مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1132|ئىنكاس: 5

رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79855
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3472
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 07:33:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى


يۈسۈپجان ياسىن


دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدە ئىدىقۇت خانلىقى ۋە خاقانىيە دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى قازان تاتارلىرىدىن يىتىشىپ چىققان تۈركولوگ رەشىد رەھمىتى ئاراتتۇر.  

رەشىد ئىسمەت ئوغلى رەھمەتى ئارات 1900- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى قازاننىڭ غەربىي شىمالى تەرىپىگە جايلاشقان كونا ئۈجۈمدە تۇغۇلغان. ئارات قازاندىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە مەدرىسە قۇرۇپ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات مۇدەررىسلىك قىلغان بىر ئائىلىنىڭ بالىسى ئىدى. ئارات 1906-1910-يىللاردا ئاشۇ مەدرىسەدە باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيىسىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر تاغىسى بۈگۈنكى قازاقىستاننىڭ قىزىليار(پېتېرپاۋېل) شەھىرىگە ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ يەردە ئاۋۋال يېڭىچە مىتود بىلەن ئوقۇتىدىغان بىر تاتار مەكتىبىدە، كېيىن رۇس گىمنازىيۇمىدا ئۇقىغان. 1914-1915- يىللاردا سودا تېخنىكۇم مەكتىبىدە ئوقۇغان، 1916- يىلى لىسە(تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىجىسىدىكى ئوقۇش يۇرتى) گە ئوقۇشقا كىرگەن. لېكىن 1918- يىلى ئادمىرال كولچاكنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشى بىلەن ئاراتنىڭ لىسەدىكى ئوقۇشى ئۈزۈلۈپ قالغان.

ئۆكتەبىر ئېنقىلابىدىن كېيىن قىزىلياردا تۈرلۈك جەمئىيەتلەر قۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ‹‹بىرلىك›› دېگەن بىر جەمئىيەتمۇ بار ئىدى. بۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولغان ئارات دوستى ھۈسەيىن ئابدۈش بىلەن بىرلىكتە ‹‹ياشلىق تېڭى›› دېگەن بىر ژورنال چىقارغان. ئارات ئۆزىنىڭ دەستلەپكى سىناق ئەسەرلىرى ھېساپلانغان  شېئىر ۋە ھېكايىلىرىنى بۇ ژورنالدا ‹‹ئا. ر›› ئىمزاسى بىلەن ئىلان قىلغان.

1918- يىلى ئادمىرال كولچاك بولشىۋىك ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەندە،  لىسە ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۇنىڭ قوشۇنىغا ئەسكەرلىككە ئېلىنغان. شۇ قاتاردا ئاراتمۇ ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ ئاۋۋال چىلەبىدىكى ھەربىي مەكتەپكە ئەۋەتىلىپ كۇرسقا قاتناشتۇرۇلغان، ئاندىن كېيىن ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. ئارات 1919- يىلى ئۇرۇشتا يارىلانغاندىن كېيىن يىراق شەرققە يۆتكىۋىتىلگەن. 1920- يىلى ئۇ كىسەل، يارىدار ۋە مۇساپىر كىشىلەرگە تولغان ھەمدە نۇرغۇن چارۋا مال بېسىلغان بىر پويىزدا ناھايىتى مۈشكۈل ۋە ئازاپلىق بىر سەپەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ خاربىنگە كەلگەن.  ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تاتارلاردىن نۇرغۇن ئاھالىلار خاربىنگە كىلىپ يەرلەشكەچكە بىر تاتار مەھەللىسى شەكىللەنگەنىدى. بۇلارنىڭ جامە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتلىرى بولغان. رەشىد رەھمەتى ئارات خاربىنگە كەلگەندىن كېيىن كولچاك ئىسيانى سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان ئوقۇشىنى بۇ يەردە  قايتىدىن داۋاملاشتۇرغان. بۇ چاغدا تۈرلۈك تەبىقىگە مەنسۇپ نۇرغۇن ئىنقىلاپچىلار كەينى كەينىدىن خاربىنگە كېلىپ، تاتار جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىي پائالىيەلىرىنى جانلاندۇرغانىدى. ئاراتمۇ  ئۆزىدىن بۇرۇن بۇ شەھەرگە كەلگەن دوستى ھۈسەيىن ئابدۈش بىلەن بىرلىكتە ياشلار جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق  يىتەكچى رول ئوينىغان، يۇرتداشلىرى ئارىسىدىكى تەسىرىمۇ ياخشى بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ خاربىدىنكى تاتارلارنىڭ ئىمامى ۋە جامائەت ئەربابى ئىنايەت ئەھمەدىنىڭ باشقۇرۇشىدا ‹‹يىراق شەرق›› دېگەن نامدا بىر ھەپتىلىك ژورنال چىقىرىشقا باشلىغان. ئاراتنىڭ قول يازمىسى بىلەن تەييارلىنىپ شىپىگراپتا كۈپەيتىش ئارقىلىق بېسىپ تارقىتىلغان بۇ ژورنال 17- سانىدىن كېيىن تاش مەتبەئەدە بېسىلىشقا باشلىغان. 1924- يىلى فېۋرالدىن باشلاپ بۇ ژورنال ھەپتىلىك گېزىتكە ئۆزگەرتىلىپ، 1925- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر نەشىر قىلىنغان. كېيىن بۇ گېزىتنىڭ ئورنىنى ‹‹مىللىي بايراق›› ژورنىلى ئالغان. تاتارلار يەنە بولغارلارنىڭ ئىسلام دىنىگە ئېتىقاد قىلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتېرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 1922- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنى تاش مەتبەئەدە پەقەت بىرلا قېتىم بېسىلغان ‹‹مىڭ يىل›› دېگەن بىر گېزىتنى چىقارغان. بۇ ژورنال ۋە گېزىتلەردە ئارات ‹‹قازانلى››، ‹‹ئا.داۋۇد››، ‹‹ئالى بىكتىمىر›› دېگەن تەخەللۇس بىلەن ئەدەبىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە دائىر ماقالىلارنى ئىلان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ئارات 1922- يىلى خاربىندا  دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ئىل كۆڭلى›› دېگەن نامدا تاتار ئەدەبىياتىنى ئۈگەنگۈچىلەر جەمئىيىتىنى قۇرغان ۋە ئاشۇ يىلى بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەسەرلەر توپلىمى سۈپىتىدە ئىككى بروشرنى تاش مەتبەئەدە بېسىپ تارقاتقان. يەنە بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىككىنجى قېتىم نەشىر قىلغان بىر كىتابىنىڭ بىر قانچە نۇسخىسىمۇ بېسىلغان. 1932- يىلى شائىر ئابدۇللاھ تۇقاينىڭ ۋاپاتىنىڭ يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھۈسەيىن ئابدۈش تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر بروشر بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا چىقرىلىغان كۈندىلىك گېزىتلەرمۇ ئارات قۇرغان بۇ جەمئىيەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بولغانىدى.

1922- يىلى لىسەنى تاماملىغان رەشىد رەھمەتى ئارات ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن بېرلىنگە كەلگەن. بېرلىنگە كېلىش جەرىيانىدا ئاسىيادىكى  بىر قانچە چوڭ شەھەرلەرنى زىيارەت قىلغان. بۇ چاغدا 1- دۇنيا ئۇرۇشى ۋە رۇس ئېنىقىلابىدىن كېيىن قىرىم، ئىدىل – ئۇرال بويلىرى، ئەزەربەيجان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھەر خىل يوللار بىلەن بېرلىنگە كېلىپ ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرگەن نۇرغۇن ياشلار بار ئىدى. ئاراتتىن بۇرۇنراق بېرلىنگە كەلگەن لېخىيەلىك تاتارلاردىن ياقۇپ بەي شىنكەۋىچ مەشھۇر تۈركولوگ ۋ. باڭكائۇپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ ئۆزى ھەۋەس قىلىدىغان تۈركىي تىل ساھەسىگە ئاراتنىمۇ جەلپ قىلغان. ‹‹تۈركىي قەۋملەر ۋە ئۇلارنىڭ تىلىغا چىن دىلىدىن سادىق بولغان بۈيۈك ئالىم  ۋ. باڭكائۇپ ئۆزىنىڭ پائالىيىتى بىلەن بۇ ساھەدە يالغۇز يېڭى بىر دەۋر ئېچىش ۋە بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارغا يېڭى بىر نىشان كۆرسىتىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، بەلكى يەنە سېلىشتۇرما تۈركىي تىلشۇناسلىق مەكتىبىنىڭ قۇرغۇچىسىغا ئايلانغان ئىدى.››(1) ۋ. باڭكائۇپ شۇ ۋاقىتقا قەدەر تۈركچىگە دائىر ئىلان قىلغان بىرمۇنچە ئەسەرلىرى بىلەن  شۆھرەت قازانغانلىقى ئۈچۈن تۇرپان ئارخېئولوگىيىسىدە قولغا كەلگەن ماتېرىياللارنى رەتلەپ ئىلان قىلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ ئالىم دەپ  قارىلىپ، 1920- يىلى بېرلىنگە چاقىرىتىلغانىدى. بۇ رەشىد رەھمەتى ئارات ئۈچۈن ھەم بىر تەلەي ھەم بىر پۇرسەت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ  1923 - يىلى بېرلىن ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ فاكۇلتېتتا ئارات تۈركولوگىيەگە دائىر دەرسلەردىن باشقا ئەدەبىيات تارىخى، پەلسەپە ۋە پىسىخولوگىيە دەرسلىرى ۋە سېمىنەرلىرىگە قاتناشقان. ئارات خاربىندە ۋە بېرلىندە ئوقۇغان مەزگىللەردە ئىنايەت ئەھمەدى ئۇنىڭغا ماددى ۋە مەنىۋىي ياردەملەردە بولغان. دوستى ھۈسەيىن ئابدۈشمۇ ھەر قانداق بىر مەسىلىدە ئۇنى ھېمايە قىلغان، ئارات ناھايىتى تىرىشچان ۋە دۇرۇست بىر ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە تۇنۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇستازلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئىرىشكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بېرلىندىكى ھاياتى خېلى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن. كىچىك تۇرۇپلا ئائىلىسىدىن ئايرىلغان ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىشقا ئادەتلەنگەن ئارات پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئۆز كەسپىگە ۋە مىللىي مەسىلىلەرگە بېغىشلىغان. ئەلبەتتە يات بىر مەملىكەتتە  بەلگىلىك بىر ھىمايە بولمىغان ئەھۋالدا ئوقۇشنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن يالغۇز غەيرەت ۋە پاراسەتلا كۇپەيە قىلمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈگىنىش ھەۋىسىگە ئىلھام بىرىدىغان بۈيۈك بىر ئىدىئال ۋە ئېتىقاد بولۇشى كېرەك، ئەلبەتتە.

رەشىد رەھمەتى ئارات بۇ ئىرادىنى، بۇ ئېتىقادنى يەنە ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدىن تاپتى. ئۇ يالغۇز ئوقۇش بىلەنلا چەكلەنمەي، ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىگىمۇ قەدەم قويغان ۋە  قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنى تۇنۇتۇپ مەشھۇر ئالىملار ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان. بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە جۇغلانغان بىر توپ ماتېرىياللار ئىچىدىكى قەدىمكى تۈرك مەدىنىيىتىگە دائىر ئۇيغۇر  يېزىقىدا،  مانى  يېزىقىدا ۋە  باشقا يېزىقلاردا  يېزىلغان قول يازمىلارنى تۈرگە ئايرىش ئۈچۈن  قۇرۇلغان ئىلمىي ھەيئەتنىڭ ئىچىدە باشقا بىر قانچە گېرمان ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئاراتمۇ بار ئىدى. بۇ چاغدا ئا. ۋون. گابائىنمۇ شۇ ھەيئەتكە قاتناشقانىدى. ۋ. باڭكائۇپقا ئوخشاش كامالەتكە يەتكەن بىر ئالىمنىڭ يېنىدا ئىشلەش ۋە ھەر كۈنى ئۇنىڭغا ياردەمچى بولۇش جەرىيانىدا ئاراتنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسى تىز يۈكسەلگەن. نەتىجىدە ئۇ بۇ قول يازمىلارنى رەتلەش، تۈرگە ئايرىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا دائىر تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەرىيانىدا 19- ئەسىردە ياۋروپادا ئۆزىنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىققان سېلىشتۇرما تەتقىقات مېتودىنى تولۇق ئىگەللەپ بولغان. بۇ ھەيئەت تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر 1928- يىلىدىن باشلاپ ‹‹تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى›› دېگەن نامدا 12 توم قىلىپ ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭ 6 – تومىنى ۋ. باكائۇپ، ئا.ۋون گابائىن ۋە رەشىد رەھمەتى ئاراتلار بىرلىكتە ئىشلىگەن، 7- تومىنى ئارات ئۆزى تەييارلىغان. ئاكادېمىيە سەۋىيەسىدىكى ئەسەرلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان بۇ ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنى نەشىرگە تەييارلاش ئىشىنىڭ قانچىلىك بىر جاپالىق خىزمەتنى، قانچىلىك ئەستائىدىلىقنى ۋە قانچىلىك زىھنىي كۈچنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى پەقەت بۇ كەسپنى يېقىندىن چۈشىنىدىغان كىشىلەرلا ئەڭ توغرا تەرىپلىيەلەيدۇ، ئەلبەتتە. شۇنداق قىلىپ، رەشىد رەھمەتى ئارات 1927- يىلى بېرلىن ئۈنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن چاغدا يالغۇز دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيەسىنى ياقلىغان بىر ئوقۇغۇچى سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ساھەسىدە گېرمانىيەدە تەسىر قوزغىغان ياش بىر ئالىم سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

رەشىد رەھمەتى ئارات گېرمانىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدىن باشقا مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ مەشغۇل بولغان. 1922-يىلىدىن كېيىن گېرمانىيەدە ئىستانبۇل، باكۇ، قازان ۋە تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەردىن بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىق  تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. مەسىلەن، ئومۇمىي تۈرك ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى، گېرمانىيە تۈرك ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى، گېرمانىيەدىكى تۈرك-تاتار ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى  دېگەنگە ئوخشاش. بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىدە ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارغا ئائىت مەسىلىلەر ۋە مەدەنىيەت مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ ساھەدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە يەنىلا رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن. 1928- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە بېرلىندە تۇرىۋاتقان قازانلىق تاتار ئەدىپلەردىن ئاياز ئىسھاقىنىڭ باشقۇرىشىدا ‹‹يېڭى مىللىي يول›› دېگەن بىر ژورنال نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان. ئارات بۇ ژورنالغا مەدەنىيەت ۋە ياشلار مەسىلىسىگە ئائىت بىر مۇنچە ماقالىلارنى يازغان. يەنە بەزى ماقالە ۋە شېئىرلارنى ‹‹م.خ››، ‹‹م.ف››، ‹‹م.خ.ف››، ‹‹ئالى››، ‹‹ئالى بىكتىمىر››، ‹‹شاكىر يۇسۇف››، ‹‹ش.ي›› دېگەن  ئىمزا بىلەن ئىلان قىلغان. 1931-1933-يىللاردا بۇ ژورنال ئاراتنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان.

