مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 695|ئىنكاس: 13

گورباچېۋنىڭ تۆت ئارالنى سېتىۋىتىش خىيالىنىڭ ئىچكى سىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەقىقى ئەركىنلىك روھى ئەركىنلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51630
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 510 سائەت
تىزىم: 2011-8-14
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 05:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلى (ياپونىيە ‹‹شىمالدىكى تۆت ئارال›› دەپ ئاتايدۇ)نىڭ تەۋەلىكىنى چۆرىدىگەن ‹‹تىل ئۇرۇشى›› كەسكىنلەشتى، ھەتتا ھەربىي تۈس ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتى. بۇ مۇرەككەپ تارىخىي ماجىرانى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، رۇسىيە رەھبەرلىرى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭتۇڭى گورباچېۋمۇ يۇقىرىقىدەك ئۇرۇنۇشتا بولغان. بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن گورباچېۋ جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى ياپونىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانىدىم، دېدى. بۇ زادى قانداق ئىش؟ رۇسىيە ‹‹خەۋەرلەر›› تورىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ھارپىسىدا گورباچېۋنىڭ ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن زېمىن مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ جەريانى ئاشكارىلاندى.

            1991- يىلى 4- ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى گورباچېۋ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرىنىڭ ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن غەربنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە: گورباچېۋ ياپونىيە بىلەن تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى كېڭىشىشكە تەييارلاندى، پۇلغا ئالماشتۇرۇش بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، دېيىلدى.

            ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ توغرىدا ئازدۇر – كۆپتۇر خەۋەر تارقالغان. ئەينى ۋاقىتتىكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى مىليادېرى تاراسوۋ ئاشكارا ھالدا: گورباچېۋ 200 مىليارد دوللارلىق باھا بىلەن ياپونىيەگە جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بىرىنچى قەدەمدە كۆلىمى بىر قەدەر كىچىكرەك بولغان خابومەي ئارىلى بىلەن شىكوتان ئارىلىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى، دېگەن.

            دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زېمىن سودىسى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن ياپونىيە تەرەپ شىمالدىكى تۆت ئارال ئەزەلدىن ياپونىيەنىڭ زېمىنى، شۇڭا تۆت ئارالنى سېتىۋېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشمەيمىز، 200 مىليارد دوللار بېرىش ئويىمىزمۇ يوق، دېگەن.

          شۇنداقتىمۇ ياپونىيە تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسىدە ناھايىتى تېزلا ئۆزگىرىش بولغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ‹‹سودىگەرلەر›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: 1991 – يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شۇ ۋاقىتتىكى ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىچىرو ئوزاۋا سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولۇپ گورباچېۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ياپونىيە تەرەپنىڭ شەرتى بويىچە جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنى: ياپونىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا 28 مىليارد دوللار تۆلەش، لېكىن بۇ مەبلەغنى بىر قېتىملا تۆلىمەستىن، ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىدىكى بەزى ھەمكارلىق تۈرلىرىگە ئاجرىتىش، ياپونىيە تەرەپ ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ھەر قېتىمدا ئىككى ئارالدىن تۆت ئارالنى قايتۇرۇۋېلىش. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياپونىيە تۆت ئارالنى بىرلا ۋاقىتتا قايتۇرۇۋېلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنىدى.

          «سودىگەرلەر›› گېزىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، گورباچېۋ دەرۋەقە ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيەگە جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ پىلانىنى تۈزگەن. بۇنىڭ ئىسپاتى ئىككى: بىرىنچىسى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىچىرو ئوزاۋا بىلەن گورباچېۋنىڭ سۆھبىتى؛ ئىككىنچىسى: سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرى بېسمېرتېنخ 1991 – يىل 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى توكيودا زىيارەتتە بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ئەربابلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت پىلانىنى تۈزۈشى ئىنتايىن مەخپىي بولغان، بۇنىڭ مەزمۇنىدىن بىرى ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ شەرتىنى كېڭىشىش ئىكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن مۇزاكىرىگە قاتنىشىدىغىنى گورباچېۋنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فاللىنىدى. بۇ گورباچېۋنىڭ ئۆزىنىڭ مەخپىي پىلانىنى يولغا قويۇش جەريانىدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ئەمەس، بەلكى پارتىيەلىك كادىرلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يەنە، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بېرىش پىلانىغا ئائىت تۈرلۈك تەييارلىق ئىشلىرىغا بىۋاسىتە قاتناشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كېيىن فاللىن ياپونىيە باش ۋەزىرى خەيفۇ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە قىلچە يوشۇرماستىن: ‹‹گورباچېۋنىڭ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشى سىلەر ياپونىيەلىكلەرگە يۈزدەيۈز پايدىلىق››، دېگەن.

             گورباچېۋ جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى سېتىۋېتىشكە نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئالدىرايدۇ؟ تەھلىلچىلەر: بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب گورباچېۋ ئەينى ۋاقىتتا يولغا قويغان ئىسلاھات سوۋېت ئىتتىپاقىدا توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئىناۋىتىنىڭ تېز تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىدا، دەپ قارىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئىسلاھاتچى، دەپ ئاتالغان بۇ زۇڭتۇڭ چەت ئەلدە بىر كۈچلۈك كوزىرغا موھتاج بولۇۋاتاتتى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى زېمىن ماجىراسى توغرىسىدىكى كونا، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشكە زور پايدىسى تېگەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، زېمىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش شۈبھىسىزكى گورباچېۋنى ئىنتايىن قىزىقتۇرۇۋاتاتتى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇ ‹‹غەرب›› نىڭ قەرز پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ‹‹شەرق›› نىڭ قەرز پۇلىغىمۇ ئېرىشەتتى. ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ ماتېرىيالىغا قارىغاندا، ياپونىيە تەرەپ زېمىن مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاپتوموبىل، خىمىيە سانائىتى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش قاتارلىق سانائەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا غايەت زور قەرز پۇل بېرىشكە ماقۇل بولغانىدى.

           «خەۋەرلەر›› تورىدا مۇنداق دېيىلدى: گورباچېۋنىڭ كاللىسىدا مۇشۇنداق ئوينىڭ تۇغۇلۇشىنى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى بەلگىلىگەن. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، ھەممىلا جاينى قاپلىغان كىرىزىس شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى ئىدى. 1991 – يىلى 2 – ئاپرېل پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئۈچ ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى، بەزى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردىكى مىللەتچىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلدى، ئىش تاشلاش دولقۇنى پۈتكۈل رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە قازاقىستان قاتارلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردىكى زاۋۇت – كارخانىلارنى قاپلىدى.

          يوچۇقنى تېزدىن ئېتىش ئۈچۈن، گورباچېۋ تەرەپ – تەرەپكە قاتراپ قەرز پۇل سورىدى، لېكىن غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر چىرايلىق گەپ قىلسىمۇ، قەرز بەرمىدى. دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، گورباچېۋ ياپونىيە بىلەن بۇ سودىنى قىلىپ، قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇندى. بىراق بۇ پىلاننىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىشقا ئېشىشى پۈتۈنلەي باشقا بىر ئىش ئىدى، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا گورباچېۋنىڭ دۆلەتنى تىزگىنلىيەلىشىدىن كىشىلەر گۇمانلىنىشقا باشلىغانىدى.

          گورباچېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيەنىڭ زېمىن ماجىراسىنى ھەل قىلىش پىلانىنى تۈزۈۋاتقان مەزگىلدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي دائىرىلىرى قەتئىي قارشى تۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ ‹‹قىزىل يۇلتۇز›› گېزىتى قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللىرىدا ئارقا – ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى دۆلەت چېگراسىنىڭ مۇقەددەس، دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىسا بولمايدىغانلىقى تەكىتلەندى. گورباچېۋغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھەربىي تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئېتىبارغا ئالماسلىقتىن باشقا ئىلاجى يوق ئىدى، چۈنكى ھەربىي تەرەپ بىلەن قارشىلىشىش ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش ئىدى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ ئارمىيەدىن ئايرىلالمايتى، ئۇ يەنە ئارمىيە ئارقىلىق دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تۈرلۈك تاسادىپىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ ۋاقىتتىكى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالىي سوۋېتىنىڭ رەئىسى يېلتسىن: ھەرقانداق كىشىنىڭ رۇسىيەنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ جاكارلىغان، ساخارىن ئارىلىدا بىر قېتىم سەييارە سايلام رىقابىتى نۇتىقى سۆزلىگەندە، جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلى ئۈستىدە توختىلىپ: ‹‹مۇشۇنداق گۈزەل زېمىننى ئەجەبا شۇنداق ئاسانلا باشقىلارغا بېرىۋىتەمدۇق؟›› دەپ ھەسرەتلەنگەنىدى.

          1991- يىل 4- ئاينىڭ 16- كۈنى گورباچېۋ ئۆز قەرەلىدە ياپونىيىدە زىيارەتتە بولدى. بۇ ۋاقىتتا، گورباچېۋنىڭ ئەسلىدىكى پىلانى سۇغا چىلاشقان، ئۇنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى پەقەتلا سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ياپونىيە بىلەن زېمىن ماجىراسى مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىش ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيتتى، شۇڭا ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا سۆھبەتلىشىش مۇمكىنچىلىكى پۈتۈنلەي تۈگىگەنىدى. گورباچېۋنىڭ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشى ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈش، ياپونىيەنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى زېمىن مەسىلىسى ئىدى. ياپونىيە تەرەپ گورباچېۋدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بولسىمۇ، گورباچېۋ ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا قۇرۇق قول قايتىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بولۇپ قالغانىدى.

        تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، گورباچېۋنىڭ پىلانىغا بىر مەھەل قارشى تۇرغان يېلتسىنمۇ جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ تارىختا ئۆز نامىنى قالدۇرماقچى بولغان. 1990- يىلى 1- ئايدا، يېلتسىن تۇنجى قېتىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، زېمىن مەسىلىسى توغرىسىدا بەزى ئالاھىدە تەكلىپ بەرمەكچى بولغان، لېكىن ئۇنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى بولمىغاچقا، تەكلىپىمۇ ئانچە كونكرېت بولمىغان، ياپونىيە سىياسىيونلىرى ئۇنى ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان. 1991 – يىلى 6 – ئايدا، يېلتسىن رۇسىيەنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۆزى ئىلگىرى ساخارىن ئارىلىدا دېگەن دەبدەبىلىك سۆزلىرىنى ئۇنتۇپ، ئاتالمىش ‹‹رۇسىيە – ياپونىيە زېمىن ماجىراسىنى باسقۇچلار بويىچە ھەل قىلىش پىلانى››نى ئېلان قىلغان. يېلتسىن ئۆزىنىڭ بۇ تەكلىپىنى جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان تەكلىپ، دەپ قارىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەكلىپنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان، لېكىن ھەربىي تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشى تۈپەيلىدىن يولغا قويالمىغان.

  مەنبەسى ئالىم بىز بىلوگى



ئەركىنلىكنى مەڭگۈ ھېسداشلىق ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن قان ئاققۇزۇش كېرەك!

غەلبە ھامان بىزگە مەنسۇپ!.....

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 1527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9099
تۆھپە نۇمۇرى: 2157
توردا: 1986 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 08:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گورباچىف تەلەيسىز كىشمىدۇ؟ئۇ تارىختىكى ئەڭ تەڭقىسلىقتا ھاكىمىيەت باشقۇرغان ئادەممىكى دەيمەن بولۇپمۇ يىقىنقى زامان تارىخدىكى!

ھەممىسى سەن ئۈچۈن!ھەممىسى......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79872
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 08:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روسىيە ئۆزىنى ياۋروپا دۆلىتى دەپ ئاتايدۇيۇ زىمىن تالىشىپ شەرقى ئاسىيانىڭ مەركىزىنىمۇ ئىزا تارتماي روسىيەنىڭ دەيدۇ تارىختا روسلار قورال كۈچى ۋە تەڭسىز شەرتنامىلەر بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مۇنبەت يەرلىرىنى بىسىۋالغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79144
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 657
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 08:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يەنە شۇ روس ...

ئەمدى تىللاش نۆۋىتى روسلارغا كەلگەن ئوخشايدۇ ، مەنمۇ مۇشۇ بانادا روسلارغا بولغان مۇھەببىتىمنى تازا بىر پۇخادىن چىققۇچە تىللاپ ئىپادىلىۋالاي .....

  

بۇ رۇسلار ئەسلىدىنلا سېپى ئۆزدىن ئىككى يۈزلۈمچى خەق ، ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنجى دۈشمىنى ، ئۇلارنى ئاسىيادىن تولۇق قوغلاپ چىقىرىپ ئەسلىدىكى ئورمانلىقلىرىغا قايتۇرۋېتىش كېرەك ، چۈنكى ئۇلارنىڭ شەھەرلىشىش تارىخى 600يىلغىمۇ يەتمەيدۇ ، بىز يېزىق ئىجات قىلىپ ، شەھەرلەشكەن ۋاقتتا ئۇلار تېخى ئورمانلىقتا يوپۇرماق بىلەن كۆتىنى يۆگەپ يۈرەتتى . روسلار قەدىمدىن تارتىپ ئاچكۆز مىللەت ، يىسەم-ئىچسەم دەپلا تۇرىدىغان ، شۇڭا ئۇلارنىڭ دۆلىتى كىڭىيىپ ھازىرقىدەك چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرگە قىلمىغان زۇلۇملىرى قالمىغان .

يىراق ياۋرۇپادىن كېڭەيمىچىلىك قىلىپ كاۋكاز تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىيا ، شەرقى ئاسىياغا كېلىپ بوزەك قىلمىغان مىللەتلەر قالمىدى ، كوممونىزىم ، سوتسىيالىزىم ئۇرۇقىنى چېچۋېتىپ تىرۇمىنزىمغا تەڭ تۇرالماي سەپتىن چېكىندى ، ئەمدى جۇڭگۇ ئامىركىنىڭ نىشانىغا يالغۇز ئىلىنىپ قالدىدە ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aㄒamaη تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 08:57 PM  


بىر بالا دادىسى بولمىسا چوڭ بولىدۇ،ئەمما ئانىسى بولمىسا چوڭ بۇلالمايدۇ . بىزنىڭ بىرلا ئانىمىز بار،ئۇ بولسىمۇ ۋەتەن . ئانىمىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلدىڭلارمۇ دەپ سوراۋاتىسىلەر،ئانامغا تىل تەككۈزگەننىڭ تىلىنى كېسپ،قول تەككۈزگەننىڭ قولىنى سۇندۇرۋېتىمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79872
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياپونىيەدە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيەلىكلەرنىڭ زېمىن قارىشىدا «كىچىككىنە ئۆزگىرىش» بولدى. رۇسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭيېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %5 رۇسىيەلىك رۇسىيە بىلەن ياپونىيە تالىشىۋاتقان جەنۇبىي كۇرىل تاقىم ئاراللىرى ( ياپونىيە شىمالدىكى تۆت ئارال، دەپئاتايدۇ) نى ياپونىيەگە شەرتسىز قايتۇرۇپبېرىشنى خالايدىكەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79144
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 657
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 09:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1980-يىلى گورباچېۋ يولغا قويغان ئىسلاھات موڭغۇل تىل تۈركۈمىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتلەرنىڭ ئېڭىنى ئۇرغۇتتى . تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدە روسىيەگە قارشى مىللىي كەيپىيات كۈچلۈك بولدى . 1990-يىلى 5-ئايدا بۇ جۇمھۇرىيەتتە روسىيەگە قارشى مالىمانچىلىق يۈز بېرىپ ، 88 كىشى قازا قىلدى . ئۇلار شۇ چاغدا: « رۇسلار قېلىپ بىزگە قۇل بولسۇن! » « كېتىشىڭلەرگە بىر ھەپتە مۆھلەت بېرىمىز ، بولمىسا سىلەرنى يوقىتىمىز » دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ، شەھەرلەرگە كىرىپ تۇرالغۇلارنى بۇلىدى . كېيىن تۇۋا ھۆكۈمىتى بۇ ئىشلارنى قانۇنلاشتۇرۇۋەتتى .
سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ، رۇسىيەدىكى موڭغۇل تىل تۈركۈمىدىكىلەر مىسلى كۆرۈلمىگەن مىللىي پۇرسەتكە ئىگە بولدى . بۇريات ، تۇۋا ، كالمىك ۋە ئالتاي ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە ئىككى بۇريات چېگرا رايونى قۇرۇلدى . لېكىن  رۇسلارنىڭ زور كۆلەمدە چېكىنىشى بىلەن موسكۋا بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ئاجىزلاشتى ، تۇۋا قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى ، كىشىلەر دېھقانچلىق مەيدانى ۋە كارخانىلاردىن پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ ساتتى ياكى بۇلىدى. بۇ جەرياندا تەربىيە كۆرگەن رۇس كەسپىي خادىملىرى چەتكە قېقىلدى ، ئۇلار تۇۋادىن كەتكەندىن كېيىن ، تۇۋالارنىڭ ھۆكۈمەتتىكى نىسبىتى تەدرىجىي ٪90تىن ئاشتى ؛ لېكىن تۇۋا ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا مىللىي توقۇنۇش مەۋجۇتلۇقىنى زادى ئېتىراپ قىلمىدى ، ئۇلار رۇسلارنىڭ كېتىشىگە ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشى سەۋەب بولغان دەپ قارىدى .
تۇۋا بۇرياتتىكى سىياسىي سەرخىللارمۇ خۇددى چېچىنىيەدىكى دۇدايېۋغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشكە ئۇرۇندى . 1992-يىلى تۇۋادىكى بەزى سىياسىي كۈچلەر تۇۋا ئاپتونومىيە ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللاپ ، مىللىي قوغدىنىش ئەترىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى . تۇۋا پارلامېنت ئەزالىرى يەنە دائىم ۋەكىل ئەۋەتىپ پانتۈركىزىمچىلار يىغىنى (ياقۇت ۋە ئالتاي چېگرا رايونلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە)  پانموڭغۇلىزىمچىلار يىغىنى (بۇريات ۋە كالمىك ۋەكىللىرى بىلەن بىللە) غا قاتناشتۇردى . رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۇۋانىڭ 2-چېچىنىيە بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلدى. يېلتسىن تۇۋا قاتارلىق رايونلارغا تۈرلۈك ئىمتىيازلارنى بېرىپ ، ئۇ يەرنى «ئالاھىدە مەمۇرىي رايون»غا ئايلاندۇرغان بولسىمۇ ، پۇتىن ھۆكۈمىتى بۇ ئىمتىيازنى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا قايتۇرۇۋالدى .
تۇۋا  بوريات قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ موسكۋادىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇش پوزىتسىيەسى مەركەزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىدىن بولغان ئەلۋەتتە ، زېمىنى كەڭ رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس ، ئۇلار مەركەزنى ياۋروپاغا قويۇپ ، يىراق شەرق ، سىبېرىيە رايونىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن . شۇڭا بۇ رايونلار ئىقتىسادىي ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ (مەسىلەن: جۇڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بىلەن ھەمكارلىشىپ) پانموڭغۇلىزمنى تەرغىپ قىلغان ؛ بەزى جايلاردىكى سەرخىل «پانموڭغۇلىزمچىلار» مۇستەقىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە تەلەپ قىلغان ، بۇ بەلكى ئۇلارنىڭ ئاچچىقىدا قىلغان سۆزى بولۇشى مۇمكىن ، روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاش ئۈچۈن ، ئۇلار ھەتتا «پانموڭغۇلىزم»نىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى مۇبالىغە قىلغان.
بەزى تارىخشۇناس ، سىياسىيون ۋە ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتلىرى رۇسىيەگە قارشى كەيپىيات ۋە سىياسىي ئېھتىياجدىن چىقىش قىلىپ ، «پانموڭغۇلىزم» ئىدىيە ئېقىمىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاكتىپ تۈرتكە بولغان . مەسىلەن: داڭلىق رادىكالچى سىتوماشىن: رۇسلار دائىم باشقا مىللەتلەرنى ياۋۇزلارچە بويسۇندۇرۇۋاتىدۇ ، ئۇلارغا قارىتا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېچىنىشلىق ئىرقىي يوقىتىشنى يولغا قويۇۋاتىدۇ ، دەپ يازغان ئۇ يەنە: ئۇلار چوڭ قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ ، كىشىلەرنى سىبېرىيەگە سۈرگۈن قىلىپ ، ئاچارچىلىققا مۇپتىلا قىلىۋاتىدۇ ، ئۇلارنى مىللىي ھوقۇقتىن تامامەن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قىلىۋاتىدۇ ، قەدىمقى مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ ...، بۇنداق ئىرقىي يوقىتىش ، تېررورلۇق ۋە فاشىزملىق قىلىش تەدبىرلىرى رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاساسى . رۇسىيە ئىمپېرىيەسى بۇرۇن شۇنىڭغا تايىنىپ مەۋجۇت بولغان ، ھازىرمۇ ، كەلگۈسىدىمۇ شۇنىڭغا تايىنىدۇ . بۇ رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بويسۇندۇرۇلغان مىللەتلەر (پولشالىقلار ، چېچەنلەر ، يەھۇدىيلار ۋە چۇكوتلار)غا قىلغان بىردىنبىر ئىلتىپاتى ، رۇسىيە تۈرمىسىنى بېشىدىن كەچۈرگەن مىللەتلەر ياۋروپا-ئاسىيائىزمنىڭ ھەرقانداق يالغان-ياۋىداق گېپى بىلەن بۇلارنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمايدۇ .
رۇسىيەنىڭ موڭغۇل تىلى تۈركۈمى رايونلىرىدا يەرلىك كىشىلەرنىڭ رۇسلارنى قاتتىق ئۇرۇشى ، زەخىملەندۈرۈشى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. 2007-يىلى 8-ئايدا 50 نەچچە مىللەتچى قوللىرىغا كالتەك-توقماق ، ئەتۋىركە ئېلىپ ئىركۇتسىك رايونىدىكى رۇسلار كەنتىنى قانغا بويۇۋەتتى ، 20 نەچچە كەنت ئاھالىسى يارىلاندۇرۇلدى. بۇ ، تەشكىللىك قۇترىتىلغان مىللىي توقۇنۇش بولسىمۇ ، يەرلىك ئاخبارات ئورۇنلىرى: بۇنى «لۈكچەكلەرنىڭ جېدەل چىقىرىشى» دەپ خەۋەر قىلدى . يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ بۇ ۋەقەنى موسكۋانىڭ تاقىرباشلار پارتىيەسىدىكىلەر تۇغدۇرغان ۋەقەگە مۇئامىلە قىلغاندەك ئادەتتكى ماجىرا قاتارىدا بىر تەرەپ قىلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aㄒamaη تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 09:50 PM  


