ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق دوسلار ياخشىمۇسىلەر، مەن دەۋىر دىن سىلەرگەچوڭقۇر سالام . مەن ئۇزۇندىن بېرى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ سىلەر بىلەن پاراڭلىشالمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگەئازبولسىمۇ بىرقانچە ماقال-تەمسىل ئالغاچ كەلدىم، قېنى مەرھەمەت!
ئۇيغۇرخەلىق ماقال-تەمسىللىرى
ئادەمگەئەدەپ ياخشى،ھايۋانغاھەلەپ ياخشى .
ئاسان ئىشنىڭ بېشىغا،ھەركىم بارار قېشىغا.
ئاي يۈزىگەخال يارىشىور،قىزخۇلقىغانازيارىشور.
ئەخمەق ئۆزىنى داڭلاپتۇ،تەنتەك قىزىنى داڭلاپتۇ.
باي مېلىنى سۆزلەيدۇ،يوق غېمىنى سۆزلەيدۇ.
بىرئىت كۆرۈپ قاۋىسا،مىڭ ئىت كۆرمەي قاۋايدۇ.
پارچەئوتۇن ئوتۇن بولماس،ئاغچا خوتۇن خوتۇن بولماس.
ئۆپكىنىڭ دورىسى چامغۇر،چىشنىڭ دورىسى ئامبۇر.
ئۇسۇلنى باشلىغان داپچى،جىدەلنى باشلىغان لاپچى.
ئۇرۇشقاق خوتۇن ئەرنى قىرىتار ،گازىريىلتىزى يەرنى قىرىتار.
ئوينىغىلى قىز ياخشى ، تېيىلغىلى مۇز ياخشى .
ئوغرى بىلەن يولداش بولما،خوتۇن بىلەن سىرداش بولما.
قېرى ئۇماچقا ئامراق ، ياش قوماچقا ئامراق.
ھەشىقپىچەك ياماشقاق بولۇر،بولۇمسىز خوتۇن ئۇرۇشقاق بولۇر.
ھارغاننىڭ دۈشمىنى ساراڭ،سازنىڭ دۈشمىنى پاراڭ.
مەنبە: خاتىرەم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 05:43 PM