رەشىد رەھمەتى ئارات 1927- يىلى سېلىشتۇرما تۈركىي تىل ساھەسىدە يازغان ‹‹ئالتايچىدا ياردەمچى پېئىللار ۋە رەۋىش – پېئىللار›› ناملىق ماقالىسى بىلەن بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەندىن كېيىن، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىگە قاراشلىق شەرق تىللىرى مەكتىپىدە شىمال تۈركچىسى(قازان تۈركچىسى) كەسپى بويىچە لېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. 1928- يىلى بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئىلمىي ياردەمچى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1931- يىلى شەرق تىللىرى مەكتىپىدە شىمالىي تۈركلەرنىڭ تىل، ئەدەبىيات ۋە تارىخى كەسپى بويىچە دوتسېنت بولغان. ئارات تەتقىقاتتىكى ئەستائىدىللىقى بىلەن ياشىنىپ قالغان ئۇستازى ۋ. باڭكائۇپنىڭ ۋارىسى بولۇشقا ھەقلىق دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاراتنىڭ يات بىر مىللەتتىن بولۇشى بۇ چاغدا مىللەتچىلىك ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان گېرمانىيەدە ئۇنىڭ باڭكائۇپنىڭ ئورنىغا قويۇلماسلىقىغا ئاساسىي سەۋەپ بولۇپ قالغان. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ ئىستىقبال دەرۋازىسى ھەرگىزمۇ تاقىلىپ قالمىغان، ئەكسىنچە ئۇنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ بۈيۈك بىر يول ئېچىلغان. بۇ چاغدا يېڭى قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر باشقانى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مەدەنىيەت  سىياسىتى بويىچە  بىر مۇنچە ئالىملار تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىنغان. تۈركىيەنىڭ مائارىپ مىنىستىرى رەشىد گالىپ بەينىڭ تەكلىۋى بىلەن ‹‹ئۇيغۇرچىنى سۇدەك بىلىدىغان›› ياش ئالىم رەشىد رەھمەتى ئاراتمۇ 1933- يىلى تۈركىيەگە چاقىرىتلىغان ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىگە پروفېسسور قىلىپ تەيىنلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئارات ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تۈركولوگىيە بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. ئارات ئىستانبۇلغا كەلگەن چاغدا بىر قانچە ئىلمىي ژورناللاردا ماقالىلىرى ئىلان قىلىنغان، ئىككى توملۇق ‹‹ئۇيغۇر تېبابىتىگە دائىر›› دېگەن ئەسىرىنى، ‹‹ئوغۇزنامە››نى، ‹‹تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى››(6-7-توملىرى) دېگەن كىتاپلىرىنى نەشىرگە تەييارلاپ ياۋروپادا داڭق چىقارغان بىر تۈركولوگقا ئايلانغانىدى.

1934- يىلى تۈركىيە ئىلىم – پەن ساھەسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان م. فۇئاد كۆپرۈلۈ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، رەشىد رەھمەتى ئارات يەنە كۆپرۈلۈنىڭ ئورنىغا تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ مودىرى بولغان. بۇ ۋەزىپىسى 1950- يىلىغىچە داۋاملاشقان. 1949-1951- يىللاردا بىر مەزگىل لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق مەكتىپىدە تەكلىپلىك پروفېسسور سۈپىتىدە دەرس ئۆتكەن. ئارات 1942- يىلى تۈرك تارىخ قۇرۇمىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. يەنە شۇ ۋاقىتتا خەلقارا شەرقشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ سېكرېتارى ۋە بۇ جەمئىيەت تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹شەرقشۇناسلىق›› ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى  بولغان. 1958- يىلى ئوردېناريۈس پروفېسسور بولغان. ھاياتىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا بارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۇ ئورگاننىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىدا كۆپ ھەسسە قوشقان. ئۇ بۇ ئىنىستىتۇتنى ئۆزىنىڭ ئىدىئالىدىكى بىر مۇئەسسىسە دەپ قاراپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جان – دىل بىلەن ياردەم قىلغان، بۇ ئىنىستىتۇت قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ تەشكىلىي ئورگانلىرىدا ۋە ئىلمىي جەمئىيەتلىرىدە پائال ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا داۋاملىق قاتناشقان. ئۆزىنىڭ كۇتۇپخانىسىدىكى كىتاپ، ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى ئىنىستىتۇتقا ئىئانە قىلغان.  

كەسىپداشلىرىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، رەشىد رەھمەتى ئارات خاراكتېر جەھەتتىن ئېغىر – بېسىق، نومۇسچان، ھايالىق، ئەستائىدىل، سەزگۈر ۋە ئاغزى چىڭ  كىشى بولۇپ، تۇنۇشلىرى ئۇنىڭ ھېچقانداق ۋاقىتتا ئويلانماي تۇرۇپ سۆز قىلمايدىغانلىقىنى، سورالغان سۇئاللارغىمۇ دەرھال جاۋاپ بەرمەيدىغانلىقىنى ۋە جاۋاپ بەرگەندىمۇ كەسكىنلىك بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىغانلىقىنى، ھەر قانداق يەردە بىرەر ئېغىزمۇ قۇرۇق گەپ قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇرۇنسىز كۈلمەيدىغانلىقىنى ۋە يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلاشمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. كەسپداشلىرىنىڭ دېگىنىدەك، ئەمەلىيەتتىمۇ ئارات ناھايىتى چوڭقۇر بىر تەتقىقات ئىقتىدارىغا، ساغلام ۋە تەۋرەنمەس بىر ئىلىم چۈشەنچىسىگە ئىگە بولۇپ، ھەر قانداق بىر تېمىنى تولىمۇ ئەستائىدىل ئىشلەيدىغان بىر ئالىم بولۇپ يىتىشكەنىدى. ئۇنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدە ناھايىتى كۈچلۈك بىر فورماتسىيەسى بولغان. ئارات تۈركىي تىلنىڭ بارلىق شىۋىسىنى تولۇق بىلگەندىن سىرىت، ئەرەب، پارس، رۇس، گېرمان ۋە ئىنگلىز تىللىرىنى  ئۈگەنگەن. ئۇ  كەڭ ساھەلەر ھەققىدە يۈزەكى بىلىمگە ئىگە  بولۇشنىڭ ئورنىغا تار بىر ساھەدە ناھايىتى چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغان ئالىملارنىڭ تىپى ھېساپلىنىدۇ. ئۇ ئىلىمدە ھەمكارلىقنى ناھايىتى  مۇھىم بىلگەن. ئەسىرىنىڭ ئاخىرقى شەكلىنى بىكىتىشتىن بۇرۇن ئۇنى  مۇناسىۋەتلىك ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. مانا شۇنداق پەۋقۇلئاددە ئەستائىدىللىق نەتىجىسىدە ئاراتنىڭ يازغان ئەسەرلىرى دائىم ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ئاخىرقى شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. ئارات كاتتا ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن يارىتىلغان ئالاھىدە بىر  شەخستەك شۇنداق چوڭقۇر بىر تەتقىقات ئىقتىدارىغا ۋە كۈچلۈك سەۋر – تاقەتكە ئىگە ئىدىكى، ئۇ قولغا ئالغان ھەر قانداق بىر نوقتا ۋە تېمىدا باشقىلار قايتىدىن بىر نەرسە دېيىشكە ئورۇن قالمايتتى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى، مەشھۇر تۈركولوگ ئوسمان فىكرى سەرتكايا مۇنداق دەيدۇ : ‹‹رەشىد رەھمەتى ئارات تۈركىي تىلنىڭ ئومۇمىي تارىخىي تەرەققىياتىنى ۋە ئومۇملاشقان شىۋىلىرىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئالىم. ئۇ قەدىمكى تۈركچىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچىنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇتەخەسسىسى، دۇنيا بويىچە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان تۈركولوگ. ھەقىقەتەن، تۈركولوگىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇبارەك ۋە ئۇلۇغ بىر ئىلىم سەھەسىگە ئايلانغان. ئۇ ياۋروپالىق تۈركولوگلارنىڭ ئەڭ بۈيۈكلىرىنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ‹تۈركولوگىيە سىلەر ئۈچۈن بىر كەسپ ۋە تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر ۋاسىتىسى، لېكىن بىز ئۈچۈن ھەر نەرسىدۇر› دەيتتى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدە يەڭگىللىك بىلەن قىلغان ھۆكۈملىرىگە زادى چىداپ تۇرالمايتتى.››(2) ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ رادلوف، مالوف، سامويلوۋىچ، بروكېلمانن قاتارلىق مەشھۇر تۈركولوگلارنىڭ تۈركىي تىللار تەتقىقاتىدا قوللانغان بەزى مېتودلىرىنى، قەدىمكى ھۆججەتلەر  ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مەتنىنى ئوقۇش ۋە شەرھىيلەش ئۇسۇللىرىنى  كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلغانىدى. ئۇنىڭ تۈركچىگە بولغان سۆيگۈسى شۇ قەدەر كۈچلۈك ئىدىكى، تۈركچىدە يات تىلغا ئائىت بىرمۇ سۆزلۈكنىڭ قوللىنىشىغا  يول قويمىغان. ئەسەرلەردە قوللىنىلسا دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، قوللانغۇچىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ ياۋروپادا يىتىشىپ غەرپچە چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، شەكىل جەھەتتىن غەرپكە ھەيران قالغۇچىلاردىن نەپرەتلەنگەن. ئۇنىڭ تۈركىيەگە ناھايىتى كۈچلۈك ساداقىتى بار ئىدى، ھەر قانداق بىر غەرپ مەملىكىتىدە ئولتۇراقلىشىش ۋە ياشاشنى تۈركىيەگە تەڭ قىلمىغان، ‹‹دۇنيادا ئەڭ گۈزەل، ئولتۇراقلىشىدىغان ئەڭ ياخشى يەر تۈركىيە››(3) دەپ قارىغان. دېمەك، رەشىد رەھمەتى ئارات ئۆزىنىڭ ئىرقى، مىللىتى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن. ئىرقىغا، مىللىتىگە ۋە خەلقىگە بولغان مۇھەببىتىنى، مىللىي ئىدىئالىنى تىل ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەن مۇنەۋۋەر بىر زىيالى، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ بىر مەنىۋىي يىتەكچىسى ئىدى. ۋ. باڭكائۇپ تەرىپىدىن قۇرۇلغان سېلىشتۇرما تۈركىي تىلشۇناسلىق ئىلمىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كىرىپ ئومۇملاشتۇرغان ۋە تولۇق بىر تەرەققىياتقا ئىرىشتۈرگەن كىشى رەشىد رەھمەتى ئاراتتۇر. ئۇ بۇ ساھەدە شىناسى تېكىن، تالات تېكىن، نۇرى يۈجە، مۇھەررەم ئەرگىن، سائادەت چاغاتاي، زەينەپ كوركماز،  كەمال ئارسلان ۋە ئوسمان فىكرى سەرتكايا قاتارلىق مەشھۇر تۈركولوگلارنى يىتۈشتۈرگەن. تۈرك ترانسىكرىپسىيون يېزىقىنى يەنە رەشىد رەھمەتى ئارات ئىجاد قىلغان، ئىلمىي مەتبەئەچىلىكىنىمۇ تۈركىيەدە ئۇ ئومۇملاشتۇرغان. تۈركچە ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى››نىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ ئۇنىڭ ئەجرىگە تايانغان.

  رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ئائىلىۋىي ھاياتىمۇ ناھايىتى مۇنتىزىم بىر  شەكىلدە ئۆتكەن، ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىلىك ۋە ئۇتۇقلۇق بولۇشىدا شۆبھىسىزكى تەرتىپلىك بىر ئائىلە ھاياتىنىڭ تەسىرى  زور ئىدى. ئارات 1927- يىلى بېرلىندا رابىيە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن توي قىلغان. رابىيە پېرملىق بىر تاتار سودىگەرنىڭ قىزى ئىدى. ناھايىتى ئەدەپلىك  ۋە قائىدىلىك تەربىيىلەنگەن بۇ قىز دەستلەپتە رۇس گىمنازىيۇمىدا ئوقۇغان، بولشىۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن ئاتا- ئانىسى ئۇنى سىبىرىيەدىكى شەھەرلەردىن بىرىگە مىدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. كېيىن بۇ قىز سىبىرىيەدىكى ئىجتىمائىي داۋالغۇشلاردىن قېچىپ بىر توپ كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە خاربىنگە كەتكەن. ئۇ يەردە رەشىد رەھمەتى ئارات بىلەن تۇنۇشقان. 1922- يىلى ئىككىسى بىرلىكتە گېرمانىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن. رابىيە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېرلىندىكى بىر دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن. ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن رابىيە خانىم رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ مۇنتىزىم بىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى پىداكارلىق كۆرسەتكەن. ئۇ ئاراتنىڭ پەن تارىخىدا ئاز كۆرىلىدىغان بىر كەسپىي خادىم ئىكەنلىكىنى ۋە  ئۇ مەشغۇل بولىۋاتقان كەسپنىڭ ئۆزىنىڭ كەسپىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر ساھە ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەنگەنىدى. شۇڭا، ئۇلار تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن رابىيە خانىم بىر مەزگىل دوختۇرخانىلاردا ئىشلىگەن بولسىمۇ، كېيىن ئىرىگە ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن ئۆز كەسپىدىن ۋاز كەچكەن. رابىيە خانىم رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ئاناتولىيەدىكى تىل تەكشۈرۈش سەپىرىگە ۋە ھەر يىلى ياۋورپانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە نەچچە ئاي داۋام قىلغان ئىلمىي زىيارەتلىرىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان. ئارات ئايالىنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن پىداركارلىقىغا ۋە ئىلمىي ئىشلىرىدە قىلغان ياردىمىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈركچىسىدە ئىشلىگەن نەسرىي يەشمىسىنى ئۇنىڭغا بېغىشلىغان.

رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ تەتقىقاتلىرىنى تۈۋەندىكىدەك تۈرگە ئايرىشقا  بولىدۇ:

1-    يېزىق ۋە ھۆججەتلەر تەتقىقاتى

2-    تۈركىي تىللار تەتقىقاتى

3-    قەدىمكى تۈرك ئەدبىياتى تەتقىقاتى

4-    قەدىمكى تۈرك تارىخى تەتقىقاتى

5-    ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى››گە باش مۇھەررىر  بولۇشى

6-    ئوقۇتۇش تەتقىقاتى

رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 220 دىن كۆپرەك. ئاراتنىڭ تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر يېزىقى، ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر جۇغراپىيەسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ ئۇ ۋ. باڭكائۇپنىڭ مېتودىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىزچىل ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى دەرسلىرىنى ئۆتكەن. بۇ نوقتىدىن ئۇنى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاراتنىڭ تۇنجى تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنى ياۋروپادا تۇنۇتقىنىمۇ يەنىلا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى ئىدى. 40 يىللىق  ئىلمىي ھاياتىدا ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتنى ئىزچىل  داۋاملاشتۇردى. يەنە كېلىپ بۇ تەتقىقاتىنى ئۇيغۇرلارغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت ھېسلىرى بىلەن داۋام قىلدۇردى. شۇ بىر نوقتا ناھايىتى  ئېنىقكى، ئاراتنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە نۇر بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي قەۋملەر ئىچىدە مەدەنىيەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان بىر قەۋم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.  

رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن يازغان ئەسىرى ياۋروپانىڭ مەركىزىدىكى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياقۇپ شىنكەۋىچنىڭ ‹‹رابغۇزىنىڭ سىنتاكسى›› دېگەن دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيەسىدىن كېيىن يېزىلغان ئەڭ مۇھىم بىر ئەسەر ئىدى. گەرچە ئەسەرنىڭ تېمىسى ‹‹ئالتايچىدا ياردەمچى پېئىللار ۋە رەۋىش –پېئىللار›› بولسىمۇ، بۇ ئەسەردە بارلىق تۈركىي تىللار ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە بىلەن ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بولغان تاتارچىنىڭ قازان شىۋىسىگە كەڭ ئورۇن بىرىلگەن. ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇ تۈركىي تىللار تەتقىقاتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئەسەردۇر. رەشىد رەھمەتى ئارات تۈرلۈك ئىلمى قۇرۇلتاي ۋە سېمپوزيۇملاردا ئوقۇغان ماقالىلىرىدا داۋاملىق ھالدا تۈركىي تىللارنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ئامىللار مەسىلىسىدە توختالغان. ‹‹ئۇيغۇر تۈركچىسىنىڭ تۈرك تىلى تارىخىدىكى ئورنى››(1934-يىلى، 2-تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى)، ‹‹تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىياتى››(‹‹3- تۈرك تارىخى كونگرىسى ماقالىلىرى››، 1948- يىلى، ئەنقەرە)، ‹‹ئاناتولىيەدىكى يېزىق تىلىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا دائىر››(‹‹5- تۈرك تارىخى كونگرىسى ماقالىلىرى››،  1956- يىلى، ئەنقەرە) قاتارلىق بىر يۈرۈش ماقالىلىرى بۇ ساھەدىكى چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانىدى. 1953- يىلى ئىلان قىلىنغان ‹‹تۈرك لەھچەلىرىنىڭ تەسنىفى›› دېگەن ئەسىرىمۇ تۈركىي تىللار ۋە ئۇنىڭ شىۋىلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ ياخشى ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ بۇ ئەسەر تۈركىي تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ پاسىلىنى سىزىپ بىرىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرىدا ئىزچىل تەدبىقلانماقتا. تىل تەتقىقاتلىرىدا تۈركىي تىللارنىڭ تەسنىفى، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم شىۋىلىرى، تارىخىي دەۋرلىرى ۋە تەرەققىياتى مەسىلىسىگە  كۆپرەك ئورۇن بەرگەن ئارات تۈركىي تىللار تارىخىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بىر تىل ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ئۇيغۇر دەۋرى›› دېگەن بىر ئاتالغۇنى قوللانغان. ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بارلىق تۈركىي تىللار ئۇچۇن بىر مەنبە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن : ‹‹ئۇيغۇر تۈركچىسى تۈرك تىلىنىڭ (تۈركىي تىل-ئا) تەرەققىياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تۈركچىسى، يەنى ئۇيغۇر دەۋرىگە ئائىت تۈركچە چۇۋاش ۋە ياقۇت لەھچىلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۈگۈنكى بارلىق تۈرك شىۋىلىرى ئۈچۈن بىر ئانا تىل ماھىيىتىدە ئىدى. بۈگۈنكى شىۋىلەر تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى جەھەتتىن ئۇيغۇر دەۋرى تۈركچىسىدىن ئايرىلىپ چىققان. بۈگۈن باشقا باشقا شىۋىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىدەك كۆرىلىدىغان تەرەپلەر ئۇيغۇر تۈركچىسى دەۋرىدە بىر تىل ئىچىدە ۋە شۇ تىلنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق تەركىپلىرى ھالىتىدە مەۋجۇت ئىدى. بۈگۈنكى شىۋىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرچە بىلەن ئىزاھلىنىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغاندەك كۆرىلىدىغان بەزى تەركىپلەرگىمۇ دۇچ كېلىمىز. بىز بۇنى ئۇيغۇر دەۋرىگە ئائىت شىۋە پەرقلىرى ئارقىلىق شەرھىيلەيمىز. بۇنى ئېنىقلاش ئۇيغۇر تۈركچىسىنىڭ تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە بۇ تەرەققىياتنىڭ يولى ھەم قانۇنىنى بىكىتىشتە نەقەدەر مۇھىم بىر ئورۇن ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىشكە يىتەرلىكتۇر.››(4) باشقا ماقالە ۋە ئەسەرلىرىدىمۇ ئارات ھەر ۋاقىت تولىمۇ ئەستائىدىللىق بىلەن قەدىمكى تۈركىي تىل ھەققىدە توختالغان ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. مەسىلەن، ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››نىڭ ‹‹تەقدىم›› قىسمىدا مۇنداق يازغان : ‹‹تۈرك تىلى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرىگە تايىنىپ، 1934 – يىلى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 2- قېتىملىق تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىدا بۈگۈنكى تۈرك شىۋىلىرىنىڭ ئانا مەنبەسىنى ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ تەشكىل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ شىۋىلەردىكى خۇسۇسىيەتلەر تەتقىق قىلىنغاندا بۇ دەۋرنىڭ ماتىرىياللىرىغا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە توختالغانىدىم. ئۇندىن كېيىن 1943- يىلى ئەنقەرەدە ئېچىلغان 3- قېتىملىق تۈرك تارىخى كونگرىسى مۇناسىۋىتى بىلەنمۇ  ئايرىم تۈرك مۇھىتلىرىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن ئەدەبىي تىللارنىڭ مۇئەييەن شارائىتلار ئىچىدە قەدىمكى ئەدەبىي تىلدىن تەرەققىي قىلغانلىقىنى ۋە بۇلارنى تەتقىق قىلغاندىمۇ ئۇيغۇر دەۋرى ماتىرىياللىرىنى نەزەردە تۇتۇشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرگەنىدىم. تۈرك گرامماتىكىسى ساھەسىدە ئاشۇ ۋاقىتتىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار بۇ پىكىرنى تەستىقلايدىغان بىر يۈرۈش ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىگىنىدەك، ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››تىنمۇ بۇ خۇسۇستا بىر مۇنچە مىساللارنى تېپىش مۇمكىن. تۈرك ئەدەبىي تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى بارلىق نوقتىلارنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەبىئىيكى يەنە بىر مۇنچە ئەسەرلەر پىلانلىق تۈردە تەتقىق قىلىنىشى زۆرۈر. لېكىن، ھازىر شۇ بىر نوقتىنى ئىشەنچىلىك ھالدا بىلدۈرۈپ ئۆتىمىزكى، ئۇ بولسىمۇ قەدىمكى ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىشتا بروكېلمانن ۋە سامويلوۋىچ قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەتبىق قىلىنماقچى بولغان ئۇسۇلنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئۇسۇل بىلەن مۇسبەت بىر نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ ئەمدىكىلىكتە چۈشىنىلگەنلىكىدۇر.››(5)

رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردىلا باشلانغان. ئۇنىڭ ۋ. باڭكائۇپ، ئا، ۋون گابائىن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن ‹‹تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى›› ئەسلىدە 12 قىسىم قىلىپ نەشىر قىلىش پىلانلانغان بىر يۈرۈش ئەسەر بولۇپ، بۇنى نەشىرگە تەييارلاش ئىشىغا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1934- يىلى نەشىر قىلىنغان ‹‹تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى››نىڭ 6 - تومىنى ئارات، باڭكائۇپ ۋە گابائىن قاتارلىقلار بىرلىكتە تەييارلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرچە ئەسەرلەردىن بىرى بولغان ‹‹سەككىز يۈكمەك›› ئىلان قىلىنغان. 1936- يىلى نەشىر قىلىنغان 7- تومىنى رەشىد رەھمەتى ئارات ئۆزى يالغۇز تەييارلىغان. بۇنىڭدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسترونومىيە ۋە كالىندارچىلىقىغا ئائىت ھۆججەتلەر ئىلان قىلىنغان. ‹‹تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى›› گېرمانىيە ئېكىسپىدىتسىيەچىلىرى تۇرپاندىن ۋە دۇنخۇاڭدىن ئېلىپ كەتكەن قەدىمكى قول يازمىلار ئاساسىدا ئىشلەنگەن، ئۇنىڭدا 8- 13- ئەسىرلەر ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت دىنى تېكىستلەر، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، قانۇنىي ھۆججەتلەر، ئاسترونومىيە، كالىندارچىلىق، پالچىلىققا ئائىت بىلىملەر ۋە بەزى ئەدەبىيى پارچىلار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئۇل ئەسەرلەر ھېساپلىنىدۇ. ئارات يازغان‹‹قەدىمكى تۈرك ھوقۇق ۋەسىقىلىرى›› دېگەن چوڭ ھەجىملىك ماقالىمۇ ئاشۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنچىلىقىغا ئائىت مۇھىم بىر ئەسەردۇر. ئارات يەتتە بۆلۈمگە ئايرىپ يېزىلغان بۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنچىلىق ئىشلىرى ھەققىدە كەڭ توختالغان. بۇ ئەسەردە ئارات شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھۆججەتلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى كۆرسۈتۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، قانۇنىي ھۆججەتلەرنىڭ خاراكتېرى، تۈرلىرى، تۈزۈلۈشى ھەققىدە توختالغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەسىقىلەرنى شەكىل ۋە تېما جەھەتتىن تۈرگە ئايرىغان، ئاخىرىدا ۋەسىقىلەردىن نەمۇنىلار سۈپىتىدە سەككىز پارچە ۋەسىقىنىڭ مەتنى، تەرجىسمى ۋە فاكسىمىلىنى بەرگەن. ماقالىدا ئارات قانۇنىي ۋەسىقىلەرگە تايىنىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ  ئىلغار بىر ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە تارىخىي ئالاھىدىلىكنى ئىپادە قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

رەشىد رەھمەتى ئارات تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن كۇتۇپخانىلاردىن بەزى ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى بايقاپ نەشىرگە تەييارلىغان.  ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا بىر قىسمى ناھايىتى كىچىك ۋە يىتىلىپ كەتكەن 28 پارچە ھۆججەت ساقلانغان. بۇلار يىلدىز سارىيىدىن كەلتۈرۈلگەن چوڭ بىر قەغەز قاپنىڭ ئىچىدىن چىققان. بۇلارنىڭ ئىستانبۇلغا قاچان ۋە قانداق كەلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىدى. ئەنقەرەدىكى ئېتنوگرافىيە موزىيىدىمۇ تۈركىيەگە قاچان ۋە كىم تەرىپىدىن ئېلىپ كىلىنگەنلىكى نامەلۇم بولغان بەش ۋاراقلىق بىر تېكىست ساقلانغان. بۇ بىر بۇددىزم تېكىستىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئائىت ئىدى. بۇ ھۆججەتلەرنى رەشىد رەھمەتى ئارات  بايقىغان. ئۇ بۇ ھۆججەتلەرنى رەتلەپ ئۇنىڭ بىر قىسىمىنى ‹‹ئۇيغۇرچە يازمىلار ئارىسىدا››(Ⅱ) دېگەن نام بىلەن 1936- يىلى ئىلان قىلغان. بۇ ئەسەرلەرنىڭ نەشرىمۇ ياۋروپادا رەتلەنگەن ‹‹تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى››گە ئوخشاش يۇقىرى ئىلمىي سەۋىيىدە ئىشلەنگەن. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئاناتولىيەنى ئىشغال قىلغان تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە قوللانغانلىقىنى ھەمدە بۇ يېزىقنىڭ ئالفابەسىنىڭ بەزى كۇتۇپخانىلاردا ساقلانغانلىقىنى، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›› دېگەن ئەسىرىدە ئۇچرايدىغان ئالفابە سىستېمىسى بويىچە تۈزۈلگەنلىكىنى، فاتىھ سۇلتان مەھمەدنىڭ بىر يارلىقىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغانلىقىنى ياكى يازدۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ‹‹ئۇيغۇر يېزىقى››، ‹‹فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ يارلىقى›› دېگەن ماقالىلىرى بۇ جەھەتتىن ناھايىتى دىققەتكە سازاۋەر ئەسەردۇر. 1936- يىلى ئىلان قىلغان ‹‹ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى›› دېگەن ئەسىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر جەرىيانىدا بايقالغان  ماتىرىياللارغا  ئاساسەن يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەر 8- 13- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ياخشى بىر خۇلاسىسىدۇر. بۇ ئەسەر تەرىپىمدىن ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇلۇپ، ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى››نىڭ 2011- يىللىق 1- سانىدا ئىلان قىلىندى،   جەمئىيەتتىمۇ ياخشى تەسىر قوزغىدى. رەشىد رەھمەتى ئارات 1932- يىلىدىن كېيىن تۈركىيەدە يولغا قويۇلغان تىل ئىسلاھاتىدا قەدىمكى ئۇيغۇرچىنى مۇھىم بىر ئۆرنەك قىلىشنى تەسەببۇس قىلدى. بولۇپمۇ  تۈركىيە ئاتالغۇ كرېزىسىدە تۇرىۋاتقان ئاشۇ يىللاردا ئارات ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاتالغۇ ياساش ئۇسۇلىنىڭ تارىخىي نوقتىدىن ھېچ قاچان ئەھمىيىتىنى يوقاتمايىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. 1942- يىلى ئارات ‹‹تۈركىيات مەجمۇئەسى››دە ‹‹ئۇيغۇرلاردا ئاتالغۇلارغا دائىر›› دېگەن بىر ماقالە ئىلان قىلغان. بۇ ماقالىسىدا ئارات قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تېرمونولوگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجلارنى يېڭى بىر مەنبە بىلەن تەمىنلىگەن.

رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تەتقىقاتى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتىنى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا ئايرىشقا بولىدۇ. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا تۇنجى بولۇپ ئىشلىگەن ئەسىرى ‹‹ئوغۇزنامە››دۇر. ‹‹ئوغۇزنامە››  دەستلەپتە  ۋ.ۋ.رادلوف(1891-يىلى)، رىزا نۇر(1928- يىلى)، پ. پېللىئوت(1930-يىلى) قاتارلىقلار تەرىپىدىن رەتلىنىپ ئىلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلاشتا يەنە بەزى يىتەرسىزلىك ۋە خاتالىقلارمۇ كۆرۈلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ‹‹ئوغۇزنامە››نىڭ بۇ نۇسخىلىرىنى ۋ.باڭ بىلەن رەشىد رەھمەتى ئارات قايتىدىن تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ يېڭى بىر نەشىرىنى ئىشلىگەن. تەتقىقات، مەتىن، تەرجىمە، ئىزاھات ۋە سۆزلۈكتىن ئىبارەت بەش خىل  شەكىل بويىچە  گېرمان تىلىدا ئىشلەنگەن بۇ نۇسخا  1932- يىلى گېرمانىيەدە ئىلان قىلىنغان. بۇ ئەسەرنى يەنە رەشىد رەھمەتى ئارات تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، 1936- يىلى ئىستانبۇلدا ئىلان قىلغان. 1959- يىلى بۇ ئەسەرنىڭ شىرباك تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر نۇسخىسى رۇسىيەدە ئىلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ھازىرغىچە نوپۇزلۇق ئورۇندا تۇرىۋاتقىنى يەنىلار ۋ.باڭكائۇپ بىلەن رەشىد رەھمەتى ئارات ئىشلىگەن نۇسخىدۇر.

رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ 1965- يىلى ئىلان قىلغان ‹‹قەدىمكى تۈرك شېئىرى›› دېگەن ئەسىرى ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق بىر تەتقىقاتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇمات بىرىلگەن. بۇ ئەسەر مانى مۇھىتىدا يېزىلغان ئەسەرلەر، بۇرقان(بۇددا) مۇھىتىدا يېزىلغان ئەسەرلەر، ئىسلام مۇھىتىدا يېزىلغان ئەسەرلەر، نەزم بىلەن مۇناسىۋەتلىك پارچىلاردىن ئىبارەت تۆت بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان.  يەنى مانى مۇھىتىغا ئائىت يەتتە پارچە شېئىر، بۇددا مۇھىتىغا ئائىت 20 پارچە شېئىر، ئىسلام مۇھىتىغا ئائىت ئالتە پارچە شېئىردىن باشقا يەنە  نەزم بىلەن مۇناسىۋەتلىك پارچىلار سۈپىتىدە  14 ماقال –تەمسىل  ۋە بىر پال كىتابى بىرىلگەن. ئارات تەتقىق قىلغان بۇ شېئىرلاردا بۇددا ۋە مانى دىنىغا ئائىت تېمىلار، تەبىئەت سۆيگۈسى ۋە ھاياتنىڭ مەنىسى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، دىنىي تېمىدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ باشقا مۇھىتتىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئەسەر تەتقىقات، مەتىن، تەرجىمە، ئىزاھات ۋە سۆزلۈكتىن ئىبارەت بەش خىل شەكىل بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئارات بۇ يەردە پەقەت شېئىرلارنىڭ تەۋسىفى ۋە تۈزۈلۈش شەكلى ھەققىدە توختالغان، ئەدەبىي جەھەتتىكى تەھلىل ۋە باھالارنى بۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىگە قالدۇرغان. بۇ ئارقىلىق ئەسەرگە ئەدەبىياتچىلاردىن باشقىلارنىڭمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلغان.  بۇ ئەسەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى شۇكى،  ئارات  ئىدىقۇت ئۇيغۇر دەۋرىگە ئائىت شېئىر ۋە شېئىر سەنئىتىگە ئائىت ئاتالغۇلار ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالغان. ئۇيغۇرلاردا ‹‹قوشۇغ››، ‹‹قوژان››، ‹‹قوشما››، ‹‹تاقشۇت››، ‹‹تاقماق››، ‹‹ئىر››(يىر)، ‹‹كۈگ››، ‹‹شلوك››(سلوكا)، ‹‹پاداك››(پاداكا)، ‹‹كاۋى››، ‹‹باش››(باشىق) قاتارلىق شېئىر شەكىللىرىنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن ئارات يەنە بۇ ئەسىرىدە ئىدىقۇت ۋە قاراخانىيلار دەۋردە يىتىشكەن شائىرلاردىن ئاپرىنچۇر تېگىن، كۈل تارقان، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، كى كى، پراتيايا شىرى، ئاسىگ تۇتۇڭ، چىسۇيا تۇتۇڭ، كالىم كەيشى، چۇچۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. دېمەك، ئارات بۇ ئەسىرىدە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر شېئىرىنى رەتلەپ، ئۇنىڭ دائىرىسى، ئەھمىيىتىنى تەپسىلى كۆرسىتىش بىلەن بىرلىكتە بۇ دەۋردىكى شېئىرىيەت ئاتالغۇلىرى ۋە شائىرلارنىمۇ تۇنۇتۇش ئارقىلىق ئەدەبىيات تارىخچىلىرىنى تۇنجى بولۇپ قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرىگە ئائىت ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. ھەقىقەتەن، رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ بۇ ئەسىرى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئەڭ مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى بولغاندىن سېرت، تۈزۈلۈش شەكلى ۋە ئىلمىي قىممىتىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەنمۇ تۈركولوگىيە تارىخىدىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ‹‹تۈرك تىلى ھەققىدە تەتقىقاتلار-- ئۇيغۇر دەۋرىگە ئائىت تىل ئۆرنەكلىرىدىن -- ‹ئالتۇن يارۇق› ››(1934-يىلى)، ‹‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى››(1936-يىلى)، ‹‹تۈرلۈك جەھەننەملەر ھەققىدە ئۇيغۇرچە پارچىلار››(1934- يىلى) ‹‹ئەڭ قەدىمكى تۈرك ئىلاھىسى››(1959-يىلى)، ‹‹ئاپرىن چور تېگىننىڭ بىر شېئىرى››(1960- يىلى)، ‹‹ئەدەبىياتىمىزدا تۇنجى لىرىك شېئىر››(1960- يىلى) ، ‹‹شۇنداق يەرلەردە››(1960-يىلى) دېگەن ماقالىلىرىمۇ ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە يېزىلغان مۇھىم ئەسەرلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدۇ.

    رەشىد رەھمەتى ئارات ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ۋە ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق›› ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن دۇنيا تۈركولوگىيىسىنىڭ بۈيۈك ئۇستازلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. ئۇ ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ بىر دەۋرىگە خاتىمە بىرىپ، يېڭى بىر دەۋرىنى ئاچقان شەخستۇر. مەلۇم بولغىنىدەك، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››  1823- يىلى ئىلىم دۇنياسىغا تۇنۇتۇلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 1947- يىلىغىچە بولغان 124 يىلنى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ بىرىنجى دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ‹‹ۋىنا نۇسخىسى›› ۋە ‹‹قاھىرە نۇسخىسى››نىڭ مەتىن ۋە تەرجىمىسىنى ۋامبېري ۋە رادلوف قاتارلىق ئالىملار نەشىرگە تاييارلاپ ئىلان قىلغان بولسىمۇ،  لېكىن بۇلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى ھەقىقىي سالاھىيىتى بىلەن  تۇنۇتۇشتىن تولىمۇ يىراق ئىدى. بۇلار ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ تىلىنى تولۇق يىشەلمىگەن، ھەتتا بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنىمۇ ھەل قىلالمىغان. ۋامبېىري كىتابنىڭ نامىنى ‹‹قۇداتقۇ بىلىك›› دەپ ئالسا، رادلوف ئۇنى ‹‹قۇداتقۇ پىلىك›› دەپ بىكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەسەرنىڭ نامى ئالدى بىلەن تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىر تېمىغا ئايلانغان. دانىيەلىك تۈركولوگ تومسېن بۇ مەسىلىنى قولغا ئېلىپ تەتقىق قىلغان. ئۇ 1897- يىلى فارىژدا ئېچىلغان 2- قېتىملىق خەلقارا شەرقشۇناسلىق قۇرۇلتىيىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ‹‹قاھىرە نۇسخىسى››غا ئاساسەن يېزىلغان  بىر ماقالىسىنى ئوقۇپ، ۋامبېري بىلەن رادلوفنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتكەن. تومسېن ماقالىسىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە تايىنىپ، ئەسەرنىڭ نامىنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› دەپ ئوقۇلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. 1901-يىلى يەنە بۇداپېشتتا نەشىر قىلىنغان ‹‹Keleti Szemli›› ژورنىلىدىمۇ مەخسۇس بۇ تېمىدا يېزىلغان يەنە بىر ماقالىسىنى ئىلان قىلغان. تومسېننىڭ پىكرى ۋامبېري ۋە رادلوفلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ۋامبېرى بىلەن رادلوفنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىدا سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنىڭ تەسىرى ئىلىم ساھەسىدە ئۇزۇن داۋاملاشتى. مەسىلەن، بۇ ئەسەرنىڭ 1986- يىلى بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› دېگەن شەكىلدە ئېلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ترانسىكرىپسىيىسىدە كۆرۈلگەن بەزى خاتالىقلار بىر تەرەپتىن ۋامبېري ۋە رادلوفنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئىشلەشتە تەدبىقلانغان بەزى خاتا مېتودلارنىڭ تەسىرىدىن بولغان. ئەمەلىيەتتىمۇ بىز ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسىخىسىدا بىرىلگەن مەتىننى ئوقۇپ كۆرسەك ئۇنىڭدا ‹‹بىلىگ›› سۆزى بىردەك ھالدا ‹‹بىلىك›› كە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، ‹‹بىلىك›› سۆزىدىكى ‹‹ك›› تاۋۇشىنىڭ ھەم شۇ مىسرادىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشىغا، ھەم شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئاسانلا ھېس قىلالايمىز. تۈركىيەلىك تىلشۇناس مەھمەت ئۆلمەز ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ھەر خىل نەشىرلىرى ھەققىدە يازغان ‹‹ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرىدا ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەرجىمىلىرى›› دېگەن ماقالىسىدىمۇ بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالغان ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلاشتا ئۇنىڭ تىلىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭدارلىقىغا يېىقىنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك خاتالىقنى سادىر قىلغانلىقىنى  ئەسكەرتكەن.(6) تومسېن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ قاپىيەلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەجىرىبە خاراكتېرىدىكى تەتقىقاتلىرىدىن ‹‹ك››، ‹‹گ››، ‹‹غ›› تاۋۇشلىرىنى بىكىتىش خۇسۇسىدا خېلىلا توغرا نەتىجىگە ئىرىشكەن بولۇپ، بۇ تۈركولوگىيە ئۈچۈن، شۇنىڭدەك ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مەسىلە ئىدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىم مۇھىتىدىمۇ بۇ نوقتىنىڭ ئايرىم بىر ئەسەر ئارقىلىق يورىتىلىشى زۆرۈر بولماقتا. چۈنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭمۇ بۇ ئىسىمنى ‹‹بىلىك›› ئەمەس ‹‹بىلىگ›› شەكلىدە ئاتىغانلىقى 1953 – بېيىتتىن مەلۇم. تۈركىي خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىدە ھۆكۈمدارنىڭ مۇھىم بىر خۇسۇسىيىتىنىڭ بىلىملىك بولۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ  بۇ  بېيىتتە  سۆز ئويۇنى ئارقىلىق بىلىم مەنىسىدىكى ‹‹بىلىگ›› بىلەن ھۆكۈمدار مەنىسىدە كەلگەن ‹‹بەگ››نى بىر بىرىگە باغلاپ، شەكىل جەھەتتىن ‹‹بەگ›› دېگەن نامنىڭ ‹‹بىلىگ›› سۆزىدىن كەلگەنلىكىنى، بەگ بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال بىلىملىك بولۇش كېرەكلىكىنى ئەدەبىي ماھارەت ئارقىلىق دەلىللىمەكچى بولغان. يەنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ چۈشەنچىسىنى ‹‹بەگ ئاتى بىلىگ بىرلە باغلىق تۇرۇر، بىلىگ ‹لامى› كەتسە بەگ ئاتى قالۇر››  دېگەن شەكىلدە يازغان. ئەگەر يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ سۆزنى ‹‹بىلىك›› دېيىلىدۇ دەپ قارىغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا شائىر ھەرگىزمۇ بۇنداق بىر مىسرانى تۈزمىگەن بولاتتى، ئەگەر تۈزگەن تەقدىردىمۇ چوقۇم ‹‹بىلىكنىڭ ‹لامى› كەتسە بەك بولىدۇ›› دەپ يازغان بولاتتى. ئەمما، تۈركىي تىل تارىخىدا ‹‹بەگ›› سۆزى ھەرگىزمۇ ‹‹بەك›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان ئەمەس. ‹‹بەگ›› دېگەن بۇ نام ھۇن دەۋرى ۋە كۆكتۈرك دەۋرىدىكىگە ئوخشاش، بۈگۈنگە قەدەر قاراخانىيلار دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلى تارىخىدا ئىزچىل ھالدا ‹‹بەگ›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپ كەلگەن بىر سۆزدۇر. ئۇيغۇر تىلىنىڭ نازۇك نوقتىلىرىنى ئەڭ پىشىق بىلىدىغان يۈسۈپ خاس  ھاجىپ بۇ يەردە ‹‹بەگ›› سۆزىنىڭ ئىپادە قىلغان ماھىيەتلىرىنىڭ بىرى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان ۋە ئۇنى ‹‹بىلىگ›› سۆزىگە مۇناسىۋەتلىك قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق قاراخانىيلار دەۋرىدە بىلىم سۆزىنىڭ ‹‹بىلىگ›› دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يەردە دېيىلگىنىدەك، ئەسەرنىڭ نامىنى ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› دەپ ئاتاش، ئەسەرنى تۈۋەن باھالاش، شۇنىڭدەك ‹‹بەگ›› سۆزىنى ‹‹بىلىگ››كە ئەمەس ‹‹بىلىك››كە باغلاپ شەرھىيلەپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تىل سەنئىتىگە نۇقسان يەتكۈزۈشتەك ئەھۋاللار ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ 1- باسقۇچىدىكى خاتالىقلار ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى چاغلاردىمۇ داۋام قىلغان تەسىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

دېمەك، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىنىڭ 1- باسقۇچىدىكى ئىزدىنىشلەر ئەسەرنىڭ مەتنى توغرا ئوقۇلمىغان ۋە تولوق تۇرغۇزۇلمىغان بىر شارائىتتا ئېلىپ بېرىلغاچقا، بۇ دەۋرگە ئائىت ئەسەرلەردە ئومۇمەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ مەزمۇنى تولۇق چۈشىنىلمىدى، بىرىلگەن باھالارمۇ كۆپۈنچە بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى روھىغا زىت، بىر تەرەپلىمە ۋە خاتا بولدى. مەسىلەن، داڭلىق شەرقشۇناس ۋ.ۋ. بارتولدنىڭ  ‹‹ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى›› ۋە ‹‹تۈرك تارىخىدىن دەرسلەر›› دېگەن كىتابلىرىدىكى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى چۆكتۈرۈپ  ئېيتقان سۆزلىرى بۇ  خىل قاراشلارنىڭ بىر ئۆرنىكىدۇر. ئىلىم ساھەسىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە كۆپۈنچە مۈجىمەل ۋە چۆكتۈرۈش خاراكتېرىدىكى قاراشلار ھۆكۈم سۈرىۋاتقان شارائىتتا، بۇ ئەسەرگە نۇر بەرگەن، ئۇنى ھەقىقىي ئوبرازى بىلەن تۇنۇتقان ۋە بۇ ئارقىلىق ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىدا يېڭى بىر دەۋر ياراتقان كىشى دەل رەشىد رەھمەتى ئارات بولدى.

رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتى 1926- يىلى باشلانغان. ئۇنىڭ بۇ تېمىدا ئىشلىگەن تۇنجى ئىلمىي ئەمگىكى  بولسا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ باشقىرد ئالىمى ئا.زەكى ۋەلىدى توغان تەرىپىدىن 1914- يىلى نەمەنگاندا بايقالغان ‹‹پەرغانە نۇسخىسى›› ھەققىدە فىترەتنىڭ 1925- يىلى يازغان بىر پارچە ماقالىسىنى تۈركچىگە ئۆرۈش بىلەن باشلانغان. شۇ يىلى يەنە ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نىڭ ئۈچ نۇسخىسىدىن›› دېگەن ماقالىسىنى ئىلان قىلغان. 1936- يىلى ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›تىكى تىۋىپلەر ۋە ئەپسۇنچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىدىكى پارچىلار›› دېگەن ئەسىرى ئىلان قىلىندى. 1942- 1943- يىللىرى تۈركىيە تىل قۇرۇمى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ئۈچ نۇسخىسىنىڭ فاكسىمىلىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن، رەشىد رەھمەتى ئارات بۇ ئۈچ نۇسخىنى تەپسىلى سېلىشتۇرۇش ۋە ئەسەرنىڭ پىكىر راۋاجىغا قاراپ تولۇقلاش ئارقىلىق، ئەسەرنىڭ ترانسىكرىپسىيىلىك تولۇق مەتنىنى تۇرغۇزۇپ چىققان. ئەسەرنىڭ نامىنى ئاتاشتا  تومسېننىڭ قارىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئۇنى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› دېگەن شەكىلدە  بىكىتكەن. رەشىد رەھمەتى ئارات ئۆزى تۇرغۇزغان بۇ مەتىنگە ئاساسەن ئەسەرنىڭ 85 باپ، 6645 بېيىت، 13290 مىسرالىق چوڭ بىر داستان ئىكەنلىكىنى ۋە ئاپتورى يۈسۈپنىڭمۇ بىر مۇتەپەككۇر شائىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئەسەرنىڭ مەتىن نۇسخىسى A نەسرىي مۇقەددىمە، B نەزمىي مۇقەددىمە،  C بابلار مۇندەرىجىسى، D  تولۇق مەتىن،  Eيۈسۈپنىڭ ئۆزى ھەققىدە يازغان پارچىلاردىن ئىبارەت  بەش بۆلەكتىن تۇرغۇزۇلغان ۋە 1947- يىلى تۈرك تىل قۇرۇمى تەرىپىدىن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ -Ⅰ ››( مەتىن) دېگەن نام بىلەن ئىلان قىلىنغان. ئەسەر  يۇقىرى ئىلمىي سەۋىيە ۋە يۇقىرى ئىلمىي مېتود بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۈچ نۇسخىدىكى پەرقلەر بەتنىڭ ئاستىغا ئىزاھات شەكلىدە بىرىلىپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىلغان. بۇ ئاراتنىڭ ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلاشتىكى تېخنىكىلىق ماھارىتىنىڭ بىر نامايەندىسىدۇر. رەشىد رەھمەتى ئارات ئەسەرنىڭ مەتىن نۇسخىسىغا  1- ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ۋە تۈركولوگىيە››، 2- ‹‹قاراخانىيلار ۋە ئۇنىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى››، 3- ‹‹قەشقەر ھۆكۈمدارى ھەسەن بىن سۇلايمان››، 4-‹‹ قاراخانىيلار دەۋرىدە يېزىلغان ئەسەرلەر››، 5- ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى››، 6- ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››، 7- ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نىڭ ئەسلى نۇسخىلىرى››، 8- ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نىڭ بۈگۈنكى نۇسخىلىرى››، 9- ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نىڭ فاكسىمىلىرى››، 10-‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نىڭ مەتىن نەشرىگە ئائىت ئىزاھاتلار››، 11- ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نىڭ تەھلىلى مۇندەرىجىسى›› دېگەن ماۋزۇلار ئاستىدا بىر كىرىش سۆز  يازغان. ناھايىتى كەڭ دائىرلىق يېزىلغان بۇ كىرىش سۆز ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە شۇ ۋاقىتقا قەدەر يېزىلغان ئەڭ ياخشى ئەسەر بولۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە 1947- يىلىدىن كېيىنكى  ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. كېيىنكىلەرنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ھەر خىل تىلدىكى نۇسخىلىرىغا يازغان كىرىش سۆزلىرىمۇ  ئاساسەن ئاراتنىڭ ئاشۇ ماقالىسىغا تايىنىدۇ. بۇ ماقالىنىڭ ليۇبىڭ تەرىپىدىن ئىشلەنگەن خەنزۇچە تەرجىمىسى 1991- يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتىغا دائىر تەرجىمە ماقالىلاردىن تاللانما››(Ⅰ) دا ئىلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بولسا تەرىپىمدىن ئىشلەنگەنىدى. تەرجىمە داۋامىدا مەن ماقالىنىڭ تۈركچە ۋە خەنزۇچە نۇسخىلىرىنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم. نەتىجىدە مەلۇم بولدىكى، ليۇبىڭ ماقالىنى ناھايىتى ئىدىتلىق ۋە  ئەستائىدىل تەرجىمە قىلغاندىن سىرىت، ئەسەرنىڭ پىكىر قۇرۇلمىسىغا سادىق بولغان، ئاپتورنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ھەرقانداق بىر ئۇقۇم، ھەر قانداق بىر ئىبارە، تېرمىن ۋە باشقا ئاتالغۇلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتىدىغان ئىلىمگە يات ئەھۋاللارنى سادىر قىلمىغان.  ئارات ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى›› گە يازغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› دېگەن ماقالىسىدىمۇ  يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› كە دائىر ئومۇمىي مەلۇمات بىرىش بىلەن بىرلىكتە ئەسەر ھەققىدىكى بۇرۇنقى تەتقىقاتلار ھەققىدە تەنقىدىي تەھلىل يۈرگۈزگەن. مەسىلەن، ۋامبېري ۋە رادلوفلارنىڭ بۇ ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلاش ئۇسۇلى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن : ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتى تارىخىدا تۇنجى قەدەم ھېرمانن ۋامبېري تەرىپىدىن بېسىلدى... ۋامبېرينىڭ تەتقىقاتى تۈرك تىلشۇناسلىقىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە بىر قىممەتنى ئىپادە قىلمىسىمۇ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولۇش جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم بىر رول ئوينىغان ئىدى.  ئىككىنجى مۇھىم قەدەمنى ۋ.  رادلوفنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەشەببۇسلىرى تەشكىل قىلىدۇ... چوڭ دائىرىدە ۋە كەڭ ئىمكانىيەت بىلەن قولغا ئېلىنغان بۇ نەشىر ئىشىنىڭ تەسىرى ئېغىر بولغان ۋە ‹قۇتادغۇ بىلىگ›  ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كېيىنكى كۈنلەرگە قەدەر بۇ يۈكنىڭ ئاستىدىن قۇتۇلالمىغان. رادلوفنىڭ تۈرك يېزىق تىلى ۋە بۇنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى خاتا ئاساسلارغا تايانغان پىكىرلىرى شۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتلارغا كەڭ دائىرىدە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئەسەر ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر مۇنچە پىكىرلەر پەقەت بۇنىڭ تەسىرىدىن خالى بولغان نىسبەتكە لايىق بىر قىممەتنى ئىپادە قىلالىغان ئىدى. ۋ. تومسېننىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار سىستېمىسى ھەققىدە 1897-يىلى 2- قېتىملىق شەرقىشۇناسلار قۇرۇلتىيىدا ئوقىغان ماقالىسى ۋە نىھايەت 1900- يىلى رادلوفنىڭ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› مەتنىنىڭ بىرىنجى قىسمىنىڭ نەشىر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن 1901- يىلى ئىلان قىلغان ماقالىسى بولسىمۇ، لېكىن رادلوفنىڭ نەشرى يەنىلا تەتقىقاتلارنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىپ كەلدى. ھەر قانداق بىر تىلدىكىگە ئوخشاش تۈرك يېزىق تىلىدىمۇ بىر تارىخىي جەرىيان بىلەن بۇنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى ھەققىدە توختىلىش تەبىئىي بىر ئەھۋال بولسىمۇ، بۇ ئاساس بىر تەرەپكە تاشلىنىپ، ھەر بىر تۈركچە ئەسەردە ئايرىم بىر تىل ۋە ھەتتا شىۋە ئىزدەش باشلاندى. مۇئەييەن شارائىتلار ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن يېزىق تىلىنىڭ قەدىمكى ۋە يېڭى تىل ماتېرىياللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە بۇنىڭ ئېغىز تىلىنىڭ تەسىرى ئاستىدا مۇئەييەن بىر تەرەققىياتقا تەۋە قىلىنىشى ۋە ئايرىم– ئايرىم ئەسەرلەردە كۆرۈلگەن تىل خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئاساسەن باھالىنىش پىكرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ تولۇق ئومۇملىشىشتىن يىراق تۇرماقتا. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاساسىي مەسىلىلەردىكى مۈجىمەللىكلەر ناھايىتى تەبىئىي ھالدا تۈرك تىلشۇناسلىقى ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ جەريانىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مىسالىنى ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجىرىبىلەر تەشكىل قىلىدۇ.››(7) ئاراتنىڭ ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىىسى››گە يازغان بۇ ماقالىسى گەرچە 20 نەچچە يىل بۇرۇن ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلۈپ يەنە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ‹‹چەتئەل ئالىملىرى - ‹قۇتادغۇ بىلىك› ھەققىدە›› دېگەن مەجمۇئەدە ئىلان قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ ماقالە ناچار ۋە كەمتۈك تەرجىمە قىلىنغاننىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن مەزمۇنلىرى ئەسلى پىكىرگە زىت ھالدا ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ئىلمىي ئوبرازىغا ئېغىر دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزگەن. 20 يىل بۇرۇن خەنزۇچىسى ئىلان قىلىنغان ‹‹كىرىش سۆز››نىڭ ئۇيغۇرچىسى ۋە ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىسيى››دە بېسىلغان بۇ ماقالىنىڭ تەرىپىمدىن يېڭىدىن ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ‹‹بۇلاق›› ژورنىلىغا  تاپشۇرۇلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە تېخى ئىلان قىلىنىش پۇرسىتى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن  بىز ئۇنى  تور بەتلىرىدە ئىلان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق. بىر ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىغا  ئاتىغان بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ ئاشۇ ئەسەر ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىغا ئۇيغۇر ئىلىم مۇھىتىدىكى ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ژورنالدا بۈگۈنگىچە ئۇرۇن بىرىلمەسلىكىنى ئاراتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن قىلغان ئەمگەكلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە ۋاپاسىزلىق دەپ بىلىشكە بولىدۇ.

1947- يىلى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ مەتىن نۇسخىسى تۈركىيەدە ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ئالىملار بۇنى بىردەك قوبۇل قىلدى ۋە تەتقىقات ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچىلىك نۇسخا دەپ قارىدى. ھەر خىل تىللاردا ئىشلەنگەن نۇسخىلىرىمۇ مۇشۇ نۇسخىنى ئاساس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئارات تەييارلىغان بۇ نۇسخىنىڭ ئىلان قىلىنىشى بىلەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ يېڭى بىر دەۋرى باشلىنىپ، ئىلگىرى ئىشلەنگەن نەشىرلەر ۋە  ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە سۆزلەنگەن پىكىرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقىتىپ ئەھمىيەتسىز ئەسەرلەرگە ئايلاندى. مەسىلەن، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىكى تۆتىنجى تىپ بولغان ئودغۇرمىش شۇ ۋاقىتقا قەدەر ‹‹قانائەت››نىڭ سىمۋولى دەپ قارالغانىدى. ئارات ئۇنى ‹‹ئاقىۋەت››نىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تۇنۇتتى. بۇرۇنقىلار بۇ ئەسەرنى ئومۇمەن بىر نەسىھەتنامە ۈە دۆلەت تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئەسەر دەپ قارىغان، رەشىد رەھمەتى ئارات بولسا بۇنى كامىل بىر ئىنساننىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۈگىتىدىغان بىر ئەسەر سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان. ئارات بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك(قۇت – ئاد – غۇ بىل – ى-گ)، ئىنسانغا ھەر ئىككى دۇنيادا تولۇق مەنىسى بىلەن بەختلىك بولۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يولنى كۆرسىتىش مەقسىتى بىلەن يېزىلغان بىر ئەسەردۇر. بىر بىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان شەخس، جەمئىيەت ۋە دۆلەت ھاياتىنىڭ ئىدىئال بىر شەكىلدە تەرتىپكە سېلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان چۈشەنچە، بىلىم ۋە پەزىلەتلەرنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ۋە بۇلارغا قانداق شەكىلدە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەم قانداق قوللىنىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان شائىر – مۇتەپەككۇر بۇ ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدە كۈندىلىك ھاياتنىڭ ئۈستىگە يۈكسەلگەنلەرنىڭ چۈشەنچىلىرىگە تەرجىمان بولغان ئىدى. ئۇ بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ قەتئىيلىك بىلەن تەكىتلەۋاتقىنىدەك، ئۆز ئىگىلىرىگە ياخشى بولۇشى ئۈچۈن مەنىسىز مەجازى ۋاستىلار ئارقىلىق ئەخلاق دەرسى بەرگەن قۇرۇق بىر نەسىھەتچى ئەمەس ئىدى. يۈسۈپ بۇ ئەسىرى ئارقىلىق ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە شۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىىسنى كۆرسىتىدىغان بىر پەلسەپە، يەنى بىر ھاياتلىق پەلسەپىسى سىستېمىسىنى قۇرغان ئىدى.››(8) شۆبھىسىزكى، تۈرلۈك پىكىرلەرگە تولغان بۇ ئەسەر ھەققىدە ئەڭ ئاخىرقى سۆزنى سۆزلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاراتمۇ ھەم شۇنداق قارىغان. ئاراتنىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى تەتقىق قىلىشقا تولۇق ئىمكانىيەت بىرىدىغان بىر ئەسەر سۈپىتىدە نەشىر قىلغانلىقىدۇر.

1959- يىلى رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تەتقىقاتىدىكى يەنە بىر چوڭ ئەمگىكى مەيدانغا چىقتى. مۇشۇ يىلى ئارات بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈركچىسىگە ئۆرۈلگەن نەسرىي يەشمىسىنى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ-Ⅱ‹‹(تەرجىمىسى) دېگەن نامدا ئىلان قىلغان ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىنى ئەڭ كۈچلۈك تۈردە ھېمايە قىلغان ئايالى رابىيە شەرەفىددىن ئىبراھىم رەھمەتى ئاراتقا بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە سۆيگۈسىنى بىلدۈرگەن.(9) ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ تەرجىمە نۇسخىسى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەر تىلشۇناشلاردىن باشقا تارىخچىلار، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ۋە باشقا ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ  ئىككلەنمەي مۇراجىئەت قىلىدىغان ئانا مەنبەسىگە ئايلاندى. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ھەقىقىي ئوبرازى ئىلىم ساھەسىدە تېخىمۇ كەڭ تۇنۇلۇشقا باشلىدى. ئەلبەتتە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى قولىغا ئالغان ھەر قانداق بىر كىشى مەيلى ئۇ ئىلىم ئەھلى بولسۇن، ياكى بىر ئوقۇرمەن بولسۇن رەشىد رەھمەتى ئاراتقا چەكسىز ئاپىرىن ئېيتماي قالمايدۇ. بولۇپمۇ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ھەقدارلىرى بولغان ئۇيغۇرلار رەشىد رەھمەتى ئارات ئۈچۈن  ئابىدە تۇرغۇزۇشى ۋە ئۇنى خاتىرىلىشى كېرەك ئىدى. ئەلبەتتە بۇ ئالىمغا ۋە ئۇنىڭ ئىلمىگە بولغان ھۆرمىتىمىز ۋە تەشەككۇرىمىزنىڭ بىر ئىپادىسى ھېساپلىناتتى. لېكىن، مۇھىتىمىزدا بۇنداق بىر چۈشەنچە ھازىرغىچە شەكىللەنمىدى، ھەتتا ئاراتنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيىتى ھەققىدە مەبۇئاتىمىزدا بىرەر پارچە ماقالىمۇ ئىلان قىلىنمىدى. بۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان بىر ئەھۋالدۇر. مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر دەۋرىنى يورىتىپ بەرگەن بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ تۆھپىسىگە ئۈنتىنسىز قاراپ تۇرۇش ئەلبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت  چۈشەنچىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ھالەت بولۇپ، بۇ مىللىتىمىزدە  ئىلمىي مۇھىتنىڭ ۋە زامانىۋىي دۇنياغا خاس مەدەنىي بىر ھالەتنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىنىڭ ھەم شۇ خىل مۇھىتقا قاراپ يۈزلىنىشنىڭ  ئومۇمىي بىر ئارزۇغا ئايلانمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.   

رەشىد رەھمەتى ئارات ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدىكى تەتقىقاتىنىڭ ئۈچىنجى باسقۇچىدا ئەسەرنى كەڭ دائىرىلىك تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ گرامماتىكىسىنى ئىشلەش ۋە ئىندىكىسىنى تۇرغۇزۇش مەسىلىسىنى قولغا ئالغان بولسىمۇ، ئەپسۇس ئۆمرى بۇ تېمىنى تولۇق ئىشلەپ تۈگىتىشكە  يار بەرمىگەن. ئارات ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىلمىي مىراسلىرى رەتلەنگەن چاغدا ئەسەرلىرى ئىچىدىن ئۇنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› سۆزلۈكىنى ئالفەبە تەرتىۋى بويىچە كۇپىيەلەشتۈرگەنلىكى، بۇنىڭدىن ‹‹ئا›› ۋە ‹‹ب›› ھەرپلىك قىسمىنىڭ يېرىمىنى سىناق تەرىقىسىدە ئايرىم كۇپىيە قىلىپ، ئۇنىڭ گرامماتىكىلىق ئىندىكىسىنى تۇرغۇزغانلىقى، ئاساسلىق ئىندىكىس ئىشلىرىنىڭ خام ماتېرىيال ھالىتىدە قالغانلىقى مەلۇم بولغان. كېيىن تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ئاراتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن مۇھەررەم ئەرگىن، نۇرى يۈجە ۋە ئوسمان فىكرى سەرتكايا قاتارلىق ئالىملار يىتەكچىلىك قىلغان بىر  ئىلمىي ھەيئەت بۇ ئىندىكىسنى رەتلەپ چىقتى. ئىندىكىس ‹‹ئۈچۈنجى قېتىملىق خەلقارا تۈركولوگىيە كونگرىسى››دە ئىلم دۇنياسىغا تەقدىم قىلىندى. بۇ ئەسەر 1979- يىلى ‹‹قۇتادغۇبىلىگ-Ⅲ‹‹(ئىندىكىس) دېگەن نام بىلەن ئىلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنستىتۇتى ئاراتنىڭ بۇ ئەسىرىنىمۇ يورۇقلۇققا چىقاردى.

رەشىد رەھمىتى ئارات 1947- يىلى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ئەڭ مۇكەممەل مەتىن نۇسخىسىنى تۇرغۇزغاندىن كېيىن، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئەسىرى ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››نى نەشىر قىلىشقا كىرىشكەن. تۈركىيەدە ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق›› تەتقىقاتىنى نەجىب ئاسىم باشلىغان. ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››نىڭ ئىستانبۇل كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلانغان نۇسخىلىرى ھەققىدە فۇئاد كۆپرۈلۈ  10 پارچىغا يېقىن ماقالە ئىلان قىلىپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتقا ئاساس سالغان. كېيىن رەشىد رەھمەتى ئارات ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››نى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەتقىق قىلىپ، بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى نەشىر قىلدى. ئىستانبۇلدا ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››نىڭ تۆت نۇسخىسى تېپىلغان. ئۇنىڭ بىرى ئۇيغۇر يېزىقىدا ( Aنۇسخا، 4012-نومۇرلۇق)، بىرى ھەم ئۇيغۇر ھەم ئەرەب يېزىقىدا( Bنۇسخا، 4757 –نومۇرلۇق)، ئىككىسى ئەرەب يېزىقىدا(14-نومۇرلۇق  Cنۇسخا ۋە نۇمۇر قويۇلمىغان  Dنۇسخا) كۆچۈرۈلگەنىدى. ئەسەرنىڭ نامى نۇسخىلاردا پەرقلىق يېزىلغان. يەنى A نۇسخىسىدا ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››،  B ۋە C  نۇسخىلىرىدا ‹‹ھىبەتۇل ھەقايىق››،D  نۇسخىسىدا ‹‹غايبەتۇل ھەقايىق›› دەپ  ئېلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا ئەنقەرەلىك ھاجى جافەرئوغلۇ ئىبراھىمگە مەنسۇپ بىر مەجمۇئەدىمۇ ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››قا ئائىت بىر تۆتلۈك خاتىرىلەنگەن. بۇنى فۇئاد كۆپرۈلۈ بايقىغان. رەشىد رەھمەتى ئارات گېرمانىيەدە تۇرغان مەزگىلىدە بېرلىن كۇتۇپخانىسىدىكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر ئارىسىدىن ئايرىم بىر ۋاراقنى ئۇچراتقان. بۇ ۋاراقنىڭ ئالدى يۈزىگە ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››قا ئائىت بىر تۆتلۈك كۆچۈرۈلگەن، ئارقا يۈزىگە ئەرەب يېزىقىدا پارسچە يېزىلغان ئىككى قۇرلۇق بىر تېكىست بىلەن موڭغۇلچە يېزىلغان ئالتە يېرىم قۇرلۇق بىر تېكىست كۈچۈرۈلگەن. بۇ تۆتلۇك ئاراتنىڭ ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق›› تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل بولۇشىغا تۈرتكە بولغان. نەۋائىينىڭ ‹‹نەسايىمۇل مۇھەببە›› ۋە ‹‹مۇنشىئات›› دېگەن ئەسەرلىرىدىمۇ ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››نىڭ ئاپتورى ئەھمەت يۈكنەكىنىڭ قەلىمىگە ئائىت دەپ قارالغان ئىككى بېيىت ۋە بىر تۆتلۈك خاتىرىلەنگەن.

رەشىد رەھمەتى ئارات بۇرۇنقىلاردىن نەجىپ ئاسىم، فۇئاد كۆپرۈلۈ، ت.كوۋالسكىي ۋە ج. دېني قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››نىڭ نەشىرى ۋە تەھلىلى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى تەنقىدىي تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ ئىلمىي بولغان بىر نەشرىنى تەييارلاشقا كىرىشكەن.  ئەسەرنى تەييارلاشتا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئۈچۈن قوللانغان ئىلمىي مېتودنى تەتبىقلىغان. 1951- يىلى ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››نىڭ سېلىشتۇرما مەتنى، تەرجىمىسى، ئىندىكىسى، ئىزاھلىرى ۋە بارلىق نۇسخىلىرىنىڭ فاكسىمىلىنى ئىلان قىلىپ، بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى ئىلىم دۇنياسىغا سۇنغان.(10) رەشىد رەھمەتى ئارات ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››قا يازغان كىرىش سۆزىدە ئەسەر ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك تەھلىل يۈگۈزۈش بىلەن بىرلىكتە ئەسەرنىڭ نامىنى مۇقىملاشتۇرغان، يەنى ئۇنى ‹‹ھىبەتۇل ھەقايىق›› ياكى ‹‹غايبەتۇل ھەقايىق›› ئەمەس، بەلكى ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق›› دېگەن نام بىلەن ئاتاشنىڭ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى نۇسخىلاردىكى پەرق ۋە سۆزنىڭ مەنىسىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا ھېچكىم رەت قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلىغان ۋە ئۆزى ئىلان قىلغان يېڭى نۇسخىنىمۇ مۇشۇ نام بىلەن نەشىر قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەسەر ئىلىم دۇنياسىدا ‹‹ھىبەتۇل ھەقايىق›› دېگەن نام بىلەن ئەمەس، ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق›› دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. ئارات يەنە ئەسەرنىڭ نۇسخىلىرى ھەققىدە توختالغاندا ئەسلىدىكى تۆت نۇسخىغا ئۇلاشتۇرۇپ فۇئاد كۆپرۈلۈ تاپقان تۆتلۈكنى ‹‹E نۇسخا››، ئۆزى بايقىغان تۆتلۈكنى ‹‹F نۇسخا››، نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرىدە خاتىرىلەنگەن بېيىت ۋە تۆتلۈكنى ‹‹G نۇسخا›› دەپ تەرىپلەش ئارقىلىق نۇسخىلارنىڭ تەسنىفىنى سىستېمىلاشتۇرغان. بۇ ئەسەر ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ مەتىن نۇسخىسىدىن كېيىن ئۇنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىگە سۇنغان يەنە بىر كاتتا سوغىسى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى 60 يىل داۋامىدا بۇ نۇسخا ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››نى تەتقىق قىلماقچى بولغان ھەر قانداق بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ مۇراجىئەت قىلىدىغان ئانا مەنبەسىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق›› ئۈچۈن ئىشلىگەن ئىزاھاتلار تۈركىيەدىكى مەتبەئەتچىلىك ۋە تەتقىقات ئىشلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ كەڭ دائىرىدە قولغا ئېلىنغاچقا، بۇ تىل ئوقۇتىشىدا ناھايىتى يۇقىرى ئىلمىي ئىگە بولغانىدى.

رەشىد رەھمەتى ئارات ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى››نىڭ تۈركچە نۇسخىسىنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا زور تۆھپە قوشقان. گوللاندىيەنىڭ لېيدېن شەھرىدە 1908- يىلى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان بۇ ئېنسىكلوپېدىيە ئىسلام دۇنياسىنىڭ تارىخ، جۇغراپىيە، ئېتنوگرافىيە ۋە بىئوگرافىيە لۇغىتى بولۇپ، تېمىلىرى گېرمان(دوچ)، فرانسۇز، ئىنگلىز، ئىتالىيان، رۇس، گوللاند ۋە شەرق ئالىملىرى ئىچىدىكى خەلقارالىق نۇپۇزغا ئىگە مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ماقالە شەكلىدە يېزىلغان ھەمدە گېرمانچە، فرانسۇزچە ۋە ئىنگلىزچە ئۈچ خىل تىلدا نەشىر قىلىنغان. ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى›› تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ 1939- يىلى قوبۇل قىلغان بىر قارارى بويىچە ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مەسئۇللىقى ۋە نازارىتى ئاستىدا قۇرۇلغان بىر ئىلمىي ھەيئەت تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، ئايرىم جىلد ھالىتىدە نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش جەرىيانىدا  تۈركىي  قەۋملەر ۋە ئىسلام دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە ماددىلار يېڭىدىن يېزىلىپ تولۇقلانغان. بەزى ماقالىلارغا تولۇقلىما سۈپىتىدە ئىلاۋە، ئىزاھات ۋە شەرھىيلەر يېزىلىپ يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ توغرا مەلۇماتلارغا ئورۇن بىرىلگەن. نەتىجىدە ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى ››نىڭ تۈركچە باسمىسى بىرمۇنچە جەھەتتە ئەسلىدىكى نۇسخىسىدىن ھالقىپ كەتكەن. تۈركچە تەرجىمىسى 14 جىلد ھالىتىدە نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان بۇ ئېنسىكلوپېدىيەنىڭ نەشىر ئىشلىرى تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن بەزىدە ئاقساپمۇ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى جىلتى 1989- يىلى نەشىر قىلىنغان. تۈركىيەدە ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى››نىڭ تۈركچە نۇسخىسى  ئىشلەنگەن دەستلەپكى 25 يىلدا رەشىد رەھمەتى ئارات ئۇنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئۆتىگەن، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىبراھىم كافەسئوغلۇ مەسئۇل مۇھەررىر بولغان. داۋراڭسىز، ئەمما ھەقىقىي مەنىدىكى بىر ۋەتەنپەرۋەر  ئىنسان بولغان رەشىد رەھمەتى ئارات تۈركىي قەۋملەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىدا باشقا كىشىلەر ئاسانلىقچە قىلالمايدىغان زور خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ياۋروپا ئىلىم ساھەسىنىڭ خرىستانلىق ۋە تۈرك دۈشمەنلىكى پۇراپ تۇرىدىغان تەرەپلىرىگە قارشى ھەر قانداق بىر كىشىدىن بەكرەك كۈرەش قىلغان. ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى››نى مۇشۇنداق بىر سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى تۈرك تەپەككۇرىغا ماسلاشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا بىر ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى›› روھىنى ئاتا قىلغان كىشى يەنىلا رەشىد رەھمەتى ئاراتتۇر. ئۇ بارلىق ئەسەرلىرىدە ۋە قاتناشقان  كوللىكتىپ ئىلمىي  پائالىيەتلىرىدە دائىم بۇ خىل مەۋقەنى يىتەكچى ئورۇنغا قويغان. تۈركچە ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى››نىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشى ئاساسەن ئۇنىڭ ئەجرىگە تايانغان. تۈركىيە ئىلىم – پىنىنىڭ غۇرۇرى بولغان بۇ ئەسەرگە روھىي جەھەتتىنلا ئەمەس، يەنە شەكىل جەھەتتىنمۇ ھەقىقىي بىر مۇكەممەللىكنى بېغىشلىغان كىشى يەنە ئاراتتۇر. ئارات بۇ ئېنسىكلوپېدىيەگە ئۆزىنىڭ ئىمزاسىدا 26 پارچە ماقالە يازغاندىن باشقا، سانسىزلىغان ماقالىلارنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن. ئاراتنىڭ بۇ ئېنسىكلوپېدىيەگە يازغان ماقالىلىرى ئىچىدىكى ‹‹بالىق››، ‹‹قەشقەر››، ‹‹قاراخىتايلار››، ‹‹قاراقۇرۇم››، ‹‹قارلۇقلار››، ‹‹قارشى››، ‹‹قاراقول››، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››، ‹‹مەتبۇئات››، ‹‹ئوغۇل››، ‹‹باتمان›› قاتارلىق  ماددىلاردا ئۇيغۇر تارىخىنىڭ قەدىمكى، يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋرلىرىگە، ئۇيغۇر جۇغراپىيەسىگە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئېتنوگرافىيەسىگە دائىر  مۇھىم  مەلۇمات  بار.

