ئەزىزلەڭ، ئەزىزلەر كۈلۈپ ياشسۇن.
--------------------
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
-----------------
بالام دەپ بىر ئۆمۈر قەددى پۈكۈلدى .
چىھرىدىن ھېساپسىز نۇرلار تۆكۈلدى .
يۈزلىرى بىر-بىرلەپ جۈدەپ قورۇلدى ...
ئەزىزلەڭ، ئەزىزلەر كۈلۈپ ياشسۇن.
------------------------
جاپانى بىلدى ئۇ بىزنى دەپ راھەت .
كۈلكىمىز ئۈچۈنلا ياشىدى پەقەت .
ئۇنىڭسىز ياغمىغان باشلارغا ئامەت ...
ئەزىزلەڭ، ئەزىزلەر كۈلۈپ ياشسۇن .
-----------------------
ئاتىسىز ئۆيلەردە كۈلەر غېرىبلىق ،
ئاتىسىز ئۆيلەردە تۈۋرۈك يېرىقلىق .
ئاتىسىز ئېتىزدا يوقتۇر ئېرىقلىق ....
ئەزىزلەڭ، ئەزىزلەر كۈلۈپ ياشسۇن.
------------------------------
ئاتىسىز -ئانىلار بەكمۇ بىچارە ،
ئاتىسىز بالىلار يۈرەر ئاۋارە ،
ئاتىسىز ھەرجايدا دەيمىز نە چارە ...
ئەزىزلەڭ، ئەزىزلەر كۈلۈپ ياشسۇن.
--------------------------
ھاياتتۇر بىزلەرگە تۆت كۈنلۈك ئۆتەڭ .
يىقىلسا بالام دەپ ئېرىنمەي يۆلەڭ .
قەدىرلەڭ ھەرزامان-يانمىسۇن كۆرەڭ .. .
ئەزىزلەڭ، ئەزىزلەر كۈلۈپ ياشسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 06:06 PM