مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 542|ئىنكاس: 10

يەر-جاي تۆلەم باھا ئۆلچىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75103
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەنزۇچە سەۋىيە چەكلىك بولغاچقا، تەرجىمىدە خاتا بولۇپ قالغان جايلىرىنىڭ بولۇشى تەبئىي....ئوقۇرمەنلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سۇراش بىلەن بىرگە، بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ پەقەت تورداشلارنىڭ ئۆزئارا پايدىلىنىشى ئۈچۈنلا يوللانغانلىقىنى، قانۇنىي دەلىل سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيمەن......

ئەسلى مەنبە:

http://wenku.baidu.com/view/81157cabd1f34693daef3ef8.html



    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان تۆلەم تولۇقلىما ھەققىدىكى ۋاقىتلىق چارىسى


2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ خاتىرجەم ماكان بەرپا قىلىش، قاتناشنى قۇلايلاشتۇرۇش، زامانىۋى قاتناشنىڭ قۇلايلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، ۋاقىت ئارقىلىق چەت يىراق رايۇنلار ئارلىقىنى قىسقارتىش، شەھەر يېزىلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەزكۇر ۋاقىتلىق چارە تۈزۈپ چىقىلدى.

بىرىنچى، يەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان  تولۇقلىما

1.تېرىلغۇ يەرگە بېرلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمى

قۇرغاق يەرنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 53000يۈەن

سۇلۇق ئېتىزنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 90000يۈەن

كۆكتات ئېتىزلىرىنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 150000يۈەن

2.ئادەتتىكى يەرگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمى

قۇرغاق يەرنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 58000يۈەن

سۇلۇق ئېتىزنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 99000يۈەن

كۆكتات ئېتىزلىرىنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 156000يۈەن

3.ئورمانلىق ۋە باشقا يېزا ئىگىلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 138000يۈەن بېرىلىدۇ.

4.كان قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى دېھقانلار تۇرالغۇسى، يول قاتارلىق كوللىكتىپ ئىشلىتىدىغان يەرلەرنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 136000يۈەن بېرىلىدۇ.

5.بىكار يەر، قاقاسلىق، بىنام يەر، ساسلىق ۋە ئىشلىتىلمىگەن يەرلەر ئۈچۈن ھەر موسىغا 21000يۈەندىن بېرىلىدۇ.

ئىككىنچى، باشقا تۈرلۈك باجلار

1.تېرىلغۇ يەر بېجى، ھەر كۇۋادىرات مىتىرى ئۈچۈن 2يۈەندىن ھىسابلىنىدۇ.

2.تاۋار يەر (سەي ئېتىزى) ئېچىش فوندى ھەر موسى ئۈچۈن 10000يۈەن بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

3.يەرنى يەر ئىگىلىرىدىن ئاجرتىپ ۋاقىتلىق باشقۇرۇش ھەققى ئومۇمىي تۆلەم پۇلىنىڭ %3بويىچە ھېسابلىنىدۇ، دۆلەت زىمىن باشقۇرۇش ئورۇنلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ.

4.ئەسلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈزلەپ يېڭىدىن ئېچىش، ھەر موسى ئۈچۈن 4000يۈەن، بىر تۇتاش پىلانلىنىپ تەڭشىلىدۇ. ئۆلكىلىك زىمىن بايلىق نازارەتلىرى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ئۈچىنچى، باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش خىزمىتى تەرتىپى

1. باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇش. باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش تەستىقلىنىپ ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن، شۇ جايدىكى يەر باشقۇرۇش ئورگانلىرى باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش مەقسىتى، ئورنى، تۆلەم ئۆلچىمى، ئورۇنلاشتۇرۇش يولى قاتارلىقلارنى يازما شەكىلدە دېھقانلارغا، كوپراتىپلارغا، يېزا ئىگىلىك كوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىغا ئۇقتۇرىشى كېرەك. ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن دېھقانلار ياكى ئىقتىسادىي كوللىكتىپ كارخانىلار ئۆز مەيلىچە پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ تېرىسا، كۆچەت قويسا ياكى كۆچۈرسە، تولۇقلىما بېرىش ۋاقتىدا بىردەك ئىتراپ قىلىنمايدۇ.

2. باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەزىملەشتۇرۇش. دۆلەت زىمىن بايلىق ئىدارىلىرى قاتناش، ئورمانچىلىق ئىدارىلىرى بىلەن بىرگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ ئىگىدارلىقى، تۈرى، كۆلىمى ۋە يەردىكى باشقا قوشۇمچە مۈلۈكلەرنىڭ ئىگىدارلىقى، تۈرى، سانى قاتارلىقلارنى تەكشۈرىشى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى يېزا كوللىكتىپ ئىقتىسادى گەۋدىسى، دېھقانلار ۋە يەر ئىگىلىرى، يەردىكى مۈلۈكلەر ئىگىدارلىرى ۋە شەھەرلىك چېقىش يۆتكەش خىزمىتى ئىشخانلىرى بىلەن بىرگە جەزىملىشى كېرەك.

3. باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى تەشكىللەش.

باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش تەستىقلىنىپ ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن، شۇ جايدىكى يەر باشقۇرۇش ئورگانلىرى باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش مەقسىتى، ئورنى، تۆلەم ئۆلچىمى، ئورۇنلاشتۇرۇش يولى قاتارلىقلارنى يازما شەكىلدە دېھقانلارغا، كوپراتىپلارغا، يېزا ئىگىلىك كوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىغا ئۇقتۇرىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنى ئىسپات ئاڭلاشقا ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەگەر ئىسپات ئاڭلاشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار بولسا، «دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىسپات ئاڭلاش بەلگىلىمىسى» بويىچە ئىسپات ئاڭلاشقا تەشكىللەش كېرەك.

4.باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش تۆلەم كېلىشىمى ئىمزالاش.

دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىلىرى مۇشۇ لاھىيىدە بېكتىلگەن باھا ئۆلچىمى بويىچە دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي تەشكىللىرى بىلەن تۆلەم كېلىشىمى ئىمزالايدۇ. ھەمدە كېلىشىمنى باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش دوكلاتى بىلەن بىرگە يۇقىرىغا يوللايدۇ.

5. باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش ئىشلىرىنى تەستىقلاش ئىش ھالقىلىرىنى ئاشكارىلاش.

قانۇن بويىچە باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش تەستىقلانغان يەرلەر دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن باشقىلىرىنى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايۇنلۇق دۆلەت زېمىن بايلىق ئورۇنلىرى جەمئىيەتكە ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ناھىيىلىك زېمىن باشقۇرۇش تارماقلىرى « باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىش چارىسى» بويىچە ئىش قىلىشى، ئىشلىتىلگەن يەردىكى كەنىت،  گۇرۇپپىلارغا يەر ئىشلىتىش ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

6. باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش تۆلەم تولۇقلىمىسىنى تاپشۇرۇش.

باشقىلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ئىشلىتىش لاھىيىسى شەھەرلىك، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە ئۆز ۋاقتىدا تۆلەم بېرىلىشى كېرەك. دۆلەت زېمىن بايلىق ئورگانلىرى يېزا ئىگىلىك، خەلق ئىشلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرگە يىرى ئىشلىتىلگەن كوللىكتىپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تۆلەم پۇل تەقسىماتىغا نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

تۆتىنچى، ئۆي-جاي مۈلۈكلەرنىڭ تۆلەم تولۇقلىما ئۆلچىمى

1.ئۆي تۆلەم تولۇقلىمىسى

ئىككى قەۋەتلىكتىن يۇقىرى بىنا ئۆيلەرنىڭ ھەر كۇۋادىراتى ئۈچۈن 3300يۈەن.

زىچلاشتۇرۇلغان قىش قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرنىڭ ھەر كۇۋادىراتى ئۈچۈن 2800يۈەن.

ئادەتتىكى قىش قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرنىڭ ھەر كۇۋادىرات مىتىرى ئۈچۈن 2400يۈەن.

ياغاچ ئۆيلەرنىڭ ھەر كۇۋادىراتى ئۈچۈن 1900يۈەن.

2.باشقا مۈلۈكلەرنىڭ تۆلەم ئۆلچىمى

ئامبار ئۆينىڭ ھەر كۇۋادىرات مىتىرى ئۈچۈن 920يۈەن.

ھويلىنىڭ سېمونىتتا قاتتىقلاشتۇرۇلغان قىسمى ھەر كۇۋادىرات مېتىرى ئۈچۈن 165يۈەن.

پاتقاق گاز كۆلچىكى ئۈچۈن 4600يۈەن.

ھاجەتخانىنىڭ ھەر كۇۋادىرات مېتىرى ئۈچۈن 190-300يۈەنگىچە

چوشقا، توخۇ كاتەكلىرىنىڭ ھەر كۇۋادىراتى ئۈچۈن 150-260يۈەنگىچە.

