قىمارۋاز
(ongmas)
تەلەي سىناپ دو تىكىپ ، ئىش باشلايدۇ قىمارۋاز،
ئامىتىگە كۆز سېلىپ ، پۇل تاشلايدۇ قىمارۋاز،
كەتسە ئامەت پەر قېچىپ، باش قاشلايدۇ قىمارۋاز،
كېلەمدىكىن دەپ يېنىپ، ھېچ يانمايدۇ قىمارۋاز،
بار بىساتتىن ئايرىلىپ، كۆز ياشلايدۇ قىمارۋاز.
قىزىقتۇرغاچ كىشىنى، ‹‹ئامەتلىكسەن››دەپ قىمار،
تاشلاتقۇزۇپ ئىشىنى، ئىسكەنجىگە ئېپ قىمار،
مەپتۇن بولغان كىشىنى، ھەر كويلارغا سېپ قىمار،
شەيتان كەبى سازىنى، ھەر پەدىگە چېپ قىمار،
ئۇتتۇرغانغا تەن بەرمەي، پۇل تاشلايدۇ قىمارۋاز.
تاپقان پۇلنى سورىغاچ، ئايال يىغلار سەرسانە،
كونا يولدىن قايتمىغاچ، جىسمىدا يوق دەرمانە،
تەكرار بېرىپ ئۇتتۇرغاچ، ئۆينى قىلار ۋەيرانە،
ھەتتا ئۆيدىن ئايرىلغاچ، سىرىتلاردا دىۋانە،
ئاقىۋەتنى ئويلىماي ئىش باشلايدۇ قىمارۋاز.
ئوخشايدىكەن قىمارۋاز مېۋىسى يوق باراڭغا،
ئايلاندۇرغاچ قىمار ئۇنى ئوخشاپ قالدى ساراڭغا،
قىپ نەسىھەت توسىساڭ تۇز سېپىدۇ ياراڭغا،
ھەتتا سېنى قىزىقتۇرۇپ بۇس چاچىدۇ ئاراڭغا،
ئۆز خاھىشى بويىچە يول باشلايدۇ قىمارۋاز.
‹‹قىلما››دەپ چىن ئات قويغان، ئاقىل شۇڭا قىمارغا،
قىپ ئۆگەنگەچ بەزىلەر ئايلاندۇردى تۇمارغا،
قۇتۇلماق تەس ئۇنىڭدىن كىرىپ قالسا خۇمارغا،
چېچىلدۇرۇپ نېرۋىنى ئايلادۇرار بىمارغا،
ماھىيىتىنى چۈشەنسە پەر تاشلايدۇ قىمارۋاز.
شېئىرىنىڭ ئاپتورى: باي ناھىيىسىدىن : مەخمۇت ئاۋۇت(ongmas)
يېزىدا كادىر بولماق تەس
(مۇخەممەس)
(ongmas)
ھەقنى-ھەق يازغۇچى شائىر بولماق تەس،
ئۆگۈنۈپ ھۆنەرگە ماھىر بولماق تەس،
بىلىمدە يېتىلىپ قادىر بولماق تەس،
رول تۇتۇپ ئۆلكىدە نازىر بولماق تەس،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.
ھەرقايسى ساھەدە باردۇر بىر كەسىپ،
ئىشلىسە كىرىممۇ بارىدۇ ئېشىپ،
دەم ئېلىش، بايرامدا ئالمايدۇ قىسىپ،
يېزىدا نە ئارام ئالغاچ ئىش بېسىپ،
شۇڭلاشقا يېزىدا كادىر بولماق تەس.
ئىشلىنەر يېزىدا ئوتتۇزچە كەسىپ،
مۇقىملىق ھەممىنى چۈشىدۇ بېسىپ،
دېھقاننى بېيىتىش ئاساسىي كەسىپ،
باشقا تۈر خىزمەتمۇ قالمايدۇ ئېشىپ،
ھەممىدىن يېزىدا كادىر بولماق تەس.
ھەر كۈنى تۆۋەنگە چۈشمىسەڭ تېخى،
ئېتىزدا توپىلار كەچمىسەڭ تېخى،
تۈرلۈك دەرت-دەۋانى يەشمىسەڭ تېخى،
ئىشتىن ھەم شۇنچە كەچ چۈشمىسەڭ تېخى،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.
ئۆيۈڭدىن ناشتىسىز چىقىپ ئالدىراپ،
بارىسەن نۇقتاڭغا تېزدىن ھالسىراپ،
چۈشكىچە ماڭىسەن ئېچىپ،قاغجىراپ،
بەزىدە دېھقاندىن ناشتىلىق سوراپ،
ئويلاپ كۆر يېزىدا كادىر بولماق تەس.
خىزمىتىڭ جاپالىق، ئالدىراش، تولا،
ھەپتە، ئاي، پەسىلدە باھالاش تولا،
ئىشلەشكە ئۈلگۈرمەي‹‹تولۇقلاش››تولا،
ھەقىقى ئىشلەشكە نەدىكى چولا،
شۇڭىمۇ يېزىدا كادىر بولماق تەس.
قىلارغا ئىشىڭ كۆپ، ۋەزىپەڭ ئېغىر،
قوشتا ھەم سۆرەمدە بولىسەن يېغىر،
مۈشكۈلات كۆپ شۇنچە بولغاچ يول چىغىر،
كۆرۈلسە سەۋەنلىك جەرىمانە ئېغىر،
دېمەككى، يېزىدا كادىر بولماق تەس.
رەھبەرنىڭ كاتىپى بولساڭ كۈنۈڭ تەس،
بېشىڭنى قاشلاشقا ۋاقىتمۇ يەتمەس،
ئارخىپنىڭ كۆپلۈكى كاللاڭدىن كەتمەس،
يىغىن سۆز،دوكلات تۈگىمەس، ئۈزۈلمەس،
دەرۋەقە، يېزىدا كادىر بولماق تەس.
رەھبىرىڭ كايىيدۇ شىرەنى مۇشتلاپ،
دېھقىنىڭ نا قايىل، تۇمشۇغىن ئۇشلاپ،
قالىسەن ئارىدا يالغان ئېتىپ لاپ،
دىل ئازار تارتىسەن ھالىڭغا قاراپ،
دەيمەنكى يېزىدا كادىر بولماق تەس.
دېھقانمۇ خالىسا ئىشلەيدۇ بېرىپ،
دەم ئالار خالىسا ئەركىن كېرىلىپ،
كادىرغا كەتكەچكە ئىشلار تېرىلىپ،
تۈگەتمەي بولمايدۇ كەچلەپ، بېرىلىپ،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.
يىل بويى تارتساڭمۇ مۈشكۈلات-جاپا،
ئاڭلايسەن رەھبەردىن تەنە ھەم تاپا،
قارىيالماي ئۆيۈڭگە باللىلارخاپا،
يوقلىيالماي ۋاقتىدا نارازى ئاپا،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.
تۈتۈننىڭ دەردىنى بىلىدۇ مورا،
قىيىن دەپ ۋايسىشار كەسىپلەر ئارا،
ھەر تۈرلۈك بېسىمدا كۆڭۈللەر يارا،
ئۇلارغا چۈشۈنۈش،ھېسداشلىق دورا،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.
دېھقاننىڭ بانكىدا ئامانىتى بار،
نامراتنىڭ تېگىشلىك كاپالىتى بار،
شىركەتنىڭ ئېشىنچە مۇكاپىتى بار،
كادىرنىڭ قانچىلىك پاراغىتى بار؟
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.
جاھاندا ئىشنىڭغۇ ئاسىنى بولماس،
خىزمەتنىڭ جاپاسى ھەم ئوخشاش بولماس،
تەڭسىزلىك ۋاقىتلىق، ئوڭشاپمۇ بولماس،
خىزمەتتە خىرىس كۆپ، پۇرسىتى بولماس،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.
بولسىمۇ خىزمىتىڭ شۇنچە ئالدىراش،
يوق ساڭا تەشەككۈر ياكى ھال سوراش،
خىزمەتنى تۈگەرتسەڭ كەچتە بار چارلاش،
بۇ تۈرلۈك خىزمەتكە بار توغرا قاراش،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.
يېزىنىڭ خىزمىتى شەرەپلىك، مۈشكۈل،
ۋايسىماي ئىشلەيدۇ ئىشەنگەچ تەشكىل،
چۈشۈنىش، قوللاشتا تەسكىن تاپار دىل،
ھارماڭلار ، سىلەرنى چۈشەندى كۆڭۈل،
بەرھەقكى : يېزىدا كادىر بولماق تەس .
شېئىرىنىڭ ئاپتورى : (ongmas)
2012-يىل 4-ئاي (باي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 11:55 AM