ئەر ئەمەس
(ongmas)
ئىسمى ئەرچە، تۇرقى دۇرۇس بولمىغانلار ئەر ئەمەس،
ئەردەپ يۈرۈپ، ئەرلەرگە خاس بولمىغانلار ئەر ئەمەس،
ئەرچە غۇرۇر،چىدام، ۋىجدان بولمىغانلار ئەر ئەمەس،
ۋەدە قىلىپ ، ئۆز لەۋزىدە تۇرمىغانلار ئەر ئەمەس،
ئەر تۆرۈلۈپ، ئەردەك مەغرۇر بولمىغانلار ئەر ئەمەس.
.
كۆز چاقنىتىپ پاقىرىغاننىڭ ھەممىسىلا زەر ئەمەس،
زىمىندىكى شور تۇپراقنىڭ ھەممىسىلا يەر ئەمەس،
مېھنەت قىلماي تۆكۈلگەننىڭ ھەممىسىلا تەر ئەمەس،
ھىد چېچىپ پۇرىغاننىڭ ھەممىسىلا ئەنبەر ئەمەس،
ئەلدە ياشاپ، ئەلگە سادىق بولمىغانلار ئەر ئەمەس.
.
ئەركەك تۇرۇپ، ئائىلىدە سەركىچىلىك بولالماس،
ئەر سانىلىپ، ئەرچە ئىشنى ئۆز ئالدىغا قىلالماس،
قەسەمخور بوپ، قەسىمىدە ھېچ پەقەتلا تۇرالماس،
ئەرلىك غۇرۇر، ۋىجدانى كەم ئەلگە ئۈلگە بولالماس،
نە ئار-نومۇس،ئىنساپ،ئەخلاق بولمىغانلار ئەر ئەمەس.
.
ئائىلىدە، جەمئىيەتتە ئۆز قەدرىنى ھېچ بىلمەس،
ھەسەتخورلۇق ئاڭا تالىق يوق تەبەسسۇم ھېچ كۈلمەس،
تەرسالىقى تۇتسا گاھى، نومۇس قىلاي ھېچ دېمەس،
بەخىت-ئامەت نە تۇرۇپتۇ، يېقىنلاشماس- ھېچ كەلمەس،
تۇرقى ئىنسان ، ئۆزى ئۇنداق بولمىغانلار ئەر ئەمەس.
.
باردۇر يەنە بەزىلىرى خېنىم مىجەز، ساز ئەمەس،
قىلىقلىرى خاس ئايالچە زىبۇ-زىننەت ئاز ئەمەس،
تۇرقىدىن ئەرلىك چىقماس، ئەمما خۇلقى-ناز ئەمەس،
ئايرىماق تەس جىنسىنى ھېچ، ياكى ئۆردەك-غاز ئەمەس،
ئىسمى ئەرچە ، جىسمى ئۇنداق بولمىغانلار ئەر ئەمەس.
.
بولساڭ ئەركەك تۈزۈك بولغىن، ئاتىما ئەر بولمىسا،
ساقال-بۇرۇت ئەرلىك زىننەت قاملاشمايدۇ بولمىسا،
ئاتىلىسەن خېنىم مىجەز، بولساڭ ئەگەرناركۇسا،
بولماس ھۆرمەت ئۆيدە،سىرىتتا ئەرلىك غۇرۇر بولمىسا،
شۇڭا دەيمەن، تۇرقى ئەرچە بولمىغانلار ئەر ئەمەس!
شېئىرىنىڭ ئاپتورى: باي ناھىيىسىدىن :
.
مەخمۇت ئاۋۇت(ongmas)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 03:11 PM