سۇلياۋ لاپاسنىڭ ھەر كۇۋادىرات مېتىرى ئۈچۈن 165-280يۈەنگىچە.

سەي گەمىسى نىڭ ھەر كۇۋادىرات مېتىرى ئۈچۈن 180-330يۈەنگىچە.

  قىش تامنىڭ ھەر ئۇزارتىلغان مېتىرى ئۈچۈن 190يۈەن.

رىشاتكىنىڭ ھەر مىتىرىغا 450يۈەن.

دەرۋازا ئۈچۈن 2400يۈەن.

ئىچىملىك سۇ قۇدۇقى ئۈچۈن (باسما قۇدۇق ئۈسكىنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 1000يۈەن.

سۇغۇرۇش قۇدۇقى ئۈچۈن ھەر بىرىگە 15000يۈەن.

چوڭراق سۇغۇرۇش قۇدۇقى ئۈچۈن 30000يۈەن.

سۇ يەتكۈزۈش گۇەنزىسى ئۈچۈن ھەر مېتىرىغا 80-150يۈەنگىچە.

تېلغۇن ئۈچۈن ھەر ئائىلىگە 200يۈەن.

سىملىق تېلۋىزىيەنى كۆچۈرۈش ھەققى ئۈچۈن 300يۈەن.

ھەر بىر قەبرە ئۈچۈن 5000يۈەن.

3.باشقا جايدا ئولتۇراقلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى (تۇرالغۇ ۋە باشقا ئۈسكىنىلەرنى، ئىجارە ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەر ئائىلە ئۈچۈن 20000يۈەن.

بەشىنچى، ئورمان ئۈچۈن بېرىلىدىغان تۆلەم تولۇقلىمىسى

1.ھەرخىل دەرەخلەرنىڭ  تولۇقلىما ئۆلچىمى

1)تېرەك، سۆگەت قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ تۆلەم ئۆلچىمى

1-3يىلغىچە بولغانلىرىنىڭ ھەر مولىقىغا 6000يۈەن.

4-13يىلغىچە بولغانلىرىنىڭ ھەر مولىقىغا 12000-36000يۈەن.

14-20يىلغىچە بولغانلىرىنىڭ ھەر مولىقىغا 60000-80000يۈەن.

21يىلدىن ئاشقانلىرىنىڭ ھەر مولىقىغا 32000يۈەن.

2)دۇب دەرىخى تۆلەم ئۆلچىمى

1-3يىلغىچە بولغانلىرىنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 12000يۈەن

4-20يىغىچە بولغانلىرىنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 18000-30000يۈەنگىچە.

21-50يىلغىچە بولغانلىرىنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 44000-60000يۈەنگىچە.

51يىلدىن ئاشقانلىرنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 24000يۈەندىن بېرىلدۇ.

3)قىزىل قارىغاينىڭ تۆلەم ئۆلچىمى

1-3يىلغىچە بولغانلىرىنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 12000يۈەن

4-20يىغىچە بولغانلىرىنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 20000-31000يۈەنگىچە.

21-40يىلغىچە بولغانلىرىنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 56000-61000يۈەنگىچە.

41-70يىلغىچە بولغانلىرىنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 168000يۈەن.

71يىلدىن ئاشقانلىرنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 126000يۈەندىن بېرىلدۇ.

4)بال قارىغاي دەرىخىنىڭ تۆلەم ئۆلچىمى

1-3يىلغىچە بولغانلىرىنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 15000يۈەن

4-20يىغىچە بولغانلىرىنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 180000-250000يۈەنگىچە.

21-50يىلغىچە بولغانلىرىنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 60000-130000يۈەنگىچە.

51يىلدىن ئاشقانلىرنىڭ ھەر مولىقى ئۈچۈن 110000يۈەندىن بېرىلدۇ.

2.دېھقانلار ئۆيلىرىنىڭ ئالدى ئارقىسىدىكى ئورمان دەرەخلىرىگە بېرىلىدىغان تۆلەم ئۆلچىمى

ئادەتتىكى دەرەخلەر (تېرەك، سۆگەت، توغراق دېگەندەك)

دەسلەپكى باسقۇچ (1-10يىللىققىچە) ھەر تۈپى ئۈچۈن 35-65يۈەنگىچە.

ئوتتۇرا باسقۇچ (11-20يىللىققىچە) ھەر تۈپى ئۈچۈن 220-300يۈەنگىچە

يېتىلىش باسقۇچى (21يىللىقتىن يۇقىرى) ھەر تۈپى ئۈچۈن 350يۈەن.

3.ئورمان ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى

ئىقتىسادىي ئورمان، ماتىريال قىلىنىدىغان ئورمان، كۆچەتلىك ئۈچۈن ھەر موسىغا 120000يۈەن.

تېخى تەييار بولمىغان ئورمان ئۈچۈن ھەر موسىغا 86600يۈەن.

قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئورمىنى، ئالاھىدە ئورمانلار ئۈچۈن ھەر موسىغا 63360يۈەن، دۆلەت نوقتىلىق قوغدايدىغان مۇداپىئە ئورمانلىرى ئۈچۈن ھەر موسىغا 76670يۈەن.

كۆكەرتىش تىپىدىكى ئورمانلارنىڭ ھەر موسىغا 50000يۈەن.

ئوت ئاپىتى قاتارلىقلارلاردىن قالغان ئورمانلارنىڭ ھەر موسىغا 43340يۈەن.

ئورمان لايىھىلەش ھەققى ئورمانلىق، ئورمان ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئومۇمىي ھەققىنىڭ %3بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

6.باغ ئورمان تۆلەم ئۆلچىمى

1)ئالما دەرىخى

پەرۋىش باسقۇچى(1-5يىلغىچە) ھەرتۈپىگە 150-220يۈەنگىچە.

دەسلەپكى مىۋە بېرىش باشقۇچى (6-8يىلغىچە) ھەر تۈپىگە 300-450يۈەنگىچە.

مىۋەلەش باسقۇچى(9-25يىلغىچە) ھەر تۈپى ئۈچۈن 600-1800يۈەنگىچە.

يىگىلەش باسقۇچى (26يىلدىن يۇقىرى) ھەر تۈپى ئۈچۈن 900يۈەن.

2)نەشپۈت دەرىخى

پەرۋىش باسقۇچى(1-5يىلغىچە) ھەرتۈپىگە 45-120يۈەنگىچە.

دەسلەپكى مىۋە بېرىش باشقۇچى (6-8يىلغىچە) ھەر تۈپىگە 150-300يۈەنگىچە.

مىۋەلەش باسقۇچى(9-25يىلغىچە) ھەر تۈپى ئۈچۈن 1900-2200يۈەنگىچە.

يىگىلەش باسقۇچى (26يىلدىن يۇقىرى) ھەر تۈپى ئۈچۈن 1200يۈەن.

3)شاپتۇل دەرىخى

پەرۋىش باسقۇچى(1-3يىلغىچە) ھەرتۈپىگە 45-90يۈەنگىچە.

دەسلەپكى مىۋە بېرىش باشقۇچى (4-8يىلغىچە) ھەر تۈپىگە 150-280يۈەنگىچە.

مىۋەلەش باسقۇچى(9-20يىلغىچە) ھەر تۈپى ئۈچۈن 350-680يۈەنگىچە.

يىگىلەش باسقۇچى (21يىلدىن يۇقىرى) ھەر تۈپى ئۈچۈن 280يۈەن.

4)ئۈزۈم دەرىخى

پەرۋىش باسقۇچى(1-2يىلغىچە) ھەرتۈپىگە 30-55يۈەنگىچە.

دەسلەپكى مىۋە بېرىش باشقۇچى (3-5يىلغىچە) ھەر تۈپىگە 40-150يۈەنگىچە.

مىۋەلەش باسقۇچى(6-11يىلغىچە) ھەر تۈپى ئۈچۈن 150-330يۈەنگىچە.

يىگىلەش باسقۇچى (12يىلدىن يۇقىرى) ھەر تۈپى ئۈچۈن 190يۈەن.

5)چىلان دەرىخى

پەرۋىش باسقۇچى(1-3يىلغىچە) ھەرتۈپىگە 30-80يۈەنگىچە.

دەسلەپكى مىۋە بېرىش باشقۇچى (4-8يىلغىچە) ھەر تۈپىگە 50-120يۈەنگىچە.

مىۋەلەش باسقۇچى(9-30يىلغىچە) ھەر تۈپى ئۈچۈن 130-520يۈەنگىچە.

يىگىلەش باسقۇچى (31يىلدىن يۇقىرى) ھەر تۈپى ئۈچۈن 680يۈەن.

6)ئۈرۈك دەرىخى

پەرۋىش باسقۇچى(1-3يىلغىچە) ھەرتۈپىگە 45-185يۈەنگىچە.

دەسلەپكى مىۋە بېرىش باشقۇچى (4-7يىلغىچە) ھەر تۈپىگە 200-310يۈەنگىچە.

