇرا دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن «مېنىڭ غايەم» دەپ...مارتىن لۇتىر كىڭنىڭ ئۆلۈمى ھەقىقەتەن پاجىئەلىك بوپتىكەن،39 يېشىدىلا ئۆلگەنغۇ دەيمەن!ئۇ مۇشۇ نۇتقىنى 350مىڭ ئادەمگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىپتىكەن!

يولىمىز يىراق،يۈكىمىز ئېغىر،ئېتىمىز ئورۇق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73026
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 03:14:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىگىرلار ئۈچۈن جان كۈيدۈرگەن شەخىس.

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تۇرداشلار ئايىمىڭلاغا ھەم ھىتىڭلارغا مۇبارەك بۇلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72332
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5218
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 676 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 04:33:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن ياخشى تىما ھە بۇ، تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت!

مۆئمىن كىشى ئۈچۈن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77874
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 04:36:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىلىىتى ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بىغىشلىغان تۆھپىكارغا سالام.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77874
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 04:36:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىلىىتى ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بىغىشلىغان تۆھپىكارغا سالام.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش