 |
 |
 |
 |
غۇلجىدىكى دۆڭمەھەللە مازىرى توغۇرسىدا
غۇلجا شەەەرنىڭ كۈن پېتىش تەرەپتىكى دۆڭمەەەللە تەرەپتە كېتىدىغان يول ظۈستىدە بىر راۋاق قەد كأتۈرۈپ تۇرىدۇ.بۇرۇن بۇ جاي خەلپەم بذزذرذك مازىرىغا تەۋە يەر ئىدى،شەەەر دائىرسىنى كېڭەيتىش جەريانىدا بۇ قەبرىستانلىق كۆچۈرۈلگەن،ئەمما،مۇشۇ راۋاق چېقىلماي،ساقلىنىپ قالغان،كىچىك ۋاقتىمىزدا چوڭلار بۇ يەرنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللارنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكى توغۇرلۇق سۆزلەپ بېرەتتى. كېيىن مەكتەپتە ئۇقۇش جەريانىدا،كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ راۋاقنىڭ نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكى توغۇرسىدا سۆزلەپ بېرەتتى،يېقىندا پىشقەدەم ئۇستازلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا بۇ راۋاققا دەپنە قىلىنغان كىشىنىڭ بىر تاتار ئىكەنلىكىنى ئسىپاتلاپ چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم.
بۇ جەرياندا بۇ قەبرىستانلىققا زادى كىم دەپنە قىلىنغان بولغىيىتى دېگەن بىر سوئال مېنى كۆپ قىينىدى،شۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ۋە مۇنبەردىكى دوستلار بىلەن پىكىرلىشىپ بېقىش مەقسىتىدە بۇ تېرمىنى يوللىدىم.
قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ،بىرلىكتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان بىلىملەرگە ۋە تارىخلارغا ئاساسان بىر مۇنازىرلىشىپ باقساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.
تۆۋەندىكى شۇ قەبرىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 05:44 AM
|
 |
 |
 |
 |
|