1
ناۋات چاينى بىر ساڭا تۇتاي. دەرت-ئەلەمنى مەن يالغۇز يۇتاي، مىنىڭ بۇلسا ئاسماندىكى ئاي. ئانىجانىم بىرساڭا تۇتاي!
ھايات مىنىڭ خامىنىم بولسا، ھۇسۇل پەسلى ئۈچىگە تولسا. ئايىغىڭدا تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي!
باھار كىلىپ گۈللەر ئېچىلسا، خۇش پۇرىقى ھەريان چېچىلسا. ئاشۇ باغدىن گۈلدەستە تىزىپ، ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي!
ئۇرۇق چاچسام ئارمانلار كۈلسە، شېئىر يازسام داستانلار پۈتسە. ئاشۇلارنى بىر توپلام قىلىپ، ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي!
پاقلان سويسام گۈشنىڭ لوقىنى، داۋان ئاسسام ئېگىز چوقىنى. مېغىز چاقسام ھامان تۇقىنى، ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي!
ئارام ئالغىن ئوتنى مەن ئوتاي، ھارام شاخنى بىر-بىرلەپ پۇتاي. تەمى تىلدىن كەتمەس مىۋىنى، ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي!
مىنى دەپلا ياشلىقىڭ كەتتى، كىيىك كەبى شاشلىقىڭ كەتتى. ئاشۇلارنى ئالغىن منىڭدىن، ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي!
كۈزۈڭ نۇرى كۈزۈمدە مىنىڭ، يىگەن تۇزۇم سۆزۈمدە مىنىڭ. ئەجرىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل ئالەمنى، ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي!
كىچە كۈندۈز تەشۋىشتە ئۆتتۈڭ، يۇلغا چىقىپ قارامنى كۈتتۈڭ. باغرىڭ تامان ئېتىپ ئۆزۈمنى، ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akgvlvm تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 12:18 PM
|