بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن
«ئانىلار بايرىمى » مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق جاپاكەش،مىھرىبان،سۆيۈمۈلۈك ئانىلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن
كېچە ئۇچۇپ چۈشەپ قاپتىمەن،
باشلىرىڭغا قونۇپ مەن ئانا.
قۇياشنىمۇ يۇلۇپ ئاپتىمەن،
سوۋغا قىلاي دەپ تېخى ساڭا.
نىمە دېگەن تولا يۇلتۇزلار،
كەلمىدىمۇ ئۇيقۇسى بۈگۈن.
سامان يولى بوپتۇ تۇپتۇزلا،
بۇلۇت قايان بوپ كەتتى سۇرگۈن.
چۈشەلمەيمەن ئاسمان قوينىدىن،
مېنى ئەرىشكە ئېپ كەتتىڭ ئانا.
ئالەم خوشال شۇنداق تۇرقىدىن،
مەنمۇ چۆكۇپ تۇرىمەن مانا.
خوراز چىللاپ ئويغىنىپ كەتتىم،
چۈشلىرىمنىڭ قالدى ئاخىرى.
بىردىن قاراپ ئۇھسىنىپ كەتتىم،
سەن تۇرۇپسەن سىلاپ بېشىمنى.
پەرىشتىمۇ ياكى راسىت ئانا،
بۈگۈن ئەجەپ ئوخشىماي كەتتىڭ.
رەڭ ئالدىمۇ سېنىڭدىن دۈنيا،
سەھەردىلا بىر تۇيغۇ بەردىڭ.
بۈگۈن كۈنگە نېمە ئەسلىدە،
ئانا سېنىڭ ئۇلۇغ بايرىمىڭ.
ياشاپتىمەن ئۇيقۇ پەسلىدە،
ئويلاندۈردى ئۇشبۇ شاشلىغىڭ.
بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن،
پىشانەڭگە سۆيەي كەل ئانا.
يۇرەكلىرىڭ بەخىتكە تولسۇن،
كۇچ،غەيرەتكە تەنلىرىڭ يانا.
مەنبە: ئۈزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 12:32 PM