8-ماي
ئابدۇغېنى ساۋۇت ئاچارى
بۇ ئاخشام ئۆزگىچە سەككىزىنچى ماي،
ئاجايىپ يېقىملىق لېرىك بىر كېچە.
دىللارغا يالغۇزلۇق ئەپ كېلەر مەيىن،
ئوڭۇمغا،چۈشۈمگە،تالا-تۈزگىچە.
سەيلىگە چىلايدۇ چىكەتكە ئۈنى،
ۋىسالغا تېگىشكۈم كېلەر ھەممىنى.
ئەپسۇسكى شۇنچىلىك يىراقسەن بۈگۈن،
بىلەمسەن قانچىلىك سېغىندىم سېنى.
ناۋادا يېنىمدا بولساڭ ئامرىقىم،
سۆيەتتىم باغرىمغا بېسىپ نەچچىنى.
ئوينايتۇق قىيغىتىپ بۇغدايلار ئارا،
سەھرادا سۆيگىنىڭ سۈرۈپ پەيزىنى.
كۆزلىرىڭ كۆزۈمدە سىلايدۇ قولۇڭ،
ئۇيقۇدىن بىدارمەن ئويلايمەن سېنى.
كۆكسۈڭگە بېشىمنى قويىمەن يېتىپ،
سائەت ئون ئىككىنىڭ غېرىپ ۋەتىنى.
پاقىلار كۇكىراپ ئېيتىدۇ ناخشا،
كۇيلەيمەن ھوجرامدا سېنى،سۆيگۈنى،
سۆيىمەن،سورايمەن جاۋاپ بەر جېنىم.
سەن قانداق ئۆتكۈزدىڭ مۇشۇ كېچىنى.
مەنبە-ئۆز ئىجادىيتم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 12:24 PM