رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
گۈزەل دەيدۇ سېنى سڭىل يالغاندىن بىرى،
شېرىن تاتلىق ھەسەل دەيدۇ سۈزۈڭنى تېخى.
چاندۇرماستىن دان تاشلايدۇ ئالداشقا سېنى،
ئاگاھ بولغىن شەيتانلاردىن نېرى تۇر سىڭىل.
گۈل باغلارغا باشلايدۇ ئۇ سەيلە قىلغىلى،
سەيلە ئەمەس بىلسەڭ سىڭىل كۈڭۈل ئاچقىلى.
بەكمۇ تەستۇر بىرىپ قالساڭ توردىن قاچقىلى،
ئاگاھ بولغىن شەيتانلاردىن نېرى تۇر سىڭىل.
ئاي چىرايىڭ دۆشمەن بولۇپ قالمىسۇن ساڭا،
چىرايىڭغا ھەۋەس قىلار شۇ كۆڭلى قارا.
قىلماي دىسەڭ ئۈزۈڭنى خار كۆڭلىڭنى يارا،
ئاگاھ بولغىن شەيتانلاردىن نېرى تۇر سىڭىل.
ئەركەكلەرنىڭ بەرى ئەمەس ھەقىقى ئەركەك،
بەزى نامەرىت ئالدار سېنى بولمىساڭ سەگەك.
ۋىجدانلىق بول ھايالىق بول بولمىغىن تەنتەك،
ئاگاھ بولغىن شەيتانلاردىن نېرى تۇر سىڭىل.
قىممىتىڭدۇر شۇ پاكلىقىڭ بىلگىن سەن سىڭىل،
ھاياتلىقتا شۇڭا ياشا مەردانە ئىسىل.
ئەل ئالدىدا ئاتا ئاناڭ بولمىسۇن خىجىل،
ئاگاھ بولغىن شەيتانلاردىن نېرى تۇر سىڭىل.
قەدىرلەيلى قەدىرلەنسۇن سۆيگۈ مۇھاببەت
ئالداپ يۈرەر كۆڭۈللەرنى گاھ نامەرىت پەسلەر،
مۇھاببەتنىڭ يوللىرىدا شۇڭا كۆپ قەسلەر.
ياخشى يارنى تاپماق مۆشكۈل كەڭرى دۇنيادىن،
شۇ سەۋەپلىك كۆپەيمەكتە ياشلاردا غەملەر.
ئالداپ قويدى نى يىگىتنى بەزىبىر قىزلار،
ئەلەم يۈتۈپ ھىجرانلاردا يىگىتلەر يىغلار.
تاشلاپ كەتتى نى بەرنانى بەڭۋاش بالىلار،
شۇنداق كۆپتۇر مۇھاببەتتە تۇيۇق يول سىرلار.
بىلەلمەيدۇ ياخشىلارنىڭ قەدرىنى گېرى،
ئۆتۈلىدۇ ئالتۇق قەدرى كەتكەندە نېرى.
باشقىلارغا يالغان كۈيۈپ كۆلگەنلەر بۆگۈن،
قان يىغلايدۇ پۇشايماندا بىر كۈنى ئۆزى.
بەخىت ئىزلەپ يۈرگەنلەرنىڭ كۈلسىكەن بەختى،
يۇقالمىسا مۇھاببەتنىڭ ئاشۇ پاك نەسلى.
ياش كۆڭۈللەر يىغلىماستى ئازاپتىن زار- زار،
گەر ۋىجدانسىز نامەرىتلەرنىڭ توق بولسا قەستى.
كۆندە كۆلمەس ھەر ئىنسانغا بەخىت ۋە ئامەت،
شەيتان تەييار ئازدۇرۇشقا بىزنى ھەر سائەت.
ئۆلگە قىلىپ لەيلى- مەجنۇن تاھىر-زۆھرەنى،
قەدىرلەيلى قەدىرلەنسۇن سۆيگۈ مۇھاببەت.
رۇستەم قاراسۇ...............ئاتۇش
ئالاتاۋدا يېزىلدى