بىر بالا دادىسى بولمىسا چوڭ بولىدۇ،ئەمما ئانىسى بولمىسا چوڭ بۇلالمايدۇ . بىزنىڭ بىرلا ئانىمىز بار،ئۇ بولسىمۇ ۋەتەن . ئانىمىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلدىڭلارمۇ دەپ سوراۋاتىسىلەر،ئانامغا تىل تەككۈزگەننىڭ تىلىنى كېسپ،قول تەككۈزگەننىڭ قولىنى سۇندۇرۋېتىمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1813
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6386
تۆھپە نۇمۇرى: 321
توردا: 3621 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 09:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچكۆز روس چۇشقىلرى پۇتۇن يەر شارىنى بەرسىمۇ تويمايدۇ.

ئادەم دۇنياغا ياشىغىلى كەلمەيدۇ ، ياراتقىلى كىلىدۇ ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17334
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4534
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىختا  نۇرغۇن ئىشلارنىڭ سەۋەبچىسى مۇشۇ روسلار.......ئۇلۇغ سۆزلىمەي.....!!!!

-شۈكرې اللە بەرگەن ھەربېركۈنلرېڭگە!دەرت-ئەلەمدېن ھەرۋاقېت يېراق قېل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66149
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 461
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەس روس چوشقىلىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61626
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2011-10-22
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 17 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روس چوشقلىرى ئۆزىنى بەك چوڭ تۇتىدۇ !!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش