ئانامغا
( يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قەدىردان ئانامغا ۋە قەدىرلىك ئانىلارغا بېغىشلايمەن)
(غەزەل)
مېنى تۇغماستا جان ئانا، سېنى خەقلەر ئايال دەيتتى،
باھارىڭداگۈزەل ئىدىڭ، تەرىپلەپ ئۇز جامال دەيتتى.
مېنى تۇغدىڭ زىبالىقىڭ، لېۋەنلىكىڭ يۈتۈپ كەتتى،
يۈرىكىڭ: سەن ئۈچۈن كۆيمەسكە يوق ئەمدى ئامال دەيتتى.
قاراداغلار، سېرىق داغلار، تېخى بار مۇتتەھەم قورۇق،
چىرايىڭنى بۈگۈن ئانا قىلاي ئەمدى قامال دەيتتى.
ئۆزۈڭ خۇشخۇي، ئىشىڭ چاققان، ئىدىڭ سەن ھەم گېپىڭ تاتلىق،
شۇڭا مۇمام: ئارام بىزگە، قىزىم سەلكىن شامال دەيتتى.
مېھىر بەرگەچ ماڭا نۇرغۇن، خىسلەتلىرىڭ ئۇدۇم قالغاچ،
گۈزەللىكتە قېلىشمايمەن، مېنى چولپان: ھىلال دەيتتى.
قەدىمىڭ ئاستىدا جەننەت ئېلىپ كەلسەڭ ئانا بىزگە،
شەيتانلارمۇ ھودۇققانچە: يېتەر بىزگە زاۋال دەيتتى.
ئەقىدەڭنى بىلپ يەتكەچ، داداممۇ ھەم قىلىپ ۋاپا:
بولاي مەڭگۈ ساڭا جېنىم، يۈلەك-ماغدۇر، ماجال دەيتتى.
قەلەملىرىم سىياھ تۆكسە، سېنىڭدەكلەرنى ماختايدۇ،
بالىغا كۆيمىگەنلەرنى ئانا ئەمەس، پاخال دەيتتى.
يىتىپ قالدى بالاغەتكە، مۇھەممىتىڭ بۇ كۈنلەردە،
يۈرەكلىرىم سېنىڭ ئۈچۈن تاپاي ئەمدى كامال دەيتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tax1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 06:53 PM