پالچى ۋەھىمىسى
ئاپتورى: مەلىكە
نىمىشقىدۇر يىقىندىن بۇيان كۆزلىرىم تىلىپ ئاغرىيدىغان، يۇرۇقلۇقنى كۆرسەم كۆزلىرىمنى ئاچالماي قىينىلىدىغان بولۇپ قالدىم، دوختۇرخانىغا باردىم،دوختۇرلار زىيادە چارچاشتىن بولغان،ئارام ئىلىشقا دىققەت قىلىڭ
دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى-دە، تىمىتىپ ئىشلىتىدىغان بىرقانچە خىل دورىلارنى بەرگەنمۇ بولدى.
قىينالساممۇ ئىشقا بىرىپ كىلىپ يۇرىۋەردىم،ھەي...خەپ دەيمەن، مۇشۇ تۇرمۇش ياخشى بولىدىغان
ئىش بولسا شۇنچە ئازاپقا چىداپ ئىشقا بارىدىغان ساراڭمۇ مەن-ھە؟
__مەن سىزگە دىدىمغۇ؟ كىتابنى ئازراق كۆرۈڭ، گىزىتقا بەك يىپىشىۋالماڭ،دەپ...
__ۋاي-ۋاي -ۋاي ...تولا كوتىلداۋەرمىگىنە، جىنىم چىقاي دەپ تۇرغاندا...
ھىرىپ-چارچىغاننىڭ ئۈستىگە،كۆزلىرىمنىڭ تىلىپ ئاغرىشىنى زورىغا بىسىپ ئۆيگە كىرىپ ئايىغىمنى سىلىۋاتسام،خوتۇننىڭ <<قانداقراق؟ خىلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟>> دەيدىغان بىر ئىغىز گىپى يوق،
خۇددى مەن ئۇنىڭ بالىسىدەك كوتۇلداپ نەسىھەت قىلىشنى باشلىغان تىخى...
مەن ئىشلىمىسەم بۇ ئۆي قانداق چۆرگىلەيدۇ؟ بۇنى ئويلىغۇچى بارمىدۇ ئۇنىڭ...
ساپما كەشنى كىيۋىلىپ ئۇھ..دىدىم...
ساپاغا ئۆزۈمنى جايلاشتۇرۇپ دىققىتىمنى تىلۋۇزۇرغا يۆتكىدىم،قارىغاندا خەۋەرلەر پىراگىرامىسىدەك قىلاتتى:
__........تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا يۈرەك كىسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ئۆلگەن، ئەجەبلىنەرلىك يىرى شۇكى ئۆلۈش ئالدىدا ئۆلگۈچىدە بۇنداق كىسەللىك ئالامىتىنى بارلىقى
ئىسپاتلانمىغان...
كەينىدىن ئۆلگۈچىنىڭ نەق مەيدان ئۆلگەن سۈرىتى بىسىلىۋىدى، كۆزۈمگە تۇنۇشلا كۆرۈنۈپ كەتتى:
ئىككى كۆزى يوغان ئىچىلغان، ئاغزى ۋارقىرىغان ھالەتتە ئوچۇق، چىرايىدىن دەششەت قورققانلىق چىقىپ
تۇراتتى...
بۇ بۇ ؟؟ مەن نەدە كۆرگەن بولغۇيتتۇم بۇ ئاداشنى...ھە..ھە..ئىسىمگە كەلگەندەك قىلدى، بۇ بىزنىڭ ئىدارىگە ماڭىدىغان يۇلدا پال ئىچىپ يۇرۇيدىغان كىشى ئىدى...
__چاي ئىچىڭە...
__ئا،،،،،،،،،،
خوتۇننىڭ تۇيۇقسىز گەپ قىلىشى يۈرەكلىرىمنى پۇلاڭلىتىۋەتكەن ئىدى...
__ساراڭمۇ سىز؟ نىمىگە ۋارقىرايسىز؟ چاي ئىچىڭ دىگەن گەپمۇ...
__گەپ قىلماي قويساڭ بولمامدۇ؟ شۇنداقمۇ قاتتىق ئاۋازدا گەپ قىلامسەن؟؟؟
ئاچچىغىمدا تۇيۇقسىز چۆچىتىۋەتكەن خوتۇنۇمغا ھومۇيۇپ قارىدىم،
ئايالىمنىڭ چىرايى تۇيۇقسىز شۇنداق بەدبەشىرە بولدىكى ،چىرايىدىن نەق ئالۋاستىنىڭ ئۆزى ئىدى:
__چاي ئىچىڭ...قان ئىچىڭ،دەيمەن....
__پىيالىدە لىققىدە قىپقىزىل قان تامچىپ تۇراتتى....ئالدىمدا ئايالىم ئەمەس، تۇيۇقسىز ئاجايىپ مۇدھىش
كىلەڭسىز بىرنىمە تۇراتتى...
__ئا...ئا....قۇتقۇزۇڭلار___ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم...
___ھەي...سىدىق،ھەي...؟ قوپىڭە ئورنىڭىزدىن...ھەي...
كۆزلىرىمنى ئىچىپ چىلىققىدە تەرگە چۆمكەلگەن ھالدا ئۆزۈمنى كارۋاتتا كۆردۈم،خوتۇننىڭ چىرايىغا
قورقۇمسىراپ قارىدىم، مۇشۇ ۋاقىتتا چۈش بولسىمۇ ئويغانغا ۋاقىتتا ئۆيدە بولماي باشقا يەردە بولۇپ قالسامچۇ كاشكى...دىگەنلەرنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردۈم...
__نىمە بولدىڭىز سىدىق؟ قارا بىسىپ قاپتىمۇ-ھە سىزنى؟
ئۇيقۇ چىراي ھالىتى، ساڭگۇل-سۇڭگۇل چۇۋۇق چاشلىرى، كىيىۋالغان قىپقىزىل ئۇخلاش كىيىمى...
بىزار بولغاندەك قاراپ قويدۇم:
__ھىچنىمە بولمىدىم، ئۇخلاۋەر...
ياتاق ئۆيدىن چىقىپ زالنىڭ، مىھمانخانە ئۆينىڭ، ئاشخانىنىڭ، تازلىق ئۆيىنىڭ...ئىشقىلىپ چىراغ بارلىكى يەرنىڭ توكلىرىنى ياندۇردۇم...مىھمانخانا ئۆيگە كىرىپ سائەتكە قارىۋىدىم، سائەت سەھەر ۋاقتى بىرنى كۆرسىتىپ تۇراتتى...
نىمە ئىش بولغۇيتتى بۇ...
يۈزلىرىمنى مۇزدەك سۇدا يۇيىۋىتىپ سەل سەگىگەندەك بولدۇم، ئارقىدىن بىرتال تاماكا چەككەچ تىلۋۇزۇرنى ئاچتىم...
تىلۋىزىيە ئىستانسىلىرى مۇشۇنداق كەچتىمۇ ئارام ئالمامدىغاندۇ-دەپمۇ ئويلاپ قالدىم..ھەرخىل كىنولار، خەۋەرلەر...ئادەتتىكىدەك بىرىلىۋاتاتتى...
__سىدىق!
__ھە؟
دەماللىققا ھە دەپ بولۇپ ئۆزۈمچە ئەنسىرەپ قالدىم، خوتۇن ئۇخلاۋاتىدۇ، ئۆيدە ئىككىمىزدىن باشقا ھىچكىم
يوق، ئۇنداقتا مىنى چاقىرغان كىم؟
تىنىم سۇس جىغىلدىدى، شۇندىمۇ سەزگۈرىمنى خوتۇن چاقىرىۋاتىدۇ،دەپ ئويلىدىم-دە سەل تىترىگىنىمچە
ياتاق ئۆيگە كىردىم، خوتۇن بايام يىتىپ قالغان پىتى تاتلىق ئۇيقۇدا ئىدى،دىمەك ئۇ مىنى چارقىرمىدى...
تىنىم شۈركىنىپ كەتتى،بەلكىم قۇلۇقۇمغا شۇنداق ئاڭلانغاندۇ؟ ئاستا كىرىپ يۇتقانغا چۈمكىنىۋالدىم، شۇندىلا
سەل خاتىرجەم بولدۇم، تۇرۇپ ئۆز-ئۆزۈمدىن نۇمۇسمۇ قىلىپ قالدىم، چوپچوڭ ئەركەك تۇرۇپ قىلىۋاتقان
ئىشىمنى قارا...
بىرىدىنلا تىلۋۇزۇرنى ئۆچۈرمەي چىققىنىم ئىسىمگە كەلدى...ۋاي--ۋاي--ۋاي-- ئۆتكەن ئايدا توك پۇلى ئادەتتىكىدىن 20 يۇەن ئىشىپ كىتىپتىكەن، خوتۇن مەندىنلا كۆرگەن، ئەمدى بۇ ئاي يەنە ئىشىپ كەتسە ....
شۇلارنى ئويلىغاچ مىھمانخانا ئۆيگە چىقتىم، تىلۋۇزۇردا خەۋەر بىرىلىۋاتاتتى، خەۋەردە يەنە ھىلىقى مەن تۇنۇيدىغان پالچىنىڭ ئۆلۈمى ئۈستىدە مۇھاكىمە تىپىتىدىكى خەۋەر ئىدى، ئارلاپ-ئارلاپ ھىلىقى بەدبەشىرە ئۆلگەندىكى چىرايىنىمۇ قۇشۇپ قۇيۇۋاتاتتى...توۋا...بايا چۈشۈمدىمۇ مۇشۇ خەۋەر..ئەمدى ئوڭۇمدىمۇ...
خۇدايىم ئۆزۈڭ بار، نىمانداق قورقۇنۇچلۇق...تىلۋۇزۇرنى ئۆچۈردۈم...
__سىدىق؟
گەجگىلىرىم يەنە قورۇلۇشقا باشلىدى...قۇلقۇمغا شۇنداق ئاڭلىنىۋاتامدۇ-يا؟
__سىدىق؟
ئاناڭنى، كىمدۇ مىنى قورقىتىۋاتقان ،يا ما خوتۇنمىدۇ؟
__كىمۇ؟؟
ئاۋازىم ئۆزۈمگە ئاڭلاندى، ياتاق ئۆيى بىلەن مىھمانخانە ئارلىقى تۆت مىتىرچە كىلەتتى...
ئايالىم ئۇخلاپ قالغان ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى غىچچچچچ قىىپ ئىچىلدى...
خەپ، ئەسلى ما خوتۇن ماڭا ئويۇن ئويناپ بىرىۋاتىپتۇ-دە...
مىھمانخانىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ ياتاق ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، غىللىدە بىر سايىنىڭ ياتاق ئۆيگە
كىرىپ كەتكىنىنى كۆردۈم:
ئەمدى شەكسىز ئىشەندىم، ما خوتۇن دىگەن نىمە ئەسلى مىنى قورقۇتۇپ يۈرىۋاتىپتىكەن ئەمەسمۇ...
خەپ گۇي، ئەدىپىڭنى بىر قوللۇق بەرمەيدىغان بولسام...
گۈس-گۈس دەسسەپ ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىچىپلا ۋارقىرىدىم:
__ساراڭ بولدىڭمۇ يىرىم كىچىدە؟ نىمە چاقىرىپ يۇرىيسەن؟؟؟
جىمجىت...
چىراغنى ياندۇرىۋىدىم، خوتۇن يەنىلا ھىچنىمىنى تۇيمىغاندەك دۈمبىسىنى قىلىپ ئوخلاۋاتاتتى....
__ھوي!!!قوپە دەۋەتىمەن ساڭا!!!
جىمجىت...
تىللاشلىرىنى، غوتۇلداشلرىنى تۇيۇقسىز سىغىنىپ قالدىم، نىمانداق ئۆلۈپ قالغاندەك جىمجىت ياتىدۇ گۇينىڭ بالىسى...
يىنىغا بىرىپ تۈرتىپ ئويغاتتىم:
__مەن سىنى قوپ دەيمەن...
__سىدىق؟ نىمە دەيسىز؟
قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمىدىم، شەكسىزكى بۇ گەپنى ماۋۇ كۆز ئالدىمدا ئۇخلاپ ياتقان خوتۇنۇم دىمىگەن ئىدى،
ئاۋاز زالدىن كىرىۋاتقاندەك قىلاتتى...
خوتۇننىڭ چىرايىغا قاراشقا راسلا جۈرەت قىلالمىدىم...
باشقىسىنى ئويلاشقا تىخىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم، شۇندىلا ھىلىقى ئۆلۈم خەۋىرى تىلۋۇزۇردا بىرىلگەن پالچىنىڭ يىنىغا بىر ئاي بۇرۇن بىرىپ پال سالغۇزغىنىمدا ماڭا دىگەن مۇنۇ گەپلىرى ئىسىمگە چۈشتى:
__خوتۇنىڭىز ئىنسان نەسلىدىن ياتكەن، پەخەس بولغايسىز....
شۇ ۋاقىتتا تاس قالاتتىم پالچىنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويغىلى،لىكىن پال سالغۇزغا گۇناھىم ئۆزۈمدە بولغاندىن كىيىن گەپ قىلماي كىتىپ قالغان ئىدىم....
ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟؟ دىمەك پالچىنىڭ گىپى راس ئوخشىمامدۇ؟
ئالدىمدىكى مۇنۇ خوتۇن ياق ئالۋاستى ئۇخلاپ ياتاتتى...قانداق قىلىش كىرەك؟ مىنىڭ بىلىپ قالغانلىقىمنى
ئۇ بىلەرمۇ؟ بىلسە قانداق قىلار؟؟ بىردىنبىر ياخشى ئامال قىچىش...پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا قانداق كىرگەن بولسام
ئاستا كەينىمگە بىرقەدەم-بىرقەدەم ئالدىم...ئۇ ھىچنىمىنى تۇيمىغاندەك جىمجىت كارۋاتتا دۈمبىسىنى قىلىپ ياتاتتى...
تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ يىنىغا كەلگىنىمدە كەينىمگە بىر نەرسە ئۇرۇلدى، پۈتۈن دىققىتىم كارۋات ئۈستىدىكى
ئالۋاستى خوتۇنۇمدا بولغاچقىمۇ ئۈسسىۋالغان نەرسىدىن چۆچۈپ ئەندىكىم كەتتىم:
__ئا....
شۇندىمۇ كەينىمگە قەتئىي قارىماي ئالدىمدىكى كارىۋاتتا ماڭا دۈمبىسىنى قىلىپ ياتقان خوتۇندىن كۆزۈمنى
ئۈزمىدىم، خۇددى ئۇ قوپۇپ كىتىدىغاندەك...تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ ماڭا قارايدىغاندەك...قارىسىلا بەدبەشىرە چىرايىنى نامايەن قىلىدىغاندەك...لىكىن خوتۇن جىممىدە ماڭا دۈمبىسىنى قىلىپ ياتاتتى...
__سىدىق؟
مىنى چاقىرغان ئاۋاز كارۋاتتىن ئەمەس دەل ئارقا تەرىپىمدىن چىقىۋاتاتتى، تىخى شۇنچە يىقىن، قۇلاق تۈۋىمدىلا...
پۇت قولۇمدا جان قالمىغان ئىدى....لاغىلداپ تىترەپ...كۆزلىرىمنى كارىۋاتتىن ئىلىپ
ئاستا بىشىمنى كەينىگە بۇرۇدۇم....
ئاھ...نىمىسىنى دەي...بۇ چىراي...بۇ يۈز...ئاپلا...مۇشۇ يەردە ئۆلۈپمۇ قىلىشقا رازى ئىدىمكى بۇ چىراينى قايتا كۆرۈشكە قەتتىي رايىم يوق ئىدى...
چىرايى ئۇنغا مىلىنىپ قالغان ئادەمدەك ئاپئاق...كۆزلىرىنىڭ ئەتراپى قاپقارا كۆكۈش...بىر كۆزى بارمۇ-يۇقمۇ...ئىشقىلىپ بۇنداق چىراينى ئىككىنجى قىتىم كۆرۈشتىن خۇدا ساقلا...
__بۇنچە كەچتە نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇۋالدىم، مىنى نىمە قىلىۋەتسە مەيلى، مۇشۇ چىراينى ئىككىنجى كۆرمىسەملا مەن رازى ئىدىم...
__گەپ قىلىڭە....
توي قىلغانغا توي...ئاھ....ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن...لاغ-لاغ تىترەپ كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمغىنىمچە تىزلىنىپ قالدىم...
__ھوي...نىمە بولدىڭىز؟ كۆزىڭىزنى ئىچىڭە، چىڭڭىدە يۇمۇۋالماي...
__مىنى نىمە قىلساڭ قىل، كۆزۈمنى ئىچىغقا زورلىما، نەچچە يىل تۇتقان ئۆينىڭ يۈز خاتىرىسى بولۇپ قالسۇن...
__ساراڭ بولدىڭىزمۇ نىمە؟؟___مىنى تارتىشتۇرۇپ ئورنىمدىن تۇرغۇزۇشقا زورلايتتى...
___ھەي سىدىق؟؟؟ قوپۇڭ دەيمەن...نىمە بولدى سىزگە....
مانا مانا ماۋۇ راست خوتۇنۇمنىڭ ئاۋازى...مەيلى راست خوتۇن بولسۇن ياكى جىن خوتۇن بولسۇن،،، ئىشقىلىپ ماڭا نەچچە يىل خوتۇن بولغان ئايالنىڭ ئاۋازى...
كۆزۈمنى ئاستا ئاچتىم...ئاچتىميۇ يەنە يۇمۇۋالدىم...چۈنكى ئۇنىڭ كۆكۈش كۆزلىرى يوقاپ ئورنىغا ئۆزىنىڭ كۆزلىرى كىلىپ قالغان ئىدى،لىكىن ئاپئاق قانسىز يۈزى ئۆزگەرمىگەن ئىدى....
نىمە بولسام بولاي، ھامىنى ئۆزۈمنىڭ خوتۇنىنىڭ ئالۋاستىلىقىنى بىلمەي ئۆي تۇتۇپ مۇشۇ يىلغا كەپتىمەن، ئۆلىدىغان ۋاقىتتا بولسىمۇ ئەسلى چىرايىنى بىر كۆرىۋىلىپ بولسىمۇ ئۆلۈپ كىتەي....
نەدىن كەلگەن جۈرەت ئۇقمىدىم، كۆزۈمنى لاپپىدە قىلىپ ئاچتىم...نىمىسىنى دەي....يۈزلىرىگە
سۇ تولۇقلايدىغان(面膜) بىر قەۋەت ئاق پەردىنى چاپلاپ، ئىككى كۆزىگە ئىككى پارچە تەرخەمەك
ياپراقچىسىنى چاپلىۋالغان ئايالىم ماڭا ھەيران بولغىنىچە قاراپ تۇراتتى...ئاڭغىچە كۆزلىرىدىكى تەرخەمەك ياپراقچىسىمۇ پەسكە دۇمىلاپ چۈشۈپ كەتتى....
__سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ-ھە؟
چىرايىغا تىكىلىپ قارىدىم، زور غەيرات بىلەن يۈزىدىكى بىر قەۋەت پەردىنى سويۇپ ئىلىۋىدىم، خوتۇنۇمنىڭ چىرايى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى...
__سەن..سەن...زادى ئادەممۇئالۋاستىمۇ؟
تىللىرىممۇ گەپكە قولىشالمايۋاتاتتى...
__ئوھۇش...قىپقىزىل ساراڭ بوپسىز...
ئايالىم مانا ئەمدى ئۆزىگە سەل ئوخشاۋاتاتتى...
__يىرىم كىچىدە ئادەم ئۇخلاتماي جۆيلۈپ چىقىسىز، ئۇيقۇم قىچىپ ئوبۇرنىغا كىرسەم قەغەزنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ بوپسىز...قەغەز ئەكىرىپ بىرەرمىكىن دەپ شۇنچە چاقىرساممۇ ھە دىمەيسىز...
ئامال يوق، ئۆزۈم چىقىپ قەغەز ئەكىردىم، ئۇنىڭغىچە قارىسام تىلۋۇزۇر كۆرىۋاتىسىز، ئاۋازىنىڭ يۇقۇرلىقىدىن مىنىڭمۇ ئۇيقۇم قاچتى شۇ...شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن مىيروڭ (美容) قىلىشنى ئۇنتۇپ قاپىمەن، تازلىق ئۆيىدە مىيروڭ قىلىپ بولۇپ چىقسام ساراڭلاردەك بۇيەردە كەينىڭىزگە بىرقەدەم-بىرقەدەمدىن داجىپ يۈرىيسىز...نىمە قىلاركىن دەپ ساقلاپ تۇرسام يەنە داجىپ ماڭا ئۈسسىدىڭىز، كەينىڭىزگە قاراپمۇ قويماي تىزىنىپ يۈرىيسىز...
نىمە ئادەمنى قورقۇتۇپ...ساراڭدەك...ئوھۇش...روھى كىسەل....
ئايالىمنىڭ غوتۇلداشلىرىدىنمۇ گۇمان قىلىپ قالدىم...مەن يەنە تىزلانغىنىمچە ئايالىمغا سىنجىلاپ قاراپ تۇراتتىم...بارا-بارا ئۇنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىدىم...لىكىن ئاۋۇ كىرىۋاتتا ماڭا دۈمبىسىنى قىلىپ ياتقىنىچۇ؟
ئايالىم كوتىداپ ھاردى بولغاي پەرۋا قىلماي ماڭا بىرنى ھومۇيۇپ قيدى-دە...ھىلىقى مەن كۆرگەن ماڭا
دۈمبىسىنى قىلىپ ياتقان<<خوتۇنۇم>>نىڭ بىشىدىكى چاچنى يۇلۇپ دىگۈدەك ئالدى-دە،
بىشىغا كىيىۋالدى...
ئاھ خۇدا...ئەسلىدە ئايالىم ئۆزىنىڭ كەيمە چىچىنى قونچاق مۈشۈك ئىيىققا كەيگۈزۈپ قويۇپ تازلىق ئۆيىگە
چىقىپ كەتكەن ئىكەن ئەمەسمۇ....
__مەلىكە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 03:46 PM