سىتالىن ئۈلۈمىنىڭ سىرى
1953-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، سوۋېت مۇستەبىتى، ئەشەددى قاتىل سىتالىن كۆز يۇمدى. ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن سىتالىن ئۈلۈمى ھەققىدە ھەرخىل چۈشەنچىلەر بولدى، زادى قايسىسى راسىت؟ بۇبىر سىر بۇلۇپ قالدى.
1964-يىلى خىرىشوف ۋىنگىرىيە ۋەكىللەر ئۈمىكىنى كۈتىۋالغاندا مۇنداق دېگەن ئىدى:« سىتالىن بىر جاللات، تارىختا ئۇنىڭدەك قانخوردىن يەنەبىرسى چىقمايدۇ ، ئۇئۆز ئادەملىرىنى ئاتتى، پىشقەدەم ئىنقىلاپچىلارنى ئۆلتۈردى، ئاخىردا ئۇ ئۈزىنىڭ پالتىسى ئاستىدا ئۆلدى». خىرىشوفنىڭ بۇسۆزلىرى، مەلۇم جەھەتتىن سىتالىن ئۈلۈمىنىڭ تەبىئى ئۈلۈم ئەمەس ئىكەنىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەتتى. خىرىشوف ئەسلىمىسىدە مۇنداق يازىدۇ:« كىرىمىل سارىيىدىكى دوختۇرلار سىتالىننىڭ بۇيرۇقىسىز سىتالىنغا يېقىن كىلەلمەيتى، سىتالىن دوختۇرلاردىن بەك گۇمانلىناتتى، شۇڭا، سىتالىننىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ كەتكەندە، بۇيرۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا دوختۇرلار ئۇنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۋالالمىغان ئىدى».
سىتالىن گىرمانىيە فاشىسىتلىرىغا قارشى جەڭدە زور تۆھپە كۆرسەتكەن، ئەمما پارتىيە ئىچىدە بولسا غالجىرلارچە كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، دىمۇگىراتتىيەنى ئاياغ-ئاستى قىلىپ، شەخىشسكە چۇقۇنۇشنى ئەۋىج ئالدۇرۇپ، قانخورياۋۇزجاللاتقا ئايلانغان، ئۇ ھايات ۋاقتىدا قەبىھ جاللات بولغاچقا ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا پىكىر بىرەلمەيتى، ئەمما ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن ئىشلار باشقىچە بۇلاتتى. خەلق سىتالىنغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بۇلۇپ كەتكەچكە، سوۋېت كومۇنىستىك 20- قۇرۇلتىيىدا، نۇرغۇن ئۇۋال بولغان دىلولار ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، قۇرۇلتايدا يەنە :« سىتالىن لېنىننىڭ سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، زور كۈلەمدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ھۇقۇقىنى قالايمىغان ئىشلىتىپ، شەخىسكە چۇقۇنۇشنى ئەۋىج ئالدۇرۇپ، سوۋېت دىموگىراتتىيەسىنى ئاياغ-ئاستى قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن، سىتالىننىڭ جەسىدىنى داۋاملىق لېنىن قەبرىستانلىقىدا قۇيىۋىرىشكە بولمايدۇ» دىيىلدى.
سىتالىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە گۇمانخورلىق كېسىلى پەللىگە چىققان بۇلۇپ، ھەرقېتىملىق تاماق يىگەندە، ھەربىر قورۇمىلارغىچە باشقىلارغا تېتىتىپ كۈرۈپ، ئاندى يەيتى. سىتالىن دوختۇرلارغىمۇ ئىشەنمەيتى، ھەربىر دوختۇر ئۇنىڭ كۈزىگە بىرتىرورچى ياكى دۈشمەن بۇلۇپ كۈرۈنەتتى.شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق دوختۇر سىتالىننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلەلمەيتى. سىتالىن ئۆلۈشتىن ئالدىنقى كۈنى كەچتە، شۇكۈنى مۇھاپىزەتچىلىك قىلغان خىرۇسىتاموف ئىسىمىلىك ئەسكەر كۆپچىلىككە:« يولداش سىتالىن بۇيرۇق قىلدى، بۈگۈن ئۇخلىۋالماقچى، ھېچكىمىنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا رۇخسەت يوق، كۆپچىلىكنىمۇ ئۇخلىۋالسۇن دېدى» دېگەن، بۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن خۇشاللىق بىلەن ئۇخلىغىلى كىرىپ كەتكەن.ئەتىسى ئەتىگەندە مۇھاپىزەتچىلەر سىتالىننىڭ ئۈيىدىكى جىمجىتلىقتىن ئەنسىرەپ قالدى، ئەمما كىرىشكە بۇيرۇق بولمىغاچقا ھېچكىممۇ كىرەلمەيتى، نەچچە سائەتلەردىن كىيىن جىددى بىر تىلگىراممىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بىرخادىم كىرىپ، سىتالىننىڭ پول ئۈستىدىلا يېتىپ قالغىنىنى كۆردى، بۇچاغدا سىتالىن تېخى ھايات ئىدى. سىتالىننىڭ ئىشتىنى ھۆل بۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ، ئىشتانغا سىيىۋەتكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. بۇئەھۋال مۇھىم ئەرباپلارغا دوكلات قىلىندى، ئەمما يەنە بىرسائەت ئۈتۈپ كەتتى، ھاياتى خەۋىپتە قالغا سىتالىننى ھېچكىممۇ قۇتقۇزۋېلىشقا ئالدىرىمايتى. كېچەسائەت ئۈچ بىلەن مالىنكوف قاتارلىق ئەمەلدارلاريىتىپ كېلىپ:« نېمىگە شۇنچە سارىسىمىگە چۈشۈپ كەتتىڭلار، خۇجايىن شۇنداق ياخشى ئۇخلىغىلى تۇرۇپتىغۇ؟ بىزنى ئاۋارەقىلماڭلار، يولداش سىتالىننىمۇ ئاۋارە قىلماڭلار» دەپ قايتىپ كېتىشتى.
74ياشقا كىرگەن سىتالىن، يەنە تۆت سائەت ھۆل ئىشتان بىلەن «ناھايىتە ياخشى ئۇخغىلى تۇرۇپتۇ» دىيىلدى. شۇكۈنى قانداق مەخپى ئىشلار بولدى؟ بۇنى ھېچكىممۇ بىلمەيتى. پەقەت مۇنداق ئىككى خىل ئىھتىمالىقنى قەيىت قىلىشقىلا بۇلاتتى. بۇنىڭ بىرى: شۇكۈنى مۇھاپىزەتچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان خىرۇسىتاموف ئىسىمىلىك ئەسكەر بىراۋ تەرىپىدىن مەخپى بۇيرۇق بىلەن : «يولداش سىتالىن بۈگۈن مەن ئۇخلايمەن، مېنى ھېچكىممۇ ئاۋارە قىلمىسۇن» دېگەن گەپنى قىلىپ، باشقىلارغا سىتالىنغا يېقىنلىشىش پۇرسىتى يارتىپ بەرگەن، بىراۋ سىتالىنغا بىرئۇكۇل ئۇرۇپ، مېڭىسىگە قان چۈشكەن بۇلىشى مۇمكىن، يەنە بىرى سىتالىن ئۇخلىغاندا مىڭىسىگە تەبىئى قان چۈشكەن بۇلشى مۇمكىن.
سىتالىننىڭ ئوغلى ۋارشىلوف :« ئۇلار دادام سىتالىننى ئۆلتۈرگەن قاتىللار»دېگەن.سىتالىن ئۆلتۈرلۈپ 21كۈندىن كىيىنلا ئوغلى ۋارشىلوف قولغا ئېلىنىپ 8 يىللىق قاماققا ھۈكۈم قىلىنغان. دېمەك، سىتالىننى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش ھەققىدە ئىسپات بولمىسمۇ، ئەمما ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ كەتكەندە يېنىدىكىلەر پاسسىپ پوزىتسىيەدە بۇلۇپ، كېسەلنى بىرتەرەپ قىلمىغان.
1953-يىلى ئىستىبىدات مۇستەبىت ئىستالىن ئۆلدى. تارىخ ئىستىبىدات مۇستەبىتلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ تارىخنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى يەنەبىر ئىسپاتلىدى. مۇستەبىتلەرنى تارىخ جازالىغاندىن سىرىت يەنە كىيىنكىلەرنىڭمۇ لەنەت ياغدۇرۇپ جازالىشىنىڭ مۇقەرەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
مەنبە: كەيشىن588 مۇنبىرى. ئەسلى مۇنبە:
http://www.kaixin588.com/lsgs/lsrw/7310_2.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 11:47 AM