|
|
|
|
يىللار ----------------
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي -----------------------
ئوتتۇز ياشتا قىرىق ياشقا بارىمىز يېقىنلاپ تارتىپ تۇرىدۇ تۇرمۇش ئوچىقى .
يىگىرمە ياش ھېكايە سۆزلەر يۈرەك يۈرەككە سۈركىلەر ،
ئۇچوم-ئوچۇم مىھىر تۆكۈلەر ...
ئەللىك ياشتا ،
ئويناقلايدۇيۇمران ئوماقلار
مۇھەببەتتىن تامغان سەبىيلەر .
زوقلىنىدۇ بالىدەك تولغۇنۇپ
ئەسلىنىدۇ ئۇزۇندىن ئۇزۇن
ئاچچىق -تاتلىق سىرلىق كۈلكىلەر ...
توقسان ياشتا
يىللارئۇزاتماق بولار .
شۇنداق بىر ئوي خىيالنى ئوۋلار
كىمنى كىيىن كىمنى بالدۇر توۋلار؟...
==================
ئىشەن
تۇرمۇش ھەم ۋاقىت بىر-بىرىگە تاۋار،
گاھ خاپىلىق گاھ خوشلۇق تۇغار .
بالىلار چوڭىيىشقا ئىنتىلەر .
ياشلار ياشلىقىغا تويمايلا كېتەر .
ئوتتۇز -قىرىق ياش ئالتۇن مەزگىللەر،
قارا چاچنى تىلەر
قار بىلەن رەڭ تالشىۋاتقان چېچى يۈرىكىنى ئېزەر...
قېرىلار ئەسلىملەرگە مەيلىنى بېرەر ...
تۇغۇلۇش -ئەڭ ئۇلۇغ سەپەر،
پاكلىق ئىچىدە ئۆلۈم رومانتىك ئەسەر .
==================
قېرىلار بىلەن بالىلار ،
ئۆزىنى ئەڭ ئەركىن سېزەر .
ئېھتىمال ئۇلار ئوخشاپ كېتەر .
يىللار قەبىھ -ھەم مىھرىبان
باھارنى -كۈزنى ياز ھەم قىشنى كۆمۈپ
ئۆزىنى توختاۋىسىز چەكسىزلىك بىلەر ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 10:59 AM
|
|
|
|
|
|