يېتىلىۋاتقان ئەزا
21-ئەسىردە ئۇيغۇر تىلى ئامان بولسۇن!
نۇر تورى(2012-05-08) ماقالىسى: 21-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا %90 تىل يوقۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئەنگېلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 7-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتى ئۇنۋېرسىتىتىدىكى تەتقىقاتچىلار مۇنداق ئاگاھلاندۇرغان: «ئەگەر ئىنسانلار مۇھىتقا بولغان قوغداشنى كۈچەيتمىسە، 21-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، دۇنيادىكى %50 تىن %90 گىچە بولغان تىل يوقىلىپ كېتىدۇ. بۇ تىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىچە مەدەنىيەتلەرمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغىنى بولسا سانائەت تۈسىنى ئالغان پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك تىل ۋە مەدەنىيەت.» ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەرشارىدىكى %70 تىل تۈرى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى مول بولغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان جايلارغا تارقالغان، بۇ جايلار ھەمىشە يەر شارىدىكى مۇھىتنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى ئەڭ ئېغىر بولغان رايون. تەتقىقاتچىلار پۈتۈن دۇنيادىكى 35 كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان رايونلارغا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان، بۇ جايلار پۈتۈن يەر شارى يۈزىنىڭ پەقەت %2.3 نى ئىگەللەيدۇ. لىكىن بۇ رايونلاردا يەرشارىدىكى يېرىمدىن ئارتۇق ساندىكى ۋاسكۇليار ئۆسۈملىكى (پاپوروتنىكلار، يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ۋە يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ۋە %43 قۇرۇقلۇق ئۇمۇرتقىلىق ھايۋان تۈرى بار. بۇ رايونلاردا يەنە 3202 خىلدىن ئارتۇق تىل بايقالغان بولۇپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى تىل تۈرىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. بۇ ئۆزگىچە تىللارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت بەلگىلىك ئورۇنلاردىلا ئىشلىتىلىدۇ، سۆزلەشنى بىلىدىغانلار بارغانسېرى ئازلاپ، يوقىلىش گىداۋىغا بېرىپ قالغان. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ تىل كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىغىلى بولمايدىكەن. يەرلىك تىللارنىڭ ئورنىنى ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان تىللار باسىدۇ، يەرلىك ئەنئەنە ۋە قىممەت قارشىنىڭ ئورنىنى سانائەتلەشكەن ئەنئەنە ۋە قىممەت قارشى ئىگەللەيدۇ. مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى، ئەسلى مەنبە: www.chinanews.com
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59 باھا خاتىرىسى
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