مىۋەلەش باسقۇچى(8-35يىلغىچە) ھەر تۈپى ئۈچۈن 500-1600يۈەنگىچە.

يىگىلەش باسقۇچى (36يىلدىن يۇقىرى) ھەر تۈپى ئۈچۈن 980يۈەن.

7)تاختاي دەرىخى

پەرۋىش باسقۇچى(1-4يىلغىچە) ھەرتۈپىگە 45-95يۈەنگىچە.

دەسلەپكى مىۋە بېرىش باشقۇچى (5-7يىلغىچە) ھەر تۈپىگە 190-210يۈەنگىچە.

مىۋەلەش باسقۇچى(8-35يىلغىچە) ھەر تۈپى ئۈچۈن 50-1600يۈەنگىچە.

يىگىلەش باسقۇچى (36يىلدىن يۇقىرى) ھەر تۈپى ئۈچۈن 860يۈەن.

8)شالغۇت مىۋىلىك دەرەخ

پەرۋىش باسقۇچى(1-3يىلغىچە) ھەرتۈپىگە 25-50يۈەنگىچە.

دەسلەپكى مىۋە بېرىش باشقۇچى (4-10يىلغىچە) ھەر تۈپىگە 80-130يۈەنگىچە.

مىۋەلەش باسقۇچى(11-25يىلغىچە) ھەر تۈپى ئۈچۈن 130-280يۈەنگىچە.

يىگىلەش باسقۇچى (26يىلدىن يۇقىرى) ھەر تۈپى ئۈچۈن 140يۈەن.

يەتتىنچى،ئېلىكتىر ئەسلىھەلىرىنى چېقىش كۆچۈرۈش تۆلەم ئۆلچىمى

1.تۆۋەن بېسىملىق ئېلىكتىر لېنىيەسىنى ئۆزگەرتىش( 0.4KV)،ھەر كېلومىتىر ئۈچۈن 3000يۈەن. سىتولبىنى ئېگىزلىتىش ھەر دانىسى ئۈچۈن 1000يۈەن، قۇيما ستولبا ئۈچۈن ھەر بىرىگە 1500يۈەندىن.

2.يۇقىرى بېىسملىق ئېلىكتىر لېنىيەسىنى ئۆزگەرتىش (10KV)، ھەر كېلومىتىر ئۈچۈن 47000يۈەن. قۇيما سېتولبىنى ئېگىزلىتىش ھەر دانىسىغا 6000يۈەن. Hستولبا ئۈچۈن دانىسىغا 8000يۈەن.

3.يۇقىرى بېسىملىك ئېلىكتىر لېنىيەسىنى ئېگىزلىتىش (66KV). قۇيما ستولبىنىڭ دانىسىغا 5500يۈەندىن. H ستولبا ئۈچۈن دانىسىغا 8000يۈەن. Aستولبا ئۈچۈن دانىسىغا 10000يۈەن.تۆمۈر مۇنار شەكىللىك ستولبا ئۈچۈن دانىسىغا 100000يۈەن.

4.يۇقىرى بېسىملىك ئۆلچەملىك ئېلىكتىر لېنىيەلىرىنى ئېگىزلىتىش (220KVدىن يۇقىرى).قوش قۇيما ستولبىنىڭ دانىسىغا 20000يۈەن. تۆمۈر مۇنار شەكىللىك ستولبا ئۈچۈن ھەر ئورۇندىكىسىگە 200000يۈەن.

سەككىزىنچى، پوچتا ئالاقە ئۈسكىنىلىرى ئورنىنى يۆتكەش تۆلەم ئۆلچىمى.

1.تېلفون لېنىيەسى

ياغاچ ستولبا ئۈچۈن دانىسىغا 1000-2000يۈەنگىچە.

قۇيما ستولبا ئۈچۈن دانىسىغا 1500-3000يۈەنگىچە.

2.بوشلۇق كابىلى

ياغاچ ستولبا ئۈچۈن دانىسىغا 500يۈەن.

قۇيما ستولبا ئۈچۈن دانىسىغا1000يۈەن.

نۇر كابىلنىڭ ھەر مېتىرى ئۈچۈن 50-150يۈەنگىچە.

3.يەر ئاستى نۇر كابىلى

كابىل سىمىنىڭ ھەر مىتىرىغا 100-200يۈەنگىچە.

توققۇزىنچى، سۇغۇرۇش ئېتىزلىرى سۇ ئىنشائاتلىرىنىڭ تۆلەم ئۆلچىمى

قۇرۇلۇشنى رېمونىت قىلىش ۋە تۆلەم تۆلەش پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلىپ پۈتۈش تەننەرخى بويىچە مۇۋاپىق تۆلەم بېرىلسە بولىدۇ.

1.كەنىتلەردىكى كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرى

ئامبار سۇ يۈزىنى ئۆلچەم قىلىپ (سۇغۇرۇش ۋە بېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە) ھەر موسىغا 19000يۈەن تۆلەم بېرىلىدۇ.

ئامبار سۇ يۈزىنى ئۆلچەم قىلىپ (سۇغۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە) ھەر موسىغا 16000يۈەن تۆلەم بېرىلىدۇ.

ھېچنىمىگە ئىشلىتىلمىگەن سۇ ئامبارلىرى ئۈچۈن ھەر موسىغا 300يۈەن بېرىلىدۇ.

2.ئېتىز سۇغۇرۇش ئىنشائات ئەسلىھەلىرى

كىچىك تىپتىكى قۇيما زاكۇ ، ھەر بىرى ئۈچۈن 15000-20000يۈەنگىچە بېرىلىدۇ.

سۇغۇرۇش ئۆستەك دامبىسى، ھەر مېتىرى ئۈچۈن 80يۈەن.

ئونىنچى، كان زاۋۇت كارخانالارنىڭ چېقىپ كۆچۈرۈلۈش تۆلەم ئۆلچىمى

دۆلەت ئېگىدارلىقىدىكى كان زاۋۇت كارخانالارنىڭ چېقىپ كۆچۈرۈلسە، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇۋاپىق تۆلەم بېرىلسە بولىدۇ. ئىشخانا بىنالىرى پۇقرالار ئۆيلىرىگە بېرىلىدىغان تۆلەم بويىچە بولسا بولىدۇ. زاۋۇت ئۆيى قاتارلىقلار سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىشتىن توختاش ۋە يۆتكەش ھەقلىرى مۇۋاپىق ھېسابلانسا بولىدۇ.

ئون بىرىنچى، قۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى يول ئۈچۈن بېرىلىدىغان تۆلەم ئۆلچىمى

قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان يوللارنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدىكى ئاسرىلىش ئىشلىرى قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرپىدىن بولىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن تۆلەم ئۆلچىمى بويىچە ھەر قايسى تارماقلار مەسئۇل بولىدۇ. يېزا كەنىت يوللىرىنىڭ ماتىريال ئەھۋالى، يول كەڭ تارلىقى ئەھۋالىغا قاراپ ھەر كلومىتىرىغا 200000-350000يۈەنگىچە تۆلەم تولۇقلىمىسى بېرىلسە بولىدۇ.

يېزا كەنىت يوللىرى (شېغىل يول) ھەر كلومىتىرى ئۈچۈن 90000يۈەن.

يېزا كەنىت يوللىرى (تۇپا يول) ھەر كلومىتىرى ئۈچۈن 40000يۈەن.

ئون ئىككىنچى، يېزا كەنىت يوللىرى ۋە ئېتىز ئارا يوللارغا بېرىلىدىغان تۆلەم تولۇقلىما.

دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، رېمونىتلاشقا تېگىشلىك كەنىت يوللىرىنى ۋە ئېتىزئارا يوللارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما ھەرقايسى جايلار تەشكىللەپ  يۈرگۈزىدۇ.

كەنىت يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇش (شېغىل يول) ھەر كلومېتىرىغا 120000يۈەن.

يېزا كەنىت ئېتىزئارا يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇش، ھەر كلومېتىرىغا 80000يۈەن.

ئون ئۈچىنچى، يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە چېقىپ يۆتكەش جەريانىدا ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ھادىسىلەر تۆلىمى

يەرگە بېرىلىدىغان تۆلەم ۋە چېقىپ يۆتكەش تۆلەم ئومۇمىي پۇلىنىڭ %5بويىچە ھېسابلىنىدۇ. يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە چېقىپ يۆتكەش جەريانىدا ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ھادىسىلەر تۆلەم پۇلىنى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار ئىشلىتىدۇ.ئاساسلىقى ئەسلىدىكى چېقىش يۆتكەش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان باشقا ئەسلىھەلەر چېقىلىش يۆتكىلىش تۆلىمى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. چېقىش پىلانىدا بەلگىلەنمىگەن، توختامغا كىرگۈزۈلمىگەن تۈرلەرگەئىشلىتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ پىلان ئۆزگىرى ياكى يەر تەۋرەش قاتارلىق ئاپەت سەۋەبلىك كېلىپ چىققان زىيانلارغا تۆلەم بېرىشتە ئىشلىتىدۇ. يەرلەرنى باشقىلاردىن قايتۇرۇۋېلىپ ئىشلىتىشتە ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان تۈر دەپ قارالغانلار ئۆلكە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يەر بايلىقى ئىدارىلىرى تەرپىدىن تەستىقلىنىدۇ ۋە نازارەت قىلىنىدۇ.

ئون تۆتىنچى، ھەر قايسى شەھەرلىك چېقىش يۆتكەش ئىشخانا باشقۇرۇش ھەقلىرى

ئۆلكە شەھەرلىك چېقىش يۆتكەش ئورۇنلىرى تەرپىدىن تەستىقلانغان ئومۇمىي راسخوتنىڭ %3بويىچە بولىدۇ.

ھەرقايسى شەھەرلىك چېقىش يۆتكەش ئىشخانلىرى ۋاقىتلىق ئورگان بولۇپ ئاساسلىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارغا چېتىشلىق چېقىش يۆتكەش ئىشلىرىدا ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ. شەھەر ناھىيىلىك چېقىش يۆتكەش ئورۇنلىرى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئىشلىشى چات كېرىۋالماسلىقى كېرەك.

ئون بەشىنچى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئورمان تۆلەم ئۆلچىمى

1.كۆچەتلىك ئۈچۈن تۆلەم ھېسابلاش ئۇسۇلى

كۆچەتلىك ئۈچۈن بېرىلىدىغان تۆلەم = مەزكۇر كۆچەتلىكنىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى * كۆچەتلىك كۆلىمى * تۆلەم ھەسسىسى

تۆلەم كويفىنسىنتى = ۋاقىتلىك ئىگىلەنگەن يەر (ئىككى يىلدىن يۇقىرى ئىشلىتىلگەن) ھەر يىللىقى ئۈچۈن 2.5-5ھەسسە. مەڭگۈلۈك يەر (3يىلدىن يۇقىرى، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) 10-25ھەسسىگىچە.

2.دۆلەت ئىگىلىكىدىكى باشقا ئورمانلار تۆلىمىنى ھېسابلاش (مايسىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

باشقا ئورمان تۆلىمى = يېزا ئېتىزلىرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى * ئورمان كۆلەم ۋە تۆلەم كويفىنسىنتى

3.كوللىكتىپ ئىگىلىكىدىكى باشقا مەڭگۈلۈك ئورمانلار تۆلىمىنى ھېسابلاش (مايسىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

كوللىكتىپ ئىگىلىكىدىكى ئورمان تۆلىمى = يېزا ئېتىزلىرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى * ئورمان كۆلەم ۋە تۆلەم كويفىنسىنتى (6-10)

4. كوللىكتىپ ئىگىلىكىدىكى باشقا ۋاقىتلىق ئورمانلار تۆلىمىنى ھېسابلاش (مايسىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

كوللىكتىپ ئىگىلىكىدىكى ۋاقىتلىق ئورمان تۆلىمى = يېزا ئېتىزلىرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى * ئورمان كۆلەم ۋە تۆلەم كويفىنسىنتى (ئىشلىتىش ۋاقتى بىر يىل بولسا 1.5-3 ھەسسە، ئىككى يىل بولسا 5ھەسسە)

ئون ئالتىنچى، ئۆيى چېقىلغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، مىيىپلار، ۋە باشقا كىرىمى بولمىغا مەجرۇھلار ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تۆلەم ۋە ئىتبار بېرىلىدۇ:

1.«تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت كېنىشكىسى» بار ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرى چېقىلسا، تۆلەم پۇلى 55000يۈەندىن تۆۋەن بولسا 55000يۈەن بويىچە ھېسابلىنىپ بېرىلىدۇ.

2.«تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت كېنىشكىسى» بار مىيىپ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى چېقىلسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى پۇقرالار مېيىپلىك كېنىشكىسى» دىكى ئىزاھاتقا ئاساسەن، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك ئاڭلاش، سۆزلەش ۋە باشقا ئەزالار جەھەتتە مېيىپ بولسا، ياكى كۆرۈش، روھى كېسەل قاتارلىق كېسەللەر بولسا، بىرىنچى تۈردىكى تۆلەمگە يەنە 10000يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ.

ئون يەتتىنچى، ئالاھىدە ئەھۋاللاردا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى ئاساس قىلىپ شۇ جايدىكى مال باھا ئۆلچىمى بويىچە، شەھەرلىك باشقۇرغۇچى ئورگانلار ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرىنى ئېچىپ، مۈلۈك ئىگىلىرى بىلەن كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

ئون سەككىزىنچى، ئىقتىسادى قۇرۇلۇش خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدۇر. يەرلەرنى ئېلىۋېلىپ ئىشلىتىش پۇقرالارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىشى، پۈتۈن خەلقنىڭ يۇرىت ماكان قۇرۇش كەيپىياتىنى بەرپا قىلىش، زورلۇق كۈچ بىلەن چېقىش ھەركەتلىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەگەر پۇقرالارنى قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە بىۋاستە مەسئۇل رەھبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

مەزكۇر پىرىنسىپ 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 10:53 PM  


كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1072
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1978
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1770 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 05:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن  مۇشۇ  ئاساستا ئۆلچەملىك  قانۇنلۇق  بىر  بەلگىلىمە بولسا  بۇلاتتى ،ھازىر شىنقاڭنىڭ نەرىگىلا  بارسىڭىز ئۆيچېقىش .باشلىنىپ كەتتى ،لىكىن تۆلەمنىڭ تۆۋەن بۇلۇشى  سەۋەپلىك  خەلىق  چوڭ زىيان  تارتىۋاتىدۇ ،،،

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2907
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7265
تۆھپە نۇمۇرى: 325
توردا: 5175 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ بويىچە ھىساپلىسا خىلى بىر يەردە چىقىدىكەن ھازىرقى قۇرۇلۇشلار ....

ئابى زۇلال  شەربەتلىرى توپ تارقىتىلىدۇ .

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2770
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 340 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 07:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ    قانۇن  كۈچكە ئىگە قانۇنمۇ؟پۈتۇن جۇڭگۇ تەۋەسىگە چىقاغان قانۇنمۇ يا بۇ؟؟؟؟؟؟؟

مۇھەببەتنى قەدىرلەڭ ،ئۇسىز گە مەنسۇپ چاغد قەدىرلىمەي،يۇقاتقاندا بېشڭىزنى تاشقا ئۇرسىڭىزمۇ،بېشڭىز ئاغرىيدۇ خالاس باشقا پايدىسى يوق شۇڭا ئۇنى قەدىرلەڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76114
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-2-17
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 07:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنلەر ئۆي چېقىش تۆلىمىگە مۇشۇ بۇيىچە بېرىشىى مۇمكىن لېكىن ئۇيغۇرلارغا بۇ قانۇندا يېزىلغان باھابۇيىچە بېرىشى مۇمكىن ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23631
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2977
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 08:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساۋات ..........................

قايىل قىلىش قۇرق

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 648
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9326
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 4801 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 08:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      قانداقلا بولمىسۇن بۇ چارە مەركەزنىڭ يەرلىك خاقانلارنىڭ ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىشنى چەكلەش ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۇرىدۇ ! شۇڭا ئادەتتە « مەركەزنىڭ سىياسىتى ياخشى ، گەپ يەرلىكتە » دەيمىز . مەركەز توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەردى ، بۇ چارىنىڭ ئەمىلىشىشى پۇقرالارغا باغلىق !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5107
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5209
تۆھپە نۇمۇرى: 257
توردا: 461 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قايسۇ ئورۇن چىقارغان بەلگىلىمە؟ ئەسلى مەنبەدىمۇ بۇ توغۇرسىدا ھېچنىمە بىرىلمەپتۇ، ئەگەر بۇ بىر قانۇنى كۈچكە ئېگە بەلگىلىمە بولسا، موشۇ ئاي موشۇ كۈنلەردە خەلقىمىزگە ياغدەك ياقاتتىكەن. بىراق بۇ بىر يۇقۇرغا سۇنۇلغان تەكلىپتەك تۇردۇ، قانۇندىن خەۋىرى بار تورداشلار تېزرەك بىر ئىنقلىما بېرۋەتسە بولاتتى.

ھاياتنىڭ لەززىت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7623
تۆھپە نۇمۇرى: 532
توردا: 3237 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 17 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت...
مەنمۇ ئەلباشىنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4119
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35773
تۆھپە نۇمۇرى: 621
توردا: 6421 سائەت
تىزىم: 2010-7-16
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 15 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق ئوقۇدۇم ،بۇ بەلگىلمىنىڭ ئاخىرىدا ئەر يەر ئۆزىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا قاراپ ئىجرا قىلسۇندىگەن ئەسكەرتىش يوقكەن

مۇسۇلمانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش