مەن ئۆلسەم
مەن ئۆلسەم-مەن ئۈچۈن،
تۈگەيدۇ دۇنيارىم بولار قىيامەت،
يىغلايدۇ جان قىزىم چىكەر رىيازەت.
توختايدۇ سوقۇشتىن ئاددى بىر يۈرەك،
كىملەرگە خۇشاللىق، كىملەرگە ئاپەت.
مەن ئۆلسەم-مەن ئۈچۈن،
جىنازا تەييارلار، دوستلىرىمدا غەم،
پاتىھە ئوقۇلۇر ئۈزۈلمەي دەم -دەم.
ياتىمەن سوزۇلۇپ كېپەندە بىغەم،
ئاخىرقى كەلىمەم بولسا شاھادەت.
مەن ئۆلسەم-مەن ئۈچۈن،
بىر ھايات يېڭىدىن باشلار قەۋرەمدە،
سوئال ھەم سوراقلار تۈنجى قەدەمدە.
بۇ كۈننى ئۇنۇتماي كەلسەم يۈرەكتە،
جەننەتنىڭ باغچىسى ماڭا سائادەت .
"تۇپراقبەگ"
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 04:07 AM