بۇ يوللار
تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن
مەن ماڭغا بۇ يوللار خىيالدىن ئۇزۇن،
ئارمانلار پىغانلىق ، ئاتەش بەزىدە.
بۇ يولدا ماڭغانلار ئەل بىلەن بىللە،
بۇ يولدا ماڭغانلار ئاۋام قەلبىدە.
بۇ يولدا ئاقماقتا مېنىڭ خاسلىقىم،
بۇ يولدا تەشۋىش ھەم ئاپپاق ھاياجان.
بۇ يوللار مۇڭدىشىپ قانماس مەن بىلەن،
بۇ يولدا يېشىل كۈي، يېشىل ھاياجان.
بۇ يولدا غېرىپلىق، تەنھالىقىم بار،
ئازاپتەك چۇڭقۇرلاپ بارار باغرىمغا.
بۇ يولدا بەك ئۇزۇن ئارمان لاۋۇلدار،
يېقىملىق بەك مۇڭلۇق قەدىمكى ناخشا.
بۇ يولدا ئەجدادنىڭ ئۆچمەس ئىزى بار،
( بۇ يولدا بوۋامنىڭ پۇتى قاپارغان.)
بۇ يولدا دادامنىڭ ئىزلىرى ياقىن ،
جاسارەت، ئۈمىدلەر، ئارمانلار تۇغيان.
بۇ يولدا خىلمۇ-خىل ئادەملەر تولا،
بۇ يولدا چاپچىغان تۇلپارلار قېنى؟!...
ھەسرەت رەڭ ئۈمىدلەر ئاقار ئۆركەشلەپ،
بۇ يولدا بىر ئەلنىڭ كۈلكىسى، غېمى.
بۇ يولدا تۇلپارلار كىشنەيدۇ پات-پات،
ئەركەكلىك ئۆركىشى ياسىغان دەريا.
كۈلپەتنىڭ « چوكۇلداپ» سۈيۈشلىرى بار،
چاقناشنى ئۈگۈتتى بۇ يوللار ماڭا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 09:32 AM