مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 126|ئىنكاس: 5

چېكەتكە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 636
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چېكەتكە

(ھېكايە)

تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن


ئۇنىڭ ئوڭ قاپىقى تويۇقسىز لىپىلداپ تارتىشا باشلىدى، كۈتۈلمىگەن ۋەھىمىدىن كۆڭلى ئۆڭدى، يۈرىكى كۆڭۈلسىز ئاغدى. ئۇنىڭ بارا – بارا قاتتىق تارتىۋاتقان قاپىقى بىر كېلىشمەسلىكتىن بشارەت بېرىۋاتتا، غەشلىك چىرمىۋالغان قەلبى قاتتىق – قاتتىق سىقىلاتتى، قىزىلمۇچ سۈرەتكەندەك ئىچىشاتتى. چۈنكى ئۇ، ھەر قېتىم ئوڭ قاپىقى تارتقاندا بىر پالاكەتنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەيتى. دەرۋازا ئالدىدىكى قاپاق توغراققا قۇنۇۋالغان بىر قاغىنىڭ ئەنسىز قاقىدىلىشى غەشلىك ئۈستىگە غەشلىك يۈكلىدى.

تېخى بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن تۇققۇزتاش تۈگمىنىنىڭ يۇقىرىسا ئۆستەڭ چېپىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئوڭ قاپىقى بىردەم قاتتىق تارتىۋېدى، ئۇزاق ئۆتمەستىن چوڭ قىزىنىڭ تراكتور ھادىسىسىغا ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەلگەنىدى. مانا قىزنىڭ قىرقى توشماي تۇرۇپلا قاپىقىنىڭ تىنىمسىز لىپىلدىشى بالىنىڭ ئىشق  ئوتىدا ئۇرۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بىچارە دادىنىڭ ئاجىز تېنىنى تىتىرىتىۋەتتى... قەلبىنى چىرمىۋالغان ئەنسىزلىك، قۇرقۇنچ، ۋەھىمە تۈپەيلى ئۇنىڭ ھېچبىر ئىشى پەقەت قوۋلاشمايتتى. ئۇ قوشنىسىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن ئاتا مىراس ئۆتۈكىنى ياماۋىتىپ قولىغا بىر نەچچە قېتىم يىڭنە، بىگىز سانجىۋالدى. ئوڭ قاپىقىنىڭ لىپىلدىشى بىلەن تەڭ ھېلىقى قاغىنىڭ كۆڭۈلسىز قاقىلدىشى ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەنسىزچىلىكىنى كۈچەيتىۋەتتى. يۈرىكىنى ئامبۇردەك قىسىپ، نەپەس ئېلىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، يۈرىكىنى چەكسىز قۇرقۇنچ ئىگىۋالدى. قاپىقى يەنە لىپىلدىۋېدى يۈرىكى بىگىز سانجىخاندەك قاتتىق ئىچىشىپ كەتتى...

-چىرت، چىرت، چىرت....

چېكەتكىنىڭ يېقىمسىز ئاۋازىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ غەشلىك، پەرىشانلىق قاپلىۋالدى، بۇرۇختۇملۇق چىرمىۋالدى، ئەندىشە، ئۈمىدسىزلىك ئۇنىڭ جىسمىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارىغا ئېلىۋالدى، دەھشەتلىك خىياللار، ۋەھىمىلىك ئويلا ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە چەكچىيىپ قالغانىدى.

ئۇ چېڭكەتكىگە قەۋەتلا ئۆچ ئىدى، ئاۋازىدىن ئارامسىزلىناتتى.... بۇ ئۇنىڭ يەتتە يەتتە ياشلارغا كىرىپ قالغان چاغلىرى ئىدى. ئۇ بارى- يوق ئىككى قوينى چاڭگالدا بېقىپ كىرىپ قوتانغا سولىۋەتكەندىن كېيىن، ئانسى ئۇسسۇپ قويغان بىر تاۋاق ئۇماچنى قولىغا ئېلىپ ئەمدى ئىچەي دەپ تاۋاققا قوشۇق سېلىۋېدى، قوشۇقىغا ئۇماچقا مېلىنىپ كەتكەن بىر چېكەتكە چىققان، ئۇنىڭ قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇماچنى ھەرگىز ئىچمىگەنىدى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ چېكەتكىگە چىش- تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ قالغانىدى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىمۇ بولدى قۇيۇق چېچى تىك تۇراتتى، پۈتۈن بەدىنى غەزەپتىن تىتىرەيتتى....

- چىرت، چىرت، چىرت....

- سەن چىرىلدىمىغان مېنىڭ ئۆيۈم قالغانمىدى؟!... بىر دەم بولسىمۇ ئاراملىق بەرسەڭ نېمە بولار؟.... قاچانمۇ يوقىلارسەن.... ئەجەبمۇ سېغىندىمغۇ سۆيۈملۈك قىشنى .... ئاچچىق، سوغۇق شامالنى ...

چېكەتكىلەرنىڭ ھويلا- ئاراملاردا، بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردا، بەس- بەس بىلەن چىرىلىشى ئۇنىڭ ئىچىنى مۈشۈك تاتىلاۋاتقاندەك تاتىلاپ ئېچىشتۈرۈشقا باشلىدى.... چېكەتكىلەر خۇددى ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك ئوچاق بېشىدا، قاچا- قۇچىلارنى تىزىپ قويىدىغان لەمپىلەردە، ئۆينىڭ بۇلۇڭلىرىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن توختىماي چىرىلدايتتى.

- چىرت، چىرت،چىرت ....

ئۇ كۆڭلى غەش ھالدا مەھەللىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى قوناقلىرىنىڭ ئاقتاما سۈيىنى سېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقتى، ئۇ بىر دەم بولسىمۇ بۇ نىجىسىنىڭ ئاۋازىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىدى. ئۇنىڭ خىياللىرى چېچىلدى، ئۇنىڭ چىگىش خىيالى تولىمۇ ئۇزۇن ئىدى. ئۇنىڭ ھارغىن قەدەملىرى ئېغىر- ئېغىر يۆتكىلەتتى.

ئۇ تۈنۈگۈنلا ئەتراپنى يۇمشىتىپ تۈۋىگە يۇمىشاق توپا يۆلەپ قويۇپ كىرىپ كەتكەن قوناق مايسىلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتىەە قاراپ ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى، مايسىلارنىڭ سولىشىپ، قۇلاقلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ئۇنمىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرۇۋەتتى. ئۇ مايسىلارنىڭ تۈۋىگە توپا يۆلىگەندە تولىمۇ ئاۋايلىغاندى.

- چىرت، چىرت، چىرت ....

ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، تاپىنىدىن كىرگەن تىتىرەك مېڭىسىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئېتىزغا كىردى، كىردىيۇ دىك- دىك سەكرىشىپ « چىرت، چىرت، چىرت» ئاۋاز چىقىرىپ سايرىشىپ يۈرگەن چېكەتكىلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدى... بىر خىل سەسكىنلىشتىن يۈرىكىنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى خىرە – شىرە ھېس قىلدى. كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن سۆيۈملۈك مەھەللىلەر ۋەيران بولدى، ئالەم تۇمان ئىچىگە غەرق بولدى....

- چېكەتكەن ئاپىتى ... چېكەتكە ئاپىتى... چڭكەتكە ئاپىتى...! ئۇ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرايتتى، ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئەتراپتىكى ئېتىزلارغا يۈرگۈردى. سانسىز چېكەتكىلەر ھەريان سەكرەشتى، ئۇنىڭ ئەتراپتىدا، بېشى ئۈستىدىكى بوشلۇقتا خاتىرجەم ئۇچۇپ يرىشەتتى. ئۇنىڭىغا قاراپ مەسخىرە بىلەن پۇتلىرىنى سىلكىشەتتى، چېكەتكىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئاسماننى ئېنىق كۆرگىنى بولمايتتى، يەردىن، بېشى ئۈستىدىكى بوشلۇقتىن، تۆت ئەتراپىدىن چېكەتكىلەرنىڭ تەنتەنىلىك ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى، ئۇبۇ يېقىمسىز ئاۋازلارنىڭ غەلىبە ناخشىسى بولۇپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتى....

- چىرت، چىرت، چىرت....!

ئۇ سولىشىپ، بارا- بارا قۇرۇپ كېتىشكە باشلىغان قوناق مايسىلىرىغا قاراپ ئېغىر ئۇھ تارتتى، ئۇ ئەمدى پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەنىدى... نۇرسىز كۆزلىرى ئەلەم بىلەن تولغانىدى. ئىپادىسىز كۆز قارىچۇقلىرى جىن چىراغدەك غۇۋا پىلىلدايتتى... ئۇ نابۇت بولغان مايسىلارغا قاراپ بۇقۇلداپ يىغلايتتى، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكىلەتتى...

ئۇ ئىككى قۇلىقىنى چىڭ ئېتىۋېلىپ:

- چېكەتكەن ئاپىتى... قوناقلار نابۇت بوپتۇ... دەپ ۋارقىرىغىنچە مەھەللىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى- دە، ئۆيگە كىرىپ باللىرىنى سۈپۈرگە، چىۋىق... قاتارلىقلار بىلەن قوراللاندۇرۇپ قوناقلىققا قاراپ بار كۈچى بىلەن يۈرگۈردى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىتائەتمەن جاپاكەش، مېھرىبان ئايالى بالىلىرىنى ئەگشتۈرگىنىچە سوكۇلداپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ كۆكسى ئۈستىدىن چىڭ بسىۋالغانىدى.... مەھەللىدىكى جاپاكەش دېھقانلارمۇ قوناقلىقلىرىغا قارىشىپ سەلدەك ئاقتى... ئۇلار ئېتىش باشلىرىغا يېتىپ كېلىشپ نابۇت بولغان مايسىلارغا قاراپ ھۆكىرەپ- يىغلاشقا باشلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى بېسىۋالالماي يىغلىشاتتى، بۇ كۈتۈلمىگەن ئاپەتتىن ھەممىنى ئۇنتۇشقانىدى.

- بۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى.

- بۇ خۇدانىڭ ئىنسابىنى، مېھىر- شەپقەتنى ئۇنتۇشقان ئىنسابسىز بەندىلىرىگە بەرگەن جازاسى.

- بۇ پەدىشەپنى ئۇنۇتقانلىقنىڭ ئاقىۋىتى.

- بۇ...

- بۇ...

- يىغا، قۇرۇق گەپ بىلەن ئىش پۈتەمدۇ، مەسىلە ھەل بولامدۇ؟! نېمىگە قاراپ تۇرىسىلەر قولۇڭلارغا نېمە چىقىسا شۇنى ئېلىپ بۇ مەلئۇنلارنى ئېتىزدىنقوغلىمامسىلەر...

ئۇ ئامالسىز قالغان قېرىنداشلىرىغا قاراپ ۋاقىرىدى.... دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھاشارات يوقىتىش دورىسى چېچىش ماشىنىسىنى يۈتكىنىچە ئوتتۇز يىللىق مول تەجرىبىگە ئىە، تەپەككۇرغا باي پېشقەدەم ئاگرونوم پەيدا بولدى. كېشىلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن قاراشتى، ئۇنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرۈشتى. ئاگرونوم ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى، تېنىگە سوغۇق تىتىرەك ئۇلاشتى، كۆزلىرى بارا- بارا يوغىناپ، لەۋلىرى تىتىردى، كۆز چاناقلىرى نەملەشتى، ئۇ ئۆزىگە ئۈمىد ئىچىدە قاراپ تۇرغان ئادەملەرگە ئۈمىدسىز كۆزلىرىنى تىكىپ بىچارىلەرچە بېشىنى چايقىدى....

- بۇ راينىمىز تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەڭ چوڭ ئاپەت، سىلەر ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قاراپسىلەر، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان بىزگە مەلۇم قىلمپاسىلەر، بىزمۇ كېچىكىپ قاپتۇق. ئەمدى ئالدىنى ئېلىش تولىمۇ قىيىنىغا چۈشىدۇ، دورا بىلەن يوقىتىش، ئالداپ يوقىتىشمۇ ئەمدى كار قىلمايدۇ. چېكەتكە ھەم تۇيغۇن ھەم ھېلىگەر...چېكەتكىلەرنىڭ بەس- بەس بىلەن ئومۇمىي خور بولۇپ چىرىداشلىرى ئاگرونومىنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى. پېشقەدەم ئاگرونوم بىر- بىرى بىلەن بەيگىگە چۈشكەندەك سەكرىشىۋاتقان، ئۇچۇشىۋاتقان چېكەتكىلەرگە قاراپ ئازاب، ئەلەم، قايغۇ... ئىچىدە ئېغىر ئۇ تارتتى، ھەسىرەت بىلەن خۇرسىندى.

مەن بۇ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلاي، سىلەرمۇ چامىڭلارنىڭ يېتىشىچە، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە چېكەتكىلەرەە قارشى تۇرۇپ ئېتىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ ھەر خىل ئۇسۇل- چارىلار بىلەن يوقىتىپ، قالغان مايسىلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار....

ئۆزىگە كۆزلىرىنى مىختەك تىكىپ قاراپ تۇرغان چېكەتكىلەرنى كۆرۈپ ئاگرونومنىڭ تېنى شۈركىنىپ كەتتى، قەلبىنى ۋەھىمە چىرمىۋالدى... ئۇ ئۆزىگە ئۈمىد، ئىشەنچ بىلەن قاراپ تۇرۇشقان ئادەملەر توپىدىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ۋېلىسىپىتىنى مېنىپ يۈرۈپ كەتتى..

نابۇت بولغان مايسىلارغا قاراپ ئىچى سىرىلىپ كېتىۋاتقان دېھنلار ئازاب ئىچىدە ئاگرونومنىڭ ئارقىسىن ئۆزلىرىنى ئۇنۇتۇشقان ھالدا بىر ھازا قاراپ تۇرۇشتى، دېھقانلار ئاگرونومنىڭ تىزراق چېكەتكىلەرنى يوقىتىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىغا تولىمۇ تەشنا ئىدى...

ئارگرونوم، سېنىڭ زىرائەتلىردە كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مول تەجىرىبەڭ بار ئىدىغۇ؟ ئۆتكەن يىلى كېۋەزلەرە كۆرۈلگەن(كېۋەز كۆك پىتى)، غوزا قۇرتى ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بىزنى بەك خوش قىلىۋەكەن ئەمەسمىدىڭ... بۇ ئاپەتنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بىزنى بەك خوش قىلىۋەتكەن ئەمەسمىدىڭ... بۇ ئاپەتنىڭ ئالدىدا سەنمۇ ئامالسىز قالدىڭمۇ، ئاخىر... ھەر بىر دېھقاننىڭ غەمكىن كۆزلىرىدە يۇقىرىقىدەك دەردلىك نىدا، ئازابلىق شىۋىرلاش بار ئىدى.

ئۇلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە بارا- بارا سولىشىپ كېتىۋاتقان مايسىلارغا قاراپ ئېغىر خۇرسىنىشتى...

نېمىگە قاراپ تۇرىسىلەر، چېكەتكىلەر قىلغۇلۇقىنى قىلسىنمۇ بىز قاراپ تۇرامدۇق... يۈرۈڭلار، بىز بۇ كاساپەتلەرنى سۈر توقاي قىلىپ زىرائەت ئېتىزلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ئۆزىمىزنى بىر تېتىتىپ قويايلى، چېكەتكىلەرگە ئىنسانلارنىڭ قۇدىرىتىنى، ھەر قانداق ئاپەتنىڭ ئالدىدا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويايلى...! دەپ مۇراجىئەت قىلدى ئۇ.

ئۇلار چېكەتكىلەر بىلەن بولغان كەسكىن جەڭنى باشلىۋەتتى، چېكەتكىلەر ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىكى بوشلۇقتا، تۆت ئەتراپىدا، كىيىملىرى ئۈستىدە خاتىرجەم ھەرىكەت قىلاتتى، خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بەس-بەس بىلەن چىرىلدىشاتتى، چېكەتكىلەرنىڭ شادلىق قاپلىغان ئاۋازلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىگە يىڭنە سانجىلىغاندەك سانجىلاتتى، ئۇنى چەكسىز تۇمانلار قوينىغا ئىتتىرەتتى، ۋۇخۇدىنى شۈركەندۈرەتتى، ئۇ بۇنداق چاغلاردا قارا باسقاندەك لاغىلداپ تىتىرەپ كېەتتى- دە ۋەھىمە ئىچىدە ئازابلىق ئىڭرايتتى.

ئۇ، بار كۈچى بىلەن قولىدىكى سۈپۈرگىنى تەرەپ- تەرەپكە سىلكىپ بىر توپ كىشىلەرنى ئالدىدا كېتىپ باراتشىپ دېگۈدەك كېلىۋاتاتتى...

ئۇ ئۇزاققا سوزۇلغان ئېلىشىشتىن كېيىن ئارقىسىغا قاىۋىدى، كۆڭلى قاتتىق ئۆڭدى، چەكسىز ئەندىشىدىن ئاجىز تېنى سىلكىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆزىگە نە خوتۇن- بالىلىرى، نە مەھەللەداشلىرى، نە يۇرتىداشلىرى كۆرۈنمىدى...

ئادەملەرنىڭ ئەسلى تۇرقى، سىماسى قاياقلارغىدۇر يوقالغانىدى، ئەمدى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئاجايىپ- غارايىپ چېكەتكىلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ئۇ، بۇ غەلىە مەنزىرىنى كۆرۈپ گۈپپىدە يىقىلدى، سولىشىپ كەتكەن بىر تال مايسىنى يۇلۇپ ئېلىپ ئاۋايلاپ كۆكسىگە چىڭ باستى، ئۇ گەۋدىسى ئۈستىدە بىخاراماىن مېڭىپ يۈرۈشكەن چېكەتكىلەرنى قوغلىۋېتىشكە ئامالسىز ئىدى. ئۇ كۆزلىرىنى تەستە ئاچتى. قولى ئۈستىدە تاقلاپ يۈرگەن چېكەتكىنى كۆرۈشى بىلەن پۈتۈن تېنى شۈركىنىپ كەتتى.

چېكەتكىنىڭ خۇنىكلىك ئىچىدە پارقىراپ تۇرغان كۆزلىرى ئۇنڭغا تۇنۇشتەكلا تۇيىلدى،دائىم بۇ چىكەتكە بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغاندەك تۇيغۇلارغا چۈمۈلدى.مەن بۇ چېكەتنى قاچان،قەيەردە كۆرگەن بولغىتىم،كاساپەتنىڭ كۆزلىرى نىمانچىلا تۇنۇش...توۋا بۇ نەم ئىش! دۇيادا مۇنداقمۇ خەلىتە ئىلار بولىدىكىنە،بۇ مەھەللە باشلىقى ئىمىن كاسكا ئەمەسمۇ؟ينە بىرى ئۇنىڭ ۋىت-ۋىت خوتۇنىنىڭ دەل ئۆزى ،ئۇ بىر چاغلاردا مېنى ئازدۇرغىنى تاس-تاماس قالغان.

ئون نەچچە يىللىق قوشنادارچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسام ،مەنمۇ تىنىمنى بۇلغاپ گۇناھكارغا ئايلىنىپ قالغان بولاتتىم...بۇ خوتۇننىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ...

چوڭ ئوغلىنىڭ خوتۇنىنى كەنتنىڭ بولغالتىرىغا ...بۇرنۇمنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ يۈرگەن بۇ چېكەتكە كەنت باشلىقىنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ!؟ئۇنىڭ كۆزلىرىمگە قاراپ ئالىيىشلىرىنى كۆرمەمدىغان! مەن ساڭا نىمە قىلدىم،يەۋىتىدىغاندەك ئالىيىسەنغۇ!مېنىڭ كۆرۈپ قالغىنىم سېنىڭ ۋە خوتۇنىڭنىڭ رەسۋاچىلىقىغۇ؟...شۇنىڭدىن كېيىن سەن مېنى نىمە كويلارغا سالمىدىڭ،بىۋاقىت قەرز سۈيلەش،ھاشار-مەدىكارلىققا ھەيدەش،نارىسىدە باللىرىمنى ھاقارەتلەش،سۇ نۆۋىتى كەلگەندە قەستەن سۇنى قايرىپ كېتىش،كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ھاقارەتلەپ،بۇزەك قىلىش...ئىش قىلىپ ئادىمى ھەيۋانلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاستىلەرنى قوللانمىدىڭمۇ؟بۇنىڭغا مېنىڭ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى!مەن يا ساڭا خوتۇنىڭنى باشلىققا سولاپ بەر دەپ ئۈگەتمىسەم،قىلغۇلىقنى ئۆزەڭ قىلساڭ.ئىنسانى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق سېنى ھامان بىر كۈنى مۇشۇ چىكەتكىلەرنى سۈر-توقاي قىلغاندەك قىلغۇسى ،ئىلاھىم!

ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بىردىنلا ئاپئاق ساقاللىق بوۋىسى، كەكە ساقال پۈتۈن تۇرقىدىن غەيرەت شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان دادىسى پەيدا بولدى... ئۇ نومۇس كۈچىدىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتتى- دە، ئىرغىپ ئورنىدىن تۇرۇپ قولىغا سۈپۈرگىنى ئالدى... سەنلەرنى يوقاتمىغىچە تىنىم تاپمايمەن. ئېتىزلاردىن قوغالپ چىقىرىپ سەنلەرنى تەل-تۆكۈس يوقاتمىغىچە ئېلىشقىنىم- ئېلىشقان. سەن تەييار تاپلار بىلەن... ئۆزۈم يالغۇز بولسام نېمە بوپتۇ... بىر نەچچە تېمىم تۇمۇز بىر قازان سۇغا تېتىىيدۇ ئەمەسمۇ... نېمە، ئېتىزنى بىكار قىلىشمايسەن... ئاناڭنىڭ ئېلىش بارمىكىن- يا مەندە... ئۇ ئالا جوقا سۆزلىگىنىچە سۈپۈرگىنى غەزەپ بىلەن شىلتىشقا باشلىدى... چېكەتكىلەرنىڭ ئومۇمىي خور بولۇپ چىرىلدىشى ئۇنى قاتتىق ئازابلايتتى... يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى... ئۇ ئۆزىنىڭمۇ چېكەتكىلەرگە ئارىلىشپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىدى... ئۇ يىراق  ئۇپۇققا قارىدى...

- چىرت ، چىرت، چىرت

ئۇ يېڭىلىغىنغا تەن بەرمەيتتى، ئاگرونومغا چەكسىز ئۈمىد، يۈكسەك ئىشەنچ باغلىغاندى... لېكىن ئاگرونومدىن تېخىچىلا دېرەك بولمايۋاتاتتى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 02:15 PM  


فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 950
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5423
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4365 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى كۈنى بىر قېتىم ئوقۇدۇممۇ  يا ؟  چۈشەپ قالدىممۇ ؟

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8637
تۆھپە نۇمۇرى: 619
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-5-10 02:49 PM
قايسى كۈنى بىر قېتىم ئوقۇدۇممۇ  يا ؟  چۈشەپ قالدىممۇ ؟{:1 ...

چۈشىڭىزدە مىسرانىم مۇنبىرىنى  كۈرۈپسىزدە  ئۇندا بولسا  ،

پاك  غۇبارسىز  ئىسىل ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 636
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمىنى قايتا يوللاش سەۋەنلىكىنى ئۆتكۈزۈپتىمەن. تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن ھەم مۇنبەر  بوشلۇقنى قاتىلاڭ قىلغانلىقىم ئۈچۈن بەكمۇ خىجىل مەن. بۇ تېمىنى ئۆچرۈۋېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69152
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىن مېنىڭ تۇنجى كۆرىشىم كەن.

ھەي،مۇشۇكۈنلەردەنىمەبوپكىتىۋاتىمىز؟؟

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 950
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5423
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4365 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
BMW يوللىغان ۋاقتى  2012-5-10 03:06 PM
چۈشىڭىزدە مىسرانىم مۇنبىرىنى  كۈرۈپسىزدە  ئۇندا بولس ...

مانا  راسلا تەكرار يوللاپتىكەن ما تىمىنى قاراڭ  !  چۈشىمەپتىمەن راسكەن

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش