مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7241|ئىنكاس: 44

سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8209
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 10:26:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سوپاخۇن  سوۋۇروف ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات

« مەن كەچكەن كېچىكلەر» دىكى سوۋېت جاسۇسلىرى

ئاپتۇرى: نەبىجان تۇرسۇن)تارىخ پەنلىرى دوكتورى(

  سوپاخۇن سوۋۇروف 20-ئەسىرئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھەربىي ئىشلار تارىخىدا ئاددىي بىر قوزغىلاڭچىدىن مەخسۇس ھەربىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، ئىزۋوت، روتا ۋە پولك كوماندىرىلىق دەرىجىسىگىچە بولغان 20 يىللىق ھەربىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن شۇنىڭدەك ئۆز قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، بىۋاسىتە قانلىق جەڭلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەربىي قوماندانلارنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ شاۋكەتلىك قىسىمى 1945-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ، بىر روتا ئۇيغۇر ئەسكەرنى باشلاپ، ئىلى ھۆكۈمىتى تەرەپكە ئۆتۈشى ھەمدە ئۇنىڭ ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىكتۇر، بەلكى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بۇ سەھىپىسى بولمىغان بولسا، سوپاخۇن سوۋۇروف دېگەن مەزكۇر جاراڭلىق ئىسىم تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالالمىغان ۋە خەلقنىڭ مۇنداق يۇقىرى سۆيگۈسى ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولار ئىدى. سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ھاياتىنىڭ ئەنە شۇ جەڭگىۋار ۋە شەرەپلىك قىسىمى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلى ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق داھىيلارنىڭ، ئىۋان پالىنوف ۋە ئىسساقبەك مۇنونوف قاتارلىق باش قوماندانلارنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتى ھەم تەقدىرلىشىگە ئېرىشىپلا قالماستىن بەلكى  ئىلى ئىنقىلابىنى باشتىن ئاخىرى قوللىغان ۋە مەزكۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى كرېمىلنىڭ
ئىستراتېگىيىلىك پلان ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ تەركىبى قىسىمىغا كىرگۈزگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبىرى يوسىف ستالىن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭمۇ قۇلىقىغىمۇ يەتكەن ئىدى.
     ئەلۋەتتە، ستالىننىڭ سوپاخۇن دېگەن ئىسىمدىن غۇلجىدىكى سوۋېت گېنېراللىرى ئارقىلىق خەۋەر تېپىشى تەبىئىي.مېنىڭ مۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان2-دومنىڭ مەسئۇلى، گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ ئاقسۇ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوپاخۇن ھەققىدە موسكۋاغا بىۋاسىتەمەلۇمات يوللىغان بولۇپ، بۇ مەلۇمات « ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى» دەپ ئاتالغان ستالىنغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ ئارخىپىدا ساقلانغان. ئەمما، سوپاخۇن سوۋۇروف ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەزكۇر مەلۇماتتىن بىخەۋەر بولۇپ، 2-دومنىڭ مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلىدىغان مەزكۇر ھەرىكەتلىرى ۋە مەخپىي تېلېگرامما- ھۆججەتلىرىدىن سوپاخۇن ئەمەس، ھەتتا جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمىلەرنىڭمۇ خەۋەر تېپىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
يېقىندا مەنسوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ بېيجىڭدا نەشىرقىلىنغان 496 بەتلىك «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ناملىق ئەسلىمىسىنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئوقۇپ چىقتىم.
    مەن ئالدى بىلەن زور قىزىقىش ئىچىدە ئەسەرنىڭ كېيىنكى بەتلىرى، يەن ىسوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ، غۇلجىغا كېلىشىدىن تارتىپ،ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىگە ئائىت تەپسىلاتلارغا كۆز يۈگۈرتتىم . ئەپسۇسكى، ئەسلىمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈشكىچە بولغان جەريانلارغا بېغىشلانغان. بىراق، ئۇنىڭ 1945-يىلى، 6-ئايدىن1949-يىلى 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەربىي ھاياتى، بولۇپمۇ كىشىلەر ئەڭ قىزىققان ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدىكى پائالىيەتلىرىغا ئائىت تەپسىلاتلار يېتەرلىك تەپسىلىي يېزىلمىغان . بۇ ئەمەلىيەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجى ئەڭ كۆپ قىسىمى بولۇپ،كۆپلىگەن تەپسىلاتلار يورۇتۇلماي ئۆتۈپ كېتىلگەن، بۇنىڭدىكى سەۋەب ھازىرچە ئېنىق ئەمەس،ئەلۋەتتە، قاتتىق سېنزۇرائاستىدىكى بۇ ئەسەرنىڭ خۇددى سوپاخۇننىڭ ھاياتىغا ئوخشاشلا ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ مۇساپىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئاخىرى يورۇقلۇققا چىققانلىقى ئوقۇرمەنلەرگە ئايان ھەم خۇشاللىنارلىق ۋەقە!.
      مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ كۆپلىگەن تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم، بولۇپمۇ ئەسەردە تىلغائېلىنغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلاپقا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ئۈچۇن پايدىلىنىش قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. نەتىجىدە مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسىرىدىكى قىسمەن نۇقتىلارنى ئىزاھلاش ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەزى خادىملىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى چوڭقۇرلىتىش قارارىغا كەلدىم.
1. پېشقەدەم قومانداننىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئەسلىمىلەر
    مەن ئەسلىمىنى ئوقۇۋېتىپ، سوپاخۇن ئاكا بىلەن 1996-يىلىنىڭ ئەتىياز ئېيىدا ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قىلغان سۆھبەتلىرىمنى ئەسلىدىم . ئۇزۇندىن بۇياننامىنى كۆپ ئاڭلىغان،  دىدارىنى بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان مەزكۇر زات مېنى ئۆزئۆيىدە ئىللىق چىراي بىلەن قارشى ئالدى. سوپاخۇن ئاكىنىڭ دادام بىلەن يېقىن تونۇشلۇق ۋە كۆپ سۆھبەتداشلىق مۇناسىۋىتى بار ئىدى. دادام ئۆزى بىر تارىخىي ۋەقەلەرگە قىزىققۇچى ھەم ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق تارىخى شەخسلەرنىڭ كۆپىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇلار بىلەن ئۆتكەن ۋەقەلەرھەققىدە پاراڭلىشاتتى ھەم يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىي ۋەقەلەرى ھەققىدە بىر قىسىم ماقالىلارنىمۇ يېزىپ ئېلان قىلغان ئىدى.
   مېنىڭ موسكۋادا مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى ئوقۇۋاتقانلىقىم، ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدىكى كۆپلىگەن پېشقەدەم زىيالىيلارنىڭ قىزىقىشىغا ئۇچرىغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 1930-40-50-يىللىرىدىكى موسكۋانىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە جۇڭگو سىياسىتىنى ،جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرئېلىدىكى تەسىرلىرىنى ئەسلەتكەن ئىدى. چۈنكى، 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت ئېڭى ھەم سىياسىي تەقدىرىدىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس.
   مەن، 1990-يىلى، سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى نورماللىشىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلىقىغا تاللىنىپ، مەزكۇر ئاكادېمىيىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ئىدىم. مۇنداقچە قىلىپ، ئېيتقاندا سابىق چاررۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە1991-يىلىدىن كېيىنكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى ھېسابلىنىپ، 150 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان مەزكۇر بىلىمدەرگاھىدا مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيائۇيغۇرلىرى بولسۇن ۋەياكى ئۇيغۇر ئېلى ئۇيغۇرلىرى بولسۇن، ئۇلار ئارىسىدىن تۇنجى قېتىم مەزكۇرئىنىستىتۇتتا تارىخ پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنى ياقىلاپ، ئۇنۋان ئالغان ئىدىم. مەن 1985-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۈرۈمچىدە كۆپلىگەن پېشقەدەم زىيالىيلار بىلەن سۆھبەتداش بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئابدۇرېيىم ئۆتكۈر، ھاجى ياقۇپ، ئىبرايىم مۇتىئى، ئابدۇشۇككۇرمۇھەممەد ئىمىن، شەرىپىدىن ئۆمەر، ئابدۇللا تالىپ قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ جەريانلاردا مەنە يەنە باشقا ئونلىغان ئەينى ۋاقىتتىكى تونۇلغان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى، دوتسېنت-پروفېسسورلىرى،ئەدىبلىرى ۋە زىيالىيلىرى بىلەنمۇ سۆھبەتداش بولدۇم ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن خىزمەتداش بولدۇم. بۇ جەرياندا مەن يەنە بىر قىسىم تارىخىي شاھىدلارنىڭ ۋەقەلىرىنى ئاڭلىدىم. بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن ئۈچۈن ئىككى شەخس، سوپاخۇن سوۋۇروف بىلەن سەيدۇللا سەيفۇللايوف ئەڭ ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرغان ئىدى.
      سوپاخۇن ئاكا دادامدىن مېنىڭ تەتىلگە قايتىپ كەلگەنلىكىمدىن خەۋەرتېپىپ مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى ئېيتىپتۇ. مەنمۇ ئالاھىدە خۇش بولۇپ، دادام بىلەن بىرگە سوپاخۇن ئاكىنىڭ ئۆيىگە باردىم. تەخمىنەن تۆت سائەت ئەتراپىدا سوزۇلغان سۆھبەتلەر جەريانىدا سوپاخۇن ئاكابېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەردى. مەنمۇ بەزى سوئاللارنى قويدۇم. سۆھبىتىمىزنىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئىنقىلابقا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە ئارىلاشقانلىقى مەسىلىسى بولدى. سوپاخۇن ئاكا بۇ ھەقتەئۆزىنىڭ بەزى قاراشلىرىنى ۋە كۆرگەن پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
   مەن ئۇنىڭغا، 1949-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىدا قازاقىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەكىللەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە سەيفىدىن ئەزىز بىلەن بېيجىڭغا بارغان ئالىمجان ھاكىمبايېفنىڭ مەن ئوقۇغان ئەشۇ ئىنىستىتۇتتا 1950-يىللاردىن تارتىپ، تاكى ۋاپات بولغان1991-يىلىغىچە ئىشلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇ ئىنىستىتۇتتىكى بىر قىسىم پېشقەدەم كىشىلەر سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت كىشىلەرئىدى. ئەينى ۋاقىتتا تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى بولغان ئالىمجان ھاكىمبايېف سوۋېت تەرەپنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن سەيفىدىنگە ھەمرا بولۇپ، بېيجىڭغا بارغان ھەمدە بارلىق سورۇنلاردا بىرگە بولغان ئىدى. ئۇ، 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، ئۆمۈر بويى موسكۋادا ئىشلىگەن .ئۇ، 1930-يىللاردىكى ۋە 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەققىدە تەتقىقات قىلىپ،بۇ ھەقتە ئاشكارا ۋە يېپىق شەكىلدە بىر قانچە ئەسەرلەرنى يازغان ئىدى.
    بۇئىنىستىتۇتتا يەنە ئابدۇراخمان كالىموف ئىسىملىك قىرغىزىستاننىڭ قاراقول شەھىرىدەتۇغۇلغان بىر تۇڭگان ئالىمى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى تېخىمۇ قىزىقارلىق ئىدى. ئۇ 1944-يىلى، 12-ئايدا قىرغىزىستاندا تەشكىللەنگەن « باتۇر » ئەترىتىنىڭ تەركىبىدە سۈيدىڭ ۋە كۈرەدىكى جەڭلەرگە قاتنىشىپ، كېيىن مەنسۇر لومىيوفنىڭ تۇڭگان پولكىنىڭ شىتاب باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ھەمدە جىڭدىكى جەڭلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن، 1946-يىلىنىڭ 6-ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېتىپ، كېيىن موسكۋادا ئوقۇپ، تۇڭگان تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. ئابدۇراخمان كالىموف ئۇيغۇر تىلىدا ياخشى سۆزلەيتتى، ئۇتاكى سوۋېت ئىتتىپاق ىيىمىرىلگىچە ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىلىغا ئەۋەتىلىپ، گومىنداڭ بىلەن ئۇرۇش قىلغان تارىخىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچقاچان ۋە ھېچكىمگە تىنماسلىق ھەققىدە تىل خەت ئالغان ئىكەن. كابىلوف بىر ئۆمۈر ئۆز سىرىنى ئاشكارىلىيالماي، قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن، ئۇنىڭغا « ۋەتەن ئۇچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن» دېگەن شەرەپلەرمۇ بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىرئېغىز ئۆيدە قىينىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. ئاخىرى ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ بسىگە خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىلغان خىزمىتىگە يېڭىدىن باھا بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ك گ ب ئاخىرى ئۇنىڭغا ۋەتەن ئۇرۇشى قاتناشقۇچىلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، چوڭراق ئۆي تەقسىم قىلىپ بەرگەن. بىراق، ئۇنىڭغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ يىمىرىلىپ، ئۆز سىرىنى ئاشكارە ئېيتايلايدىغان بولسىمۇ، بىراق قېرىپ يېشى بىر يەرگە بارغان ئىدى. ئابدۇراخمان كالىموف بۇ ھېكايىلىرىنى ئۆز ئاغزىدىن ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئەمما، ئۇ ئالىمجان ھاكىميېفنى ياخشى كۆرمەيتتى ۋە ھاكىمبايېفنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن سۆككەن ئىدى. مەن سوپاخۇن ئاكىغا ئۆزۈم كۆرگەن بۇ زات ھەققىدە ۋە باشقا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇچراشقان پېشقەدەم مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپ قاتناشقۇچىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم.
     ھەقىقەتەن بۇ يىللاردا 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈزبەرگەن سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ كۆپلىگەن شاھىدلىرى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ھايات بار ئىدى.ئەپسۇس ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى ياش ۋە تەجرىبە كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ زاتلارنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ زىيارەت قىلىپ، كۆپلىگەن بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىكەنمەن، ھازىر بۇنىڭدىن كۆپ ئەپسۇسلىنىمەن. بىر تارىخچى ئۈچۈن پۈتۈن ۋەقەلەرنى كىتابتىنلا ئەمەس، تىرىك شاھىدلاردىنمۇ ئۆگىنىش تېخىمۇ مۇھىمدۇر.

    1996-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا يەنە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىڭ پېشقەدەم كادىرلىرىدىن بىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەن خىزمەت قىلغان يىللىرىدىكى سابىق مۇدىرى ھاكىم جاپپارئاكىنىڭ باشلىشى بىلەن سەيدۇللا سەيفۇللايېف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇزۇن سۆھبەتلەردەبولغان ئىدىم. سەيفۇللايېف ئۆزىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قانداق قاتناشقانلىقى ۋەئالمۇتا ئەتراپىدا فاتىخ باتۇرقاتارلىقلار بىلەن قانداق تەربىيىدىن ئۆتكەنلىكىگە ئائىت ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. كېيىن، ئۇ بۇ ۋەقەلەرنى ماقالە ۋە ئەسلىمە قىلىپ ئېلان قىلدى. سەيفۇللايەف بىلەن بولغان سۆھبەتتىمۇ ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ھەققىدە توختالغان ئىدى.
  سەيفۇللايېف سۆزىدە مەندىن ئالىمجان ھاكىمبايېفنىڭ موسكۋادا ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى سورىدى، مەن ئۇنىڭغا ئالىمجان ھاكىمبايېف ھەققىدە بىلگەنلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم. سەيفۇللايېف بۇ ئادەمنىڭ ئەسلىدە ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغان، ئۆزبېك مىللىتىدىن كېلىپ چىققان، چۆچەكتىكى باي شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەسلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي خادىمى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭلۇقىنى، بەلكى، ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىشىنى موسكۋا بەلگىلىگەنلىكىدە شەك يوق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. بۇ سورۇنداھاكىم جاپپارمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئەلىخان تۆرەھەققىدە تۇنجى قېتىم ماقالە يېزىپ ، ئۇنىڭ تاشكەنتتىكى ھاياتى ۋە قانداق قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ھاكىم جاپپارنىڭ بۇ ماقالىسى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەلىخان تۆرە ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگەبولۇشىدا مۇھىم مەنبەلىك رول ئوينىدى ۋە ھازىرغىچە پايدىلىنماقتا. ئۇزۇن مەزگىل مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن بۇ زات ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى مائارىپ ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى قاتارلىق تېمىلاردا ماقالىلاريازغان ئىدى.
   سۆزىمىزگەكەلسەك ، سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئۆيىدە بولغان سۆھبەت جەريانىدا، مەن ئۇنىڭ ئاقسۇ جەڭ مەيدانىنى ئەسلىگىنىدە ناھايىتى غەزەپلەنگەنلىكى، ئاقسۇنى ئازاد قىلالماي پاجىئەلىك تۈردە ئاقسۇدىن چېكىنگەنلىكىدىن چوڭقۇرئەپسۇسلانغانلىقىنى چۈشەنگەن ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئەۋەتكەن ھەربىي مەسلىھەتچى خادىملارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقلىرى ھەم بەزى رەھبىرىي شەخسلەرگە بولغان نارازىلىق پىكىرلىرىنىمۇ يوشۇرمىغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئەلىخان تۆرە ۋەئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرگە بولغان قارىشىنى سورۇغىنىمدا ئۇ بۇ ئىككى زاتنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويغان ئىدى. شۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن مەزكۇر پېشقەدەم قومانداننىڭ ئۆزى قاتناشقان بۇ ئىنقىلابقا نىسبەتەن ئۆزىگەخاس بولغان، باشقىلاردىن پەرقلىق باھا بېرىش ئىدىيىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلغان ھەم يەنە ئۇنىڭ ئاغزىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى زاكىر ۋە ئىسكەندەر قاتارلىقلارغا بولغان ئاچچىقلىرىنى ئاڭلاپ، بۇ ئىسىملارنىڭ ئۇ كىشىنىڭ مېڭىسىگە چوڭقۇر ئورۇنلاشقانلىقىنى چۈشەنگەن ئىدىم.
     سۆھبىتىمىز جەريانىدا يەنە مىرزىگۈل ناسىروف ھەققىدىمۇ پاراڭ بولدى. مەن بۇ كىشىنىڭ قازاقىستاننىڭ چىلەك رايونىدىكى بىر كالخوزنى باشقۇرۇپ، بوز يەر ئېچىش بويىچە 1950-60-يىللاردا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە داڭ چىقىرىپ، ئۇدا ئىككى قېتىم لېنىن ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقى، ئۇنىڭ قازاقىستاندا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە زات ئىكەنلىكىن ىسۆزلەپ بەردىم. بىراق، سوپاخۇن ئاكا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى بولۇپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قارشى جەڭلەردە چېنىققان بۇ كوماندىرنى ئانچە ياقتۇرمايتتى. ئۇ، ئاقسۇدىن چېكىنىش جەريانىدا مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئۆز قوشۇنلىرى بىلەن سوپاخۇن قوشۇنلىرىغا ماسلاشمىغانلىقى ھەم يارىماسلىق قىلغانلىقىدىن ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئەمما ئۇ يەنىلامىرزىگۈلنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى يوشۇرمىدى.
   مەن ئەنە شۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن سوپاخۇن ئاكىنى كۆرمىدىم، ئەمما ئۇنىڭ بەزى ئەسلىمىلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇدۇم. 2001-يىلى، ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى ھەقىقىي قوماندان سوپاخۇن سوۋۇروفغا بولغا ھۆرمىتىمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردۈم. مەخسۇس ھەربىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ پولكوۋنىكى بولغان ھەم مىللىي ئارمىيىنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك كوماندىرلىرى ئارىسىدائەڭ ئۇزۇن مەزگىل ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن كەسپىي ھەربىي خادىم سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ 1950-يىلىدىن كېيىن ھېچقانداق چوڭ ھوقۇق تۇتمىغانلىقى، ۋە بۇرۇنلا كەسىپ ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلەن 1955-يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورىلىق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولالمىغانلىقى ئاجايىپ بىر ئىش ! بىراق ئۇيغۇر خەلقى ئاللىقاچان ئۇنىڭغا گېنېرالدىنمۇ يۇقىرى ئۇنۋان بېرىپ بولغان ئىدى !
2. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپتىكى تەسىرى
     مەن مانا 16 يىلدىن كېيىن مەرھۇم سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ « مەن كەچكەن كېچىكلەر» ناملىق ئەسلىمىسىنى ئوقۇۋېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوپاخۇن كوماندىرلىقىدىكى پارتىزان ئەترىتىگە ھەربىي مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىگەن زاكىر تۆرە ۋە ئىسكەندەر ئەپەندىلەر ھەققىدىكى بايانلارنى ئۇچراتتىم. ئەلۋەتتە بۇ، ئۇ سۆزلەپ بەرگەنگە قارىغاندا بىر قەدەرتەپسىلىيرەك ئىدى. ئەمما يەنە بەزى نازۇكراق نۇقتىلار كىرگۈزۈلمىگەن. مەن بۇ يەردەسوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسلىمىسىدىكى باشقا تەپسىلاتلار ھەققىدە توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي، پەقەت زاكىر ۋەئىسكەندەردىن ئىبارەت ئىككى ئەرباب ھەققىدىكى بايانلارغا قوشۇمچە قىلىش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلىدىكى ھەربىي خادىملىرىنىڭ بەزى ۋەزىپىلىرىگە ئائىت ئۆزۈم ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى ئەسلىتىش ئارقىلىق «مەن كەچكەن كېچىكلەر»دىن ئورۇن ئالماي قالغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلەرگە ھاۋاقىلىشنى قارار قىلدىم.
    بۇ، قوشۇمچەمگە « سوپاخۇن ھەققىدە ستالىنغان يوللانغان مەلۇمات» دەپ ئىسىم قويدۇم. مېنىڭچە، سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسلىمىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلابقا بولغان ئارىلىشىشى، سوۋېت ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى قاتارلىقلاردۇر. سوپاخۇن ئەسلىمىسىدەزاكىر، نوغايبايېف، ئىسكەندەر ۋە باشقا بىر قىسىم ئوفىتسېرلارنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىدىكى ئوفىتسېرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سوۋېتلىكلەر بولۇپ، ھەتتا خەت باسقۇچى ماشىنىستكىلارمۇ رۇس ئاياللىرى ئىدى. قوماندانلىق شىتابىدىكى سوۋېتلىك رۇس ئوفىتسېرى ئۇنىڭغا قانچە ياخشى تەسىرات قالدۇرمايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەنلەر ۋە ئۇنىڭغا ۋەزىپەتاپشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى سوۋېتلىكلەر بولۇپ، پەقەت باقىيېف ئىسىملىك سوۋېتلىك ئۇيغۇرلا بۇيەردىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر ئىدى. ئۇ، شىتابتا تەرجىمانلىق قىلىۋاتاتتى[1].
    قوماندانلىق شىتابتكىلەر سوپاخۇننى ئاقسۇغا بارىدىغان يوللارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تېكەستىكى ئاتلىق قىسىمنىڭ پولكوۋنىكى نوغايبايېفنىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۇنى نوغايبايېفنىڭ يېنىغا ئىسكەندەر ئەپەندى باشلاپ بارىدۇ ھەمدە ئۇ يەردە زاكىر ، ئىسكەندەر، نوغايبايېف ۋە ئابدۇرەيىمجانھەسەنوفلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاقسۇغا بېرىش يوللىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ[2]. تەكىتلەشكە تېگىشلىك نۇقتا شۇكى مەزكۇرسورۇندىكى تۆت ئادەمنىڭ ئۈچى، ئىسكەندەر، زاكىر ۋە نوغايبايېف سوۋېتلىكلەر بولۇپ، پەقەت ئابدۇرەيىمجان ھەسەنوفلا يەرلىك ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئەسلىدە يەتتە سۇلۇق ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن، يەنى ئابدۇللا روزىباقىيېف سىياسىي كومىسسارلىقى،مۇزەپپەر يارۇللابېكوك كوماندىرلىقىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ تارانچىلار ( ئۇيغۇرلار) پولكىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە يەتتە سۇدىكى ئاق گۋاردىيىچىلەرگە قارشى جەڭلەرگە قاتنىشىپ،1920-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىلىغا كۆچۈپ كەلگەن كىشى ئىدى. ئابدۇرېيىمجان ھەسەنوف، مىللىي ئارمىيىنىڭ سىياسىي ئىشلار بويىچە مۇناۋىن قوماندانى سۈپىتىدەخىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا پولكوۋنىكلىك ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىدى.
     سوپاخۇن سوۋۇروف يەنە مىللىي ئارمىيە سېپىگە قوشۇلغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى بارلىق ھەربىي كوماندىلار ۋە ھەربىي ئاتالغۇلارنىڭ رۇسچە ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرىشىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەسكەرلىرىگە ئۇيغۇرچەكوماندا بېرىپ، ئۇيغۇرچە جەڭ ناخشىشى ئېيتقاندا، رەھبەرلەرنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
     سوپاخۇننىڭ مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىدا پۈتۈنلەي سوۋېتلىكلەر ( رۇسلارنىڭ)نى كۆرگەنلىكى ھەمدە ھەربىي ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رۇسچەبولۇشىنىڭ مەلۇم ئاساسى بار بولۇپ، بۇ بىرىنچىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي قائىدە-تۈزۈمى بولسا، ئىككىنچىدىن، قوماندانلىق تەركىبىدە ئىلىغا يەرلەشكەن سابىق چاررۇسىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۈچىنچىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق تەركىبىنى كونترول قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. سوپاخۇن شىتابنىڭ ئەھۋالىنى « پۈتۈنلەي سوۋېتلىكلەر بولۇپ، بىرمۇيەرلىك يوق ئىدى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
      ھەقىقەتەن، 1945-يىلى،8-ئاپرىلدا مىللىي ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئاپاراتى بېكىتىلگەن بولۇپ، رۇسلاردىن ئىۋان گېئورگىيېۋىچ پالېنوف گېنېرالمايور ئۇنۋانى بىلەن مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا، گېنېرال مايور ۋارسونوفىي ماژاروف شىتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم بۆلۈملەرگە بەزى ئۇيغۇرلار قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىش بېجىرگۈچىلەر ئارىسىدا يەنىلا رۇسلار بولغان. پالېنوۋ،مازھاروۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سابىق چاررۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى بولۇپ، ئۇلار 1920-يىلىدىن كېيىن جۇڭگو تەۋەسىگە ئۆتكەن سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئاق گۋاردىيىچىلەر قوشۇنىغا مەنسۇپ كىشىلەرشۇنىڭدەك كېلىپ چىقىش جەھەتتىن كازاك رۇسلىرىدىن ھېسابلىناتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى 1930-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت رۇسىيىسى تەرەپكە ئۆتۈپ، سوۋېت رۇسىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھەمدە موسكۋانىڭ قوللىشى ۋە يۆلۈشى ئاستىدىكى شېڭ شىسەي قوماندانلىقىدىكى ئۆلكە قوشۇنىدا يۇقىرى ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان ئىدى.
       ئىلى ۋادىسىغا يەرلەشكەن رۇس جامائىتى1944-يىلى 9-ئايدىكى نىلقا قوزغىلىڭى ۋە 7-نويابىردىكى غۇلجا قوزغىلاڭلىرىغا ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق ھەربىي كۈرەشلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۈلۈش ھەسسىسىنى قوشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى،رۇسىيە گراجدانلار ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە مەخسۇس ھەربىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن،ھەربىي ئىشلاردا تەجرىبىگە ئىگە بىر قىسىم كونا كەسپىي ئوفىتسېرلار بار بولۇپ، مەزكۇر رۇس جامائىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى بىلىم ساپاسى باشقا يەرلىك خەلقلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى ئىدى.
     ئۇلارنىڭ ئىنقىلابتىكى پىداكارلىقى ۋە ھەربىي ئىشلاردىكى يۇقىرى ساپاسىنى نەزەرگە ئالغان جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بۇ رۇسلارنىڭ ھەربىي قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىش ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پېشقەدەم ئوفىتسېرلارنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن مىللىي ئارمىيىنىڭ تۆت نەپەر گېنېرالىنىڭ ئىككى نەپىرى رۇس بولۇپ، ئۇلار پالېنوۋ ۋەماژاروۋ ئىدى. قاچاق رۇسلاردىن فاتىي لېسكىن، ۋاسىلىيموگۇتنوۋ، پاۋېل ماسكولىيېۋ،پېتىر ئالېكساندروف، گرېبىنكىن، ئانانىن، بېلىنوۋ قاتارلىقلارغا پولكوۋنىكلىك ئۇنۋانلىرى بېرىلدى. جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ئىلگىرى -كېيىن رۇسلاردىن ئالېكساندروف، ماسكولىيېۋ ۋە پالېنوۋ قاتارلىق ئۈچ ئادەم ئەزالىققا قوبۇل قىلىندى.
      مىللىي ئارمىيىنىڭ 1946-يىلى، 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇچ ئاتلىق برىگادا ۋەئىككى پىيادىلەر برىگادىسىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن ھەمدە كىرمىگەن جەمىئىي 17 پولكنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلار تەركىبىنى تەكشۈرگەندە، شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 1946-يىلى، 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق پولكلارنىڭ پولك كوماندىرلىرى، شىتاب باشلىقلىرى ۋە سىياسىي كومىسسارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 50تىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك كومادىرلارنىڭ ئىچىدە 20 گە يېقىن رۇس بار. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىلىدىكى يەرلەشكەن رۇسلار بولسا، يەنە بەزىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلەر ئىدى[3].
    مەزكۇر پولكلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلىرى تەركىبىدە تەخمىنەن 10 دىن ئارتۇق ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن قىرغىز،قازاق، ئۇيغۇر ، ئۆزبېك ، تاتار ۋە باشقىلار ئىدى. بولۇپمۇ،1945-يىلى، 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىسساقبەك مۇنونوف كوماندىرلىقىدىكى جەنۇبىي يۆنىلىش قوماندانلىق شىتابى قۇرۇلغاندا مەزكۇر يۆنىلىشىڭ تەركىبىدە ئىككى برىگادا بولغان بولۇپ، سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ مەلۇماتىچە، 1-برىگادا ۋەئىككىنچى برىگادانىڭ قوماندانلىق تەركىبى ۋە بۇ ئىككى برىگادا تەركىبىدىكى پولكلارنىڭ قوماندانلىق تەركىبىنى ئاساسەن دېگۈدەك سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن قىرغىز، ئۆزبېك،تاتار، ئۇيغۇر ۋە رۇسلار تەشكىل قىلغان. [4]
      گەرچە،پالېنوۋ ۋە ماژاروۋ قاتارلىقلارئۇيغۇر تىلىنى بىر قەدەر ياخشى بىلسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيەقوماندانلىق شىتابىنىڭ پالېنوۋ ۋە ماژاروۋلار ئىمزا قويغان ئەمىر-پەرمانلىرى ۋە ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسىمى رۇس تىلىدا چىقىرىلغان ئىدى. بولۇپمۇ، 1946-يىلى، 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تېخىمۇ شۇنداق بولدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قوماندانلىق شىتابىدا دەسلەپكى ۋاقىتلاردا رۇس تىلىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلىشى تەبىئىي. بىراق، شىتابنىڭ باشقا يەنە ئارقا سەپ، سىياسىي ھەم باشقا بۆلۈملىرى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئېنىق ئىدى. سوپاخۇن زىيارەت قىلغان ئورۇن بەلكى شىتابنىڭ رەسمىي جەڭ ئوپېراتسىيىلىرىنى تۈزۈش ۋە قوماندانلىق قىلىشتىكى يادرولۇق ئورگىنى بولۇشى مۇمكىن. مۇنداق، ئورۇنلارنى سوۋېتلىكلەرنىڭ ئىگىلىشى تەبىئىي.ئەمما، 1946-يىلى، 7-ئايلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلەر ئۆز ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتاب تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىسساقبەك مۇنونوف باش قوماندانلىققاتەيىنلەندى. ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ باشلىقلىرى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەردىن تەركىپ تاپتى. شۇنىڭدىن تارتىپ، كوماندا بېرىش ۋە شىتابنىڭ ھۆججەتلىرى ھەم بۇيرۇقلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلدى. قازاقلار كۆپ پولكلاردا بولسا، قازاق تىلى ئىشلىتىلدى[5].
      سوپاخۇن سوۋۇروف بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: 1946-يىلى، 11-ئايلاردا 11بىتىم مۇناسىۋىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن كوماندىرى ۋە مەمۇرىي مەسلىھەتچىلەر بىر كېچىدىلا مەملىكىتىگە قايتتى. ھەممە خىزمەت يەرلىك ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىدارىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا قالدى[6].
سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن كوماندىرلار ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ كوماندىرلىق شىتابىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. پولك ۋە برىگادىلار ئىخچاملاندى. بولۇپمۇ، 11 بىتىم بويىچە مىللىي ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى 30 مىڭدىن ، 12مىڭغا، ئەسلىدىكى 17 پولك 3 پىيادە ۋە 3 ئاتلىق پولكقا قىسقارتىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر پولكلارنىڭ كوماندىرلىق ۋەزىپىلىرى يەرلىكلەرتەرىپىدىن ئاتقۇرۇلدى. كوماندىرلار شىتاتىنى ئاساسلىق يەرلىكلەر ئىگىلىدى. بىراق، مىللىي ئارمىيىنىڭ كادىر سىستېمىسى ۋە تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولغان بىلەن ئەمما ھەربىي ئاتالغۇ، ئىنتىزام-قائىدە ، ئۇنۋان ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر يەنىلا ئۆز پېتى بولۇپ، مىللىي ئارمىيە تۈپتىن ئۆزگەرتىلمىدە. ئىزۋوتتىن تارتىپ پولكقىچە بولغان بارلىق ھەربىي تارماقلارغا  پۈتۈنلەي يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، تاتار، تۇڭگان ۋە باشقا مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان كوماندىرلار كوماندىرلىق قىلدى. ئەلۋەتتە، بۇ يەرلىكلەرئارىسىدا يەرلىكلەشكەن رۇسلارمۇ بار ئىدى.
       سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش 1943-يىلى ماي ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورىسىنىڭ يىغىنىدا قارار قىلىنغان[7]. قارارقوبۇل قىلىنغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلغان ۋاقتى ھەققىدە ئىككى خىل ۋاقىت ئۇچۇرى بار. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1945-1949-يىللاردا ئالتاي تەۋەسىدە ھەرىكەت قىلغان بىخەتەرلىك خادىمى ئەمىربايېف سىياسىي بىيورونىڭ قارارىنىڭ16-ماي ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ[8]. ئەمما، قازاقىستان تاشقى رازۋېتكا تارىخىغا ئائىت ھۆكۈمەت ھۆججەتلىك مەلۇماتى بولسا، سسسر كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1943-يىلى ،4-ماي كۈنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە موڭغول قاتارلىق خەنزۇ ئەمەس مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە بارلىق ھەرقانداق ياردەملەرنى كۆرسىتىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ[9].
     سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلارپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ ستالىن ، مولوتوۋ ، بېرىيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر يىغىندا شىنجاڭ مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىپ، شېڭ شىسەينى ئۆلكەھاكىمىيىتىدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى. بۇنىڭ ئۈچۈن «شىنجاڭداياشاۋاتقان كىشىلەر ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىقىدىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپقان مىللىي قۇتۇلۇش گۇرۇپپىلىرى قۇرۇش، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلاردا مۇنداق گۇرۇپپىلارنىڭ كوماندىرلىرى ھەم تەشۋىقاتچىلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن مەخسۇس بىر قانچە مەكتەپ ئېچىش قارارى چىقىرىلدى » [10].
     تارىخىي پاكىتلاردىن كۆرۈۋېلىشقابولىدۇكى، 1943-يىلىنىڭ باشلىرىدا يوسىف ستالىن ئۆز ھاكىمىيىتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غايەت زور ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەتتا كادىر ياردەملىرىگە ئېرىشكەنلىكى ھەتتابولشېۋىكلار پارتىيىسىگە ئەزابولغانلىقىغا قارىماي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈزئۆرىگەن شېڭ شىسەينى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل مىللىي ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش قارارىغا كەلگەن ئىدى. ئۇ، بۇ يول ئارقىلىق بىر تەرەپتىن شېڭ شىسەيدىن ئىنتىقام ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆچ ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئامېرىكا ۋەئەنگلىيە قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىدىيىۋى دۈشمەنلىككە ئىگە قۇدرەتلىك مەملىكەتلەرنىڭ ھەربىي-سىياسىي تەسىر كۈچىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا تېمى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قوشنا مەزكۇر رايونغا باشلاپ كىرىش تاكتىكىسىنى ئويناۋاتقان گومىنداڭ مىللەتچى گۇرۇپپىلىرىنىڭ دەككىسىنىمۇ بېرەلەيتتى. ستالىننىڭ مەزكۇرئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەركىزىي كومىتېتتا ئالاھىدە بىر گۇرۇپپا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپىغاسوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارلىرى كېڭىشىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ھەمدە مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى رۇسىيە سوتسىيالىستىك فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى خەلق كومىسسارلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئالېكسېيكوسىگىن ، مەركزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارى ياتىنىڭ كومىسسار لاۋرېنتى بېرىيا،سوۋېت ئىتتىپاقى مىللەتلەركېڭىشىنىڭ رەئىسى نىكولايشىۋېرنىك ۋە كپممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مىخايىل سۇسلوۋ قاتارلىقلار كىردى[11].
    سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورىسىنىڭ قارارى بويىچە س س سر خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ باشلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لاۋرېنتى بېرىيا ئۇيغۇرئېلىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ بىر قاتار پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىشقا تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا بولىدىغان ئىنقىلاب نىشانى بويىچە لايىھە تەييارلىغان ئىدى. ئۇنىڭ لايىھىسى نكۋدنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تۇپ نۇقتىسى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنى قوللاش ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرگەياردەم كۆرسىتىش، بۇنىڭ خۇلاسىسى« مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلسا،شىنجاڭدا جۇڭگودىن مۇستەقىل بولغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا دوست مۇسۇلمان دېموكراتىك دۆلىتى پەيدا بولىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى[12].
1943-يىلى، ماينىڭ ئاخىرىدا لاۋرېنتى بېرىيانىڭ رەھبەرلىكىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ن كۋ د-ن ك گب ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خەلق كومىسسارىياتى)سىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، بۇنىڭغا سوۋېت رازۋېتكا ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى ۋسېۋولود مېركۇلوۋ شۇنىڭدەك يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، تاشقى ئىشلاركومىسسارىياتىنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى قاتناشتى.      مەزكۇر يىغىنغا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، چۆچەك، قەشقەر، ئالتاي ۋە موڭغۇليىنىڭ قوبدوقاتارلىق جايلىرىدا تۇرۇشلۇق رازۋېتكا خادىملىرىمۇئىشتىراك قىلدى. بۇ يىغىندا شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇ يەردە قوزغىلىدىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەرىكىتىنىڭ كونكرېت ۋەزىپە ۋە پىلانلىرى مۇھاكىمە قىلىندى[31]. بېرىيانىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى مەزكۇر يىغىندا نك ۋد ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ) نىڭ رازۋېتكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋە ن ك ۋد قوشۇنلىرىنىڭ قىزىل ئارمىيىنىڭ ئارقا سەپلىرىنى قوغداش باش باشقارمىسى مۇئاۋىن باشلىقى گېنېرال مايور ۋلادىمىرستېپانوۋىچ ئېگناروۋ، خەلق ئىچكى ئىشلاركومىسسارىياتى- خەلق دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتى ( ن ك ۋد-ن ك گب) 4- بۆلۈمىنىڭ 1-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېراللېيتېنانت ئالېكساندىر ئىۋانوۋىچ لاڭفاڭھەمدە خەلق دۆلەت مۇداپىئە كومسسارىياتىرازۋېتكا باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى گېنېرال مايور بورىس كۇزنېتسوۋ بىرلىكتە تۈزۈپ چىققان ھەرىكەت پىلانى قاراردىن ئۆتكۈزۈلدى[14].
   ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجا، قەشقەر، ئالتاي، چۆچەك قاتارلىق شەھەرلەردىكى كونسۇلخانىلىرى مەخسۇس ئۆز تۇرۇشلۇق رايونلارنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، ھەربىي-سىياسىي ئەھۋالى، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە بولغان پوزىتسىيىسى ھەمدە ئىنقىلاب غەلىبىسىدىن كېيىن يۈزبېرىشى مۇمكىن بولغان ئەھۋاللار ھەمدە يەرلىك خەلقلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەم كەيپىياتى قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەر بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، موسكۋاغا دوكلات يوللىدى.
1934-يىلى،ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە،مىلىتارىست شېڭ شىسەينى قوللاپ، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق رەھبەرلەرنى شېڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش يولىغا باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى 1941-يىلى، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشى ھەم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن خەلقئارا ۋەزىيەت شارائىتىدا شېڭ شىسەينىڭ موسكۋادىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىنى بۇئۆلكىگە باشلاپ كىرىشتەك مۇرەككەپ مەسىلىگە دۇچ كەلدى. شېڭ شىسەي 1942-يىلىدىن كېيىن، چۇڭچىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىگە ئۆتۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى تازىلاشقا ۋە سىقىپ چىقىرىشقاكىرىشتى. ستالىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار كومىسسارى ۋىلادىمىر دېكانازوف قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ، شېڭ شىسەيگە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق شېڭ قەتئىي تۈردە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش سىياسىتى قوللىنىپ، بارلىق مۇتەخخەسىسلەر ۋەخادىملارنى قوغلاپ چىقاردى.سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ۋە مەدەنىيەت ۋەئىقتىساد ئالاقىلىرىنى ئۇزدى ھەتتا قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق سوۋېت نكۋد سىنىڭ 8-پولكىنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەكسىچە،ھېچقاچان بۇ يەرگە كېلىشكەپېتىنالمىغان گومىنداڭ قوشۇنلىرى ۋە پارتىيە ھەم ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرى بۇ ئۆلكىگە كىرىپ ئورۇنلىشىشقا باشلىدى. بۇنى ئاز دەپ جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى 1943-يىلىدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئۈرۇمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشىغا يول قويدى.
      يەنەبىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، گىتلېر گېرمانىيىسى1930-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، يادرو قورالى ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشكەن.ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەمۇ ئاتوم بومبىسى ياساشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئامېرىكا« مەنخانتىن » پىلانىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگېرمانىيىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا بۇرۇن ئىگە بولۇشىدىن ناھايىتى ئەنسىرىگەن بولۇپ، ئەگەر گىتلېر بۇ بومبىغا ئالدىن ئىگە بولسا، دۇنيا ۋەزىيىتى تامامەن باشقىچە بولاتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى 1940-يىلىدىن ئېتىبارەن، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يادرو پىلانىدىن خەۋەر تېپىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭمۇ بۇ بومبىنى ياساپ چىقىشىنى ئويلاشقان، 1941-يىلى، گىتلېر گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ، ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي بىيورو سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم پىلانىنى باشلاشنى قارار قىلدى.
      1943-يىلى، 11-فېۋرالدا، يوسىف ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ۋ. م. مولوتوۋنىڭ رەھبەرلىكىدەئاتوم بومبىسى ياساش پروگراممىسىنى تەستىقلىدى.لاۋرېنتى بېرىيا بولسا، ئۇران كانلىرىنى تېپىش ۋە ئۇرانغا ئىگە بولۇش ھەمدە ئاتوم بومبىسى پىلاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق كونكرېت ئىشلارغا مەسئۇل بولدى.
      سوۋېت ئىتتىپاقى1940-يىلىدىن ئېتىبارەن شېڭ شىسەي بىلەن 50 يىللىق مۆھلەت بىلەن قەلەي كانلىرىنى ئېچىش ھەققىدە مەخپىي كېلىشىم تۇزۇپ ئۇيغۇرئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا دېگۈدەك يەر ئاستى بايلىقلىرنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن ھەمدەبەزى جايلاردا كان بايلىقلىرىنى قېزىشقا كىرىشكەن ئىدى. 1943-يىلىغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە ئۇران زاپاسلىرىنى تاپالمىغان بولۇپ، بەزى رۇس تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە ، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇران كان زاپاسلىرىنى تاپقان. دېمەك، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياسىشىدىكى بىردىن-بىر خام ئەشيا -ئۇران پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇموسكۋانىڭ ئاتوم بومبىسى پىلانى ئۈچۈن زور ئۈمىد تۇغدۇرغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەت شارائىتىدا شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈزئۆرۈپ، ئۇنىڭ موسكۋانىڭ مەخپىي ئاتوم بومبىسى پىلانىغا پۇتلىكاشاڭ قىلدى. ئەلۋەتتە، شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدا ئۇران كانلىرىنى تاپقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئاتوم بومبىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەنبە ئىكەنلىكىنى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ مۇتلەق مەخپىي بولۇپ، بۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى سىياسىي بىيورىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاز ساندىكى بىخەتەرلىك رەھبەرلىرى ھەمدە ئاتوم ئالىملىرىلا بىلەتتى خالاس. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ نامدا شىنجاڭدا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈردۇق، نېفىت، ئالتۇن، قەلەي ۋە باشقا بايلىقلارنى ئىزدىدۇق دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاساسلىق نىشان ئۇران مەنبەسى ئىزدەش ۋەئۇنىڭغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئىدى.
     ئەنەشۇ بىر قاتار ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارنى نەزەرگە ئالغان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئۆزىنىڭ1933-1934-يىللىرىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىماسلىق سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ قېتىم ئۇنى قوللاشنى قارارقىلدى.ستالىن شېڭ شىسەينىڭ يۈزسىزلىكى ۋە ئالدامچىلىقىنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن سىياسىي بىيورنىڭ قارارىدا «شېڭ شىسەي تۇزكور ۋە يۈزسىز ئادەم. سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغائۇزۇن يىللار كۆپ ياردەملەرنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇلارنىڭ قەدرىنى قىلمايلا قالماستىن، بەلكى مۇھىمى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېغىر زىيان سېلىش قەدىمىنى باستى. بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، شېڭ شىسەينى ئۆلكىنىڭ ھاكىمىيىتىدىن قالدۇرىدىغان زۆرۈر چارىلارنى قوللىنىش لازىم» دېيىلگەن ئىدى[15].
      لاۋرېنتى بېرىيا باشچىلىقىدا ئېچىلغان ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىسسارىياتىنىڭ يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي ئالاھىدەھەرىكەت پىلانى قوبۇل قىلىنغان. يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلارخەلق كومىسسارىياتى (ن ك ۋ د) پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور ۋلادىمىرستېپانوۋىچ ئېگناروۋ بىلەن ن كۋ د 4-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېراللېيتېنانت ئالېكساندىر ئىۋانوۋىچلاڭفاڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ شىتابى ئالمۇتا شەھىرى ۋە چېگرا پونكىتى قورغاسقا جايلاشتى[16]. ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ 1944-يىلى، 5-ئايدا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى (ن ك ۋد)نىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.
       رۇسىيەدۆلەت ئارخىپىدا ساقلىنىۋاتقان « لاۋرېنتى بېرىيانىڭ ئالاھىدە پاپكىسى» دىكى ھۆججەتتە بۇلاردىن باشقا يەنە مەزكۇر ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى يەنە ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان تېررىتورىيىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىمۇ ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى، 1946-يىلى مارت ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ جايدىكى ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىغا پولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى رالنىكوۋ تەيىنلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان[17]. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ پولكوۋنىكى،1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا ئالتايداھەرىكەت قىلغان ئەمىن ئەمىربايېفنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا ئىلى ۋادىسىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرىنىڭ كونكرېت خىزمىتىگە لاۋرېنتى بېرىيا نكۋدنىڭ تاشقى رازۋېتكا ئورگىنىنىڭ باشلىقى گېنېرال پاۋېل فىتىننى مەسئۇل قىلدى. پاۋېل مىخايلوۋىچ فىتىن 1939-يىلىدىن تارتىپ، 1946-يىلى،6-ئايغىچە نكۋد نىڭ سىياسىي ۋە تاشقى رازۋېتكىسىنىڭ بېشىدا تۇرغان بولۇپ، بۇ ئورگان نكۋدنىڭ 1-باشقارمىسى دەپ ئاتالغان. 1946-يىلى، 9-ئايدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى نكۋد دىن ئايرىلىپ، سس س ر دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى بولغاندا ئۇ بۇ مىنىستىرلىكنىڭ گېرمانىيىدىكى ۋەكىلى بولغان ئىدى[18]. فىتىن موسكۋادا س س س رنىڭ مەخسۇس خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋەجۇڭگو ئىشلىرى بويىچەمەخسۇس مەسئۇللىرى ۋەئۆزبېكىستان، قازاقىستان ھەم قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىسسارىياتىنىڭ رەھبەرلىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ ، بۇجۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تەۋەلىرىدەئورۇنلىشىپ قالغان شىنجاڭلىقلاردىن ھەربىي ئەترەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى پارتىزانلىق ئۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن ئۆگىتىش ۋەزىپىسى تاپشۇرغان[19].
       سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى (ن ك ۋ د) ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتى ( ن ك گب) بىۋاسىتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەربىي-سىياسىي پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئارىلاشقاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قازاقىستان ، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتلىرىغا كونكرېت ۋەزىپىلەريۈكلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەزكۇر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارلىرىمۇ بۇخىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا قاتناشتى.
        مەسىلەن ، ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ1- سېكرېتارى ئوسمان يۈسۇپوف ئىلى ئىنقىلابىغا سىياسىي-ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزبېكىستاندا تەييارلىقتىن ئۆتۈپ، ئىلىغا ياردەمگە ئەۋەتىلگەن پىدائىيلار ۋە كادىرلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قوبۇل قىلىپ،ئۇلارنى ئۆزى بىۋاسىتە يولغا سالغان ئىدى. مەسىلەن، 1944-يىلى پالىنوۋ باشچىلىقىدا تاشكەنتتە تەربىيىدىنئ ۆتكۈزۈلگەن گۇرۇپپىنى ھەمدە 1947-يىلى ئەۋەتىلگەن خېلەم خۇدابەردى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 13 كىشىلىك مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىمۇ ئوسمان يۇسۈپوف ئۆزى قوبۇل قىلىپ ئۇزاتقان ئىدى. ئۇنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۇشى بىلەن تاشكەنتتە « شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى نەشىر قىلىنىپ ، مەخپىي يوسۇندا ئۇيغۇردىيارىغا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە 1947-يىلى ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو پروگراممىسى ئاڭلىتىش باشلانغان[20].
      ئۆزبېكىستان مىنىستىرلار كېڭىشى موسكۋادىن 1946-يىللىق دۆلەت خامچوتىنى تەلەپ قىلغاندائۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان خامچوتنىمۇ قوشۇپ تەلەپ قىلغان ئىدى.
      سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى سىياسىي بىيورىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ 1- رازۋېتكا بۆلۈمى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، « سوۋېت ئىتتىپاقى مۇسۇلمانلىرى مەركىزىي دىنىي باشقارمىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى خىتابنامىسى» دەپ ئاتالغان چاقىرىقنى 5000 نۇسخا كۆپەيتىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزگەن.1943-1945-يىللىرى ئارىسىدا ئالتايدىكى مىللىي گۈللىنىش ۋەئالتاي قوزغىلاڭچىلىرى نامىدىن 16تۈرلۈك پۈتۈن ئۆلكە خەلقىغە چىقارغان تەۋشىۋات ۋاراقچىسى تەييارلىغان ھەمدە « قازاقئېلى» ژۇرنىلى، « شەرق ھەقىقىتى» ۋەباشقىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزۈپ، خەلقنى ئويغىتىشتا رول ئوينىغان[21]. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالمۇتىدا قازاقىستاننىڭ يەرلىك كوممىنىستلىرىدىن مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت قىلىدىغان مەخسۇس خادىملارنى تەربىيىلەشم ەكتىپى قۇردى. 1943-يىلى، سېنتەبىردە بۇمەكتەپنى پۈتتۈرگەن 28 كۇرسانت- رازۋېتچىك ( جاسۇس) سوۋېت ۋە موڭغۇلىيە چېگرىسىدىن مەخپىي ئۆتۈپ، شىنجاڭغا ئۆتۈپ، « سوۋسىننتورگ» ( سوۋېت-شىنجاڭ سوداشىركىتى)نىڭ خادىملىرى دېگەن نامدا يەرلىك ئاھالىلارنى تەشكىللەش ۋە مىللىي گۈللىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى[22].
     مەسىلەن، بۇ مەكتەپنىڭ كۇرسانتى ئارىسپېك زائۇربېكوۋ 1944-يىلى، ئىيۇن ئايلىرىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە موڭغۇللاردىن 250 كىشىلىك قوزغىلاڭچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئالمۇتا ئەتراپىدا تەييارلىقتىن ئۆتكەن مەزكۇر مەخسۇس مەكتەپنىڭ ئىككىنچى گۇرۇپپا كۇرسانتلىرىفاتىخ مۇسلىموۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە 1944-يىلى، ئاۋغۇست ئېيىدا ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىگەقوزغىلاڭچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى.

قىرغىزىستان تارىخچىسى ۋە ئىسساقبەگنىڭ ئەۋلادى ئابدۇۋاھاپ مونىيېفنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئىسساقبەك مۇنونوف 1943-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا غۇلجىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ساق-سالامەت قېچىپ بارغاندىن كېيىن، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇنى قوبۇل قىلغان. بولۇپمۇ قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كوم پارتىيىسى، دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئىچكى ئىشلاركومىسسارىياتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئىسساقبەكنى قوبۇل قىلىپ،ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئابدۇۋاھاپ ھەتتا شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ موسكۋاغا بارغانلىقى ھەمدە ستالىن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىمۇ قەيت قىلىدۇ[23].
         مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ، ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بۇكونكرېت پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى يەنىلا موسكۋادىكى مەركىزىي ئورگان بەلگىلىگەن ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمەلىي رەھبەرلىك ۋە بىۋاسىتەپائالىيەت دائىرىسىگە كىرگەن بولۇپ، ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەسئۇلى ھېسابلانغان ۋلادىمىر ستېپانوۋىچئېگناروۋنىڭ قاچان غۇلجىغا كەلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ھۆججەتلىك مەلۇمات يوق، ئەمما ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى، مىللىي ئارمىيە مايورى ئاسىلخان تۆرە ئۆز ئەسلىمىسىدە گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋىچنىڭ 1944-يىلى، 9-دېكابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە،ئەلىخان تۆرە بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[24]. ئۇ قەيت قىلغان ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ دەل ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋتۇر. ئەمما، ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ، مەسىلەن پېتىر رومانوۋىچ ئالېكساندروۋنىڭ 1944- يىلى، 7-نويابىر كۈنى تاڭ سەھەردە ئابدۇكېرىم ئابباسوف بىلەن غۇلجىغاكېلىپ، غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئازغىنا كەم ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ، ئىۋان پالېنوۋقاتارلىقلارنىڭ غۇلجىغا كەلگەنلىكى، ئىۋانپالېنوۋ بىلەن كەلگەنلەر قاتارىدا ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ، يەنى ئىسكەندەرئەپەندىنىڭ بىرگە كەلگەنلىكى مەلۇم.
      ئىۋانئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ، يەنى، ئىسكەندەرئەپەندى بىر مەزگىل پالېنوۋقا مەسلىھەتچ ىسۈپىتىدە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان. ئالاھىدەھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ چىلپەنزە (قورغاس) ئازاد قىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان يول ئېچىلغان ھەمدەقوزغىلاڭچىلار سۈيدىڭنى قورشاۋغا ئالغان، ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە لاڭشاڭدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى قاتمۇ-قات قورشاۋغا ئېلىنغان،تەلكىدىكى فاتىي لېسكىن كوماندىرلىقىدىكى پارتىزانلار بولسا، زاپاس 7-دىۋىزىيە كوماندىرى لى يۈشاڭ قوماندانلىقىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ كەڭساي ئارقىلىق غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىش ھۇجۇملىرىنى تارمار قىلىپ، كەڭساي ئېغىزىنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ ۋە گېنېرال ئائېكساندر ئىۋانوۋىچلاڭفاڭ غۇلجىغا كەلگەندىن كېيىن، دەرھال ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىگە غۇلجىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، رۇسىيە تارىخشۇناسى ئا.بارمىن « گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋىچئېگناروۋ يەنە ئۆز نۆۋىتىدەسوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى دە تۇرۇشلۇق باش ھەربىي مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنىئ اتقۇردى» دەپ يازىدۇ[25]. ئېگناروۋ رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى غۇلجا شەھىرىنىڭ نوۋېيگورد مەھەللىسىدىكى چوڭ بىر قوروغا جايلاشقان بولۇپ،ئادەتتە 2-دوم دەپ ئاتىلاتتى. گېنېرال ئېگناروۋ ئەنە شۇ جاينى ئىشخانا قىلىپ، بىۋاسىتە موسكۋا بىلەن ئالاقە قىلاتتى،ئۇ جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزەتكەن ھەم نازارەت قىلغاندىن سىرت يەنە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن كۈندىلىك ئالاقىلاردا بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ھەپتىدە دېگۈدەك موسكۋادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە رەھبەرلىككە ئەھۋال يوللاپ تۇرغان[26].
        ئېگناروۋ غۇلجىغا كەلگەندىن كېيىن فامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ ئاتىغان بولۇپ، ئېگناروۋنى كوزلوۋقا ئۆزگەرتكەن. ئەمما،ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئىسمىنى ساقلاپ قالغان. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان مىللىي ئىنقىلاب شاھىدلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى  ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ كوزلوۋدەپ بىلگەن ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى بولغان ئېگناروۋنى ھېچكىم بىلمەيتتى.
       ئالېكساندىرئىۋانوۋىچ لاڭفاڭنىڭ غۇلجىدا قانداق ئىسىم-فامىلە قوللانغانلىقى نامەلۇم. بىراق جۇمھۇرىيەت باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ۋە مىللىي ئارمىيە مايورىئاسىلخان تۆرە سوۋېت گېنېرال نىكولاي ئارخىپوۋىچ دېگەن بىر ئىسىمنى ئىشلىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە جۇڭگودا چىققان كىتابلاردا بولسا، كۇزنېتسوۋ فامىلىلىك بىر گېنېرال تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئەشۇ گېنېرال لاڭفاڭ شۇمۇ ، ئەمما ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىغا ئەۋەتكەن رازۋېتكاخادىملىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىسىم-فامىلىسىنى يوشۇرغان ئىدى.كېسىپ ئېيىشقابولىدۇكى، جۇڭگودا نەشىر قىلىنغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى چوڭ ئىشلارخاتىرىسى ۋە تارىخىغا ئائىت كىتابلاردا قەيت قىلىنغان 2-دومنىڭ مەسئۇلى كوزلوۋ دەل ئەشۇ ئېگناروۋتۇر.
جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبرايىمىنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇگېنېراللىرى قوزغىلاڭ غەلىبە قىلىپ، تەخمىنەن بىرەر ئاي ئىچىدە غۇلجىغا كەلگەن بولۇپ، باشتا پالېنوۋ بالدۇرراق كەلگەن ئىدى. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇمنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ باشتا ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئانچەئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ باشچىلىقىدا 40-50 ئادەمنى ئازغىنا قورال-ياراقلار بىلەن ئەۋەتكەن. بۇ چاغدا غۇلجىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچى ھەقىقەتەن ئاجىز ئىدى. ئەمما، سوۋېت تەرەپ غەنى باتۇر ۋە فاتىخ باتۇر باشچىلىقىدىكى نىلقا قوزغىلاڭچىلىرى يېتىپ كېلىپ، دۈشمەنگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارباشلاپ، 12-نويابىغىچە بولغان ئارىلىقتا غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاساسىي قىسىمى ئازادقىلىنغان ۋە پۈتۈن خەلق قوزغىلىپ، تېز ئارىدا ئەتراپتىكى بىر قانچە ناھىيىلەرئازاد قىلىنىپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەرەمباغ، سۈيدۈڭ ۋە كۈرەلەرگە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇئىنقىلابنىڭ غەلىبە قىلالىشىغا ئىشەنچ قىلىپ، دەرھال ياردەم بېرىشكە كىرىشكەن.
ئەلىخان تۆرە 13- نويابىر كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى باش كونسۇلى داباشىن بىلەن كۆرۈشۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم بېرىشىنى ئوتتۇرىغاقويغان بولسىمۇ، ئەمما موسكۋانىڭ گېنېراللىرى ۋە ياردەملىرى تېزدىن كەلمىگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، قوزغىلاڭچىلار جەڭلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، 2500 دىن ئارتۇق قوراللىق كۈچكە ئىگە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە لاڭشاڭغا قاپسىۋالغان ئىدى. بۇ جايلارغا 8000 دىن ئارتۇق ئادەم جايلاشقان ئىدى. قورال-ياراق جەھەتتە دۈشمەن پارتىزانلاردىن ئۈستۈن ھېسابلىناتتى.
     بۇ ۋاقىتلاردا قوزغىلاڭچىلارقورال-ياراق جەھەتتىن قىينالغان بولۇپ، ھەرەمباغدىكى دۈشمەننى يوقىتىش ۋە باشقا جايلارنى ئازادقىلىش ھەمدە ئۈرۈمچىدىن كېلىدىغان گومىنداڭ ياردەمچى قوشۇنلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن قورال-ياراق ۋە ئوق -دورىلارغا بولغان مۇھتاجلىق ناھايىتى زور ئىدى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا جۇ شاۋجياڭ بەش يول بىلەن غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى تۈزگەن ھەمدە بۇ ھەرىكەتكە يېڭى 45-دىۋىزىيىنىڭ بىرقىسىمى ۋە زاپاس 7-دىۋىزىيىنى تولۇقى بىلەن ئاجراتقان ئىدى. ئەگەر ھەرەمباغدىكى دۈشمەن كۈچلىرى ۋە سىرتتىن كېلىدىغان كۈچلەر بىرلىشىۋالسا، ئۇلارغاتاقابىل تۇرۇش ھەمدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەت شارائىتىدا، 24-نويابىر كۈنى ئەلىخان تۆرە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگەخەت يېزىپ، ھەربىي قورال-ياراق ياردىمى بېرىش ۋە ياكى مالغا ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. بېرىيا ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى بېرىياتىنىڭ ستالىنغا يوللىغان دوكلاتىدا قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەلىپى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان:
« سوۋېت كونسۇلخانىسىغاقىلغان مۇراجىتىدە ئۇلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمماھاكىمىيەتنى تۇتۇش ئۈچۈن يېتەرلىك مەبلەغ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.مۇراجەتنامىگە ئەلىخان تۆرە ۋە كومىتېتنىڭ 13 ئادىمى ئىمزاقويغان»[27]. موسكۋا ئەنە شۇ تەلەپتىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي گېنېرال مايور ۋلادىمىرستېپانوۋىچنى غۇلجىغا ئەۋەتىپ، مەخسۇس ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا ئەلىخان تۆرەباشلىق ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىسى سوۋېت كونسۇلى دۇباشىن ۋە ياكى ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنلا بولغان ئىدى. سابىق مىللىي ئارميە پولكوۋنىكلىرىدىن ئايتوغان يۇنۇچىۋە ئەسىھەت تېيىپوفلارنىڭ ئەسلىشىچە، گېنېرال ئېگناروف غۇلجىغا كېلىپ بىر ھەپتىلەردىن كېيىن زور ساندىكى قورال-ياراقلار غۇلجىغا يەتكۈزۈلگەن[28].
      ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبرايىمىنىڭ ئەسلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى گېنېراللىرى كەلگەندىن كېيىن بارلىق ھەربىي ئىشلار ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گېنېراللار كەلگەندىن كېيىن،ھەربىي ئىشلارنى بىز قىلايلى دەپ بارلىق ھەربىي ئىشلارنى ئۇلار ئۆز قوللىرىغائالغان، ئەمما دۆلەت باشقۇرۇش، سىياسىي ۋە باشقا ئىشلارغا ئۇلار كۆپ ئارىلىشىۋالمىغان[29]. لېكىن، ئېگناروۋنىڭ كېلىشىدىن كېيىن، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ھەر قايسى مىنىستىرلىكلەرگىمۇ مەسلىھەتچىلەرنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئەلىخان تۆرىگە مۇھسىن ئابدۇللىن ئىسىملىك ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلەنگەن. مائارىپ،مالىيە، سەھىيە، ئالىي سوت، دىنىي ۋە باشقا مىنىستىرلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە سوۋېتلىك مەسلىھەتچىلەر ئورۇنلاشقان بولۇپ، بەزى پەرەزلەردەسىياسىي، مەمۇرىي مەسلىھەتچىلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى 2- ۋە 1-دوم دەپ ئاتالغان ئورۇنلىرىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بويسۇنغانلىقى ئېيتىلىدۇ. چۈنكى، بۇمەسلىھەتچىلەرنى موسكۋا بىۋاسىتە باشقۇرماي، ئەكسىچە موسكۋانىڭ غۇلجىدىكى باش ۋەكىلى، يەنى باش مەسلىھەتچىسى باشقۇرۇشى مۇمكىن ئىدى.
3.    سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىغا ئەۋەتكەن  دەسلەپكى بەش قوراللىق ئەترىتى
      تارىخىي پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى ، سوۋېت ئىتتىپاق تەرەپ گېنېرال ئېگناروۋ كەلگەندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلارغا قورال-ياراق ياردىمى كۆرسىتىشكە كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما تېزدىن كۆپ ساندا ئەسكىرى كۈچ ئەۋەتمىدى.  سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ   نىلقا قوزغىلىڭىدىن تارتىپ، 1945-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلىغا ئەۋەتكەن قوراللىق ئەترەتنىڭ بەش ۋە ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ  600 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى رەسمىي سوۋېت مەخپىي ئارخىپلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلاندى.    سوۋېت ئىتتىپاقى  ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى  لاۋرېنتى بېرىيا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى  ۋسېۋولود  مېركۇلوۋنىڭ  1945-يىلىنىڭ بېشىدا ستالىن ۋە تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى  ۋىچېسلاۋ مولوتوۋقا  يوللىغان دوكلاتىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن ئىدى:   " يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ  تەلىپىگە  بىنائەن قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن  گېنېرال ئېگناروۋنىڭ باشچىلىقىدا  كېرەكلىك ئالاقە  ئەسلىھەلىرى ۋە پارتلىتىش مۇتەخەسسىسلىرى ئەۋەتىلدى.  ئىلگىرى  تەربىيىلەشتىن ئۆتكەن، ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئاھالىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىدىن كېلىپ چىققان، سانى  590 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان   بەش ئاتلىق ئەترەت  قوزغىلاڭ پارتلىغان رايونلارغا تاشلاندى" [30].
      بېرىيا تىلغا ئالغان مەزكۇر بەش قوراللىق ئەترەتنىڭ  بەزىلىرى ھەققىدە ھازىرچە دەسلەپكى مەلۇماتلار مەۋجۇت. بەلكى، ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقانلىرى ئارىسىدا  نىلقا قوزغىلىڭى ئۈچۈن ئالمۇتىنىڭ يېنىدا  تەييارلىقتىن ئۆتكەن  فاتىخ مۇسلىموف  باشلىق ئون نەچچە كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئەترەتمۇ بولۇشى مۇمكىن.   بۇلارنىڭ ئارىسىدا سەيدۇللا سەيفۇللايېفمۇ بار ئىدى .بىراق، ئۇ  يارىلىنىپ قېلىش سەۋەبى تۈپەيلىدىن فاتىخ قاتارلىقلار بىلەن بىرگە نىلقا تاغلىرىغا  كەلمىگەن ئىدى(31).
     بېرىيا تىلغا ئالغان بۇ بەش ئەترەتنى  كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ئەترەتلەرگە قاتناشقانلارنىڭ ئەسلىمىلىرى  ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپلىرى ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە   بېكىتتىم. بەلكى بۇ يەنىلا  ئارخىپلارنى داۋاملىق تەكشۈرۈش  ئارقىلىق  تېخىمۇ  ئىشەنچىلىك  دەلىللىنىشى ۋە تولۇقلىنىشى مۇمكىن.
       بۇلارنىڭ ئىچىدە  ئىككى ئەترەتنى ئالاھىدە  ئەسكەرتىش كېرەك. سوۋېت  ئىتتىپاقى تەرەپ 1944-يىلى، 26-دېكابىردا قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق ئاتا رايونىدا  تەربىيىدىن ئۆتكەن   دۈيشە نوغايبايېف،  پېتىر ساۋىن  ( زاكىر تۆرە)  ۋە قۇتان  توگويېف قاتارلىقلارنىڭ كوماندىرلىقىدىكى 67 كىشىلىك  "  باتۇر"  ئەترىتىنى ۋە بىر ھەپتىدىن كېيىن  ئوش ئەتراپىدا تەربىيىدىن ئۆتكەن ئىسساقبەك مۇنونوف، گابىت مۇزىپوۋ (  غۇلجىدىكى  ئىسمى  ئەلى مەمەتوف ۋە ياكى ئەلى ئەپەندى)  ۋە راززاق مەۋلانوف قاتارلىقلارنىڭ كوماندىرلىقىدىكى  100 كىشىلىك  " بۇيگۇ" ناملىق ئەترەتنى قورغاس ئارقىلىق ئىلىغا ئەۋەتتى[32]. باتۇر ئەترىتى سۈيدۈڭ  ۋە كۈرەنى ئېلىشقا قاتنىشىپ، 31- دېكابىر كۈنىدە لوسىگوڭغا ئورۇنلاشتى ھەمدە غۇلجا ئەتراپىدا  جىڭدىن كېلىۋاتقان دۈشمەن قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلدى. بۇ چاغدا " باتۇر"  ئەترىتى يەرلىك ئۇيغۇر ۋە قازاق قوزغىلاڭچىلار ھېسابىغا كۆپەيتىلىپ، بىر دىۋىزيونغا  ئايلانغان ئىدى.    "بۇيگۇ"  ئەترىتى بولسا ھەرەمباغ  سوقۇشىغا قاتناشتى  ھەمدە 1945-يىلى،  17-يانۋاردىن باشلاپ، بىر  ئاتلىق پولكقا كېڭىيىپ، ئىسساقبەك مۇنونوفنىڭ كوماندىرلىقىدا  گېنېرال شې يىفېڭ قوماندانلىقىدىكى ئاچال داۋىنى ئارقىلىق  غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى  مازار ۋە چاپقان يوتا قاتارلىق جايلاردا تارمار قىلدى.
      ئىشەنچىلىك ئېيتىشقا بولىدۇكى، 1945-يىلىنىڭ 3-ئايلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئەۋەتكەن ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئادەم سانى  تەخمىنەن 600 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئەسلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا  كەتكەنلەر ئىدى. بۇ 5 ئەترەتنى ھەرگىزمۇ مۇنتىزىم  سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى دېيىشكە بولمايتتى.  بىراق، جۇڭگودا نەشىر قىلىنغان << ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى>> ۋە << ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى>> ھەم باشقا ئەسەرلەردە  ھەم  ماقالىلاردا  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخسۇس قىزىل ئارمىيە قوشۇنى ئەۋەتىپ، پارتىزانلارنىڭ ئۇرۇشلىرىغا قاتناشتۇرغانلىقى  كۆپتۈرىۋېتىلگەن شۇنىڭدەك  بۇ بايانلار  ئۈچۈن ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىلمىگەن.  بۇنىڭدىكى مەقسەت قوزغىلاڭچىلارنىڭ رولىنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاجىز كۆرسىتىش، يەنە بىر تەرەپتىن   سوۋېت ئىتتىپاقى بولمىغان بولسا، ئىنقىلاب باشتىلا غەلىبە قىلالمايتتى ۋە ياكى ھەممە ئىش سوۋېتنىڭ قولى بىلەن بولغان دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن  ئىبارەت بولسا كېرەك.  مۇنداق ئىدىيە ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلابنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن گومىنداڭ  ئوفىتسېرلىرى تەرىپىدىنمۇ كۆپتۈرۈلگەن ھەمدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى  خەلقئارا جەمئىيەتكە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلىدا ۋەقە چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۇجۇم قىلدى، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى شىنجاڭغا كىرگۈزدى  ،دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى يۈرگۈزگەن ئىدى.   
       ئەمما ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىنقىلابقا باشتىن -ئاخىرى ئارىلاشقانلىقى  ۋە ياردەملەرنى بەرگەنلىكى ئەمەلىيەت، لېكىن  خەلقنىڭ ئەسلىدىن ئىنقىلابىي  ھەرىكەتلەرنى باشلىغانلىقى، خەلق ئىچىدە جىددىي قارشىلىق ئىدىيىلىرى ھەم  ھەرىكەتلىرى داۋاملاشقانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  بولسا بۇ  پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ياردەم بېرىش ۋە قوللاش سىياسىتى قوللىنىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك غەلىبە قازىنىشىدا بەلگىلىك  روللارنى ئوينىغانلىقىمۇ ئەمەلىيەتتۇر. ئەگەر خەلق  كەڭ كۆلەملىك ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانمىغان بولسا ، ئۇلار ئەشۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى  نىشانى بولغان  -ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىش نىيىتىگە كەلمىگەن بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى  ھەر قانچە قىلسىمۇ،  خەلقنى قوزغىيالمايتتى ھەمدە  ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيتتى.   بۇ يەردە قورال-ياراقلا ئەمەس، بەلكى ئازادلىق ئىرادىسى ۋە غايىسى ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى.   
ئاشكارىلانغان  ئارخىپ ھۆججەتلىرىگە تايانغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ كەڭرەك ھەربىي ياردىمى ۋە مۇنتىزىم سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ياردەمگە كىرىشى  1945-يىلى، 5-ئايدا  ئۈچ يۆنىلىش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن بولدى. ئۇنىڭغىچە بولغان ئارىلىقتا پەقەت ئاز ساندىكى ئايرىم ئەترەتلەر شۇنىڭدەك ئايرىم ھەربىي ئىنستروكتورلار پائالىيەت قىلدى.  ئەترەتلەر بىۋاسىتە جەڭلەرگە قاتناشسا،  ھەربىي ئىنستروكتورلار  مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىنى مۇنتىزىم ھەربىي مەشق قىلدۇرۇش ۋە تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللاندى.  سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ 1945-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، قورغاستا مەخسۇس مەكتەپ ئېچىپ،  قىسقا مۇددەت ئىچىدە 160 نەپەر تۆۋەن دەرىجىدىكى  ئوفىتسېرنى ھەمدە 30 غا يېقىن ھەربىي   رادىستنى تەربىيىلىگەندىن تاشقىرى يەنە بىر قىسىم ھەربىي ئىنستروكتورلارنى ئەۋەتىپ، مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەرلەرنىڭ مەشىق قىلىشىغا ياردەم بەردى.  مىللىي ئارمىيىنىڭ  مۇنتىزىملىشىش جەريانىدا  2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان سوۋېتلىك ئۇيغۇر ئوفىتسېرلاردىن  مىرزىگۈل ناسىروف ۋە سەيدەخمەت ئۆمەروف قاتارلىقلارمۇ ھەربىي تەلىم-تەربىيە  بېرىش ئىشلىرىغا قاتناشقان ئىدى[33].   
  " ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى" دىكى ھۆججەتلەرنىڭ بىرى  بېرىيانىڭ ستالىن ۋە مولوتوۋقا يوللىغان گېنېرال ئېگناروۋنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ۋەزىپىلىرىگە ئائىت دوكلات بولۇپ، بۇنىڭدا "  1945-يىلى، مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەسكەر سانى 8300 گە يەتتى. بەلكى  بۇ تېز كۆپىيىپ 12 مىڭغا يەتكۈزىلىدۇ. گېنېرال ئېگناروۋقا  ئۇلارنى تەربىيىلەپ، جەڭگە  يارىغىدەك قىلىش، مەركىزىي جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ  مەزكۇر رايونغا مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ 70مىڭ ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ،  قورال-ياراقلارنى كۈچەيتىش، لاياقەتلىك  ھەربىي كادىرلارنىڭ يېتىشمەسلىكىنى ھەل قىلىش ۋەزىپىلىرى يۈكلەندى" [34] دەپ يېزىلغان ئىدى.
        ئەنە شۇ دوكلاتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، موسكۋا پارتىزانلارنى تەربىيىلەپ، ئۇنى مۇنتىزىم قوشۇنغا ئايلاندۇرۇشقا جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى  باشتىن -ئاخىرى مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش ئارزۇسىدا بولۇپ، مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش پىلانلىرىنى تۈزۈش خىزمىتىگە باشتا پارتىزانلار باش قوماندانى ۋە ھەربىي ئىشلار نازىرى پېتىر رومانوۋىچ ئالېكساندروۋنى مەسئۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ 1945-يىلى، 17-يانۋاردا شې يىفېڭ قوشۇنلىرى غۇلجىغا قىستاپ كەلگەن خەتەرلىك پەيتتە ۋەزىپىسىنى تاشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇشى بىلەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۇنى ۋەزىپىدىن قالدۇرغان ئىدى . ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت  ئۇزۇن ئۆتمەي   ئەخمەتجان قاسىمىنى  ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىگە مەسئۇل قىلىپ، مىللىي ئارمىيە قۇرۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىگە سالدى.  شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ  باشلىقلىقىلىق  ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ئەخمەتجان قاسىمى  جىددىي تۈردە مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇش خىزمىتىگە كىرىشىپ، ئالدى بىلەن  مىللىي ئارمىيىنىڭ تۈزۈلمە لايىھىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك پىلانلارنى  تەييارلاپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئەلۋەتتە،  بۇ چاغدا  2-دوم ئەخمەتجان قاسىمىغا مەسلىھەتچىلىككە  سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى، سوۋېتلىك ئۇيغۇر سەيدەخمەت ئۆمەروفنى تەيىنلىگەن بولۇپ، سەيدەخەمەت ئۆمەروفنىڭ 2-دوم گېنېرالى  ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋقا بىۋاسىتە بويسۇنۇشىدا شەك يوق ئىدى. كەسپىي ھەربىي خادىم سەيدەخمەت ئۆمەروفنىڭ  ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مىللىي ئارمىيە قۇرۇلمۇسىغا ئائىت پىلانلىرىنى تەييارلاشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.
   مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي ئۇنۋان، پاگون، ھەربىي ئۇستاف ۋە قوشۇن تۈزۈلمىسىنىڭ  سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىدىن  كۆپ دەرىجىدە،  سابىق چار رۇسىيە ئارمىيىسىدىن ئازراق دەرىجىدە ئۈلگە ئالغانلىقىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 2-دومنىڭ كەسپىي ھەربىي خادىملىرىنىڭ تەكلىپى ۋە تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.   ئەينى ۋاقىتتا جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئەزالىرى  مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇش لايىھىسىنى  مۇزاكىرىلەردىن  ئۆتكۈزگەندە، مىللىي ئارمىيىنىڭ نامىنى قانداق ئاتاش ھەققىدىمۇ كۆپ تالاش-تارتىش قىلغان. ئەخمەتجان قاسىمى  دۇنيادا مەۋجۇت بولغان   سوۋېت ئىتتىپاقى ، جۇڭگو ، تۈركىيە ، ئىران قاتارلىق  ئەللەرنىڭ ھەربىي ناملىرى ھەم باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى  مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ  ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن بۇ مۇنتىزىم قوشۇننىڭ   ھەر مىللەتنىڭ پەرزەنت قوشۇنى ۋە ھەر مىللەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان  ئارمىيە بولۇشى لازىملىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنقىلابنىڭمۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى  ئىكەنلىكى،  شۇڭا ئۇنى << مىللىي ئارمىيە>> دەپ ئاتاش لازىملىقىدىن ئىبارەت  ئۆز لايىھىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىشقا تىرىشقان. گەرچە ، ھۆكۈمەت    تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار تەرىپىدىن مىللىي ئارمىيىنى  تۈركىيىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە "مىللىي ئوردۇ" دەپ ئاتاپ، تۈركچە ھەربىي ئاتالغۇ ۋە ھەربىي سىستېمىنى ئىشلىتىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما   سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان مىللىي  ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ  بۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ زور ياردەملىرىنى  ۋە خەلقئارالىق سىياسىي قوللاشلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ  تەشەببۇسى توغرا تېپىلغان ئىدى.
     ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش  ۋە ئۇنى قوراللاندۇرۇش مەسىلىلىرىدە سوۋېت تەرەپ ، جۈملىدىن موسكۋانىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋنىڭ  مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلماسلىقمۇ  مۇمكىن ئەمەس ئىدى.  ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار مىللىي ئارمىيىنى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئۈلگىسىدىكى مۇنتىزىم ئارمىيە قىلىپ قۇرۇش چىقىشنىڭ  كۆپ جەھەتلەردىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆز لايىھىسى ۋە تەشەببۇسىدا چىڭ تۇردى.  خۇددى  لاۋرېنتى  بېرىيا  يوسىف ستالىنغا يوللىغان دوكلاتىدا كۆرسەتكەندەك ، مىللىي ئارمىيىنى قۇرۇش ۋە تەييارلىقتىن ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىغا  باش ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچى  ئېگناروۋ  بىۋاسىتە ئارىلاشقان ئىدى.

1945-يىلى، 3-ئايدىن باشلاپ، مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇش ئىشلىرى  جىددىي تۇتۇش قىلىنىپ ،  پارتىزان ئەترەتلىرى ئۆزگەرتىلىپ،  پارتىزانلار ۋە پارتىزان كوماندىرلىرى  مۇنتىزىم  ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرىگە ئايلاندۇرۇلدى  شۇنىڭدەك جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ 1945-يىلى، 2-فەۋرال كۈنى ئېلان قىلغان 19-نومۇرلۇق ھەربىي ئىشلار قارارى بويىچە 20 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان پۇقرالار  ئەسكەرگە قوبۇل قىلىنىپ،  سوۋېت ھەربىي ئىنستروكتورلىرى  ۋە يەرلىك كوماندىرلار  تەرىپىدىن مەشىق قىلدۇرۇلدى. قىسقا مۇددەت ئىچىدە چىلپەڭزىدە تەربىيىلەنگەن بىر قىسىم تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار  ھەر قايسى قوشۇنلارغا تەقسىم قىلىندى ھەمدە يەنە  داۋاملىق تۈردە  ئۈچ ئايلىق ئوفىتسېر تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلدى.

    كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ،  1945-يىلى، ئاپرىل ئايلىرىدا  سانى تەخمىنەن 15 مىڭ بولغان[35] مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ يەتتە ئاتلىق ۋە پىيادە پولكى، ئۈچ ئاتلىق ۋە پىيادە مۇستەقىل  باتالىيونى ، بىر زەمبىرەكچىلەر باتالىيونى  ھەم بىر ئاتلىق مۇستەقىل ئېسكادرونىنىڭ جەڭگىۋار ۋە مۇنتىزىم ھالدا  جىڭ، شىخو، تارباغاتاي ۋە ئالتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان  تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان گومىنداڭنىڭ ئۈچ   دىۋىزىيىگە يېقىن  مۇنتىزىم ھەربىي كۈچىنى تارمار قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەتنى تولۇق ئازاد قىلىشىدا ھەمدە قوشۇننىڭ 1946-يىلى، 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋاملىق كۆپىيىپ، تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىگە ئايلىنىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ.   ئۈچ ئايلىق مۇنتىزىملىشىش، قاتتىق ھەربىي مەشىق  ۋە ھەربىي تەييارلىق  ئۆمرىدە مىلتىق تۇتۇپ باقمىغان ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرى ۋە  قازاق چارۋىچىلىرىنىڭ روھىدىكى  قەھرىمانلىقلارغا تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇپ، ئۇلارنىڭ  گومىنداڭنىڭ ئەڭ ئىلغار قورال-ياراقلىرى بىلەن قوراللانغان، ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىپ، تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنى، يەنى  غەربىي شىمالنىڭ يەرلىك پادىشاھى ھېسابلانغان مىلىتارىست خۇ زوڭنەنگە تەۋە 29- گۇرۇپپوۋاي ئارمىيىنىڭ يېڭى 2- كورپۇسىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىيالىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.  ئەمما، شۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى،  ئەگەر باتۇر ئەسكەر بولمىسا، قوماندان قانچە جەڭگە ماھىر  ۋە يۇقىرى ھەربىي تەلىم-تەربىيىگە ئىگە بولسىمۇ بىكار. گومىنداڭنىڭ  يېڭى 2-كورپۇس قوماندانى گېنېرال لېيتىنانت لى تېجۈن،  يېڭى 45-دىۋىزىيە كوماندىرى گېنېرال مايور شې يىفېڭ ۋە گېنېرال مايور گۇچى،  زاپاس 7-دىۋىزىيە كوماندىرى لى يۈشاڭ، يېڭى 45-دىۋىزىيىنىڭ  پولك كوماندىرلىرىدىن  خۇ ۋېنسى ۋە باشقا پولكوۋنىكلار ھەمدە باتاليون ۋە  روتا كوماندىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خۇئاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن كەسپىي ئوفىتسېرلار ئىدى. بۇلارنىڭ  ئۇزۇن مەزگىللىك جەڭ قىلىش تەجرىبىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى  جاڭ جېشىنىڭ 1927-يىلى،  شىمالغا يۈرۈش قىلىش ، 1928-1937-يىللىرى ئارىسىدا جۇڭگو قىزىل ئارمىيىسىنى قورشاپ يوقىتىش ئۇرۇشلىرىغا ھەمدە 1937-يىلىدىن كېيىن ياپونغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئۇرۇشلارغا  قاتناشقان شۇنىڭدەك  كۆپلىگەن  جەڭلەرگە قوماندانلىق قىلغان كونا ھەربىي كوماندىرلار ۋە  گېنېراللار ئىدى.   بىراق، ئۇلار  ئۇيغۇر، قازاق،قىرغىز، تاتار، موڭغۇل ، تۇڭگان ۋە رۇس پارتىزانلىرى  ھەم   كوماندىرلىرىنىڭ قولىدا يېڭىلىپلا قالماستىن،  بەلكى يەنە 1945-يىلى، 5-ئايدىن كېيىن مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ قولىدىمۇ داۋاملىق مەغلۇپ بولدى. گومىنداڭ  ھۆكۈمىتى  ئامالسىزلىقتىن <<ياتلارنى ياتلارنىڭ قولى بىلەن يوقىتىش>>  ئەنئەنىسى بويىچە گەنسۇدىكى ما بۇفاڭنىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان ۋە سالا قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان   ئاتلىق 5-كورپۇسنى يۆتكەپ كېلىپ، مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمانلار ئارقىلىق يوقاتماقچى بولدى.
      گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئىلى، تارباغاتاي  ۋە ئالتايدىكى پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتلىرىدە تۈرلۈك ئامىل مەۋجۇت بار.  بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، گومىنداڭ  ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلىرى قورقۇنچاق،  ئۆلۈمدىن قورقىدىغانلىقى، ئۇلاردا يەرلىك خەلقلەرنى دۈشمەن ھېسابلاش، ئۇلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش خاھىشى كۈچلۈك ئىدى.شۇ سەۋەبتىن ئۇلار بارلىق ئۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت خەلقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەي، ئارقا سەپسىز قالدى.
    گومىنداڭ ئوفىتسېرلىرى تېخىمۇ شۇنداق  بولۇپ، ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ساقلاشنى ئويلايتتى. بۇ خىل يەكۈننى ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئوفىسېرلىرىدىن بىرى دۇ شېزوڭمۇ شۇنداق چىقارغان ئىدى(36).
     شۇنىڭ بىلەن  بىر ۋاقىتتا يەنە يەرلىك مۇھىت ۋە ھاۋا كىلىماتىغا كۆنەلمىگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ۋە كوماندىرلىرى  ئۆزلىرىدىكى يۇقىرىقى بىر قاتار كەمچىللىكلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، پارتىزانلار ۋە كېيىن مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ زەربىلىرىگە مۇتلەق تەڭ كېلەلمىدى.  گومىنداڭ ئوفىتسېر- گېنېراللىرى  بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەغلۇبىيىتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۆڭگەپ، ھە- دېسىلا ئۆزلىرىنى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ رەقىبلىرىنىڭ يەرلىك پارتىزانلار ئەمەس،  بەلكى مۇنتىزىم سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى ئىكەنلىكىنى پەدەزلەپ، ئۆزلىرىدىن يۇقىرى باش قوماندانلىق شىتابلىرىغا مەلۇمات يوللاپ، ئۆزلىرىنى  جازاغا تارتىلىشتىن ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇندى.
     مۇنداق كۆپتۈرمە دوكلاتلار، يالغان مەلۇماتلار،  ھەرەمباغنى مۇداپىئە قىلغان گېنېرال مايور دۇ دېفۇدىن تارتىپ، باشتا غۇلجا ئەتراپىدا، كېيىن شىخودا مەغلۇپ بولغان يېڭى 45-دىۋىزىيە قوماندانى گېنېرال مايور  شې يىفېڭ، كەڭساي ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان زاپاس 7-دىۋىزىيە كوماندىرى گېنېرال مايور لى يۈشاڭ،  45-دىۋىزىيىنىڭ 3-پولكىنىڭ كوماندىرى پولكوۋنىك خۇ ۋېنسى،  ھەرەمباغنى مۇداپىئە قىلغان پولكوۋنىك ساۋ رىلىڭ،  جىڭدا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن گېنېرال مايور گۇچى ھەتتا   مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنى باستۇرۇشتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، 1944-يىلى، 12-ئايدىن 1945-يىلى، 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق قىلغان يېڭى 2-كورپۇس قوماندانى گېنېرال لېيتىنانت  لى تېجۈن قاتارلىقلارنىڭ قەلىمى بىلەنمۇ 8-ئۇرۇش رايونى قوماندانى جۇ شاۋلياڭ ۋە باشقىلارغا يوللانغان ئىدى.
      بۇ خىل كۆپتۈرۈلگەن  تېلېگراممىلار ۋە مەلۇماتلار  گومىنداڭ تارىخچىسى جاڭ داجۈننىڭ  << شىنجاڭدىكى 70 يىللىق بوران-چاپقۇن>>  ناملىق كىتابىدىن ئورۇن ئالغان.
       ھەقىقەتەن،  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارتىزانلارغا ۋە مىللىي ئارمىيىگە  ياردەم بەرگەنلىكى راست، ئەمما بۇ ياردەملەرنىڭ چەكلىك بولغانلىقى، ھەرگىزمۇ مەغلۇپ بولغان گومىنداڭ ئوفىتسېرلىرىنىڭ يالغان ۋە كۆپتۈرمە  ئۇچۇرلىرىدا ئېيتىلغاندەك بولمىغانلىقىمۇ ھەقىقەت .  سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق ئابرويى ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلارغا بەرگەن ۋەدىلىرى ئۈچۈن  ھەرگىزمۇ ئىلى ئىنقىلابىنى ئاشكارا قوللىمىغان بولۇپ،    ئۆز ياردەملىرىنى  مۇتلەق مەخپىي تۈردە  كۆرسەتكەن ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن موسكۋا   زور ساندىكى سوۋېت قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنى گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن بىۋاسىتە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتمىگەن بولۇپ، پەقەت ئايرىم ئەترەتلەر ۋە ياكى  ئوفىتسېرلارنى پارتىزانلار ھەم مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ تەركىبىدە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتكەن.  بۇلارنىڭ سانىمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى.   بۇ   سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-يىلى، ۋە 1937-يىلى مۇنتىزىم قوشۇنلىرىدىن  ن ك ۋ د نىڭ ئالمۇتا 13-ئاتلىق پولكى قاتارلىق پولك دەرىجىلىك قوشۇننى  بىۋاسىتە ئۆلكىگە كىرگۈزۈپ تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر  قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلدۇرغىنىغا ئوخشىمايتتى.
     ھەتتا مەخپىيەتلىك سەۋەبىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى مەخسۇس ئورگانلىرى  ئىلىغا ئەۋەتكەن ئاتلىق پارتىزانلارنىڭ  كىيىملىرى، ئىشلەتكەن قوراللىرىغىچە  ئالماشتۇرىۋەتكەن ھەمدە خادىملارنىڭ يانلىرىدىكى ئەسلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ بولغان كىملىك كىنىشكىلىرى ۋە بەلگىلىرىنى  يىغىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ  ئۆزلىرىنىڭ  سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلىكىنى يەرلىك كىشىلەرگە ئېيتىشىمۇ چەكلەنگەن ئىدى. بىراق، مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن، كوماندىرلار تەركىبىدىكى يەرلىك  كوماندىرلار  كىمنىڭ  سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما  ئىنتىزام تۈپەيلىدىن داۋراڭ سېلىنمىغانلىقى مەلۇم.
     سوۋېت ئىتتىپاقى  مەيلى خەلقئارا سورۇنلاردا ۋە ياكى گومىنداڭ رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ھېچقاچان ئۆزىنىڭ  ئىلى ئىنقىلابىغا ھەربىي ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەس. موسكۋا باشتىن  ئاخىرى بۇنى يەرلىك خەلقنىڭ  خاتا سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازادلىق كۈرىشى ۋە قوزغىلىڭى ئىكەنلىكى ، بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھېچ بىر ئالاقىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.
     بىراق، ئېتىراپ قىلىش لازىمكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى  ئۆزلىرىنى قوزغىلاڭ بىلەن ئالاقىسى يوق دېگەن بىلەن بەرىبىر مەخپىي تۈردە   مىللىي ئارمىيىنى  چەكلىك دەرىجىدىكى ھەربىي ئىنسترۇكتور، ئوفىتسېر ۋە جەڭ قىلغۇچى خادىملار ھەم قورال-ياراق، ئوق-دورا ۋە ھەربىي ئەشيالار  بىلەن تەمىنلەشنى تاكى 1945-يىلى 10-ئايغىچە داۋاملاشتۇردى ھەمدە بىراقلا ئۆز ئادەملىرى،  قورال-ياراق ۋە ئوق -دورىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.  بۇ قوراللار ۋە ئوق-دورىلار ھەم خام ئەشيالارنىڭ  بىر قىسىمى  باشتا  يېزا ئىگىلىك ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى  بىلەن ئالماشۇرۇلغان ئىدى. چۈنكى، ئىنقىلاب باشلانغاندا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى ياۋروپادا جەڭ قىلىۋاتاتتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئاشلىق، مال-چارۋا، خام ئەشيا  قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلار كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى قورال-ياراقلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى بىكارغا بەرمىدى ھەمدە سودىنى يولغا قويۇپ، ئىلى، چۆچەكنىڭ سودىگەرلىرىنىڭ شۇنىڭدەك <<تەرەققىيات شىركىتى>>نىڭ  يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن يول ئاچقان ئىدى.
     مىللىي ئارمىيە ئارتىلىرىيە دىۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى ئەسىھەت تېيىپوفنىڭ 2004-يىلى سۆزلەپ بېرىشىچە، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى مىللىي ئارمىيىنىڭ ئارتىلىرىيە  دىۋىزىيونىنى قۇرۇش ئۈچۈن كەڭسايدا 1945-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ رەسمىي تەربىيىلەشكە كىرىشكەن بولۇپ، 3-4 ئايلىق تەربىيىدىن كېيىن مىللىي ئارمىيىنىڭ ئارتىلىرىيە  دىۋىزىيونى قۇرۇپ  چىقىلىپ، جىڭ ۋە شىخو ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي  ياردەملىرى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە 1945-يىلى ماي ئېيىدا مەخسۇس موسكۋا خەت يېزىپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتكەن ياردەملىرىگە رەھمەت بىلدۈرگەن[37].
       شۇنىڭدىن كېيىن يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 1945-يىلى 6-ئايدا  قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىپ، مىللىي ئارمىيىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قىزىل  ئارمىيىنىڭ 500 نەپەر ئوفىتسېرى ۋە 2000 نەپەر ئەسكىرىنى ئەۋەتكەن[38].  سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى لاۋرېنتى بېرىيا  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيورو ئەزاسى ۋە تاشقى ئىشلار كومىسسارى   ۋىچېسلاۋ مولوتوۋقا يازغان دوكلاتىدا   "   شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن   قىزىل ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەرنى يەتكۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى" دەپ مەلۇمات بەرگەن[39].   
بىراق،  بۇ قوشۇنلارنىڭ قايسى جەڭلەرگە قانداق شەكىلدە قاتناشقانلىقى ئېنىق ئەمەس. لېكىن، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار كۆرسەتتىكى شىخو ۋە جىڭدىكى جەڭلەر  مىللىي ئارمىيىنىڭ ئەڭ شىددەتلىك ئۇرۇشلىرى بولۇپ،   بۇ ئۇرۇشلارغا مىللىي ئارمىيىنىڭ بارلىق كۈچى ۋە  بارلىق قىسىملىرى سېلىنغان ئىدى. ھازىرغىچە مەخسۇس سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئايرىم بىر باتالىيونى ۋە ياكى بىر پولكىنىڭ جىڭ ۋە ياكى شىخو ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات  يوق.   
پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر 500 ئوفىتسېر ۋە 2000 ئەسكەر بەلكى مىللىي ئارمىيىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى، بەلكى ئاساسلىقى ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى قىسىملىرىنىڭ ئارىسىغا چېچىۋېتىلگەن بولۇشى، ئوفىتسېرلارنىڭ بولسا، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ ھەر دەرىجىلىك  كوماندىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان  بولۇشى  ئېھتىماللىققا   يېقىن، ئەگەردە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئايرىم پولك ۋە ياكى ئايرىم باتالىيون سالاھىتىدە  جەڭ قىلغان بولسا بۇنىڭ ئاسانلا سىرتقا بىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
       دېمەك،  كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىراز كەڭ كۆلەملىك ياردىمى مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇپ، رەسمىي ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىشقا كىرىشكەندە بولغان. مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، جىڭ ۋە شىخودىكى   ئىككى دىۋىزىيە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن  مىللىي ئارمىيىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش زۆرۈر ئىدى.  بېرىيا ئۆز دوكلاتىدا گومىنداڭنىڭ بۇ ئۆلكىگە <<70 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم قوشۇنىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى>>نى ئالاھىدە ئەسكەرتىشى تەسادىپىي ئەمەس. بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق شىتابىدا  تۈزۈلىدىغان ھەربىي ھەرىكەت پىلانلىرى، ئۇرۇش خەرىتىلىرى ۋە باشقا ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي خادىملىرىنىڭ قاتناشقانلىقى  ھەتتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى شۈبھىسىز.     سوپاخۇن سوۋۇروف  ئۆز ئەسلىمىسىدە مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك سوۋېتلىكلەرنىڭ بولغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرى دەل ئەنە شۇ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەلۇماتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.  سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ بۇ مەلۇماتلىرى مىللىي ئارمىيە شىتاب تەركىبىنى چۈشىنىشتە مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
4. سوپاخۇن  سوۋۇروف  قەلىمى ئاستىدىكى ئاقسۇ ئۇرۇشى ۋە  سوۋېت ئىتتىپاقى
  سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسىدە،  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە   مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى ئۇنى ئاقسۇدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشقا بەلگىلەيدۇ.  ئۇ مىللىي ئارمىيە شىتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇ ئاقسۇغا بېرىش يوللىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن  ئىسكەندەر بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئىسكەندەر ئۇنى تېكەس پولكىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ يەردە نوغايبايېف، ئىسكەندەر قاتارلىقلار بىلەن ئاقسۇغا بېرىش  ھەربىي ھەرىكەت مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.
سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسىدىكى بايانلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوپاخۇن باشلىق 100 دىن ئارتۇق  گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى خىل قورال-ياراقلىرى بىلەن  مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر مەزگىل گۇمان بىلەن كۆزىتىلىدۇ. باش قوماندانى ئىۋان پالېنوۋ ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىپ، تارقاقلاشتۇرىۋېتىدۇ. ھەتتا شىتابتىكى بىر سوۋېتلىك پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېر  ئۇنىڭدىن گۇمانلىق سوئال سورايدۇ.
سوپاخۇن سوۋۇروف  ئەترىتىنىڭ بىر مەزگىل گۇمان ئاستىدا بولغانلىقى زىيا سەمەدىنىڭ " ئەخمەت ئەپەندى"  ناملىق ھۆججەتلىك  بىئوگرافىك رومانىدىمۇ  ئەسلىتىلىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يېزىشىچە، قوماندانلىق شىتابىدىكى << ئاق باش>> لەقەملىك سوۋېتلىك مەسلىھەتچى سوپاخۇن ئەترىتىگە ھەمدە ئۇنىڭ پارتىزانلىرىنىڭ جەنۇبقا ئەۋەتىلىشىگە گۇمانلىق قارايدۇ. مۇنداق گۇماننىڭ  ئاساسلىقى سوۋېت ئوفىتسېرلىرى ، بولۇپمۇ 2-دوم تەرىپىدىن بولغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.
       شۇنى، ئەسكەرتىش كېرەككى،   سوپاخۇن، قاسىمجان قەمبىرى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق  ئەسلى كېلىپ چىقىشى جەنۇبلۇق بولغان كىشىلەرنىڭ  ھەربىي-سىياسىي مەسئۇللىقىدا 200 كىشىلىك پارتىزان ئەترىتىنى ( سىياسىي تەشۋىقات ۋە سودا-ئارقا سەپ خادىملىرىمۇ ئۆز ئىچىدە) ئاقسۇ تەۋەسىگە چۈشۈرۈشى   ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭلا پىلانى بولماستىن بەلكى  مىللىي ئارمىيە شىتابى ۋە 2-دومنىڭ پىلانى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى جىڭ ۋە شىخودىن ئىبارە ئوتتۇرا يۆنىلىش  بولۇپ، ئەگەردە ئوتتۇرا يۆنىلىشتە غەلىبە قىلىنسا، شىمال ۋە جەنۇبىي يۆنىلىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولاتتى. جىڭ ۋە شىخو لىنىيىسىگە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىككى نۇقتا مىللىي ئارمىيىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى ئازاد قىلىپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى شىڭ  شىڭشادىن قوغلاپ چىقىرىشىنىڭ ئاچقۇچى  ئىدى. ئەمما، يەنە بىر خەتەر شۇكى،   مىللىي ئارمىيە پۈتۈن كۈچىنى  شىمال ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى ئۇرۇشقا سېلىپ، غۇلجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارقا سەپلەردە ئەسكەر قالمىغان مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاقسۇ، قەشقەر ۋە كۇچاردىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى كۈچىنى توپلاپ مۇزداۋان ئارقىلىق  ئىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئارقا سېپىنى بۆسۈپ تاشلىشى مۇمكىن ئىدى. مۇنداق نازۇك  ئەھۋال ئاستىدا قوماندانلىق شىتاب  سوپاخۇن ئەترىتىنى  ئاقسۇغا ئەۋەتىپ،  پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، دۈشمەننى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇرا يۆنىلىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى.  مەزكۇر  ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە 2-دوم گېنېرالى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ موسكۋانى خەۋەردار قىلىشى تەبىئىي ئىدى.
سوپاخۇننىڭ بايان قىلىشىچە،  ئاقسۇدىكى پارتىزانلىق ھەرىكەتنىڭ  ئىنتايىن مۇھىملىقىنى باش قوماندان پالېنوۋ ئۆزى  بىۋاسىتە تەكىتلەيدۇ ھەمدە ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ.
    ئاقسۇدىكى بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئەنە شۇنداق  ناھايىتى مۇھىملىقى تۈپەيلىدىن 2-دوم  مەخسۇس تۈردە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ھەربىي خادىم  زاكىر تۆرە بىلەن ئىسكەندەر ئەپەندىنى سوپاخۇن ئەترىتىگە باش مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى  ن ك  ۋد سى ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى)نىڭ پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك مەزكۇر ئىككى ئوفىتسېرى بىۋاسىتە گېنېرال ئېگناروۋقا بويسۇنىدىغان بولۇپ،  زاكىر تۆرىنىڭ كېيىن يېزىپ قالدۇرغان ئاقسۇ ئۇرۇشى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ  ۋە ئىسكەندەرنىڭ بۇ ۋەزىپىگە  ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەنلىكىنى يازىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ئەمەس، بەلكى  ۋلادىمىر ئېگناروۋلا مەۋجۇت ئىدى. زاكىر ئەسلىمىسىدە   يۇقىرىنىڭ  سوپاخۇن ئەترىتىنى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغا تاپشۇرغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئەترەتنى ئاقسۇغا ئۇزىتىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن  كېيىن دەرھال غۇلجىغا  قايتىپ، ئەھۋالنى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچقا دوكلات قىلغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا ئاقسۇغا  مەخپىي ئادەملەرنى ئەۋەتكەنلىكى، ئەلىخان تۆرىگە تەشۋىقات چاقىرىقلىرىنى يازدۇرۇپ، بۇ تەشۋىقاتلارنى  ئاقسۇ تەۋەسىدىكى مەسچىتلەرگە تاشلاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
     سوپاخۇن ئۈچۈن ئۆزى بىلەن بىرگە   ئاقسۇغا چۈشكەن زاكىر  ۋە ئىسكەندەر دېگەن كىشىلەر ئۆز ھەرىكىتىگە ئەڭ  تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەردۇر. بولۇپمۇ  سوپاخۇن بىلەن زاكىرنىڭ بىۋاسىتە ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇ زاكىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىدە بىر قەدەر كۆپرەك بايان قىلىدۇ.  ئاقسۇدىن چېكىنىش بۇيرۇقى كېلىپ، پارتىزانلار چېكىنىپ، قورغانغا كېلىپ ، 10 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت تۇرۇپ قالىدۇ. زاكىر تۆرە بۇ ۋاقىتتا قورغاندا مەخسۇس رادىئو ئالاقە پونكىتى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رۇس رادىستى  بىلەن تۇراتتى.  سوپاخۇن  قورغاندا  ئۇنىڭدىن ئاقسۇدىن نېمە ئۈچۈن چېكىنگەنلىكنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ  " بىلمەيمەن"  دەپ  جاۋاب بېرىپ، بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ سوپاخۇندىن ئاقسۇ ئەتراپىغا ما بۇفاڭنىڭ  قوشۇنلىرىنىڭ كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىك ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. سوپاخۇن ئىبرايىماخۇن ئىسىملىك كىشىنى ئەۋەتىپ،  5-كورپۇسنىڭ تېخى  ئاقسۇغا  كەلمىگەنلىكى ، ئەمما پات يېقىندا كېلىدىغانلىقى ۋە غۇلجىغا  ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرنى ئىگىلەپ يەتكۈزىدۇ.  بۇ ئۇچۇر زاكىرنى ئىنتايىن خۇشال قىلىۋېتىدۇ.
1945-يىلى، 12-ئايدا  سوپاخۇن  غۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن، زاكىرنىڭ تەكلىپى  بىلەن  ئۇنىڭ ئۆيىدە 1946-يىلىنىڭ يېڭى يىلىنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. سوپاخۇننىڭ يېزىشىچە، بۇ يەردىكى سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سوۋېتلىك ئوفىتسېرلار ۋە گېنېراللار بولۇپ،  بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسكەندەرمۇ بار ئىدى.  ئىسكەندەر ئاقسۇغا  بارغان سوپاخۇن، قاسىمجان قەمبىرى ۋە سىدىق ھاجىلار بىلەن بۇ يەردە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ.  مېھماندارچىلىق تازا قىزىپ، ھاراقلار يېتەرلىك ئىچىلگەندىن كېيىن، زاكىر سوپاخۇننى ئايرىم خانىغا باشلاپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاقسۇدىن چېكىنىشىنىڭ سەۋەبىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىق شەرتى بىلەن سۆزلەپ بېرىدۇ.  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقسۇدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش بىۋاسىتە موسكۋا ئارقىلىق ئىلى باش قوماندانلىق شىتابىدىن   كەلگەن. ئىلى شىتابى موسكۋانىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن  كېيىن ئاقسۇدىن چېكىنىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. زاكىر يەنە  ستالىن بىلەن جاڭ كەيشىنىڭ پۈتۈشكەنلىكى، ئەمدى ئۇرۇش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ[40]. سوپاخۇننىڭ يېزىشىچە،  مانا بۇ ئۇنىڭ زاكىر تۆرىنى ۋە ئىسكەندەرنى  ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرۈشى  بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ زاكىر ۋە ئىسكەندەرنى  ئىككىنچى قېتىم كۆرمىگەن.   شۇنى ئەسكەرتىشنى مۇۋاپىق تاپتىمكى،  پارتىزانلار باينى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،   پارتىزان رەھبەرلىرى  ئىككى نەپەر سوۋېتلىك ھەربىي مەسلىھەتچى  زاكىر بىلەن ئىسكەندەرلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن     ئۇرۇشنى ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىغىچە كېڭەيتىش،  مۇز داۋان يولىنى ئېچىش  مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئاخىرى  ئالدى بىلەن قورغاننى ئازاد قىلىپ، مۇز داۋان يولىنى ئېچىش قارار قىلىنىدۇ.
      زاكىر  تۆرە ئاقسۇ ئۇرۇشى ۋە سوپاخۇن  ھەققىدە يازغان قىسقا ئەسلىمىسىدە  ئەسلىدە پارتىزانلارنىڭ ئاقسۇ ئەتراپىغا بېرىش ۋە ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتى بولمىغانلىقى، قورغاننى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، ئۈمىد تۇغۇلۇپ، ئىنقىلابنى كېڭەيتىش قارارىغا  كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت پارتىزانلارنىڭ يېڭىدىن چىقارغان بۇ قارارىنى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچقا يەتكۈزۈپ،  ئۆزى ۋە ئىسكەندەرنىڭ غۇلجىدىن ياردەم ئېلىش ئۈچۈن كەتكەنلىكىنى يازغان .
          بۇ ۋاقىتتا پارتىزان رەھبەرلىرى ئارىسىدا كۇچارغا ھۇجۇم قىلىش، قورغانغا  ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇچتۇرپانغا ھۇجۇم قىلىش ھەمدە ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بىر قانچە تاللاش بار  بولۇپ، ئۇلار ئۇزاق تالاش-تارتىش قىلغان ھەمدە ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئۇچتۇرپاننى ئازاد قىلىپ، بۇ يەرنى بازىغا ئايلاندۇرۇش، ئەگەردە مەغلۇپ بولسا ئۇچتۇرپان ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېكىنىش ھەم ئۇ يەردىن ياردەم ئېلىش تەكلىپى  مەزكۇر سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى تەرىپىدىن  سۈكۈت ئىچىدە قارشى ئېلىنمايدۇ.   كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،   سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى  ئابباسوفنىڭ   بۇ تەكلىپىنى  بۇ ئىنقىلابنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىك سىرىنى  ئاشكارىلاپ قويۇشقا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ چۈشەنگەن.  سوپاخۇننىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، سوۋېتلىك بۇ مەسلىھەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتى.  زاكىر بىلەن ئىسكەندەر  پارتىزان قوماندانلىرىنىڭ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى  مۇۋاپىق دەپ قاراپ ، ئالدى بىلەن غۇلجىدىن رۇخسەت سوراش قارارىغا كەلگەن ئىدى. زاكىرنىڭ ئەسلىمىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئەسلىدە ئۇلارغا ئاقسۇغا  ھۇجۇم قىلىپ، ئالتە شەھەردە كەڭ ئىنقىلاب قوزغاش ۋەزىپىسى بېرىلمىگەن.  ئۇنىڭ يېزىشىچە، بۇنىڭ  ئۈچۈن  گېنېرال ئېگناروۋنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش كېرەك ئىدى. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئۇنىڭ ئەسلىمىسىدە بۇ مەسىلىسىنى  قارار قىلىدىغان ئادەم يەنىلا ئېگناروۋتۇر.  بىراق، ئۇ غۇلجىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگىچە سوپاخۇنلار  ئاقسۇ ۋە كونىشەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ جايلارنى ئازاد قىلىپ بولدى. ئەمما، ئاقسۇغا قىلغان بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى ھەتتا   كونىشەھەردە  ئاقسۇدىكى گومىنداڭ كۈچلىرى بىلەن ئۇچتۇرپاندىن كەلگەن 300 دەك قوشۇننىڭ بىرلىشىپ قىلغان  ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.  دۈشمەننىڭ يالغان تەسلىم بولغانلىق ھىلىيىسىگە ئالدانغان، ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئەمەس، ياش ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ سوپاخۇننىڭ  تەكلىپىنى رەت قىلىپ، دۈشمەنگە ئوق چىقارماسلىق بۇيرۇقى بەرگەن ئىدى. دۈشمەن پارتىزانلارغا يېقىنلىشىۋېلىپ بىراقلا ھۇجۇم قىلدى ،نەتىجىدە،   پارتىزانلار ئاقسۇ تەۋەسىگە چۈشكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئەڭ ئېغىر بىر زەربىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭ خەلق ۋە جەڭچىلەر ئىچىدىكى تەسىرى ناھايىتى يامان بولدى[41]. پارتىزانلار قايتىدىن ئاقسۇ شەھىرىگە كىرىپ، قورشاشنى داۋاملاشتۇردى ۋە يىغىن ئېچىپ، ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلدى. بۇ ۋاقىتتا ئىلىدىكى مىللىي ئارمىيە شىتابى ئاقسۇ شەھىرىنى ئازاد قىلىش جېڭىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن  كۆلىمى چوڭراق ھېچقانداق ئەسكىرى كۈچ ئەۋەتمىگەن بولۇپ، سوپاخۇن بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق دەپ يازىدۇ:
" بىزنىڭ كۈچىمىز ئاز، ياردەم تېخى يېتىپ كەلمىدى. ياردەمگە كەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى بەلكى بىز ماڭغاندا، سىلەر جەنۇبىي شىنجاڭغا ئۆتۈپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ ئىلى تەرەپكە ئۆتۈشىنى قاتتىق توسايسىلەر، رازۋېتكا، پارتىزان ئۇرۇشى قىلىپ، دۈشمەننى ساراسىمگە  سېلىپ تۇرىسىلەر، دېگەن ئىدى. بىرەر شەھەرنى ئالىسىلەر دەپ تاپشۇرمىغان ، شۇڭا ئۇلار بىزنى پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىۋاتىدۇ دەپ  قاراپ  ياردەمگە قىسىم ئەۋەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن" .[42]
   زاكىر ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە "   بىز، مەن ۋە ئىۋان  ئىۋانوۋىچ،  بىر قانچە يارىدار ۋە قۇربانجان سوپاخۇننى  ئەترەت بىلەن قورغاندا قالدۇرۇپ، مۇزارت داۋىنى ئارقىلىق تېكەس ۋادىسىغا كەتتۇق. سوپاخۇنغا    ياردەمچى قوشۇن كەلمىگىچە   قورغاننى قوغداپ تۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلدى"  دەپ يازغان[43]. ئۇلار قالماقكۈرەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، ۋلادىمىر ستېپانوۋىچقا مەلۇم قىلماي تۇرۇپلا، شۇ يەردىكى كارىلوۋ كوماندىرلىقىدىكى موڭغۇللار  پولكىدىن بىر ئېسكادروننى سوپاخۇنغا ياردەمگە ئەۋەتىدۇ.  زاكىر سوپاخۇنلارنىڭ بۇ موڭغۇل ئېسكادرونى  بىلەن ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.  سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسىدىن مەلۇم  بولۇشىچە، سوپاخۇن ، بۇ كىچىك ئەترەتنى  ئىلىدىكى باش شىتاب ئەۋەتتى دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغان. ئەمەلىيەتتە، بۇلارنى زاكىر  بىلەن ئىسكەندەر ئەۋەتكەن بولۇپ، باش شىتاب كېيىن خەۋەر تاپقان.
       ئىسكەندەر ۋە زاكىر تۆرە غۇلجىغا  قايتقاندىن كېيىن، ئىلى مىللىي ئارمىيە شىتابى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بولىدۇ.  پەقەت بىر ئېسكادرون ئەسكەرنى  تەلەمەت ئارقىلىق باي ئەتراپىغا ئەۋەتىپ، كۇچاردىن كېلىدىغان دۈشمەننى توسۇشقا سالغان.   9-ئاينىڭ بېشىدا   يەنە ئىككى ئېسكادرون  ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى  ئاسىلخان ۋە   مىرزىگۈل ناسىروف قاتارلىقلارنىڭ  مەسئۇللۇقىدا  ياردەمگە كەلگەن بولۇپ، بۇلار  تەلەمەت داۋىنى ئارقىلىق ئۆتكەن ھەمدە  باي ۋە   كۇچار ئەتراپىدا جەڭ قىلغاندىن كېيىن. ئۇلارنىڭ بىر ئېسكادرونى شۇ ئەتراپتا قالدۇرۇلۇپ،   ئاسىلخان ۋە مىرزىگۇل باشچىلىقىدىكى ئەترەت  جامغا كېلىپ، ئۇ يەردە سوپاخۇن ئەترىتى بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن قايتىدىن كونا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالدى.
     مىرزىگۇل ۋە ئاسىلخان باشچىلىقىدىكى بۇ ئەترەتنىڭ تەركىبىدىكى  ئىككى ئېسكادروندا   تېگى ئۆزبېكىستانلىق  ئۇيغۇرلاردىن، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن  قوچقاروف ۋە يەتتەسۇلۇقلاردىن مىرزىگۈل ناسىروف قاتارلىق كوماندىرلار بار ئىدى.   مەلۇم بولۇشىچە،  ئازغىنا بۇ ياردەمچى ئېسكادرونلارنى ئەلىخان تۆرە ئاقسۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزى بىۋاسىتە بۇيرۇق بىلەن ئەۋەتكەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە  بۇ  غۇلجىدىكى  جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان مۇھاپىزەت باتالىيونىدىن ئىبارەت ئىدى. سوپاخۇننىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر مۇھاپىزەت ئەترىتىدە كۆپ ساندا ئۆزبېك پەرزەنتلىرى بولغان ئىكەن. ئەلۋەتتە،  بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى تەبىئىي. ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدە بۇ باتالىيوندىن باشقا يېتەرلىك كۈچ يوق بولۇپ، ھەممىسى ئالدىنقى سەپتە ئىدى.
   شۇ ۋاقىتتا يەنە ئىلى باش شىتابى سوپاخۇنغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سوۋېتلىك  ئوفىتسېر ، پودپولكوۋنىك  دىنىسكوفنىڭ باشچىلىقىدا  ئون نەچچە  رۇس، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە  قىرغىز  ئوفىتسېرلارنى ئەۋەتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى پارتىزان شىتابىغا ، بەزىلىرى ئېسكادرونلارغا كوماندىر ۋە ياكى مۇئاۋىن كوماندىرلىق ۋەزىپىسىگە ئورۇنلاشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقانلارمۇ بار ئىدى[44]. ئاقسۇغا كەلگەن بۇ سوۋېتلىك مەسلىھەتچىلەرنىڭ   ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانلىقى پودپولكوۋنىك دىسىنىكوف   بولۇپ، ئۇ ئىسكەندەر ۋە  زاكىر قاتارلىقلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالغان ئىدى.   ئەمما،  دىسىنىكوفنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلار يوق.  بىراق  ،  پارتىزانلارنى ئاقسۇدىن چېكىندۈرۈشە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىپ ئېلىپ كېتىشتە ئۇنىڭ رولى چوڭ بولۇشى تەبىئىي.  دىسىنىكوف باشچىلىقىدىكى مەسلىھەتچىلەر ئەترىتىنىڭ ئاقسۇ جەڭ مەيدانىدا ھېچقانداق كۆرۈنەرلىك رولى بولمىغان بولۇپ،  2-قېتىملىق مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئەۋەتىلىشى ئەمەلىيەتتە  سوپاخۇن،  قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە كېيىن قوشۇلغان ئاسىلخان ھەم مىرزىگۈل  قاتارلىق كوماندىرلارنىڭ  پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك. بولۇپمۇ، ئەلىخان تۆرىنىڭ ئۆز ئوغلى ئاسىلخاننى مىرزىگۈل ناسىروف بىلەن قوشۇپ بىۋاسىتە ئاقسۇغا   ئەۋەتىشى  2-دومنى بىئارام قىلغان بولۇشى ئېھتىمالللىقا ئۇيغۇن.
     قىسقىسى،   مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن ئاتلىق پارتىزان ئەترىتىنىڭ  ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئېلىپ بارغان  ئۇرۇشلىرى جەريانىدا ئەۋەتكەن  ياردەمچى قوشۇنى  ئىلگىرى-كېيىن بىر باتالىيونغا يەتمەيدىغان  ئەترەتلەر  بولۇپ،    پارتىزانلار يەرلىك پىدائىيلارنىڭ كۆپلەپ قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەشتە قىينالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇلار ئاقسۇ ئەتراپىدا جەڭ قىلىش ۋە ئاقسۇنى قورشاش جەريانىدا  پەقەت گومىنداڭ قوشۇنلىرىدىن ئولجا ئالغان ئوق-دورىلارغىلا تايىنىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، سوپاخۇن قاتارلىق رەھبەرلەر ئىلىغا ئادەم ئەۋەتىپ ياردەمچى قوشۇن  ۋە ئوق-دورا ئەۋەتىشنى  بىر قانچە قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلىدىكى قوماندانلىق شىتابى بۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. شۇ سەۋەبتىن پارتىزانلارنىڭ ئوق-دورىلىرىنى ئازلاپ، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئاسىلخان بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ؛
"     ئۆزىمىزدىكى بارلىق ئوقلار ساناقلىقلا قېلىپ، ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرالماي ، تەكرار مۇزاراتقا  ئوق سوراپ  ئادەم ئەۋەتتۇق. ئەۋەتكەن ئادەملىرىمىزنى  يەنە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپ قايتۇردى" [45]. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پارتىزانلار شىتابى ئاقسۇ سېپىلىنىڭ ئاستىغا پارتلاتقۇچ دورىسى كۆمۈپ، سېپىلنى پارتلىتىش ئارقىلىق شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىش ئۈچۈن مەخپىي  لەخمە كولاپ سېپىل تۈۋىگىچە ئەكىلىپ، غۇلجىدىن پارتلىتىش دورىسى كېلىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما پارتلىتىش دورىسى  يېتىپ كەلمىگەن. پارتىزان رەھبەرلىرى پارتلىتىش دورىسى ۋە  ئوق-دورا تەلەپ قىلىپ، ئاخىرقى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەن  بولسىمۇ، مۇزارت داۋىنىدا تۇرىدىغان مىللىي ئارمىيە شىتابىنىڭ ۋەكىللىرى  غايىپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشمۇ بىكار بولغان[46].
     مىللىي ئارمىيە باش شىتابى   بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملاشقان ئاقسۇنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا  بىرەر پولك دەرىجىلىك قوشۇن ۋە ياكى بىرەر  مىناميوتچىلار روتىسى ھەم ئېغىر قوراللارنى ئەۋەتمىگەن ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە زور ساندىكى پۇقرالار پىدائىي بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا ئىلى تەرەپتىن قورال-ياراق ۋە ئوق-دورىلار يېتەرلىك دەرىجىدە  ئەۋەتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن   قوراللىنىش ئەھۋالى ناچار ئىدى. ئەمەلىيەتتە، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا  مىللىي ئارمىيىنىڭ دەرھال قوشۇن ئاجرىتىپ، ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكى شەكىللەنگەن بولۇپ، مىللىي ئارمىيە  7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۆچەكنى ،  9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالتاينى،  9-ئاينىڭ 8-كۈنى شىخونى، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى جىڭنى ئازاد قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ بولغان ئىدى. مىللىي ئارمىيە شىتابىنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇنى قورشاپ تۇرغان پارتىزانلارغا بىر ئەمەس، ھەتتا ئىككى پولك ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكى تامامەن بار ئىدى.  ئەمما، ئاقسۇنى قورشاپ ياتقان پارتىزان كوماندىرلىرى ۋە ھۆكۈمەت  ۋەكىللىرى، ھەتتا غۇلجىدىكى جۇمھۇرىيەت  ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ   بۇ ۋاقىتتا ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورىسىنىڭ  14-ئاۋغۇست كۈنى  سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئۆزلىرىنىڭ يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن  ئىمتىياز-مەنپەئەتلىرى  نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن  كېيىن، مىللىي ئارمىيىنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش  ھەم   <<شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيەت>> ھۆكۈمىتىنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش قارارىغا كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىدى. ستالىن ھۆكۈمىتى مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ ماناس دەرياسى بويىغا كەلگەندىن كېيىن، بارلىق  ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىشىنى بۇيرۇق قىلغاندىن كېيىنلا ئەلىخان تۆرە باشلىق قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ۋەزىيەت ۋە موسكۋانىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. ئەلىخان تۆرە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىۋان پالېنوۋقا ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما پالېنوۋ ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ پەقەت موسكۋانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى[47]. دېمەك، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا  مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ئاقسۇغا قوشۇن ئەۋەتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
    ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئەسلىدىنلا باش شىتاب تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەمەس بولۇپ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، موسكۋا  باشتىن ئاخىرى پارتىزانلارنىڭ  تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان ئاقسۇ شەھىرىنى ئىشغال قىلىش، ئارقىدىن پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئازاد قىلىنىپ، جەنۇبنىڭ بىر تۇتاش ئازاد رايون بولۇشىنى خالىمىغان. مەيلى، تاشقورغاننى بازا قىلغان قەشقەر تەۋەسىدىكى جەڭلەر ۋە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى جەڭلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت  تەڭرى  تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي  ھەرىكەتنىڭ ئارقا سېپىنى قوغداش رولىنىلا ئۆتىدى خالاس! موسكۋانىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئالغاندا، ئەگەردە پۈتۈن قەشقەرىيە ئازاد قىلىنىپ، بۇ يەردىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ۋە قوشۇنى يوقىتىلسا، بۇ  رايوننى كونترول قىلىش قىيىن بولاتتى. چۈنكى،    مەزكۇر    رايوننىڭ  جەنۇبىي  ئۇلۇغ برىتانىيىنىڭ تەۋەسىدىكى ھىندىستان  ھەم مۇستەقىل ئافغانىستان بىلەن چېگرىغا ئىگە بولۇپ، بۇ رايوندا 19-ئەسىردىن تارتىپ، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە مەنپەئەتلىرى قاتتىق توقۇنۇشۇپ  كەلگەن ئىدى. ئەگەر قەشقەرىيىدە خۇددى ئىلىدىكىدەك ئازاد ھاكىمىيەت قۇرۇلسا، بۇ رايون قەدەم-قەدەم غەربلىكلەرنىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرىپ قېلىپ، موسكۋانىڭ بۇ جايغا چىشى  پاتماسلىق  ۋەزىيىتى  شەكىللىنىشى ،  بۇ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىدى.   مانا بۇ نۇقتىلار ئاقسۇ ئۇرۇشىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن غەلىبە قىلالماسلىقى، ھەتتا تاشقورغاندىن باشلانغان  ئىنقىلابنىڭمۇ غەلىبە قىلالماسلىقىدىكى  تاشقى ئامىللار ھېسابلىناتتى. ئەمەلىيەتتە،  ئىلى مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ئاقسۇدىكى پارتىزانلارنى  چېكىندۈرۈپ چىقىشتىن بۇرۇنلا ئىسساقبەكنىڭ قوماندانلىقىدا  بىر برىگادا  ئاتلىق قوشۇننى   ئاقسۇ يۆنىلىشىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نوغايبايېف   ۋە كورىلوۋ كوماندىرلىقىدىكى پولكلار  جىددىي تەييارلىقلاردا تۇرغان ئىدى. بۇ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى    مىللىي ئارمىيە باش شىتابىنىڭ  ما بۇفاڭنىڭ ئاتلىق 5-كورپۇسىنىڭ ئاقسۇغا ئورۇنلىشىپ مۇزارت داۋىنى ئارقىلىق ئىلىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش  پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، 1945-يىلى، 14-ئاۋغۇستتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭخۇئا مىنگو  ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئىمزالانغان شەرتنامە  موسكۋانىڭ مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىنىڭ داۋاملىق ئۇرۇش     قىلىشى  ستالىن ئۈچۈن ھاجەتسىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2-جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، گومىنداڭمۇ غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى ۋە ياپونىيە ئارمىيىسى قورال تاشلاپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ جەڭ قىلىدىغان دۈشمىنى تۈگىدى. ئەگەردە گومىنداڭ  ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا قوشۇنلىرىنى  يۆتكەپ كېلىپ، مىللىي ئارمىيىگە ھۇجۇم قوزغىسا، ئۇرۇش تېخىمۇ زور دەرىجىدە كېڭىيىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ بەكرەك مەيدانغا چىقىشى  ۋە ياكى ئاشكارا يوسۇندا يا ئۇ تەرەپتە، يا بۇ تەرەپتە تۇرۇشى لازىم بولاتتى.  شۇ سەۋەبتىن موسكۋا ئۇرۇشنى ۋاقتىدا توختىتىپ، تىنچلىق سۆھبەت تاكتىكىسىنى قوللىنىپ،  ئۆزىنىڭ  ئۆلكىدىكى ، جۈملىدىن ئىلى ، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى تەسىرى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلدى.
      ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنىڭ  كېلىش مەسىلىسىگە زاكىر ۋە ئىسكەندەرلەر باشتىن ئاخىرى كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئۇلار سوپاخۇنغا  ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنىڭ كېلىشى مەسىلىسىنى بىر قانچە قېتىم تىلغا ئالغان. سوپاخۇن ئېيتقاندەك، زاكىر تۆرىنىڭ ما بۇفاڭنىڭ ئاتلىق 5-كورپۇسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ كېتىشى  تەسادىپىي  ئەمەس ئىدى.
5.   سوپاخۇننىڭ  قەلىمى ئاستىدىكى   سوۋېتلىكلەر

    سوپاخۇن سوۋۇروف ئۆزىنىڭ «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ناملىق ئەسلىمىسىدە بىر  قىسىم سوۋېت ئىتتىپاقى  مەسلىھەتچىلىرى ۋە ئوفىتسېرلىرىنى شۇنىڭدەك مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى پالېنوۋنى  تىلغا ئالىدۇ.   بولۇپمۇ ، ئۇنىڭ بىلەن  بىرگە ئاقسۇغا ئەۋەتىلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ھەربىي مەسلىھەتچىلەر زاكىر تۆرە بىلەن ئىسكەندەر ئەپەندى ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا  بىر قەدەر كۆپرەك تەسۋىرلىنىدۇ.
1945-يىلى، 5-ئىيۇل كۈنى  مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى  ئاقسۇغا چۈشىدىغان پارتىزان ئەترىتىنىڭ تەركىبى ۋە ۋەزىپىلىرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ  بۇيرۇقى بويىچە زاكىر بىلەن ئىسكەندەر ئاتلىق پارتىزان ئەترىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى  بولۇپ تەيىنلەندى(48) .  << شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر  چوڭ ئىشلار خاتىرىسى>>دە  بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ،  ئىسكەندەرنىڭ ئەسلى تولۇق ئىسمى توغرا ئاتالغان بولسىمۇ،  بىراق زاكىرنىڭ ئەسلى ئىسمى خاتا ھالدا  <<شوخپۇل>>(49) دەپ ئاتالغان.
    پارتىزان ئەترىتىنىڭ ۋەزىپىسى بەلگىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە  قىزىل كۈرەدە ئۇلارنى   ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاقسۇغا ئەۋەتىلگەن پارتىزان ئەترىتىنى ئۇزىتىش مۇراسىمىغا  جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە باشلىق ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە  مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىنىڭ تەركىبىدىكى ئەربابلار ھەمدە قىزىل كۈرەدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە پۇقرالار بولۇپ، كۆپ ساندا ئادەم قاتنىشىپ، ناھايىتى داغدۇغىلىق  ۋە ھاياجانلىق ئىچىدە ئۆتكەن.  ئۇزىتىش مۇراسىمىغا زاكىر تۆرە بىلەن  ئىسكەندەرمۇ قاتناشقان.  زاكىر تۆرە  ئۆزىنىڭ بۇ ئۇزىتىشتىن 34 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆز دوستى، يەنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى يەنە بىر نەپەر رازۋېتچىكى  ئەلى ئەپەندى ئۈچۈن   يېزىپ بەرگەن  قىسقا ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ بايان قىلغان :  << جەنۇبتا  ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن  پارتىزانلىق ئەترىتى تەشكىللىدىم.   مەركىزىي فرونتتىكى سوپاخۇن روتىسى  قوزغىلاڭچىلار  تەرەپكە ئۆتكەندە،  بۇ روتىنى تولۇقى بىلەن ماڭا  پارتىزان ئەترىتىگە قوشۇش ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بەردى.   ئەترەتنى ھۇجۇمغا تەييارلاش ئۈچۈن  ئۇنى ئىزۋوت ۋە ئوتدېلىنىيىلەرگە ئايرىپ، سوپاخۇننى  ئەترەتنىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلەپ،   ئەلىخاننىڭ  ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن كېلىشىنى كۈتتۇق.  ئۇزىتىش ئۈچۈن قىزىل كۈرەگە ئەلىخان  بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت ۋەكىلى سۈپىتىدە ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە ئەترەتنىڭ موللىسى بىرگە كەلدى. ئەترەت ئەلىخاننىڭ تەسىرلىك نۇتىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەلىخانغا قەسەمىيات قىلدى ۋە ئاتلىق ھالدا تاغ تەرەپكە قارا مېڭىپ ، تىيانشان تاغلىرىدىن ئاتلىق ھالدا  ئېشىپ، جەنۇبتا ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى.  مەن ئەترەتنى ئاتلاندۇرىۋېتىپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ساڭا مەلۇملۇق  "مەخسۇم" بىلەن بىرگە  ۋ.س غا دوكلات قىلىش ئۈچۈن غۇلجىغا كەتتىم>>( 50).
     زاكىر  تۆرە تىلغا ئالغان  ۋ. س  ئەمەلىيەتتە  غۇلجىدىكى 2- دومنىڭ باشلىقى، موسكۋانىڭ   جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىدىكى ھەربىي-سىياسىي باش مەسلىھەتچىسى گېنېرال مايور   ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ ئىدى.  زاكىر تۆرە ۋە ئىسكەندەر دائىم ئۇنىڭ ئىسمىنى قىسقارتىپ  ۋ.س دەپ ئاتىغان.  بىراق ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ئۇنى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ كوزلوۋ دەپ ئاتايتتى.
    سوپاخۇن سوۋۇروف ئۆز ئەسلىمىسىدە يەنە  مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى پالېنوۋ، تېكەس پولكىنىڭ كوماندىرى  نوغايبايېف، مەۋلانوف ۋە باشقىلارنىمۇ تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق پالېنوۋتىن باشقا قالغانن ئىككى قىرغىز  ھەربىي ئەرباب ھەققىدە كۆپ توختالمىغان.  يېڭى  ئېچىلغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى  ۋە  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەربابلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى   بىر قىسىم  شەخسلەرنىڭ  ئەسلى كىملىكىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بەردى.
   ( 1) زاكىر  تۆرە كىم؟  
   ئەمدى بىز زاكىر تۆرىنىڭ كىملىكى ھەققىدە توختىلايلى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاشكارىلانغان مەلۇمات شۇكى، زاكىر تۆرىنىڭ ئەسلى ئىسمى پېتىر  ئىۋانوۋىچ ساۋىن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى  سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېر ئىدى.  ئۇنىڭ ئەسلى ئىسىم فامىلىسى  پېتىر ئىۋانوۋىچ ساۋىن  بولۇپ، پېتىر ئۆزىنىڭ ئىسمى، ئىۋانوۋىچ دادىسىنىڭ ئىسمى،  ساۋىن فامىلىسىدۇر.  زاكىر ئۇنىڭ كېيىنكى ۋەقەلەردە ئىشلىتىلگەن  لەقەم خاراكتېرلىق ئىسمى بولۇپ ، بۇ ئۇنىڭ رازۋېتكا ھاياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ئىدى. ئۇ 1944-1946-يىللىرىدا  غۇلجىدا زاكىر ۋە ياكى زاكىر تۆرە دەپ ئاتالدى.
    زاكىر تۆرىنىڭ   كەسىپداش سەپدېشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىغا ئەۋەتكەن يەنە بىر  پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك  رازۋېتچىكى ئەلى ئەپەندى  ( ئەسلى ئىسمى  گابىت مۇزىپوۋ) بىلەن  1960-1970-يىللاردا يېزىشقان خەتلىرىنىڭ بىرىدە ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىنى قىسقىچە بايان قىلغان (51).  ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يېزىشىچە،   زاكىر ۋە ياكى پېتىر  قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل بويىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، يەرلىك مىللەتلەر تىللىرىنى ياخشى بىلەن رۇستۇر. ئۇ، 1906-يىلى، ئىسسىق كۆلنىڭ يەتتە ئۆگۈز رايونىدىكى  ئۇيغۇرلار ، قىرغىزلار ۋە رۇسلار بىر قەدەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان پوكروۋكا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1928-يىلىغىچە دېھقانچىلىق  قىلغان ھەمدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1929-يىلى  قىزىل ئارمىيىگە قوبۇل قىلىنىپ، پولكنىڭ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1929-يىلى  سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تەركىبىدە مەخپىي تۈردە ئافغانىستاننىڭ مازار شەرىپ، تاشقورغان قاتارلىق جايلىرىدا سوۋېتپەرەس ئامانۇللا خانغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. ئۇ 1930-يىلىغىچە ئافغانىستاندا  تۇرغان. ئۇنىڭ ئافغانىستاندا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىزىل بايراق  ئوردېنى بېرىلگەن.  سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەزكۇر ھەرىكىتى تامامەن مەخپىي ھەرىكەت بولۇپ، سوۋېت قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى يەرلىك ئافغانىستانلىقلارنىڭ كىيىمىنى كىيگەن  ۋە ئۆزلىرىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سىر تۇتقان ئىدى.
      زاكىر  1930-يىلى ھەربىي سەپتىن قايتىپ، ئۆز يېزىسىدا ساقچى بولۇپ  ئىشلىگەن ھەمدە 1933-يىلىغىچە قىرغىزىستان  تاغلىرىدا   سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى گۇرۇپپىلارنى ھەم باندىتلارنى  تازىلاش ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ، 1933-يىلى فرۇنزى شەھىرىگە  ( ھازىرقى بىشكەك شەھىرىگە)   يۆتكىلىپ، ئىچكى ئىشلار ئىدارىسىدە ئىشلىگەن شۇنىڭدەك  مەخسۇس دۆلەت ئامانلىق خادىملىرىنى تەربىيىلەش مەكتىپىدە ئوقۇغان.
     زاكىر 1941-يىلى، قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىغا يۆتكەلگەن. 1941-يىلى، ئۇرۇش باشلانغاندا  گوركىي رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىدا  باشقۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغاندىن  كېيىن، كۇرسك رايونلۇق  دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتۈگەن. ئۇ بۇ جايلاردا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنى تازىلاش،  گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ  تۈرلۈك دىۋىرسىيون ( بۇزغۇنچى)  گۇرۇپپىلارنى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سېپىگە ئەۋەتىپ،   ۋەيران قىلىش ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.  زاكىر  خېلى ئۇزۇن مەزگىل  تاشقى ۋە ئىچكى رازۋېتكا خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ مول تەجرىبە توپلىغاندىن كېيىن، 1944-يىلى،  موسكۋا  ئۇنى قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى  دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ 1- بۆلۈمىگە  ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگە  رەھبەرلىك قىلىشقا ئەۋەتكەن.
     بۇ ئەمەلىيەتتە ،  سوۋېت ئىتتىپاقى  كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1943-يىلى 4-مايدىكى شېڭ شىسەينى يىقىتىش ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنى قوللاش   قارارىنى ئىشقا ئاشۇرۇش  بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى موسكۋانىڭ قىرغىزىستاندا <<باتۇر>> ۋە<< بۇيگۇ>> قاتارلىق ئىككى ھەربىي ھەرىكەت  گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش پىلانىنى بېجىرىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.    زاكىر ، يەنى پېتىر ساۋىن  1944-يىلى، ماي ئېيىدا ئىسسىق كۆل بويىدا قۇرۇلغان << باتۇر >> ناملىق ئەترەتنىڭ رازۋېتكا ئىشلىرىغا مەسئۇل كوماندىرى بولغان.  << باتۇر>> ئەترىتىنىڭ ئەزاسى توقان يۈسۈباقۇنوفنىڭ ئەسلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا،  <<باتۇر>> ئەترىتى ئىسسىق ئاتا ئەتراپىدا تەربىيىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، نارىن ئەتراپىغا بېرىپ، تورغات ئارقىلىق قەشقەر ئەتراپىدا   بولىدىغان ئىنقىلابقا قاتنىشىش تەييارلىقىنى  قىلدى. بىراق، بۇ پىلان ئۆزگەرتىلىپ،  ئىلى پارتىزانلىرى 1944-يىلى، 20-نويابىر كۈنى قورغاس ( چىلپەڭزە) قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ، سۈيدۈڭنى قورشاۋغا ئالغاندىن كېيىن << باتۇر >> ئەترىتى 1944-يىلى، 26- دېكابىر كۈنى قورغاس ئارقىلىق سۈيدۈڭگە كىرىپ، سۈيدۈڭ ۋە كۈرەنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشتى(52). زاكىر ، يەنى پېتىر ساۋىننىڭ ئۆز ئەسلىمىسىدە بايان قىلىشىچە،  ئۇ  بۇ ۋاقىتتا  موسكۋادىكى ن ك ۋ د باش رەھبەرلىك ئورگىنىغا   چاقىرتىلغانلىقى ئۈچۈن، باتۇر ئەترىتى سۈيدۈڭگە كىرىپ، سۈيدىڭ ئازاد قىلىنىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن رادىست كالىنىن بىلەن بىرگە سۈيدۈڭگە كەلگەن ھەمدە كۈرەنى ئازاد قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ۋە گومىنداڭ تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان.
     ئارقىدىن ئۇ غۇلجا ئەتراپىدىكى جەڭلەرگە قاتناشقان. كېيىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە  مەسلىھەتچى  سۈپىتىدە ئىشلىگەن.  ئۇ تاكى 1946-يىلى 6-ئايلارغىچە بولغان ئارىلىقتا  رەھىمجان سابىر ھاجى مىنىستىرلىكىدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە  مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان ئەلى مەمەتوف بىلەن بىرگە  بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى قىلغان.  مەزكۇر مىنىستىرلىكنىڭ كونتېررازۋېتكا بۆلۈمىنىڭ خادىمى ، مىللىي ئارمىيە كاپىتانى  مەرھۇم رىشات سابىتوفنىڭ 2004-يىلى ئاپتورغا سۆزلەپ بېرىشىچە(53)، ئەلى ئەپەندى ۋە زاكىر ئەپەندىلەر ئاساسلىقى كونتېررازۋېتكا ( رازۋېتكىغا قارشى رازۋېتكا ) خىزمەتلىرىنى تۇتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىپىلىرى ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭنىڭ  ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ   ئازاد  ئۈچ ۋىلايەتكە ئەۋەتكەن جاسۇسلىرىنى ئېنىقلاش ۋە تۇتۇش، جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى ۋە كادىرلىرى،   مىللىي ئارمىيە رەھبەرلىرى ۋە كادىرلىرىنىڭ  سىياسىي يۈزلىنىش ئەھۋالىنى  تەكشۈرۈش، ئۇلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى  ئىدىيە ۋە پىكىرلەرنى ئېنىقلاش ھەمدە  مىللىي ئازادلىق  ھەرىكىتىگە قارشى ئىدىيە  ۋە   ھەرىكەتلەرنى كۆزىتىش ھەم   زەربە  بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى.  ئۇلارنىڭ بۇ  ھەرىكەتلىرى بىر تەرەپتىن  ئۈچ ۋىلايەت  ھۆكۈمىتىنىڭ  بىخەتەرلىكىنى قوغداش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدى.  ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ   ئۈچ ۋىلايەتتىكى پائالىيەتلىرىنى قاتتىق يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئوخشاشلا ئۆز دۆلەت مەنپەئەتى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزگەن بولسا كېرەك.    پېتىر ساۋىننىڭ قاچاندىن بېرى زاكىر دەپ ئاتالغانلىقى ئېنىق ئەمەس.  بىراق، <<قىزىل ئارمىيىنىڭ 20-يىللاردا ئافغانىستاندىكى ئالاھىدە  ھەرىكەتلىرى>> ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ << سىگان زاكىر-پېتىر ساۋىن>> ناملىق قىسمىدا مەخسۇس پېتىر ساۋىننىڭ  1920-1930-يىللاردىكى ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغا بولۇپ،  بۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: <<چىرايى كۆيۈپ ئاپتاپتا كۆيگەندەك كۆرۇنىدىغان    پېتىر ساۋىن ئافغانغا ۋە ئۇيغۇرغا ئوخشايتتى. ئۇ پوكروۋكىدا  رۇسچە ۋە قىرغىزچە سۆزلەشتى. تېرمېزدە بولسا ئۆزبېكچە سۆزلىدى. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىنلا رۇس تىلىدىن باشقا يەنە قىرغىزچە، ئۇكرائىنچە، ئۇيغۇرچە تىلنى ئىگىلىگەن ئىدى. ھەتتا ئۆزبېكچىنىمۇ بىلگەن ئىدى.  بۇ  ئۇنىڭ كىشىلەرگە يېقىنلىشىپ، نانغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ياردەم بەردى. پېترنى پولكتىكىلەر ئۇنىڭ قارىلىقى ۋە قوپاللىقى ھەم مىجەزىنىڭ  شوخلۇقى بىلەن باشقىلار ئۇنى  سىگان دەپ ئاتاشتى>>(54).
     پېتىر ساۋىن 1929-يىلى، قىزىل ئارمىيىنىڭ 81- پولكىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە ئۆزبېكىستان -ئافغانىستان چېگرىسىدىكى تېرمېز شەھىرىگە جايلاشقان ئىدى. 1929-يىلى،  5-ماي كۈنى قىزىل ئارمىيە ئۆز كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ خالاتلىرىنى كىيىپ، قىياپەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ  ئافغانىستان چېگرىسىدىن كىردى. بۇ ۋاقىتتا ئافغانىستاندا باچاي ساكاۋ باشچىلىقىدا  قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، ئامانۇللا خان ھاكىمىيىتىنى يىمىرىپ تاشلاپ، باچاي  ساكاۋ ئۆزىنى ئەمىر دەپ ئېلان قىلغان، ئافغانىستان خانى ئامانۇللا خان 1928-يىلى موسكۋاغا  بېرىپ ستالىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغان ئىدى. ئامانۇللا خان باشچىلىقىدىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 1919-يىلى قۇرۇلۇپ، مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئۇلۇغا برىتانىيىنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرغاندىن كېيىن لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيىسى بىرىنچى بولۇپ  ئاماننۇللا خاننى ئېتىراپ قىلغان  ھەمدە 1921-يىلى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا  ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالانغان، 1926-يىلى بولسا نېتېراللىق ۋە ئۆزارا ھۇجۇم قىلماسلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى. سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش ھەمدە ئۇلۇغ برىتانىيىنىڭ بۇ رايونغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامانۇللا خان  ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانغان ئىدى.
     باچاي ساكاۋ باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بولسا، برىتانىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى  مەزكۇر قوزغىلاڭچىلار ھاكىمىيىتىنى ئۆزى ئۈچۈ خەتەرلىك ھېسابلىدى  ھەمدە ئۇنى يوقىتىش قارارىغا كەلدى. ئەنە شۇ قارار بويىچە  سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تۇنجى قېتىم 1929-يىلى، ئافغانىستانغا كىردى. زاكىر ئەنە شۇ قوشۇننىڭ تەركىبىدە جەڭ قىلىپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىزىل  بايراق ئوردېنى بېرىلدى.
دېمەك، پېتىر ساۋىن ئەنە شۇ ئافغانىستانغا مەخپىي ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن  ئەۋەتىلگەندە زاكىر ئىسمى بىلەن ئاتالغان شۇنىڭدەك ئۇنى يەنە ئۇنىڭ سەپداشلىرى <<سىگان زاكىر >> دەپمۇ ئاتىغان.  زاكىر ، 1930-يىلى  يەنە بىر قېتىم ئافغانىستانغا ئەۋەتىلگەن.
    مەزكۇر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، پېتىر ساۋىن  بىر ئۆمۈر مەخپىي ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللانغانلىقى ئۈچۈن    دوستلىرى تەرىپىدىن «جۈدە سېكرېتنىي زاكىر» دېگەن لەقەمنى ئالغان(55).  رۇس تىلىدىكى«سېكرېتنىي»  ئۇيغۇرچىدا مەخپىي دېگەن مەنانى،«جۈدە» سۆزى ئۆزبېكچىدە  ناھايىتى دېگەن مەنانى بېرىدۇ.  بۇ لەقەمنىڭ تولۇق مەنىسى  «ناھايىتى مەخپىي زاكىر»  دېگەندىن ئىبارەتتۇر.
مەزكۇر ماقالىدە زاكىر ھەققىدە  مۇنداق دېيىلگەن:
    ساۋىن  فرونتتا ۋە  چەت ئەللەردە، تەبىئىي ھالدا شەرقتە مەخسۇس خىزمەتلەرنى ئاتقۇردى. ئۇ  يەنە بىر  قاتار قىزىل بايراق ئوردېنى ، لېنىن ئوردېنى،  ۋەتەن ئۇرۇشى ۋە  قىزىل يۇلتۇز ئوردېنلىرى بىلەن  مۇكاپاتلاندى. 50-يىللاردا  پودپولكوۋنىك ساۋىن ئىستىپاغا چىقتى ۋە ئائىلىسى بىلەن، يەنى، ئايالى، ئوغلى ۋە قىزى بىلەن بىرلىكتە كراسنادار شەھىرىدە ياشىدى. ئۇ  ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، ئۇرۇشتا يارىلانغان ( ئافغانىستاندىكى يارىلىنىشى ھېسابقا ئېلىنمىغان) دېگەندەك  سالاھىيىتى بىلەن ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىل نەپەقىگە ئېرىشتى. ساۋىن  دائىم  ئافغانىستان ۋە  شىنجاڭدا خىزمەت قىلغا سەپداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇراتتى، شىنجاڭ  -بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يەنە بىر تولۇق تارىخى، ئەمما بۇ باشقىچە بىر ھېكايىدۇر (56).
       پېتىر ساۋىن  غۇلجىغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن  يەنە  شۇ  زاكىر دېگەن ئىسىمنى قوللانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمىنى  ھەتتا مىللەت تەركىبىنى بىلمەيتتى. ھەتتا  كۆپىنچە  ھاللاردا ئۇنى بىلىدىغانلار ئۇنى  ھۆرمەتلەپ  زاكىر تۆرە دەپ ئاتايتتى. زاكىر ئۆزىنى ناھايىتى مەخپىي تۇتقانلىقى ئۈچۈن  ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ئىسمىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمىگەن. شۇ  سەۋەبتىن  ئۇيغۇرلار  ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمىنى بىلمەي، ئۇنى خاتا ھالدا  «زاھار كۇزنېتسوۋ»، «شۇخپۇل» دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتىدى خالاس.   پېتىر ساۋىن،  كەسپىي ھەربىي  جاسۇس  بولۇپ،   ئۇ  غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي رازۋېتكا ئورنى بولغان 2-دومنىڭ باشلىقلىرىدىن  ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋقا بىۋاسىتە بويسۇناتتى.
       زاكىر ، ئىسكەندەر ۋە ئەلى ئەپەندى ئىسىملىك ئۈچ پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك سوۋېت ھەربىي رازۋېتچىكلىرى  غۇلجىدا 2-دومنىڭ گېنېراللىرىدىن كېيىنكى  ھەربىي ئۇنۋان دەرىجىسى يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان سوۋېت  مەخپىي خادىملىرى بولسا كېرەك.
       زاكىر  بىلەن ئىسكەندەر يەنى، ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ، سوپاخۇن سوۋۇروف ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە قاسىمجان قەمبەرى ، داموللا رازى قاتارلىقلار باشلامچلىقىدىكى جەنۇبقا ئەۋەتىلگەن پارتىزان ئەترىتىنى نازارەت قىلىش ھەم مەسلىھەت بېرىپ  قارار چىقىرىشلارغا ئارىلىشىش  ھوقۇقىغا  ئىگە ئىدى.  ئۇلار بۇ كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن  2-دومنى خەۋەردار قىلىپ تۇراتتى.
        زاكىر  ، يەنى،  پېتىر ساۋىن  1946-يىلى 6-ئايدا  ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپە سۈپىتىدە ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ  كېتىش ئوپېراتسىيىسىگە قاتنىشىپ، غۇلجىدىن  سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەندىن كېيىن، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە فرۇنزې، كراسنادار، زھۇكوۋسكىي  قاتارلىق شەھەرلەردە ياشاپ، 1981-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆلگەن. ئۇ غۇلجا ۋە باشقا جايلاردا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن  لېنىن ئوردېنى ۋە قىزىل يۇلتۇز ئوردېنلىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. 1949-1951-يىللىرى موسكۋادىكى ماركىسىزىم-لېنىنىزم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، 1956-يىلى،  كېسەل سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پېنسىيىدە ياشىغان.
         زاكىر تۆرە 1946-يىلى 6-ئايدا ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ كېتىش ئوپېراتسىيىسىنى بېجىرىپ بولۇپ، 2 يىلدىن   كېيىن، يەنە بىر قېتىم خىزمەت بىلەن غۇلجىغا كېلىپ، گېنېرال ئىسساقبەك قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.  بۇ چاغدا ئۇ فرۇنزىگە يەرلەشكەن ئىدى(57).   ئەمما، ئۇنىڭ بۇ قېتىم غۇلجىغا قانداق كونكرېت ۋەزىپىلەر بىلەن  كەلگەنلىكى نامەلۇم. سوپاخۇن سوۋۇروف ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم خوشلاشقان 1946-يىلىنىڭ 1-يانۋار كۈنىدىن كېيىن  ئىككىنچى قېتىم ئۇنى كۆرمىگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ تاكى 1946-يىلى، 6-ئايغىچە غۇلجىدا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا  بۇ ئالتە ئاي جەريانىدا ئاقسۇ جەڭ مەيدانىدىكى سەپدېشى  سوپاخۇن سوۋۇروفنى قايتا ئىزدەپ كۆرۈشۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوق بولغان بولسا كېرەك.
      سوخاپۇن سوۋۇروفنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى زاكىر  ھەربىي ئىشلاردا سەزگۈر بولۇپ، ئۇ سوپاخۇندىن  ما بۇفاڭنىڭ 5-كورپۇسىنىڭ  ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ھەققىدىكى ھەربىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ يەنە نېمە ئۈچۈن ئاقسۇدىن چېكىنىش ۋە ئىنقىلابنىڭ توختاپ قېلىشى مەسىلىسىدە سوپاخۇنغا، بۇنىڭ پۈتۈنلەي موسكۋادىن كەلگەن بۇيرۇق  ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت سىرلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

(2) ئىسكەندەر  ئەپەندى كىم؟
     سوپاخۇننىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئىسكەندەر ئەپەندىنىڭ ، ئەسلى ئىسمى  ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوف بولۇپ،  ئۇ ئالمۇتىدا ياشاپ، 1975-يىلى، 75 يېشىدا ئۆلگەن(58). ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى ئۇنى چاخچاق تەرىقىسىدە <<3 ئى>> دەپ ئاتىشىدۇ. بۇنىڭ ئەۋەبى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ، دادىسىنىڭ ۋە فامىلىسىنىڭ ئوخشاشلا  ئىۋان  دەپ ئاتالغانلىقىدۇر.
      ئۇ 1900 -يىلى تۇغۇلغان  بولۇپ،  ياشلىق دەۋرىدە قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. ئۇ، 1934-يىلى، موسكۋا شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ، ما جوڭيىڭ قوشۇنلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن  ئالتايسكىي نامىدا سوۋېت  ن ك ۋ د سىنىڭ ئالمۇتا 13-ئاتلىق پولكىنى  ياردەمگە كىرگۈزۈپ، شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قالغاندىن كېيىن،  سوۋېت ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن ھەربىي رازۋېتكا خادىملىرى قاتارىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن. ئىۋانوۋ  ما جوڭيىڭ قوشۇنلىرىنى  يوقىتىش ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ھەمدە خوجا نىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قوزغىزلاڭچىلىرىنىڭ  تەقدىرىنى بىر تەرەپ قىلىش پىلانلىرىغا ئارىلاشقان ھەمدە قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا  بولغان. ئىۋانوۋ،   1934-1937-يىللىرى ئارىسىدا   شېڭ شىسەي ئارمىيىسىدە يۇقىرى رەھبەرلىك خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن ئىۋان پالېنوۋ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ئىدى(59).
     ئىۋانوۋ  1930-يىللارنىڭ  ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتقان ھەمدە 1944-يىلى، 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا  سوۋېت ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن پالېنوۋ كوماندىرلىقىدىكى بىر باتالىيونغا يېقىن قوراللىق ئەترەت تەركىبىدە پالېنوۋنىڭ مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە غۇلجىغا  كەلگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ ن ك ۋ د نىڭ پالېنوۋقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەخسۇس ئادىمى ئىدى.
       ئۇ،  غۇلجىغا كەلگەندىن كېيىن ئىسكەندەر ئىسمىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇنى كۆپىنچە ھاللاردا تاتار دەپ چۈشەنگەن . ئىۋانوۋ، يەنى ئىسكەندەر مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىدا  پالېنوۋنىڭ مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە تۇرغاندىن كېيىن(60) ئاقسۇغا چۈشكەن ئەترەتنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىلىك سالاھىتىگە بەلگىلەنگەن.
       سوپاخۇن سوۋۇروف ئۇنى <<مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىنىڭ ۋەكىلى>> دەپ يازغان بولۇپ، تەشكىلى جەھەتتە ئۇ بىۋاسىتە مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىغا تەۋە بولسىمۇ،  لېكىن ئۇ بىۋاسىتە  2-دومدىكى گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋقا بويسۇناتتى.  ئېگناروۋ  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش ھەربىي-سىياسى مەسلىھەتچىسى بولۇش سۈپىتى  بىلەن مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى پالېنوۋقا  مەسلىھەت بېرىشلا ئەمەس، بەلكى بۇيرۇق بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە دەپ قاراشقا ھەقلىقمىز دەپ ئويلايمەن.  مىللىي ئارمىيە شىتابى ئەمەلىيەتتە  ئېگناروۋنىڭ رۇخسىتىسىز ھەر قانداق چوڭ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنالمايدىغان بولۇپ، ئېگناروۋ    بارلىق چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ ئەھۋالىدىن موسكۋانى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇراتتى، مەسىلەن ، <<ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى>>دىكى ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە مىللىي ئارمىيىنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىش قىسىمىنىڭ 29- ئىيۇن كۈنى دۆربىلجىننى ئازاد قىلغانلىقى   بېرىياغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، بۇ  مەلۇماتقا سوۋېت ئىتتىپاقى  ن ك ۋ د(  ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى)نىڭ قوشۇنلىرىنىڭ مۇۋەپپەق قوماندانى گېنېرال ستاخانوۋنىڭ ئىمزاسى قويۇلۇپ، بېرىيا  ئارقىلىق ستالىنغا  يوللانغان[61].
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مىللىي ئارمىيىنىڭ  شىخو، جىڭ ۋە باشقا جايلاردىكى جەڭلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ستالىن، مولوتوۋ ۋە بېرىيا  قاتارلىق سوۋېت        ئالىي رەھبەرلىرى خەۋەردار بولۇپ، ئېگناروۋ ئالدى بىلەن بۇلارنى  ن ك ۋ د نىڭ بېشى  لاۋرېنتى بېرىياغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، بېرىيا ستالىن ۋە مولوتوۋقا يەتكۈزەتتى.
      سوۋېت دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ پودپولكوۋنىكى  ئىۋان ئىۋانوۋ ، يەنى ئىسكەندەر 1946-يىلى، 17- ئىيۇن كۈنى  پېتىر ساۋىن ( زاكىر ) بىلەن بىرگە ئەلىخان تۆرىنى قورغاستىن ئۆتكۈزۈپ كېتىش ئوپېراتسىيىسىنى بېجىرگەندىن كېيىن ئالمۇتىغا ئورۇنلاشقان.  ئەلىخان تۆرىنىڭ ئېلىپ كېتىلىش كۈنى ھەققىدە  28-ئىيۇل ۋە 13-ئىيۇن دېگەن قاراشلارمۇ بار. ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى، 13-ئىيۇن كۈنى دەپ  يازىدۇ. ئەمما سوۋېت ئارخىپىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، گېنېرال ئەگناروۋ 19- ئىيۇن كۈنى  سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىسىتىر كرۇگلوۋ بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئاباكۇموۋقا <<  17-ئىيۇن كۈنى    شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەلىخان تۆرە شاكىرخوجايېۋنىڭ  سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە>> تېلېگرامما يوللىغان(62). دېمەك ، ئەلىخان تۆرە 1946-يىلى، 17-ئىيۇن كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلگەن.
       ئەلىخان تۆرىنى مەخپىي تۇردە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىش ئوپېراتسىيىسىگە  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى كونتېررازۋېتكا بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇر خادىمى رىشات سابىتوفمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ بۆلۈمنى  بىۋاسىتە ئەلى مەمەتوف  ۋە زاكىر تۆرىلەر باشقۇراتتى. بۇ ھەرىكەتكە ئەلى مەمەتوفمۇ ئىشتىراك قىلغان شۇنىڭدەك بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقانلارنىڭ بۇ ئىشنى ئەبەدىي سىر ساقلىشى ھەققىدە تىل خەت ئېلىنىپ قەسەم قىلدۇرۇلغان. ئەگەر سىرنى پاش قىلسا، بۇنىڭغا ھاياتى بىلەن جاۋاب بېرەتتى.
        ئۇيغۇر تارىخىي شاھىدلىرى ئەلىخان تۆرىنى ئەكىتىش ئوپېراتسىيىسىگە  ئىسكەندەر، زاكىر ۋە ئەلى  قاتارلىقلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى يېزىشىدۇ(63). ئەمما، بۇنى ئارخىپلار ئاساسىدا يەنە بىر قەدەم  دەلىللەش لازىم.
       ئىسكەندەر  غۇلجىدىن كەتكەندىن كېيىن،  ئالمۇتىدا تۇرسىمۇ، ئەمما  غۇلجا بىلەن بولغان رازۋېتكا ئىشلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بارغان بولۇپ، 1946-يىلىدىن كېيىنمۇ   سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قورغاستىكى رازۋېتكا پونكىتى  پائالىيىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئىسكەندەر ئالمۇتىدا تۇرۇپ، ئىزچىل ھالدا ئىلىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرغان.
        ئىۋانوۋنىڭ  1955-يىلى  9-ئاينىڭ 10-كۇنى    ئوشقا  ئورۇنلاشقان  ئەلى مەمەتوفقا يازغان خېتىدە  ئۆزىنىڭ   بىخەتەرلىك   ئورگىنى تەرىپىدىن  1951-يىلى،ئۈرۈمچىدە ئىشلەشكە ئەۋەتىلىپ، 1954-يىلى، 28-ئۆكتەبىردە قايتىپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلغان(64). ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئىسكەندەر ئەپەندى 1951-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە  بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدە تۇرغان بولىدۇ. 1955-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا  يەنە موسكۋا 1944-1946-يىللىرى ئارىسىدا  غۇلجىدا كونسۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان، ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدىكى <<ئازادلىق تەشكىلاتى>> بىلەن ئالاقە قىلغان ھەمدە ئىنقىلابنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى باشقۇرغان داباشىنمۇ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق  كونسۇللۇققا تەيىنلىگەن ئىدى. دۇباشىن ، ئىسكەندەر قاتارلىق بۇ كىشىلەرنى ئۈرۈمچىدىكى سابىق مىللىي ئازادلىق  ئىنقىلابنىڭ رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى تونۇيتتى.  داباشىن بىلەن سەيفىدىن ئەزىز ئارىسىدا ئۈرۈمچىدە  رەسمىي  ئۇچرىشىشلار بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار مەۋجۇت. بۇ ۋاقىتتا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  1947-1949-يىللىرى ئارىسىدا  ئىلىغا ئەۋەتىپ، ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئىسساقبەك مۇنونوفقا مەسلىھەتچىلىككە سالغان خادىمى خېلەم خۇدابەردىيېفمۇ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىپ، نەشىرىيات ۋە ئاخبارات ساھەسىدە ئىشلىگەن.  خېلەم خۇدابەردىيېف  غۇلجىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ مايور ئۇنۋانى بىلەن ئېلاخۇن دېگەن ئىسىمنى قوللانغان ئىدى. سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە تەيىنلىگەن خادىمى، 1944-يىلى، تاشكەنت ئەتراپىدا پالېنوۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەشكىللەنگەن  گۇرۇپپىنى سىياسىي جەھەتتىن باشقۇرغان تۇرسۇن رەھىموفمۇ ئۈرۈمچىگە خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن ئىدى.
        ئىسكەندەر ، 1960-يىللاردا ئالمۇتىدىكى  چەتئەللىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىدىغان  ساياھەت ئورگىنى "ئىنتۇرىست"تا ئىشلىگەن ۋە كېيىن پېنسىيىگە چىقىپ، 1975-يىلى، 75 يېشىدا ئۆلگەن.
         قىسقىسى ئىۋان ئىۋانوۋ، يەنى ئىسكەندەر ئەپەندى  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1930-يىللاردىن تارتىپ، شىنجاڭ ئىشلىرىغا قاتناشقان، بۇ رايوننى  ياخشى بىلىدىغان كەسپىي  ھەربىي رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى.
موسكۋانىڭ  1943-1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا  ئۈرۈمچى ۋە  ئىلىغا  ئەۋەتكەن  مەخسۇس خادىملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى 1920-1930-يىللاردا بۇ جايغا ئەۋەتىلگەن  ۋە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرغان  ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىلى،  ئادەتلىرى، جەمىيەت ئەھۋاللىرىنى ياخشى بىلىدىغان ئادەملەر ئىدى。

(3)    ئەلى ئەپەندى -گابىت مۇزىپوۋ
          سوپاخۇن  سوۋۇروفنىڭ   « مەن كەچكەن كېچىكلەر»  ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە  ئەلى ئەپەندى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى شەخس زاكىر بىلەن ئىسكەندەر تىلغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن  بۇ يەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىخەتەرلىك خادىمى ئەلى ئەپەندىنىڭ كىملىكى ھەققىدىمۇ ئەسلەپ ئۆتۈش مۇۋاپىق بولسا كېرەك.
   1944-يىلى، غۇلجىغا ئەۋەتىلگەن سوۋېت مەخسۇس خادىملىرى ئىچىدە   باشقۇرۇت مىللىتىدىن كېلىپ چىققان ئەلى ئەپەندى  ئالاھىدە ۋەكىل خاراكتېرلىقتۇر. ئەلى ئەپەندىنىڭ ئەسلى ئىسمى  گابىت  گابىتوۋىچ مۇزىپوۋ بولۇپ، ئەلى ئەپەندى  ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەتكەن ئىسمى.  بۇ ئادەم  زاكىر ۋە ئىسكەندەرنىڭ يېقىن سەپدېشى ھەم دوستى ئىدى. ئۇلارنىڭ  ھايات مۇساپىلىرى چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن ھەم ئوخشاشلىقلارغا ئىگە.
     ئەلى ئەپەندى  رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە  باشقۇرتىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى   بايازىت يېزىسىدا   تۇغۇلۇپ،  قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل بويىدىكى قاراقول رايونىدا ۋە ئوشنىڭ گۈلچە چېگرا رايونىدا ئۇزۇن مەزگىل ۋەزىپە ئۆتىگەن.  گابىت مۇزىپوۋ 1938-يىللىرى بىر قېتىم قەشقەر تەۋەسىگە  ئايروپىلان بىلەن  تاشلىنىپ، 1938-يىلىدىن 1940-يىلىنىڭ بېشىغىچە ئاقسۇ شەھىرىدە « ئىستانبۇللۇق ئەلى ئەپەندى»  دېگەن ئىسىم بىلەن سودا قىلىپ يۈرگەن(65). ئەلى ئەپەندى قۇرئاننى ياخشى بىلىدىغان، دىنىي بىلىملەرگە ئىگە ، ئۇيغۇر، تاتار ۋە قىرغىز  تىللىرىنى بىلىدىغان كىشى ئىدى.  ئۇ ئۆزىنى ئاقسۇدا ئىستانبۇللۇق دەپ، مەخسۇس سودا دۇكىنى ئاچقان.
      ئەلى ئەپەندى، يەنى، گابىت مۇزىپوۋ 1944-يىلى ئىسساقبەك مۇنونوف بىلەن بىرگە ئوشنىڭ گۈلچە رايونىدا شىنجاڭدىن چىققان قىرغىز،  ئۇيغۇر ۋە يەرلىك ئۆزبېكلەردىن بىر قوراللىق ئەترەت قۇرغان بولۇپ،  « بۇيگۇ»  دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئەترەتكە ئىسساقبەك مۇنۇنوف كوماندىر ، ئەلى ئەپەندى  مۇئاۋىن كوماندىرى بولغان ئىدى.  بۇ ئەترەتنىڭ كوماندىرلار  تەركىبىدە  رازاق مەۋلانوفمۇ بار ئىدى.  بۇلار 1944-يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى غۇلجىغا كىرگەن بولۇپ،  ئۇ  كېيىن تېكەس  پولكىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي جۇمھۇرىيەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىلىكىنىڭ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان.
       ئەلى ئەپەندى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدا  رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە ئىشلىسىمۇ، لېكىن ئۇ  ئۈچ ۋىلايەتنىڭ بارلىق ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي رازۋېتكا خىزمىتىنى تۇتقان  ئىدى.  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كونتېررازۋېتكا باشقارمىسى ئۇنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن رىشات سابىتوفنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،  ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر ئەلى ئەپەندىنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئۇيغۇر ۋە ياكى تاتار بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلاتتى. ئۇ، ئۇيغۇر تىلىنى  ئازراق تاتارچە ئاھاڭ ئارىلاشراق سۆزلەيتتى. ئۇ ناھايىتى ئېغىر بېسىق  ھەم ھۇشيار ئادەم ئىدى(66).
       لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى كىملىكى ۋە ئەسلى مىللەت تەركىبىنى يوشۇرغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ باشقۇرىت مىللىتىدىن كېلىپ چىققان ۋە باشقۇرتىستاننىڭ  بايازىت يېزىسىدا ئوقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان، بىراق پۈتۈن ھاياتىنى   باشقۇرتىستان يايلاقلىرىدىن يىراق بولغان   ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ  قارا قول، قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجا، ئالتاي، ئوش شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئەلى ئەپەندى غۇلجىدا ئەلى مەمەتوف ۋە ياكى ئەلى ئەپەندى دەپ ئاتىلاتتى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن  جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئۇنى بىر  ئالاھىدە شاھادەتنامە ۋە بىر ئالتۇن قاپلىق تاپانچا بىلەن مۇكاپاتلىغان. شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئىستىقلالىيەت ئوردېنى بېرىلگەن.

ئەلى ئەپەندى 1946-يىلى ئالتايغا يۆتكىلىپ، تاكى 1949-يىلىنىڭ 2-ئېيىغىچە ئالتايدا ۋەزىپە ئاقتۇرغان.  ئەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ  ئالتايدىكى ئىككى يىللىق ھاياتى جەريانىدا ئاساسلىقى ئوسمان ئىسلامنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇش ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان بولۇپ،  گېنېرال مايور دەلىلقان سۇگۇربايېف بىلەن يېقىن ھەمكارلىقلاردا بولغان.ئەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئالتايدا تۇرغان ۋاقىتلىرى ھەققىدە كۈندىلىك خاتىرىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى يىللىق ھاياتىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغان ھەمدە قاچانمۇ بۇ جايلاردىن كېتەرمەن دەپ  ئارزۇ قىلغان ئىدى.ئوسمان ئىسلامنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا ئەينى ۋاقىتتا موسكۋا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  ن ك ۋ د- ن ك گ ب   تاشقى رازۋېتكا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گېنېرال لېيتىنانت  پاۋېل سۇداپلاتوۋنىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە،  1947-يىلى ستالىن    سۇداپلاتوۋنىڭ مۇئاۋىنى نائۇم ئەيتىنگوننى  شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، مىللەتچىلەرنى باستۇرغان ئىدى(67).پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى،  سۇداپلاتوۋ    ئاشكارىلىغان  ستالىن بىۋاسىتە ئەۋەتكەن گېنېرال مايور  نائۇم  ئەيتىنگون  بەلكى  ئالتايدىكى ئوسمان ئىسلام باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭنى يوقىتىش  ئوپېراتسىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ،   بۇ ۋاقىتتا نائۇم ئەيتىنگون يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى نكۋد سىنىڭ ئاتوم پىلانى ۋە  ئۇران تېپىشقا مەسئۇل  «  س»   بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى(68).  ئوسمان ئىسلام سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆكتوقاي رايونىدىكى  ۋولفرام كانلىرى دەپ ئاتالغان ،ئەمەلىيەتتە ئۇران بىلەن مۇناسىۋەتلىك كانلىرىنى قېزىشىغا قارشى چىققان بولۇپ،  ئوسمان ئىسلام ئالتاينى ئىگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كان خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ   ئالتايدا  يادرو قورالى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان  ئىستراتېگىيىلىك  يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىش پىلانلىرىغا تەھدىد پەيدا قىلغان ئىدى.
      ئەلى ئەپەندى نېمە ئۈچۈن 1946-يىلى 6-ئايدا باشقا رازۋېتچىكلار بىلەن بىرگە ئۆز ۋەتىنىگە قايتماي، ئەكسىچە ئالتايغا ئەۋەتىلىپ، ئۇ يەردە تۇرغۇزۇلدى؟ بۇنىڭ سىرى چوڭ بولۇپ، تەھلىل قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى نائۇم ئەيتونگوننىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
بۇ ۋاقىتتا غۇلجىدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىگەن ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئالتايدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. 1946-يىلى 6-ئايدىن كېيىن غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم مەخپىي خادىملىرى ئۆز ۋەتىنىگە كەتكەن  بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلغان شۇنىڭدەك يېڭىدىن خادىملار كېلىپ، ھەر ساھەلەرگە ئورۇنلاشقان ئىدى. ئەلى مەمەتوفنىڭ بۇ چاغدىكى ئالتايدىكى ۋەزىپىسى  ئوسمان ئىسلامنىڭ توپىلاڭلىرىنى باستۇرۇش ۋە ئالتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش بولۇپ، ئالتاينىڭ بىخەتەرلىكى  ئىلى ھۆكۈمىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى موسكۋا ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىم ئىدى. چۈنكى، بۇ چاغدا موسكۋا كۆك توقايدا  ئىنتايىن  مۇھىم بولغان ئىستراتېگىيىلىك   يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە ئىشلىتىۋاتاتتى.  ئالتاي قولدىن كەتسە، بۇ بايلىقلار قولدىن كېتەتتى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆك توقايدا زادى نېمە قېزىۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمىيەتكە پاش بولۇپ قالاتتى.
      ئەلى مەمەتوفقا 1945-يىلى،  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئىستىقلالىيەت 1-دەرجىلىك ئوردېنى ۋە  تاپانچە تەقدىم قىلىنىپ تەقدىرلەنگەن. ئەلى ئەپەندى بۇ تەقدىرنامە ھەم ئوردېننى بىر ئۆمۈر ساقلىغان  شۇنىڭدەك  تەقدىرنانىڭ كوپىيە نۇسخىسى ئۇنىڭ ئوغلى رەم مۇزىپوف تەرىپىدىن  2005-يىلى  مەزكۇر قۇرلارنىڭ مۇئەللىپىگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى. ئەلى ئەپەندى تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا     1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلاب  ۋە   شەخسلەر ھەققىدە كۆپلىگەن ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلىغان ھەمدە قول-يازمىلارنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنىڭ بىر قىسىمى سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىمى يەنىلا پەرزەنتلىرىنىڭ قولىدا قالغان ئىدى، مەزكۇر قۇرلارنىڭ ئاپتورى  كەمىنە ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدىن خەۋەر تېپىشقا مۇۋەپپەق بولدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق زاكىر، پالېنوۋ، ئىسكەندەر، ئەلى ئەپەندى ، نوغايبايەف، مەۋلانوف ، ئېگناروف ۋە باشقىلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ چۈشەندى.
ئەلى ئەپەندى ئوشقا ئورۇنلىشىپ، 1980-يىلى ئوش شەھىرىدە تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن  74 يېشىدا ۋاپات بولغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ سالاھىتى  سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ پولكوۋنىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن دەپنە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ھەم  ئۇنىڭ مۇسۇلمانچە دەپنە قىلىنىشىغا رۇخەت قىلىنىپ، ئۇنىڭ سەپدىشى ، 1937-يىللاردىكى قەشقەر پاجىئەسىنىڭ ئىگىلىرىدىن بىرى، 1945-1946-يىللىرى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئەۋەتىلىپ، تېكەس ئاتلىق پولكىغا كوماندىرلىق قىلغان راززاق مەۋلانوف  نامىزىنى چۈشۈرگەن.
(4)    پالېنوۋنىڭ ھەقىقى سىرى
       مىللىي ئارمىيىنىڭ 1945-يىلى، ئاپرېلدىن 1946-يىلىغىچە  بولغان ئارىلىقتىكى باش قوماندانى  گېنېرال مايور   پولېنوۋنىڭ  تولۇق ئىسمى ئىۋان گېئورگىيېۋىچ پالېنوۋتۇر.  ئۇنىڭ  مىللىتى رۇس.  ئۇيغۇرلار ئۇنى ئادەتتە پالىنوف  ياكى  پالىنوپ دەپلا ئاتايدۇ.  ئۇنىڭ ئىسمى   بەزىدە  رۇسچە مەنبەلەردە يەنە   ئىۋان ياكوۋلېۋىچ پولېنوۋ، يەنە بەزىلەردە ئىۋان گېئورگىيېۋىچ پالېنوۋ  دەپمۇ  ئاتىلىدۇ.  
پالېنوۋ سوۋېت ئىتتىپاقى   ن ك ۋ د سىنىڭ  خادىمى بولۇپ،   ئۇنى ياخشى بىلگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىگەن سوۋېت ئىتتىپاقى  رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ  كېيىنكى ۋاقىتلاردا يېزىشقان خەتلىرىدە ئۇنىڭ 1920-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ سوۋېت رۇسىيىسى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرى بويىچە ئىش  كۆرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. دېمەك، ئۇنىڭ  1945-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا  مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىشىمۇ موسكۋانىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىي شاھىدلىرىنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلانغاندا پالېنوۋنىڭ باشتا پارتىزانلار قوماندانلىق شىتابىنىڭ، كېيىن مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ تەكلىپى رول ئوينىغان ئىدى.

    پالېنوۋنىڭ ئەسلىدە چار پادىشا ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى ئىكەنلىكى ھەمدە 1930-يىللاردا  شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىدە گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بىلەن خىزمەت قىلىپ، كېيىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقى  ھەم تۈرمىدىن بوشاپ،  سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلىكى  مەلۇملۇق مەسىلە بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەسلى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى مەۋھۇم ئىدى. پالېنوۋنىڭ ئەسلى كىم ئىكەنلىكى    سوۋېت ن ك ۋ د سىنىڭ  غۇلجىدىكى  پودپولكوۋنىكلىرى،   ئەلى مەمەتوف، زاكىر تۆرە ۋە ئىسكەندەر ئەپەندىلەر ئۈچۈنمۇ ئەڭ قىزىقارلىق تېما بولۇپ،  ئوشتا ياشىغان   ئەلى مەمەتوفنىڭ   1970-يىللاردا  ئۆزىنىڭ غۇلجىدا بىرگە مەخپىي خىزمەت قىلغان  ئىككى  كونا دوستى-  ئالمۇتىدىكى ئىسكەندەر ۋە   كراسنادار شەھىرىگە يەرلەشكەن   زاكىر تۆرىلەر بىلەن يېزىشقان خەتلىرىدە پالېنوۋ ھەققىدە بىر قانچە قېتىم توختالغان ھەم پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى.
      ئەلى ئەپەندى ئىسكەندەردىن ( ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋتىن)  1973-يىلى پالېنوۋ  ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. ئۇ، 1973-يىلى، 7-سېنتەبىردىكى خېتىدە  پالېنوۋ ھەققىدە ئەتراپلىق جاۋاب بەرگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ 1934-يىلى پالېنوۋ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە پالېنوۋنىڭ  1917-يىلىدىن كېيىن تاشكەنتكە بارغانلىقى ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، غۇلجىغا قېچىپ  كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن ئۆمۈر بويى پۇشمان يېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى يازغان(69).  ئىسكەندەر، «  پالېنوۋ 1924-يىلى سوۋېت ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغان  ھەمدە سوۋېت گراجدانلىقىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بىزگە ياردەم بەردى ۋە  بىزنىڭ تاپشۇرۇقلىرىمىز بويىچە خىزمەت قىلغان»  دەپ بايان قىلغان[70].
      ئۇ، يەنە پالېنوۋنىڭ 1933-1934-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاپشۇرۇقلىرى بويىچە ئىشلىگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ،  « ئۇ، 1933-1934-يىللاردىكى ۋەقەلەرگە بىۋاسىتە بىزنىڭ رەھبەرلىكىمىزدە قاتناشتى»  دېگەن[71].ئارقىدىن يەنە  ئەلى ئەپەندى زاكىر تۆرە ( پېتىر ئىۋانوۋىچ ساۋىن)دىن  مەلۇمات سورىغان. پېتىر ساۋىن ( زاكىر )  1979-يىلى، 17-ئىيۇل كۈنى ئەلى مەمەتوف ئۈچۈن مەخسۇس  «  ئىۋان گېئورگىيېۋىچ پالىنوۋ ھەققىدە ئۇچۇر»  دېگەن تېمىدا خەت يېزىپ ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدا  ئۇ پالېنوۋ ھەققىدە  بىلگەنلىرىنى تەپسىلىي  يازغان.   بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەپسىلىسى  زاكىرنىڭ مەلۇماتىدۇر. بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ يېزىشقان خەتلىرىدىكى پالېنوۋ ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن ئۇنىڭ زادى  كىم ئىكەنلىكى  ئېنىقلىنىدۇ. بۇ ئۈچ رازۋېتچىكنىڭ مەلۇماتلىرىنى  بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن.  زاكىرنىڭ  مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا.   ئىۋان گېئورگىيېۋىچ  پالېنوۋ 1895-1896-يىللىرىنىڭ بىرىدە  تۇغۇلغان.  ئەسلى ئۇ ئورېنبۇرگ ۋە ياكى يەتتەسۇ  كازاكلىرىدىن بولۇپ، بۇ  جەھەتتە ئېنىق ئەمەس.   ئۇ، تاشكەنتتىكى  چارپادىشا ئارمىيىسىنىڭ تۈركىستان ھەربىي رايونىنىڭ شىتابىدىكى تالانتلىق ئوفىتسېرلاردىن بىرى ئىدى. پالېنوۋ   1914-يىلى  چار پادىشاھ  ئارمىيىسىنىڭ تۈركىستان ھەربىي رايونى تەرىپىدىن جۇڭگوغا  ھەربىي رازۋېتكا ئۈچۈن ئەۋەتىلىدۇ ھەمدە چاررۇسىيىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسىنى قوغدايدىغان  100  كىشىلىك ئەترەتنىڭ كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، 1918-1919-يىللىرى  قىزىل ئارمىيە ئۇنى تاشكەنتكە چاقىرىدۇ ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇ بۇ تەلەپنى رەت قىلىپ، غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، بىر مەزگىل يۈرىدۇ. 1921-يىلى ئاتامان دۇتوف سۈيدىڭدە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن پالىنوۋ بىر مەزگىل ئۆز ئالدىغا يۈرىدۇ، ئەمما 1926-يىلى غۇلجىدا سوۋېت كونسۇلخانىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن  ئۇ، كونسۇلخانىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ  كىم ئىكەنلىكى ۋە قانداق بولۇپ غۇلجىغا كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ بىر رۇس ئىكەنلىكى، رۇسىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى،  مانا ئەمدى سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئىشلەش ئارزۇسى بارلىقى ۋە ئۆز قولىدا نۇرغۇن رازۋېتكا ئۇچۇرلىرى بارلىقىنى ئېيتىدۇ، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سوۋېت رۇسىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا كىرىشىدۇ[72].  1933-1934-يىللىرى ئۇ سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ نورېيكو كوماندىرلىقىدىكى ئالتايىسكىي ئەترىتىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە شېڭ شىسەي ئارمىيىسىدە برىگادا كوماندىرى، گېنېرال مايور ئۇنۋانى بىلەن خىزمەت قىلىدۇ.  بۇ چاغلاردا ئۇ ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن مەخپىي خىزمەت قىلغان ئىدى.زاكىر ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرىگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى خادىملىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە زەربە بېرىش سىياسىي ئېلىپ بارغاندا  شېڭ شىسەي ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئاكىسى گرېبىنكىن گېئورگىي مىخايلوۋىچنى بىرلىكتە قولغا ئالىدۇ.  ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسى  شېڭ  شىسەيدىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغا بولسىمۇ، ئەمما شېڭ ئۇنداق ئادەملەرنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما،  سوۋېت كونسۇلخانىسى  پالېنوۋ ۋە گرېبىنكىننىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ،  نۇرغۇن  پۇل خەجلەپ،  ئۇلارنى ئاتىدىغان جاللاتقا پۇل بېرىپ ئۇنى سېتىۋالىدۇ، پۇتۈشۈم بويىچە، جاللات ئۇلارنى ئاتماي، ئوق چىقىرىپ قويۇپلا ئازگالغا دەپنە قىلىۋېتىش ، بىراق ئازراق توپا تاشلاپ قويىدىغان بولىدۇ، سوۋەت كونسۇلخانە خادىملىرى مۆكۈپ تەييار  بولۇپ تۇرىدۇ، ئوق چىقىپ، ئۇلارغا ئازگالغا كۆمۈۋېتىلىپ، ساقچىلار كەتكەندىن كېيىن سوۋېت خادىملىرى دەرھال كېلىپ، ئۇلارنى ئازگالنى كولاپ چىقىرىۋالىدۇ.  بۇ چاغدا گرېبىنكىن ئازراق تىنىۋاتاتتى، ئەمما پالېنوۋنىڭ تىنىقى توختىغان، بىراق دوختۇرلار سۈنئىي نەپەس ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنى سوۋېت  كونسۇلخانىسىغا ئېلىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا ماڭدۇرىۋېتىدۇ(73). ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنىڭ  ھەممىسىدىن شېڭ شىسەي بىخەۋەر ئىدى.
     پالېنوۋ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەندىن كېيىن،  1943-يىلىنىڭ بېشىدا موسكۋانىڭ بۇيرۇقى بويىچە  تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا شىنجاڭدىن چىققانلاردىن قوراللىق ئەترەت تەشكىللەيدۇ ھەمدە 1944-يىلى، 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆز ئەترىتىنى باشلاپ غۇلجىغا كېلىدۇ. ئۇ ، 1945-يىلى، 1-ئايدا  پېتىر  رومانوۋىچ ئالېكساندروۋنىڭ ئورنىغا  پارتىزانلارنىڭ باش قوماندانى، 1945-يىلى، ئاپرېلدا مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانىلىققا تەيىنلىنىدۇ(74).  پالېنوۋ  بۇ جەرياندا  ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى قوشۇنلارنىڭ  شىخونى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا  ۋە شىمالىي يۈرۈش قوشۇنىنىڭ چۆچەك ، دۆربىلجىن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىدۇ.
      ئۇيغۇر شاھىدلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا  ئۇ، غۇلجىدىكى 2-دومنىڭ مەسئۇلى، موسكۋا ئەۋەتكەن باش ھەربىي -سىياسىي مەسلىھەتچى  گېنېرال  ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ  ئېگناروۋنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مىللىي ئارمىيىنىڭ ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلىشىنى توختىتىپ قويغان. چۈنكى، ئۇ  مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىۋاسىتە بۇيرۇق بېرىشتىن ئىبارەت  ھەربىي ھوقۇق شۇنىڭ قولىدا ئىدى.   جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە   مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قالغاندىن كېيىن، 1945-يىلى،  10-ئايدا ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قۇرۇپ،  بۇ كومىتېتقا  پالېنوۋ، ئىسساقبەك، ئەخمەتجان قاسىمى  ۋە كەرىم ھاجىنى  كىرگۈزگەن ھەم ئۆزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلىپ، پۈتۈن ئارمىيىنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي  ھوقۇقىنى كونترول قىلغان ئىدى(75). تارىخىي شاھىدلارنىڭ  ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەلىخان تۆرە پالېنوۋقا مىللىي ئارمىيىگە بۇيرۇق بېرىپ، ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ، داۋانلىق ھۇجۇم قوزغاشقا بۇيرۇغان.  بىراق، ئۇ  ئەلىخان تۆرىنىڭ  بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىغان.  ئۇ، ئۆزىنىڭ ئامالسىز ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ پەقەت موسكۋانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىدۈرگىنىدە، ئەلىخان تۆرە ئۇنىڭ گېنېراللىق پاگونىنى يۇلۇپ تاشلىغان(76). بىراق، پالېنوۋ بەرىبىر بۇيرۇقنى ئىجار قىلىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.  پالېنوۋ شۇنىڭدىن كېيىن،  ئەلىخان تۆرە تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما   يەنىلا 1946-يىلىنىڭ 6-ئايلىرىغىچە  مىللىي ئارمىيىنى ئىدارە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ،   تىنچلىق بېتىم ئىمزالىنىشىدىن كېيىن،  سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىدۇ.  زاكىر تۆرە  « پالېنوۋ 1947-يىلى  شىنجاڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا پۈتۈنلەي  كەتتى ۋە تاشكەنت شەھىرىگە كېلىپ يەرلەشتى»  (77)دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، پالېنوۋ  تاشكەنتكە يەرلىشىپ، ئالدى بىلەن تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، تارىخ كەسپى ئۆگىنىدۇ ۋە  مەخسۇس  شىنجاڭ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە دېسسىرتاتسىيە ياقىلىغان.
     سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات ساھەسىگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،  پالېنوۋ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تاشكەنت  شەرقشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى ئىدى.  بۇ يەردە تاشكەنت رادىئوسىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو ئاڭلىتىش باشلانغان ھەمدە تاشكەنتتە  « شەرق ھەقىقىتى»   ژۇرنىلى نەشىر قىلىنىۋاتقان بىر پەيت ئىدى. بۇ ۋاقىتتا يەنە « شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى نەشرىياتى قۇرۇلغان  بولۇپ،  تاشكەنتتە   سوۋېت ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە زىيالىيلىرىدىن   تۇرسۇن رەھىموف،  تۇنجى ئۇيغۇر تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەرشىدىن ھىدايەتوف، تۇنجى بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى  ئابدۇمېجىت روزىباقىيېف، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى  ئوسمان مەمەتاخۇنوف ۋە باشقا ئونلىغان ئەربابلار خىزمەت قىلىۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا تاشكەنتكە يەرلەشكەن  پالېنوۋنىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا قىزىقىشى ھەمدە  تەتقىقاتقا كىرىشىشىدە   بەلكى ئۇنىڭ بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.  پالېنوۋ تاشكەنتتە  ياشىغان  1946-1955-يىللىرى   ئەلىخان تۆرىمۇ تاشكەنتتە بولۇپ، بىراق  پالېنوۋ بىلەن  ئەلىخان   تاشكەنتتە  كۆرۇشمىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكى   بۇ ئىككى ئەربابنىڭ ئىلىدىكى كونا  قورساق كۆپىكى ۋە ياكى  سوۋېت  ك گ ب سىنىڭ بويۇنتۇرۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. پالېنوۋ ئۆمرىنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق قىسىمىنى   ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكۈزگەن ۋە  ئۇيغۇر تىلىنى بىر قەدەر ياخشى بىلگەن ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئالاھىدە قىزىققانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىنىش  ۋە تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ھەمدە  « 1912يىلىدىكى ئىلى شىنخەي ئىنقىلابى»  دېگەن تېمىدا دېسسىرتاتسىيە ياقىلىغان ھەم  تارىخ پەنلىرى كاندىدات دوكتورى نامىغا ئېرىشكەن .  پالېنوۋ 1955-يىلى تاشكەنتتە كېسەل سەۋەبى بىلەن 60 يېشىدا  ۋاپات بولغان.1947-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى پالېنوۋنىڭ   ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن   ئۇنىڭغا  قىزىل يۇلتۇز ئوردېنى تەقدىم قىلغان.زاكىر ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، پالېنوۋ  ئىلىدىكى ئاق گۋاردىيىچى رۇسلارنىڭ سوۋېتكە قارشى ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھىمايە قىلىش يولىغا مېڭىشىدا كۆپ تەشۋىقاتچىلىق خىزمىتى قىلغان . 1941-يىلى، 6-ئايدا  گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا  ھۇجۇم قىلغاندا، پالېنوۋنىڭ  تەشۋىقاتلىرى نەتىجىسىدە  ئاقلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۈركۈملەپ، غۇلجا ۋە چۆچەكلەردىن سوۋېت  ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ، گىتلېر ئارمىيىسىگە قارشى جەڭگە قاتنىشىپ، رۇس ۋەتىنىنى قوغداشقا ئاتلانغان  ئىكەن.  ئۇ،  ئىلى، چۆچەكتىكى خەلقلەر ۋە رۇسلار ئارىسىدا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە بولغان ئىدى .ئىۋان پالېنوۋنىڭ مىللىي ئارمىيىدىكى ئابرويىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ،  مىللىي ئارمىيىنىڭ  ئوفىتسېرلىرى ئۇنى  جەڭچىلەرگە كۆيۈمچان، ئۇيغۇرلارغا  ئۆزىنى يېقىن تۇتىدىغان، ئۇيغۇر تىلىنى خېلى ياخشى بىلگەن ، جەڭگە ماھىر، قابىل قوماندانى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ.پالېنوۋ  ئەسلىدە  1934-1937-يىللىرى ئارىسىدا موسكۋا  ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتكەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوفىتسېرلىرىدىن  نورېيكو، پاۋېل رىبالكو ۋە ئوبۇخوۋلارنىڭ  دوستى ھەمدە ئۇلار بىرلىكتە ھەربىي  مەكتەپ پۈتتۈرگەن بولۇپ، رىبالكو ۋە ئوبۇخوۋ  قەشقەردە ماھمۇت مۇھىتى كوماندىرلىقىدىكى ئۇيغۇر 6-دىۋىزيىسىنى كونترول قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. رىبالكو كېيىن،  ۋەتەن ئۇرۇشى دەۋرىدە  سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ تانكا قىسىملىرىنىڭ مارشالى بولدى ۋە  ئىككى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى نامىغا ئېرىشتى شۇنىڭدەك كىيېف، بېرلىن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىشتا رول ئوينىدى. ئوبۇخوۋ بولسا  كېيىن، گېنېرال لېيتىنانت بولغان.پالېنوۋ ئۆزىنىڭ رىبالكو ۋە ئوبۇخوۋلاردىن  قېلىشمايدىغان ھەربىي تالانتى بارلىقىنى سۆزلەپ يۈرگەن ئىكەن.  ھەمدە  ئۇ سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن 1918-1919-يىللاردىنلا تاشكەنتتە قېلىپ خىزمەت قىلغان بولسا، چوقۇم ئەنە شۇ كىشىلەردەك يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئۆز ھەربىي تالانتىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىنى پۇشايمان ئىچىدە تەكىتلىگەن ئىكەن.

پايدىلانغان ئەسەرلەر:
[1]. سوپاخۇن سوۋۇروف. مەن كەچكەن كېچىكلەر. 397-398-بەتلەر.
[2] .شۇ ئەسەر.399-بەت.
(3) .قوجاي دوقاس . ئۈچۋىلايەت ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىسىدا . ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى . 4-سان.
.(4). شۇئەسەر.480-481-بەت.
[5] .توختى ئىبرايىم. مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىسى . 2003-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. ئۈرۈمچى .
6] .سوپاخۇن سوۋۇروف. شۇ ئەسەر 481-بەت.
[7] . بارمىن. ئا. ب.ئا. بارمىن. سىنزيان ۋ سوۋەتسكو-كىتايسكىخئوتنوشەنىياخ 1941-1949گگ. ( شىنجاڭ 1941-1949-يىللاردىكى سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە). بارنائۇل. 1999. 78-بەت.
[8] . «يېڭى زامان» گېزىتى، 1999-يىلى، 6-ئاي. ئالمۇتا، ئۇيغۇرچەنەشىرى.
[9] . ك ئىستورىئى ۋنېشنېي رازۋەتكى كازاخسستانا.( قازاقىستان تاشقى رازۋېتكا تارىخىدىن ).
[10] .ب.ئا. بارمىن. سىنزيانۋ سوۋەتسكو-كىتايسكىخئوتنوشەنىياخ 1941-1949گگ. (  شىنجاڭ 1941-1949-يىللاردىكى سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە). بارنائۇل.1999. 78-بەت.
[11] . ۋ.ئوبۇخوۋ، سخۋاتكا شېستى ئىمپېرىي .بىتۋا زا سىنزيانا. ( ئالتە ئىمپېرىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈنئېلىشىش ). ۋېچې نەشىرىياتى،موسكۋا.2007. 297-بەت.
[12 ] . گېئورگىي مېلىكيانىس، ۋوستوچنيي تۇركېتسان بيلبروشېن نا پروئىۋول سۇدبي. ئىزۋېستىئا، ( خەۋەرلەرگېزىتى). موسكۋا، 2002-يىلى، 23-ئاۋغۇست.
[13] . ۋ.ئوبۇخوۋ، سخۋاتكا شېستى ئىمپېرىي .بىتۋا زا سىنزيانا. ( ئالتە ئىمپېرىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈنئېلىشىش ). ۋېچې نەشىرىياتى، موسكۋا.2007.298-بەت
[14] . ۋ.ئوبۇخوۋ، سخۋاتكا شېستى ئىمپېرىي .بىتۋا زا سىنزيانا. ( ئالتە ئىمپېرىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈنئېلىشىش ). ۋېچې نەشىرىياتى،موسكۋا.2007. 298-بەت.
[15] ،بارمىن ئا. شۇ ئەسەر .71-72-بەتلەر.
[16] . رۇسىيە فېدېراتسىيىسى دۆلەت ئارخىپى. فوند ر-9401 س/چ. ئوپ.2. د.96. ل.197-198// ئى. ۋ ستالىننىڭ « ئالاھىدەپاپكىسى». سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى سېكرىتارىياتىنىڭ1944-1953-يىللىرىدىكى ماتېرىياللىرىدىن . رۇسىيە ھازىرقى زامان تارىخى ھۆججەتلىرىكاتالوگى. موسكۋا .1-توم. 1994.
[17] . رۇسىيە فېدېراتسىيىسى دۆلەت ئارخىپى. فوند ر-9401 س/چ. ئوپ.2. د.144، ل.383 // ل.ئى بېرىيانىڭ « ئالاھىدە پاپكىسى» سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكىئىشلار خەلق كومىسسارىياتى-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى سېكرىتارىياتىنىڭ1944-1953-يىللىرىدىكى ماتېرىياللىرىدىن . رۇسىيە ھازىرقى زامان تارىخى ھۆججەتلىرىكاتالوگى. موسكۋا .4-توم. 1996
[18].پاۋېل مىخايلوۋىچ فىتىن ھەققىدىكى مەلۇمات. http://www.hrono.ru/biograf/bio_f/fitin_pm.php.
[19] . « يېڭى زامان» گېزىتى، 1999-يىلى، 6-ئاي.ئالمۇتا، ئۇيغۇرچە نەشىرى.
[20] . خېلەم خۇدابەردىيېف بىلەن سۆھبەت. خېلەم خۇدابەردىيېف 1947-1949-يىللىرى ئىلىدا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە مىللىي ئارمىيە شىتابىدا مەسلىھەتچى تەرىقىسىدە خىزمەتقىلغان. 1960-1980-يىللىرىدا ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە2003-يىلى تاشكەنتتە ۋاپات بولغان. ئابلەت كامالوۋنىڭ ئەسىرىگە قاراڭ:Ablet Kamalov : Uyghur Memoir Literature in Central Asia on Eastern Turkestan Republic (1944-1949). Studies on Xinjiang Historical Sources in 17-29thCenturies. Edited by James Millward, Shinmen Yasushi, Sugawara Jun. Tokyo. The Toyo Bunko.2010. pp. 278-289-
[21] . ك ئىستورىئى ۋنېشنېخ رازۋېتكى كازاخستانا ( قازاقىستان تاشقى رازۋېتكىسى تارىخى)
[22] ك ئىستورىئى ۋنېشنېخ رازۋېتكى كازاخستانا (قازاقىستان تاشقى رازۋېتكىسى تارىخى)
[23] . ئابدۇۋاخاپ مونىيېف. گېنېرال ئىسساقبېك . بىيتىك . 2006. بۇ ماقالە قىرغىزچە «ئەركىن تووو»گېزىدە بېسىلدى.قىرغىزچە
[24] .ئەلىخان تۇرە ساغۇنى. تۈركىستون پاجىئەس. ئىستانبۇل. 2012.
[25] .ئا.بارمىن. شۇ ئەسەر. 79-بەت
[26] . « ۋ.م.مولوتوۋنىڭ ئالاھىدە پاپكىسى» . رۇسىيە فېدېراتىسيىسى دۆلەت ئارخىپى. فوند 9401 س.ئوپ.2. د.104 ۋە د.300-303. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقئىچكىس ئىشلار كومىسسارىياتى- خەلق دۆلەتبىخەتەرلىك مىنىستىرىلىكى سېكرىتارىياتىنىڭ ماتېرىياللىرى.1944-1953. رۇسىيەيېقىنقى زامان تارىخى ئارخىپخانىسىنىڭ كاتالوگى. موسكۋا.2-توم.1994.
[27] . « ستالىننىڭ ئالاھىدەپاپكىسى»،رۇسىيە دۆلەت ئارخىپىدا ساقلانغان. بۇ ھۆججەت. تۆۋەندىكى ماقالىدىنئېلىندى. گېئورگىي مېلىياكىنسنىڭ «ۋوستوچنىي تۇركېستان بيل بروشون نا پروئىزۋول سۇدبي» ماۋزۇلۇقماقالىسىدىن ئېلىندى. خەۋەرلەر گېزىتى. 2002-يىلى، 23-ئاۋغۇستتىكى سانى.
[28] . ق. غوجامبەردىيېۋ. ئۇيگۇري (ئۇيغۇرلار. قەدىمكى زامانلاردىن تا ھازىرقى كۈنلەرگىچە ئەتنو-سىياسىي تارىخى).516-بەت. 2009-يىلى، ئالمۇتا.
[29] .ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم بىلەن سوھبەت. 2004-يىلى، 11-ئاي. شۇنىڭدەك ئا.كامالوۋنىڭ ئەسىرىگە قاراڭ

مەنبە: باغداش مۇنبىرى       http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=8472


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8209
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 11:21:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرى ھەممەيلەننىڭ بىردەك ئىتىراپ بىلەن ياخشى كۈرىشىگە سازاۋەر بۇلۇپ كەلدى. بۇئەسەرنى باغداش مۇنبىرىدە بەشكە بۈلۈپ ئېلان قىلغان ئىدى، مەن بۇيەرگە بىرپۈتۈن ئەسەر قىلىپ يوللاپ قويدۇم.
ئەسەر سەل ئۇزۇن، ئۇنى قىسقارتىپ ئالسام، ئەسلى ئاپتۇرغا ھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن دەپ ئۆزپىتىلا يوللۇدۇم، دوستلارنىڭ چۈشۈرۋېلىپ، ۋاقتى چىققاندا ئۇقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەم ئاپتۇر نەبىجان تۇرسۇنغا تەشەككۇر بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مۇشۇنداق ئىسىل تارىخى تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىنى ئارزۇقىلىمىز.

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 11:50:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ھەربىر قەلەم ئىگىسىگە تەشەككۈر!

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 858
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3112 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 12:27:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقەقەتەن دادىللىق بىلەن يىزىلغان تارىخ تەتقىقاتى ، شۇ ۋاقىتلاردىكى بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ تەغدىرى  سىتالىننىڭ قولىدىكى بىر تال پىشكىكەن خالاس ... ھەي! شۇ تارىخلارنى ئوقۇسا ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالىدۇ .  

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 12:58:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى كۆپ تارىخى سىرلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت... شۇنچە قىممەتلىك تارخى ئۇچۇر ئىپادە قىلنغان يازمىغا چۈشكەن ئىنكاسنىڭ تايىنى يوق ... مۇنبەر ئەزالىرى كور بولۇپ قالدىمۇ- نىمە؟؟؟ ھېلى، مۇھەببەت ھەققىدىكى بىرەر ھىكايە ياكى شىئېر -وشاق بولغان بولسا، بۇلبۇلدەك سايراپلا كېتەتىڭلار- ھە؟

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!
foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 01:17:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25514
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 01:22:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشىرىۋالدىم ، ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىمەن ، سۇڭ ، تاڭ ، چىڭ سۇلالاىرىنى كىتابلىرىمىزدىن تارتىپ پىچىپ يېيىپ كاللىغا ئۇنىمىساق ئۇنىماي  ئۇيۇشۇپ كەتتى ، ئۆزىمزنىڭ تارىخنىمۇ كۆرەيلى ، ئۈگىنەيلى ، تەتقىق قىلايلى ، شۇندىلا چوڭ بولىمىز .

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78779
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2013-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 01:34:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تارىخىنى بىلىش ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ مەژبۇرىيتى،
ئوز تارىخىنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ مەن شۇ مىللەتتىن دىيىش
ھۇقۇقى بولمايدۇ،      تارىخ شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى  ئىسپاتلايدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10971
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 01:39:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە كۇپ رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5630
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 01:39:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىتالىننىڭ غەزىپىمىزنى قوزغايدىغان، تېخى ئىچىلمىغان يەنە قانچىلىك رەزىللىكلىرى باردۇر دېگەننى ئويلاپ قالىمەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش