يىـڭى ئــەزا
ساغلاملىقنىڭ يەتتىم قەدرىگە مۇھەممەد مۇسا (مەرگەن) كىسەل ساڭا سالغاندا ئازاپ، دات پەريادىم يەتتى پەلەككە . ئورۇن تۇتۇپ ياتقان كۈنلەردە، ساغلاملىقنىڭ يەتتىم قەدرىگە. بارغان چىغىم دوختۇرغا ئۇدۇل، سىستىرا قىز سالغاندا ئۇكۇل، تاپالماي ھىچ بىر چارە - ئۇسۇل، ساغلاملىقنىڭ يەتتىم قەدرىگە. ئىسكىلىتقا ئايلانغان چېغىم، مىۋە بەرمەي قالغاندا بېغىم، پەسلىگەندە ھاياتلىق تېغىم، ساغلاملىقنىڭ يەتتىم قەدرىگە. نۇرى ئۆچكەن چاغدا كۆزۈمنىڭ، رەڭگى ئۆڭگەن چاغدا يۈزۈمنىڭ ، قالمىغاندا مادار ئۆزۈمنىڭ ، ساغلاملىقنىڭ يەتتىم قەدرىگە. كىسەل جاننى ئالغاچ قاماللاپ ، ئاقتى ياشىم كۆزدىن تاراملاپ، خۇشاللىقىم كەتتى يامانلاپ، ساغلاملىقنىڭ يەتتىم قەدرىگە. ئۆتتى يىلدەك مىنىڭ ھەركۈنۈم، پەسلەپ قالدى بارغانچە ئۈنۈم، ۋەھىمىلىك تۇيۇلدى تۈنۈم ، ساغلاملىقنىڭ يەتتىم قەدرىگە. شامال چىقسا دۈپۈلدەر يۈرەك، ھەممە نەرسە ماڭا بى كىرەك، كاللام گاراڭ ، ئەمەستۇر زىرەك، ساغلاملىقنىڭ يەتتىم قەدرىگە. يۇمشاق كۆرپە تىنىمگە پاتتى، شەيتان مازاق قىلىپ تاش ئاتتى، يالغۇز كارۋات مەن بىلەن ياتتى، ساغلاملىقنىڭ يەتتىم قەدرىگە. مەن ئىنتىلىپ يەنە ياشاشقا، كۈندە سەھەر باقتىم قۇياشقا، دىدىم كىسەل ، ئەجەل ھەم باشقا، ساغلاملىقنىڭ يەتتىم قەدرىگە. قىلدىم كۈندە يۈزمىڭ پۇشايمان، ساغلام چاغدا ئەتمىگەن بوستان، ھاياتلىقتا يازمىغاچ داستان، ساغلاملىقنىڭ يەتتىم قەدرىگە. ساغلاملىقىم كەلسە ئەسلىگە ، ئارمانلىرىم يىتەر ۋەسلىگە ، نەقىش چىكەي باھار پەسلىگە، ساغلاملىقنىڭ يەتتىم قەدرىگە.
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
سەھرانى سۆيىمەن!
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