مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 436|ئىنكاس: 25

ئاقمىسۇن ئانىلار كۆزىدىن ياشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ana11.jpg



ئاقمىسۇن ئانىلار كۆزىدىن ياشلار


(بۇ شېئىرىمنى سۇيۈملۈك ھەم مىھرىبان ئانامنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى بايرىمىغا،شۇنداق ئانام قاتارىدىكى بارلىق جاپاكەش مىھرىبان ئانىلارنىڭ بايرىمىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن)





بۈشۈكنى ،دۇنيانى تەۋرەتەر تەڭلا،

ئانا بوپ ئاتالغان شۇ كۈندىن باشلاپ.

چېھرىدە تەبەسسۇم،دىلىدا مىھىر،

كۆزىدە ئىللىق نۇر قۇياشتەك چاقناپ.


ana2.jpg

كىم يەنە ئۇنىڭدەك بولالار قەيسەر؟

ئاچچىق بىر ئازابتىن ئەمدىلا توختاپ.

كىم يەنە بىر ئۆمۈر ئۆتەلەر شۇنداق،

يۈرەكنى يۈرەككە مننەتسىز باغلاپ.

ana6.jpg

كىم يەنە بېرەلەر بىر تامچە مىھىر؟

كۆزلىرى شۇ تاتلىق ئۇيقۇدىن كېچىپ.

كىم يەنە كۆيەلەر پەرزەنت ئىشقىدا؟

دىللارغا بىر ئۆمۈر نۇرىنى چېچىپ.


ana1.jpg

كىم يەنە بولالار شۇنچە كەڭ قورساق؟

بەڭۋاشلىق قىلسىاقمۇ قايتا ۋە قايتا.

كىم يەنە ھېسابلار بۇنى بىر بەخت؟

تارتسىمۇ بىز ئۈچۈن مىڭلارچە جاپا.


ana8.jpg

ئۇلۇغلۇق شەنىگە پۈتۈلدى نىچۇن؟

تارىختىن تالايلاپ قەسىدە،داستان.

چاقنايدۇ بۇنىڭدىن ھېكمەتۇ سىرلار،

ئويلانغىن دائىما ئەقىللىق ئىنسان.


ana12.jpg

"ئانىلار ئايىغى ئاستىدا جەننەت"،

ئانىلار بىز ئۈچۈن بىباھا، قىممەت.

كۆكلىگەن قايسىبىر ئىنسان بالىسى؟

قاقشىتىپ ئانىنى،كۆرسەتمەي ھىممەت.


1331311555.jpg

ياشايمىز بىر ئۆمۈر پۇشايمان ئىچىرە،

ھەسرەتنىڭ نەشتىرى يۈرەكنى چېقىپ.

ئانىنىڭ قەدىرىگە يەتمىسەك دوستلار،

ئۇ ھايات چاغلاردا باھانە تېپىپ.


ana13.jpg

بىز ئۈچۈن قاپارغان ئاشۇ قوللارغا،

ۋاپانىڭ لىۋىدە تىنماي سۆيەيلى!

ئۇ خالاپ بىر ئۆمۈر كۆيگەن ئوتلاردا،

ساداقەت ئىلكىدە تانماي كۆيەيلى!


ana9.jpg

ئاقمىسۇن ئانىلار كۆزىدىن ياشلار.

چۆمۈلسۇن شادلىققا ئۆمۈر باغلىرى.

ئۆچمىسۇن تەبەسسۇم گۈلگۈن يۈزلەردىن،

باسمىسۇن ئۇلارنى غەمنىڭ تاغلىرى.


ana10.jpg

ياشىسۇن بەسلىشىپ توغراقلار بىلەن،

ساغلاملىق يار بولسۇن ئالتۇن بويلارغا.

يۇرت بىلەن تەڭ يۈرۈپ،بىللە ئۇلاشسۇن،

نەۋرە ھەم چەۋرىلەر قىلغان تويلارغا.


ana7.jpg

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى

مەنبە:

http://www.lopnuri.com/?p=2185




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-9 12:34 PM  


قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1150
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 22318
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 7892 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلار ھەققىدە تالاي نەزمە-داستانلار پۈتۈلدى. مەدھىيەلەرنى كانىيىمىز يىرتىلغۇچە ئوقۇۋەتتۇق. ئەمما بىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغاندىن تارتىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بىز ئۈچۈن سەكپارە بولغان ئانىلىرىمىزغا زادى نېمە قىلىپ بېرەلىدۇق؟
ئېغىزىمىزدا ئېيتقانلىرىمىزنىڭ يۈزدىن بىرىنى ئەمەلىيىتىمىزدە قىلالىغان بولساق ئىدى كاشكى ..........
ئانامنىڭ يۈزىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرۈش مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ خوشاللىنارلىق ئىش.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-9 01:20 PM  


ئەي ئىنسان ئويلىغىن، تارىخنى ئەسلەپ،
يوقاتتىڭ نېمىنى، تاپتىڭ ھەم نېمە؟
كىم ئىدىڭ ئەسلىدە، كىم بولدۇڭ ھازىر،
بولماقچى ئاخىرى سەن زادى نېمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1075
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 274 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم ئەجرىڭىزگە ،ئانىلارنى كۆيلىگەن قوللىرىڭىز مەڭگۇ دەت كۆرمىسۇن، بارلىق سۇيۇملۇك ئانىلارنىڭ تىنگە سالامەتلىك تىلەيمەن ئالتۇن بۇيۇڭلارئامان بولسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-9 01:08 PM  


ئۇخلىغانىڭ رىسقىنى ، ئۇخلىمىغان يەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60720
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 904
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز قىرىندىشىم ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72219
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلار بايرىمىغا ئىككى ئاپامغا نېمە ئالسام بولار ئەمدى؟

زەر ئەمەسكە خار ئەمەسمەن، ئوتى يوق يۈرەككە پار ئەمەسمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6285
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 1686 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى يېزىپسىز ،،،،،ئاپامنى ھەجەپ سېىغىندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69152
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلاياخشى يېزىپسىز،ھارماڭ!!     بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن ۋەئۇزۇن ئۆمۈرتىلەيمەن!!!

ھەي،مۇشۇكۈنلەردەنىمەبوپكىتىۋاتىمىز؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69152
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىلە يوللىغان ۋاقتى  2012-5-8 06:13 PM
ئانىلار بايرىمىغا ئىككى ئاپامغا نېمە ئالسام بولار ئەم ...

ئاتا-ئانىلارغائەڭ ياخشى سوۋغاپەرزەنتلىرىنىڭ ۋاپادارلىقى بولسا كىرەك.

ھەي،مۇشۇكۈنلەردەنىمەبوپكىتىۋاتىمىز؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلار ئۇلۇغ، لېكىن قانداق ئانىلار ھەقىقى ئۇلۇغ ؟   بۇ ھەربىر ئانا بولغۇچى ئويلىنىدىغان قېيىن سوئال، چۈنكى سىز مەڭگۈ پەرزەنت پىتى تۇرىۋەرمەيسىز... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turmux.net تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-9 01:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77603
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش