يېزىپ سالدىم يەنە بىر شېئىر، گۈلدەك چېغىم ئەسلەپ مۇڭ بىلەن . مىھىرلىرىم ئىچرە چىن دىلدىن، توي قىلغانتىم چوڭقۇر دىل بىلەن.
تاللاش ئىكەن بەكمۇ بىر مۇھىم، تاللاپ بولۇپ بىر كۆز يۇمغۇلۇق. بالا يىتىم قىلىش ئەي ئىنسان، ئۇ، دۇنيادا باردۇر كۆرگۈلۈك.
ئايال كىشى خىزمەت بولمىسا، ئەرگە ياخشى بولماس بۇ دەۋىر. تۇتار ياش ئەر ئاتا يولىنى، لېكىن غورۇر بۇلغاندى ياپىر.
يىتىم بولدى نارسىدە قولدا، ياشلىق كۆزى ئالـــــەم تىترىتىپ. ئويلاپ قالدىم بۈگۈن ئولتۇرۇپ، <مەنمۇ ئانا، خەير !> جان تېتىپ.
بۇ كىملەردىن قالمىغان جاھان، ۋە كىملەرگە ئېچىلمىغان يول. چىقىدىكەن ھەممىگە نىكاھ، بالا يىغلار، بولمايدىكەن گول.
بالا چىھرى كۈلمىسە ئەگەر ، سېنىڭ بەختىڭ نەلەردە قالدى. شۇنچە بەخىت ئىچرە كۈلسەڭمۇ، بالا دەردى يۈرەكتىن ئالدى .
رەنجىمىگىن يېنىمدىكى يار، بولاي ساڭا كۈندە ياققان قار. بۇ ئازابىم پەرزەنتىم ئۈچۈن، <چۈشەن جېنىم> دىلىم ساڭا يار.
< قاراماي> كۈنى2012.5.10
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 06:12 PM
|