مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 858|ئىنكاس: 5

دۇنيادا نامرات ئاتىلار كۆپ.ئۇلارنىڭ ئۆزى،ئەۋلادى يوقسۇزلۇق دەردى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79699
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3255
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 11:01:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا نامرات ئاتىلار كۆپ.ئۇلارنىڭ ئۆزى،ئەۋلادى يوقسۇزلۇق دەردىنى تارتماقتا. يوقسۇزلۇق دەردى تاشتىن قاتتىق. بۇنى يوقسۇللار ئەڭ چۈشىنىدۇ. شۇڭا ،ئۇلار يوقسۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش يولىدا تىرىشىدۇ، تىرمىشىدۇ. نۇرغۇن نامرات ئاتىلار ھالال ياشىدى، ئۆزىنىڭ ۋارىسلىرىنى تۈزۈكرەك تۇرمۇش مۇھىتىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئايانماي بەدەل تۆلىدى.بۇ ئەمەلىيەتتە پۈتۈن بىر ئۇرۇق -جەمەت ئۈچۈن ،مىللەت ئۈچۈن تۆلەنگەن باھاسىز بەدەل بولۇپ قالدى.
ئەمما بارلىق ئاتىلىرىمىز ئۇنداق قىلالمىدى،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بالىلىرىغا مەڭگۈلۈك روھى ئازاپ،ئار-نومۇس قالدۇردى.بۇنىڭغا چەتئەللىكلەر تۇرمۇشىدىن بىر مىسال كەلتۈرەي:
23 ياشلىق بۇ يىگىت ساقچى باشلىقىىنىڭ بالىسى ئىدى. ئۇ داڭلىق پىئانىنوچى بولۇپ يېتىشتى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك مۇزىكا كېچىلىكىدە ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. كىشىلەر ئۇنى گۈلدەستىگە پۈركىدى، بېشىدىن ئېگىز كۆتۈردى.
ئەزىزلىنىۋاتقان بۇ يىگىت پاجىەنىڭ ئۆزىگە قاراپ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى نەدىن بىلسۇن؟!
مۇزىكا كېچىلىكى تارقىغاندا ،سالاپەت بىر كىشى ئۇنى توختاتتى:
_ يىگىت،سىزگە سۆزۈم بار ئىدى،
_مەرھەمەت!
ئىككىيلەن ھەشەمەتلىك مۇزىكا زالىدىن چىقىپ خالىي جايغا ئۆتتى.
_مېنى كەچۈرۈڭ، مەن سىزنىڭ ئاتىڭىزنى تونۇيتتۇم، بوينۇمدا قەرز بولۇپ قالمىسۇن دەپ...
_ ئاتام ئالدىنقى رەتتە بار ئىدىغۇ، سۆزلەشسىڭىز بولىدۇ.
_ ياق، مەن دېمەكچىمەنكى، بۇ سىزنىڭ بىقىۋالغان ئاتىڭىز، ئۆز ئاتىڭىز بولسا بىر ھاراقكەش، دىۋانە، ئۇ ھېلىمۇ شۇنداق ياشاپ تۇرۇپتۇ...
يىگىت تۇرغان جايىدا قېتىپلا قالدى.
بىردەمدىن كېيىن ئۇ ساقچى دادىسىنىڭ يېنىغا باردى. يىگىت تولىمۇ پەرىشان ئىدى:
_ مەن كىمنىڭ بالىسى؟
_ مېنىڭ!
_ يالغان!
ئاتا شۇ ھامان ھاياتىدا ئەڭ ئەنسىرەپ يۈرگەن كۈننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ راست گەپنى ئەمدى يوشۇرالمايتتى:
_بالام،مېنى كەچۈرگىن،مەن 22يىل ئىلگىرى تاسادىبىي پۇرسەتتە سېنىڭ ئوماق،زېرەك بالا ئىكەنلىكىڭنى بىلگەن ھەم سېنى ئاشۇ مەسئۇلىيەتسىز ،لاياقەتسىز ئاتىنىڭ قولىدا نابۇت بولۇپ كەتمىسۇن دەپ ،ئۆز تەربىيەمگە ئالغان.
_ ئۇ نەدە؟
_ ئىنىق ئۇقمايمەن، پەرىزىمچە...
يىگىت زالدىن ئوقتەك چىقىپ كەتتى.
... .ئۇ يىراق، خىلۋەت دېڭىز بويىدىكى تاشلاندۇق كەپىدە ھاراق تۇڭىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ ئولتۇرغان ، جۇلدۇر كىپەن كىشىنى _ئۆز ئاتىسىنى تاپتى.
_سەن كىم؟
_ ئوغلۇڭ!
_ئوغلۇم؟ قايسى ئوغلۇم؟ سېتىۋەتكەن ئوغلۇممۇ ياكى خەققە بېرىۋەتكىنىممۇ؟
يىگىتنىڭ مېڭە تومۇرلىرى چاك-چېكىدىن ئاجراپ كەتكەندەك،گۈزەل دۇنياغا، لىرىك مۇزىكىلارغا قانمىغان يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى گويا!
_ھە،خەققە بېرىۋەتكىنىڭ مەن، سېتىۋەتكىنىڭمۇ بارمۇ تېخى؟ مانا ئەمىسە!
ئۇ ئېتىلىپ بېرىپ ئاتنىڭ كانىيىنى بوغدى...
يىگىت ئەسەبىلەشتى،ئۇنىڭ پىسخىكىسى بۇزۇلغان، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممە بەربات بولغان ئىدى:
_ مېنىڭ نۇمۇسلۇق تەرجىمىھالىمنى يات بىراۋلارنىڭ بىلىشى ئۆلۈم بىلەن باراۋەر. مەن مەخلۇقنىڭ بالىسى، مەن ئاشۇ يىرگىنىشلىك مەخلۇقنىڭ پۇشتى......
شۇ چاغدا لاياقەتسىز ئاتىنىڭ بالىغا كەلتۈرىدىغان مۆلچەرلىگۈسىز روھى ئازابى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تېشىپ چىقتى...سانسىز كىشىلەرنى گۈزەل كېچىلەردە سېھىرلىك سادالار دولقۇنىغا غەرق قىلغان، ئۇلارغا ھوزۇر، راھەت، شادلىق بېغىشلىغان بۇ مۇزىكا ئۇستىسىنىڭ چىۋەر قولىغا كويزا سېلىندى...
ھاراقكەشلىكتىن دىۋانە بولۇپ، بالىسىنى خەققە بېرىۋەتكۈدەك دەرىجىدە ئەرلىك غۇرۇرىنى يوقاتقان، مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن بالىسىنىڭ قولىدا ھەق جازاغا ئۇچراشقا تېگىشلىك بولۇپ قالغان ئاتىلار بىزدە يوقمۇ؟ جىسمى ساغلام،نامرات ئاتىلارنىڭ پىشانىسىگە نامراتلىق تامغىسى مەڭگۈلۈك بېسىلغانمۇ؟بېجىرىم،ھايات تۇرۇقلۇق خەقنىڭ خەير-ساخاۋىتىگە قالغان بالىلىرىنىڭ روھى ئازابى ئاشۇ ئاتىلارنىڭ ۋۇجۇدىنى شۈركەندۈرمەمدۇ؟مۇقىم كىرىمى بولمىغان،ھايات باياۋانلىرىدا مۈدۈرۈلۈپ، سوقۇلۇپ چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان ئاتىلارنى قويۇپ تۇرۇپ، روھى زەئىپلىكتىن بالىلىرىنى تەربىيىلەش مەسئۇلىيىتىدىن قېچىۋاتقان ئاتىلارنىڭ ھېلىھەم كۆزىنى ئاچمايۋاتقىنىغا نېمە دېيىش كېرەك؟
مەن تونۇيدىغان ئەقىللىق بىر بالىنىڭ ئات-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنىدى. بالىغا بەزى قولايلىقلارنى يارىتىش ئۈچۈن، ئانا تۇرمۇش پۇلى بېرىدىغان، بالا ئاتىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولدى. ئاتىسى يېنىدا بولغاندا ئانىسىنى، ئانىسى يېنىدا بولغاندا ئاتىسىنى ئىزدەپ قەلبى جاراھەتلەنگەن بالىنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋى رىقابەتكە تەييارلىنىشى قىيىنغا توختاۋاتقان كۈنلەردە، ئاتا بالىغا ئۇقتۇرماي بالا نامىدىن ئانام مېنىڭ تۇرمۇش پۇلۇمنى بەرمىدى دەپ قانۇن ئورنىغا ئەر زسۇندى. ئانا بىلەن بالا يۈزلەشتۈرۈلگەندە، بالا پۇل ئۈچۈن ئۆز نامىنىڭ كىم تەرىپىدىن سېتىلغانلىقىنى بىلدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆزىنى ئالدىغانلىقىغا ئېچىندى، ئۆز ئانىسى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان تۇزكور بالابولۇپ قالغىنىغا ئازاپلاندى.
بالىسىنى ھايۋانمۇ ياخشى كۆرىدۇ.ئىنساننىڭ ئۆز بالىسىنى ياخشى كۆرۈشى تۈپ مەنىسى بىلەن ھايۋاننىڭ ئۆز بالىسىنى ياخشى كۆرۈشى بىلەن ئوخشاش،ئۇنداقتا چەتئەللىك ھاراقكەشتەك بالىسىنى كىشىلەرگە بېرىۋەتمىگەن،سېتىۋەتمىگەن بولسىمۇ،ئەمما بالىسى بىلەن كارى يوق ئاتىلار مەسئۇلىيەتچان ئاتىلارمۇ؟
ئەجىبا ،جەمىيەتتە ئورنى بار بىر كىشىنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئەقىللىق بالىنى باققۇدەك،ئوقۇتقۇدەك مادارى يوقمىدۇ؟!
بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ قورامىغا يەتكۈچە بولغان مەزگىلدە ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۇنىڭغا ئەقلى،جىسمانىي،ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەبلەغ سېلىشقا مەجبۇر.مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەككى، بالا تەربىيىلەش كەم-كۇتىسىز خالىس ئەمگەك.
شۇنى قاتتىقراق ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھەقلىقمىزكى ،بالىلار ئۈچۈن ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر ناھايىتى كۆپ. بۇ خىزمەتلەر ئالدى بىلەن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن،تېخىمۇ موھىمى ،ئۇلارنىڭ ۋىژدانىغا ھاۋالە قىلىنغان بولىدۇ.
ئۇنداقتا سوراپ باقاي:ھۆرمەتلىك يىگىت، سېنىڭ پەرزەنتلىك بولغۇڭ بارمۇ؟ ئاتا بولۇشقا لايىقمۇ سەن؟ سەن ھاياتنىڭ دوقال -دوقمۇشلىرىدىمۇ،راھەت-پاراغەتكە چۆككىنىڭدىمۇ، غېرىپ كۈنلەرگە قېلىپ بوينۇڭ قىسىلغاندىمۇ ئۆزۈڭنى باشقۇرالامسەن؟ ئەخلاقىڭغا خوجايىنلىق قىلالامسەن؟ پەرزەنتنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭنى ئاد ققىچە ئورۇندىيالامسەن؟
ئەگەر شۇنداق قىلالىساڭ، پەرزەنتلىك بولۇۋەر، چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ پادىشاھلىقىدىكى دۆلەتتە ئانىلار دۇنياسىدا بالىلىرىڭنىڭ شاد باغچىسىنى قۇرۇشقا بەدەل تۆلىيەلەيسەن!!!

مەنبە: غېرىپ شىۋاقلار دېگەن كىتاپتىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 02:13 AM  


تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35424
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 6884 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 11:47:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا بولماقلىق زور بىر شەرەپ ھەم مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولماقلىق. پەرزەنىت ئاتنىڭ ئۈمىدى، كەلگۈسى..ھەممە نىمىسى.  بىز پەرزەنتىمىزگە ئالاھىدە باياشات تۇرمۇش بېرەلمەسلىكمىز مۇمكىن، بىراق ئۇلارغا ئېتىقاد، غۇرۇر، ئادىميىلىك ،ئۈمدىۋارلىق بېرەلمسەك بولمايدۇ.
يۇقارقى مىسالدىكى ئاتىلار ناھايتى ئاز. شۇ مىساللارنى تۇتېۋېلىپ ئاتىلارغا ئازار بەرمەڭلار، بىلڭلاركى ئانىلار كۆزىدە يىغلىغان بىلەن ئاتىلار يۈرىكىدە يىغلايدۇ.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1748
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8148
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1277 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 11:47:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1 كۈن بوپتۇ يوللانغىلى ، ئىنكاسلار يوق چۈكۈپ كېتەي دەپ قاپتىغۇ

ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11148
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8074 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 04:41:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ناھايىتى ياخشى تىمىكەن . بۇنداق ئاتىلارنى ئەتراپىمىزدا يوق دىگىلى بولمايدۇ . نۇرغۇن ئاياللار ئەرلىرى ئۆيگە كىرمەي تالادا يۈرسىمۇ ، بالىمىز يىتىم بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ چىداپ ئۈتىدۇ . لېكىن ئاشۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلار ئاتا مىھرىنى نەدىن تاپىدۇ ؟ تالادىنمۇ ؟ ھەممە ئەر تالادا تۇرسا ، ئۆي نىمىگە ھىساپ ؟
   يۇقارقى گىپىمنى ئاڭلىغان ئەر ياكى ئوغۇل تورداشلار مىنى تىللاپ كەتمەڭلار !دىگەنلىرىم ئەرلەرنىڭ ئارىسىدىكى بەزى لاياقەتسىز ئەرلەر !

ئاياللار كيۇ كيۇ توپى:216013264
جىگەر كېسەللىكلىرى توپى:219711309
http://www.uqur.cn/html/754649.shtml
سەككىز ئات كەشتىسى سېتىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 767
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2814
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 515 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:42:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەر ھازىرقى يۇقسۇل سانىلىۋاتقانلاردۇر.بىلسەڭلار تورداشلار....بايلار بايلىقىغا مىنىڭپ جاپادىن چىقىپ يىشى ئاتمىشقا بارمي ئۆلىدۇ ياكى خوتۇنى ئۆلتۈرىدۇ.كەمبىغەل سانالغانلارچۇ؟ئەكىسچە ئۇلاردىن بەخىتلىك.كىشىگە قۇل ئىشلەيدۇ دەپ ئىيتىش تۈپتىن خاتا تەشۋىقات.كەمبىغەل دەپ سانالغان شۇ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ۋە سالامەتلىكتىن ئىبارەت ئىتىقادلىق بايلىقى ئەڭ ئەۋزەل. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 11:43 PM  


http://news.bilimkuqi.com/?p=419

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79425
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3742
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2013-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 01:54:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش