|
|
|
|
ھاياتتىن نېمە قىممەت؟
--«پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر»نىڭ داۋامى
يېزىدىكى ئاياللار قورساق كۆتۈرۈپ قالدىمۇ يوق، پات-پات تەكشۈرۈلۈپ تۇرىلىدىكەن. بىر كۈنى پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىدىكىلەر بىر ئايالغا تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشى ئېلىپ بارسا، ئۆيىدە يوق بولۇپ چىقىپتۇ. قېيىنئانىسىدىن ئەھۋال ئۇقماقچى بولغاندا، ماجرالىشىپ قاپتۇ. قېيىنئانا پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىنىڭ ھويلىسىدىكى بىر ئىشخانىغا قامىلىپ 15 كۈن تەربىيەلىنىپتۇ. ئۇنى قامىغان باشلىق سوتقا ئەيىپلىنىپتۇ.
بەزى يەرلەردە كەنت كادىرلىرى جەرىمانە تۆلىمىگەن كەنت ئەزالىرىنى سولاپ قويغان ئىشلارمۇ بولغان ئىكەن. قەرزدارنى سولاپ قويۇپ قەرز قايتۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ئىشلارمۇ بولغان ئىكەن.
بۇ ئىشلار بىزنى ئىنساننىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ.
ۋېنگرىيە شائىرى پتوفىنىڭ مۇنداق بىر شېئىرى بار:
«ھاياتلىق مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت. ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ھۆرلۈك-ئەركىنلىك ئۈچۈنلا پەقەت.»
يەنە رۇسسۇمۇ «ئىنسان تۇغۇلغاندا ئەركىن ئىدى، كېيىن ئۇ ھەر جەھەتتىن بوغۇلدى» دېگەنىدى. تەبىئىكى، ئىنسانلار مۇشۇ بوغۇلۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تېخى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشقان ئىقتىسادىي، سىياسىي كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى، باراۋەرلىك، ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك دېگەن ئىبارىلەرنى كەشىپ قىلدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن قانلارنى ئاققۇزدى. ۋەھالەنكى، ئىنسان زاتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەنىدىكى ھەق - ھۈرمىتىنى ئەمەس، ئەقەللىيسى ئۆزىنىڭ بىر جاندار مەنىسىدىكى ھاياتلىقىنى قوغداش ھەم داۋام ئەتكۈزۈش ئىنتىلىشلىرىمۇ دەخلى - تەرۇزدىن قۇتۇلۇپ بولالمىدى.(ئا.جالالىدىن)
ئەركىنلىك – ھەر بىر ئەر، ھەر بىر ئايال ۋە ھەر بىر بالىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغان ھوقۇقى، ئەركىنلىك – بىزنىڭ دۇنيارىمىزدا مەڭگۈلۈك تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ يولى!
تارىختىكى ساۋاقلار مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئەركىنلىككە توسقۇنلۇق قىلغىلى بولىدۇ، ئەركىنلىكنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ، ئەمما ئۇنى ھەرگىزمۇ رەت قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەركىنلىك -دۆلەت قۇرغۇچىلارنىڭ غايىۋى لايىھىسى، ھەر بىر قەلبنىڭ ئارزۇسىدۇر. ئەركىنلىك بىر دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنى ئازاد قىلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى يولى، ئەركىنلىك بىر جەمئىيەتنىڭ ئادالەتكە يېتىشىنىڭ بىردىنبىر تەرتىۋى. ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى.
ئەركىنلىك- ئىنساننىڭ چەكلىمە ۋە دەخلىگە ئۇچرىماي، ئۆز ئىرادىسى ۋە مەنپەئىتى ئاساسىدا تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت قىلىشىدۇر. ئەركىنلىك ھوقۇقى ئىنساننىڭ چەكلىمە ۋە دەخلىگە ئۇچرىماي، قانۇن يول قويغان دائىرىدە ئۆز ئىرادىسى ۋە مەنپەئىتى ئاساسىدا تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىدۇر. ئەركىنلىك ھوقۇقى سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى، جۈملىدىن سۆز قىلىش ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى، شۇنداقلا ھەق تەلەپ ئەركىنلىك ھوقۇقى، جۈملىدىن جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، نىكاھ ئەركىنلىكى ھوقۇقى، توختام ئەركىنلىكى ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ يەردە جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى ئۈستىدە توختىلىمىز.
جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە بەدىنى ۋە ھەرىكىتى پۈتۈنلەي ئەركىن بولىدىغان، ھەرقانداق قانۇنسىز دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىمايدىغان ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ. جىسمانىي ئەركىنلىك پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە بىخەتەر قاتنىشىش ۋە ئائىلە تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ كاپالىتى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ باشقا ھەرخىل ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. جىسمانىي ئەركىنلىكنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگىنىدەك، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ. ھەرقانداق پۇقرا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارىسىز ۋە ياكى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىسىز ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجراسىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ. پۇقرالارنى قانۇنسىز سولاش ۋە باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەنئى قىلىندۇ، پۇقرالارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىندۇ.
ئاخىرىدا م. كلائودىئوسنىڭ مۇنۇ سۆزىنى قوشۇمچە قىلغۇم كەلدى: باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەي تۇرۇپ، ھەممە نەرسىلەرنى قىلىش ئەركىنلىكتۇر
قىز-يىگىتنىڭ مەيلى بارمۇ؟
ئاشىق-مەشۇقلار مەلۇم توسالغۇ سەۋەبىدىن ۋىسالغا يېتەلمىگەندە، قېچىشىپ كېتىپ ئەر-خوتۇن بولىدىغان ئىشلار بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئىكەن. دەۋر ئۆزگەردى، قىز ئېلىپ قېچىش ئۇسۇلى ئۆزگەردىمۇ؟
چەت-ياقا بىر يېزىدا مۇنداق ئىش بوپتۇ: راخمان بىلەن ئالىيەنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىككىسىنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويماقچى بولۇپتۇ. تويلۇقمۇ بېرىلىپتۇ. لېكىن، ئالىيە راخمانغا ياتلىق بولۇشقا قەتئىي قوشۇلماپتۇ، تويلۇق قايتۇرۇلۇپتۇ. ئالىيەگە ئۆيلىنىىدىغان بولدۇم دەپ ئاغزىنى تاتلىق ئېتىپ يۈرگەن راخمانغا ئەلەم بوپتۇ، «ئالىيەنى ئالغىنىم ئالغان، ماقۇل بولسىمۇ ئالىمەن، ماقۇل بولمىسىمۇ ئالىمەن» دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. راخمان بىر قانچە ئاغىنىسىنى ياردەمگە چاقىرىپ، ھاممىسىنىڭ ئۆيىدىن كېلىۋاتقان ئالىيەنى موتسېكىلىتقا تاغار ئارتقاندەك بېسىپ ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئالىيە يىغلاپتۇ، قاخشاپتۇ، تېپىچەكلەپتۇ، قول-پۇتلىرى زەخمىلىنىپتۇ. راخماننىڭ ھەمدەمچى ئاغىنىلىرى پىكاپ كىرا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. ئالىيەنى پىكاپقا بېسىپ، قوشنا ناھىيىگە يۈرۈپ كېتىپتۇ. ساقچىلار جىددىي ھەرىكەتكە كەپتۇ. ئالىيە قۇتقۇزۇلۇپ، راخمانلار تۇتۇلۇپتۇ. ساقچىلارغا رەھمەتلەر ئېيتىلىپتۇ. راخمان سوتقا ئەيىپلىنىپتۇ. قاماق جازاسى بېرىلىپتۇ. راخماننىڭ ئىنسابى بارىكەن، ئالىيە يالۋۇرۇپ تۇرىۋالغاچقا، ئالىيەگە چېقىلمىغان ئىكەن. چېقىلىپ قويغان بولسا، ئۆيلىنىمەن دەپ، باسقۇنچى جىنايەتچى بولۇپ قالاركەن.
بۇ دېلو بىزنى نىكاھ ئەركىنلىكى ھوقۇقى ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ.
يېڭى زاماندا ياشاۋاتىمىز، نىكاھ ئىشلىرىغا ئاتا-ئانىسى ياكى باشقىلار چات كېرىۋالىدىغان ئىشلار قالمىدى، دەپ ئويلامسىز؟ بۇنداق ئىشلار بۇرۇن بولغان ئىكەن، ھازىرمۇ بار، تۈگەپ كەتكىنى يوق. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ زىيادە ئېغىر تويلۇق تەلىپىنى ئورۇنلىيالماي، قىز-يىگىتلەر مۇراد-مەقسىدىگە يېتەلمەيۋاتقان ئىشلار خېلى كۆپ.
نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزدا، ئاياللارنى خورلايدىغان، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان، ھەتتا ئاياللارنى تاۋار ئورنىدا كۆرىدىغان قاراشلار يەنىلا مەۋجۇد. يېزىلاردا نىكاھ ئىشلىرىغا « دەللال»، «ۋاسىتىچى»لار ئارىلىشىدۇ. ئالدىن بېيىغان بەزى كىشىلەر خوتۇنىنى قىزلاشتۇرۇش، ياشلاشتۇرۇش، ئاشنا ئويناش، خىللاشتۇرۇش، توي قىلماي تۇرۇپ بىللە ئۆتۈشنى ئۆزىنىڭ راھەت-پاراغەت، بەخت ئۆلچىمى قىلىۋالغان. قەشقەر شەھىرىنىڭ مەلۇم مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان بىر ئائىلىدە ئەر قايتىدىن قىز ئېلىش مەقسىتىدە ئۆز ئايالىنى يەتتە بالا بىلەن قويۇۋەتكەن. بۇ كىشى شۇ ئىش تۈپەيلىدىن ھەتتا ئولتۇراق ئۆيلىرىنىمۇ سېتىۋېتىپ، ئايالى بىلەن بالىلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
نىكاھ ئەركىنلىكى موشۇنداق بولامدۇ؟ نىكاھ ئەركىنلىكى دېگەندە، قورامىغا يەتكەن پۇقرا ئۆزىنىڭ نىكاھ مەسىلىسىنى مۇستەقىل، ئىختىيارىيلىقى بىلەن قارار قىلىش، ھەرقانداق كىشىنىڭ مەجبۇرلىشى ياكى ئارىلىشىۋېلىشىنى چەتكە قېقىش ھوقۇقىدۇر. نىكاھلىنىش ئەركىنلىك، ئاجرىشىشمۇ ئەركىنلىك، لېكىن بۇ مۇتلەق ئەمەس. نىكاھ ئىختىيارىي بولۇش، ئاجرىشىشمۇ ئىختىيارىي بولۇش زۆرۈر، لېكىن ھازىر ئاجرىشىدىغانلارنىڭ كۆپلىگىدىن ھەيران قالىسىز، توي قىلىپ بىرەر ئاي بولا-بولماي ئاجرىشىدىغانلا بار، توي قىلغىنىغا 30-40 يىل بولۇپمۇ ئاجرىشىدىغانلار بار. ئاجراشقاندا پەزرەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىنى، ئىستىقبالىنى، بەختىنى ئويلايدىغانلار ئاز.
نىكاھ ئەركىنلىكىدە نىكاھ ئىشىنى نىكاھلانغۇچىلار ئۆزلىرى بەلگىلەش تەكىتلىنىدۇ. مەيلى ئاتا-ئانىسى، ئىدارە ياكى رەھبەرلىك بولسۇن، ئارىلىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ. بۇنداق دېگەنلىك پەرزەنتلەر نىكاھلانغاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ پىكرىنى ئالمىسىمۇن، دېگەنلىك ئەمەس. پەرزەنتلەر نىكاھلانغاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ، دوستلىرىنىڭ پىكرىنى ئالسا بولىدۇ، لېكىن، ئەگەر ئاتا-ئانا پەرزەنتنىڭ نىكاھ ئىشىغا قوشۇلمىسا، نىكاھلانغۇچى قىز-يىگىت مۇستەقىل قارار قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇققانلار باشقىلارنىڭ نىكاھىغا زورلۇق ئىشلەتسە، چات كېرىۋالسا بولمايدۇ.
بەزى ئادەملەر بار، پەرزەنتلىرىنىڭ نىكاھىغا چات كېرىۋالىدۇ، نىكاھتا سودىلىشىدۇ، نىكاھتىن پايدىلىنىپ پۇل ئۈندۈرىۋالىدۇ، نىكاھلىنىشقا ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىشقا زورلايدۇ، يەنە بەزى ئادەملەر ئۇرۇش، باغلاش، ئېسىپ قويۇش، تۇتۇپ قېلىش، سولاپ قويۇش، بۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن نىكاھلىنىشقا ياكى ئاجرىشىشقا زورلايدۇ. بەزىدە سوۋغا-سالام ۋە تويلۇق قىز تەرەپ تەلەپ قىلغاندەك بولمىسا، نىكاھ توي كۈنى بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ ئۆتكەن.
نىكاھ ئەركىنلىك ھوقۇقى ئادەتتىكى ھوقۇق ئەمەس، مۇھىم ھوقۇقلارنىڭ بىرىدۇر. شۇ سەۋەبتىن، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى، پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى قاتارلىق خەلقئارا قانۇن-ئەھدىنامىلەردە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، نىكاھ قانۇنى قاتارلىق قانۇن-نىزاملىرىدا نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئائىت ئېنىق بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان.
ئابلاجان تۇردى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 11:04 PM
|
|
|
|
|
|