ئالتۇن باھاسى 60دوللار چۈشۈپ كەتتى .
7-ماي ئالتۇن باھاسى 1640 دوللاردا تەۋرىنىپ تەۋرىنىش ئارلىقى 6 نوقتا ئەتراپىدا بولغان ئىدى .
تۈنۈگۈن 8-ماي يەنە 1638 دوللاردا بازار ئىچىلىپ چۈشكىچە 1636 ئەتراپىدا تەۋررەندى .
چۈشتىن كىيىن ئالتۇن باھاسى تىز تۆۋەنلەپ 1626 دوللارغا كەچتە 1616 دوللارغا چۈشتى .
كەچ سائەت 7 دە ئالتۇن يەنە چۈشۈپ 1595 دوللارغا چۈشۈپ قالدى .
نىفىت باھاسىمۇ تىز تۆۋەنلەپ ھەر تۇڭ نىفىت 95 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قالدى .
بۈگۈن 9-ماي ئالتۇن باھاسى يەنە تۆۋەنلەپ 1579 دوللارغا چۈشۈپ خام ئالتۇن ھەر گىرامى 320 يۈەن ئەتراپىغا كىلىپ قالدى . بۇ باھا بەلكىم ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولۇشى مۆمكىن .
بۇ ئىككى كۈندە ئالتۇن باھاسى ھەر گىرامىدا 10 يۈەندىن ئارتۇقراق چۈشۈپ كەتتى .
ئالتۇن يەنە ئاشارمۇ ؟؟؟ ئالتۇن باھاسى نەچچە قىتىم مۇشۇنداق چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنە ئۆسۈپ ئەسلىدىكى باھاغا چىققان ئىدى .
بۇ قىتىممۇ ئالتۇن باھاسى يەنە ئىشىپ قىلىشى مۆمكىن .
مەنبە ؛ بىر مىسقال ئىقتىسات تورى
www.1miskal.com