دېمەك، ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى››نىڭ تۈركچە نەشرىنى تەييارلاش ۋە قەدىمكى تۈركىي تىل ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى  مۇناسىۋىتى بىلەن رەشىد رەھمەتى ئارات تارىخ تەتقىقاتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ساھەدە ئىشلىگەن ئەڭ مۇھىم بىر ئەسىرى ‹‹بابۇرنامە››دۇر. ئۇ ‹‹بابۇرنامە››نى شەرق تۈركچىسىدىن تۈركىيە تۈركچىسىگە  ئۆرىگەن ۋە ئۇنى  ئىككى  قىسىمغا بۆلۈپ ‹ۋەقايى : بابۇرنىڭ خاتىراتى›› دېگەن نام بىلەن 1943- 1946-يىللاردا ئىلان قىلغان. كېيىن 1970-، 1986-، 2006 يىلى بۇ كىتاپ ‹‹بابۇرنامە››( ‹‹ۋەقايى››) دېگەن نام بىلەن ئۈچ قىسىم قىلىپ نەشىر قىلىندى. ئاتاقلىق تىلشۇناس خەمىت تۆمۈرنىڭ  ‹‹بابۇرنامە››نىڭ ئۇيغۇرچە  نەشرىنى  ئىشلەشتە ئەسەرنىڭ ئارات ئىلان قىلغان تۈركچە نۇسخىسىدىنمۇ پادىلانغانلىقى مەلۇم. ئاراتنىڭ بۇ ئەسەرگە يازغان كىرىش سۆزىدىن ۋە ئىزاھاتلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ ئەسەرنىڭ تارىخى ھەققىدىكى مەنبە خاراكتېرلىق مەلۇماتلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئەسەرنىڭ ئارقىسىغا قوشۇمچە قىلىپ بىرىلگەن 100 بەتكە يېقىن بىر ئىزاھاتتۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئارات رەتلەشكە تىگىشلىك بىر مۇنچە مەنبەلەرنى كۆرسەتكەن. مەسىلەن، ‹‹ۋەقايى : بابۇرنىڭ خاتىراتى››دىكى ئىزاھاتلارنىڭ بىرىدە ‹‹ئەسەرنىڭ ھىندىستانغا ئائىت قىسمىدىكى بىر مۇنچە ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋان ئىسىملىرىنىڭ تەڭداش ئاتالغۇلىرى بۇ خۇسۇسلارنى تېخىمۇ ياخشى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشكەن شەخسلەر تەرىپىدىن  زور ئەجىر سىڭدۈرۈلۈپ تەتقىق قىلىنغان. بۇلارنىڭ نەتىجىلىرىمۇ بۇ يەردە قىسقىچە بىرىلدى›› دەيدۇ. رەشىد رەھمەتى ئارات تارىخ مېتوتى ئۈگەنگەن بىر تارىخچى ئەمەس. ھەر قانداق بىر تىلچىنىڭ بولۇپمۇ قەدىمكى تىللار تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل بولغان تىلچىلارنىڭ تارىخ تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى››گە يازغان تارىخىي تېمىدىكى بەزى ماقالىلىرى بىر قاراشقا ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى يورىتىلغان، مەسىلىلەر ھەل قىلىنغاندەك كۆرۈلسىمۇ، لېكىن ئەستائىدىل ۋە تولۇق  يېزىلمىغان ماقالىلارنى بەزى يېڭى مەلۇماتلار بىلەن تولۇقلىغان ئەسەرلەر ئىدى. ئۇنىڭ تۈزەتكەن ۋە تولۇقلىغان ئەسەرلىرى ئىچىدە مەشھۇر شەرقشۇناس ۋ.ۋ.بارتولدنىڭ ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى›› گە يازغان ماقالىلىرى خېلى كۆپ. بۇ تەرەپلەرگە قاراپ ئۇنى  فىلولوگىيەنىڭ مېتود ۋە چۈشەنچىلىرىنى  تارىخ تەتقىقاتىغا تەتبىقلىغان بىر ئالىم دېيىشكە بولىدۇ. ئارات ‹‹تۈركلەردە تارىخ خاتىرىلەش››(1937-يىلى) دېگەن ماقالىسىدا تۇرپاندىن تېپىلغان ۋەسىقىلەرگە  تايىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كالىندارچىلىقىدىن سۆز ئاچقان. بۇ ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋر، يىل، ئاي ۋە كۈننى، چوڭ ۋەقەلەرنى، ئالاھىدە پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتىنى خاتىرىلەشتە 12 مۆچەل كالىندارىنى ۋە بۇنىڭغا  يانداشتۇرۇپ  60 يىللىق بىر دەۋرنى، 180 يىللىق بىر دەۋرنى، خەنزۇ سۇلالىرىدىكى پادىشاھلار يىلنامىسىنى، يېزدىرىجىد كالىندارىنى، سېلېفىك كالىندارى(ئالىكساندىر كالىندارى)نى، مانىنىڭ ئۆلۈم يىلىنى باشلىنىش نوقتىسى قىلغان بىر كالىدارنى، ھىجرىيە كالىدارىنى، كۈل بىلگە تەڭرى ئىسىملىك بىر ھۆكۈمدارنىڭ تەختكە چىققان يىلىنى باشلىنىش نوقتىسى قىلغان بىر كالىندارنى قوللانغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ‹‹ۋەقايى: بابۇرنىڭ خاتىراتى››نى نەشىرگە تەييارلاش داۋامىدا توپلىغان ماتىرىياللىرىغا تايىنىپ ‹‹تۈركلەردە ۋاقىت ۋە زامان ئېنىقلىمىسى››(1948- يىلى)  دېگەن ماقالىنى يازغان. بۇ ماقالىدا تۈركىي قەۋملەردە بىر كۈننىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى ۋاقىتلارنىڭ ئاتىلىشى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەن.     

تۈركىي تىللار ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتى بىلەن دۇنيا تۈركولوگىيەسىدە يۇقىرى نوپۇزغا ئىرىشكەن رەشىد رەھمەتى ئارات 1964- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان. ئەسلىدە ئۇزۇن مەزگىللىك تىل تەتقىقاتىدىكى جاپالىق تېخنىكىلىق خىزمەتلەر، ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى››نىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى، ئىنساننىڭ زىھنى، جىسمىنى قاتتىق خورىتىدىغان تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى ھالسىراتقانلىقى تەبىئىيدۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاخىرقى تىنىقىچە تەتقىقات، ئوقۇتۇش، تەھرىرلىك ئىشىنى توختاتمىغان، ئىلمىي يىغىلىشلاردىن قالمىغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەم تۈركىيە ئۈچۈن ھەم  دۇنيا تۈركولوگىيەسى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ يوقىتىش بولغان. رەشىد رەھمەتى ئارات ئۆزىنىڭ ئىلىم چۈشەنچىسىنى ئىپادە قىلىپ مۇنداق دېگەن: ‹‹بىزدىن بۇرۇنقىلارنىڭ قىلغانلىرى بىزگە قانچىلىك كەمتۈك كۆرۈلسە، بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزمۇ بىزدىن كېيىنكىلەرگە شۇنچىلىك كەمتۈك كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ بۇنداق بولۇشى تەبىئيدۇر. چۈنكى ئىلىم يولى باسقۇچلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ يولدا بىر باسقۇچ تەشكىل قىلىش بەختىگە ئىرىشمەك بىر ئىنسان ئۈچۈن بۈيۈك بىر شەرەپتۇر.››(11) گەرچە  ئارات ئىلىمنى بىر جەريان دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن يېرىم ئەسىردىن ئاشقان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ئاراتنىڭ ئىلىمدا ياراتقان نەتىجىسى بىر جەرىيان، بىر باسقۇچ بولۇشتىن ھالقىپ ئۆز ساھەسىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتتى. بۇ پەللە ئۇنى ئىسمى سۆيگۈ بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان گىگانت بىر ئالىمغا ۋە تۈركولوگىيەنىڭ بۈيۈك بىر ئۇستازىغا ئايلاندۇردى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ 228- ۋە 229- بېيىتلىرىدە  ‹‹ئىنساننىڭ ھاياتى مەڭگۈلۈك ئەمەس، مەڭگۈلۈك بولىدىغىنى ئۇنىڭ نامىدۇر. شۇڭا، ياخشى كىشىلەرنىڭ نامى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. ئۆزۈڭ مەڭگۈلۈك ئەمەسسەن، نامىڭ مەڭگۈلۈكتۇر، نامىڭ مەڭگۈلۈك بولسا ئۆزۈڭمۇ مەڭگۈلۈك بولىسەن››(12) دېگىنىدەك، رەشىد رەھمەتى ئارات ئىلىم ساھەسىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى تىكلەپ، نامى مەڭگۈ ئۆچمەس بىر ئالىمغا ئايلاندى. باشقىچە ئېيتقاندا، رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ماددى ھايات دەرىخى 64 يىل ياشاپ قۇرىغىنى بىلەن مەنىۋىي ھايات  دەرىخى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا مەڭگۈ قۇرىمايدۇ.

رەشىد رەھمەتى ئارات ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى ئۇنىڭ قول يازمىلىرىنى رەتلەپ ئىلان قىلىش، تەييار ھالەتتىكى كىتاپ ۋە ماقالىلىرىنى تىز نەشىر قىلىش، ئاراتنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرىگە ئائىت بىر كىتاپ تەييارلاش ئۈچۈن ‹‹ئارات كومىسيونى›› دەپ ئاتالغان بىر ئىلمىي ھەيئەت تەسىس قىلغان. بۇ ھەيئەتكە ئەھمەت تەمىر، ئابدۇلقادىر ئىنان، مۇھەررەم ئەرگىن، زەينەپ كورقماز، سائادەت چاغاتاي، شىناسى تېكىن، تالات تېكىن، نۇرى يۈجە،  ئوسمان فىكرى سەرتكايا قاتارلىق  مەشھۇر ئالىملار قاتارىدا ئاراتنىڭ قىزى ئايسۇ ئاراتمۇ قاتناشقان. 1965-، 1972-، 1973-، 1975- يىللىرى بۇ ھەيئەت ئاراتنىڭ ئەسەرلىرىنى رەتلەش، تۈرگە ئايرىش ۋە نەشىر قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئويۇشتۇردى. نەتىجىدە ئارات يازمىلىرى ئۈچ كىتاپ ۋە بەش پارچە ماقالە ھالىتىدە نەشىرگە تەييارلاندى. ئۈچ كىتاپ تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ ئىندىكىسى- Ⅲ ››(1979- يىلى)، ‹‹شەرق تۈركچىسى مەتىنلىرى›› (1987- يىلى)، ‹‹ماقالىلار-Ⅰ››(1987- يىلى)  دىن ئىبارەت ئىدى. بەش ماقالىسى بولسا ‹‹ئۇيغۇرلار››، ‹‹ئۇيغۇرچە يازمىلار ئارىسىدا››(Ⅱ)، ‹‹ئىدىقۇت ئۇنۋانى ھەققىدە››، ‹‹ئىزاھاتلار›› ۋە ‹‹ئۆزبەك خەلق ئەدەبىياتى ئۆرنەكلىرى›› دېگەن ئەسەرلەردۇر. ئاراتنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى مۇھەررەم ئەرگىن تەرىپىدىن تەييارلىنىپ ‹‹تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى›› ژورنىلىدا ئىلان قىلىندى. بۇ تىزىملىك كېيىن ئەھمەت تەمىر تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ 1966- يىلى نەشىر قىلىنغان ‹‹رەشىد رەھمەتى ئارات ئۈچۈن›› دېگەن خاتىرە كىتاپتا بېسىلدى. 1964- يىلىدىن كېيىن ئىلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى بولسا ئوسمان فىكرى سەرتكايا تەرىپىدىن ئىشلىنىپ ‹‹ماقالىلار-Ⅰ››  دېگەن كىتاپتا ئىلان قىلىندى.


ئىزاھلار

(1) رەشىد رەھمەتى ئارات : ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ -Ⅰ››(مەتىن)، تۈركچە، 2- نەشرى، 6- بەت، 1979- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى،  

(2) رەشىد رەھمەتى ئارات : ‹‹ماقالىلار››، 1- جىلد، 12- بەت، نەشىرگە تەييارلىغۇچى ئوسمان فىكرى سەرتكايا، 1987- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى.

(3) رەشىد رەھمەتى ئارات : ‹‹ماقالىلار››، تۈركچە، 1- جىلد، 13- بەت.

(4) رەشىد رەھمەتى ئارات : ‹‹ماقالىلار››، تۈركچە، 1- جىلد، 398-بەت.

(5) رەشىد رەھمەتى ئارات : ‹‹ئەدىپ ئەھمەت بىن مەھمۇد يۈكنەكى – ئەدەبەتۇل ھەقايىق››، تۈركچە، 3 - نەشرى، 1-، 2- بەت، 2006- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى.

(6) ‹‹تۈرك تىللىرى تەتقىقاتلىرى››، تۈركچە، 14- توم، 109-بەت، 2004- يىلى، ئىستانبۇل.

(7) ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى››(‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ماددىسى)، تۈركچە، 6- جىلد، 1044-، 1045-بەتلەر، 1977-يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

(8)  رەشىد رەھمەتى ئارات : ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ-Ⅰ››(مەتىن)، 25- بەت.

(9) يۈسۈپ خاس ھاجىپ : ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ-Ⅱ››( نەسرىي يەشمىسى)، تەرجىمە قىلغۇچى رەشىد رەھمەتى ئارات، 8- نەشرى، 2003- يىلى تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.

(10) ئاھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن : ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››(باشلانغۇچتىن 20- ئەسىرگە قەدەر)، 338-بەت، 2007- يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى.

(11) رەشىد رەھمەتى ئارات : ‹‹ قەدىمكى تۈرك شېئىرى››،3- نەشرى،  23-بەت، 1991- يىلى، ئەنقەرە،  تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.

(12) يۈسۈپ خاس ھاجىپ : ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ-Ⅱ›› (نەسرىي يەشمىسى)، تۈركچە، 27- بەت.



   بۇ يەردە ئەسەرنىڭ تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان تۈركچە نۇسخىسى ئاساس قىلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 08:27 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Dakyanos + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4805
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 757 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 08:56:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىقىندىن بۇيان ياخشى ماقالىلەر بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرۋاتىسىز، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر، مەن كۆپ نەپ ئىلىۋاتىمەن.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بەندى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1423
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12876
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 11517 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 11:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلدىڭىزمۇ ياكى؟

دۇنيادا ھەممىدىن ھايات قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت.
ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ئەركىنلىك، ئازاتلىق ئۈچۈنلا پەقەت.
                                          فېتوفى

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 12:56:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالىنىڭ لاتىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسقىسىنى كۆرگەندەك قىلىۋىدىم. ياكى ئۇ ماقالە باشقا، بۇ ماقالە باشقىمۇ بىلەلمىدىم.

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79974
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3008
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 09:04:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈمىد ۋە دىلكەش دېگەن تورداش بۇ ماقالە ئەسلىدە ‹‹مىراس›› ژورنىلىنىڭ 2011- يىللىق 6- سانىدا ئىلان قىلىنغان. شۇ ماقالە باشقىلار  تەرىپىدىن لاتىن يېزىقىغا ئاغدۇرۇلۇپ ‹‹ۋەتىنىم›› تورىدا ئىلان قىلىنغان. ماقالىغا ئوبدان  قارىسىڭىز ھەر ئىككى ماقالىنىڭ ئاپتورى ‹‹يۈسۈپجان ياسىن ›› دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73132
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3132
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:46:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
看的激动。。。 谢谢楼主了












菲律宾太阳城娱乐网http://www.tycmsc.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش