يېڭى يىل لېرىكىسى
مەخمۇت ئاۋۇت
(ongmas)
ئۇتۇقلاردىن داستانلار پۈتۈپ،
كەتتى ئۇزاپ قىران كونا يىل؛
دىلغا بۈيۈك ئارزۇلار پۈكۈپ،
كەلدى قانات قېقىپ يېڭى يىل.
ئۆتكەن يىلدا قالغان ئارمانلار،
تاپار ۋىسال يېڭى يىل بىلەن؛
ئىشقا ئاشماي سۇلغان پىلانلار،
ئۈمۈدلەنگەي مەدەت كۈي بىلەن!
يېڭى يىلنىڭ ھارپىسى بىلەن،
يېڭى بۈيۈك پىلان تۈزۈلدى؛
دىلغا سىغماس ئارزۇلار بىلەن،
مۇساپىگە ئوقتا ئۈزۈلدى .
يېڭى يىلدا كۆپتۇر يېڭى ئوي،
يېڭى زەپەر قۇچساق دەيدىغان؛
ئالىيجاناپ خىسلەتلەرگە باي،
ئەل-ۋەتەننىڭ غېمىن يەيدىغان.
يېڭى يىلدا پۇرسەت،خىرىس كۆپ،
ئىرادىنى سىنايدۇ ھەردەم؛
يېڭى ئۇتۇق باقىدۇ كۈلۈپ،
پۇختا، مەزمۇت بېسىلسا قەدەم.
يېڭى يىلمۇ كەلدى ئالدىراپ،
قېتىپ ياشقا يېڭىدىن بىر ياش؛
يېڭى تۈسكە كىردى يەر شۇتاپ،
يېڭىچىلا چىقتى ھەم قۇياش.
يېڭى يىلمۇ تىلەيدۇ ئەجىر، .
بارچىدىن ئۇ كۈتەر تەر-مېھنەت؛
ھورۇنلارنى شاللايدۇ ئاخىر،
ئىشچانلارغا ھەمراھ قىپ ئامەت.
كونا يىلنى سۈردى،ھەيدىدى،
شان-ئۇتۇققا ھەمراھ يېڭى يىل؛
بوش قويمىساق ئالتۇن ۋاقىتنى،
ئېچىپ قۇچاق بەخت يايرار دىل.
يېڭى«جەڭ»گە چۈشتۇق بىز مانا،
قانائەتتىن بولايلى يىراق؛
ھاياتىمىز تاپار چىن مەنا،
غەيرىتىمىز سۇلمىسا ھەرۋاق.
بىزگە ئامەت تىلە يېڭى يىل،
دولقۇنلىرىڭ قوينىغا ئالسۇن؛
ئەجرىمىزدىن بولسۇن ئەل قايىل،
باسقان ئىزلار گۈللەرگە تولسۇن!
شېئىرىنىڭ ئاپتورى : باي ناھىيىسىدىن : مەخمۇت ئاۋۇت (ongmas)