|
|
|
|
توربەت
(ongmas) ئېچىپ قۇچاق كۈلۈپ باقتىڭ، قىلىپ مەپتۇن مېنى توربەت،
غۇلاچ كېرىپ قوبۇل قىلدىڭ، سەينايىڭغا مېنى توربەت.
ھازىرلانغاچ ماڭا سەھنە، خوشال سەپكە قېتىلدىممەن،
تەپەككۇرۇم ئېشىپ بۇندا، چېنىقتىم ھەم يېتىلدىممەن.
نامايەن قىپ ماھارەتنى، بىزەچە شېئىرلار يازدىم، بىلىمگە بولمىغاچ كامىل، يېزىشتا بەزىدە ئازدىم.
ئۆتۈلسە گەر سەۋەن مەندە، بەرسە تەكلىپ تورداشلىرىم،
سەمىمى، چىن قوبۇل ئەيلەپ، ئېيتاي رەخمەت دىلداشلىرىم.
قوللاش بىلەن قاناتلاندى، مېنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىم،
غەيرىتىممۇ ئاشتى يەنە، يۇقاپ ئەندىش-گۇمانلىرىم.
شۇڭا كۆپتۇر رەخمەت ساڭا، بەرگەچ پۇرسەت ماڭا توربەت، ‹‹چولپان››لىرىڭ قاتارىدىن بەرگەچ سورۇن ماڭا توربەت.
ئاپتورى : باي ناھىيىسىدىن: (ongmas) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 10:48 AM
|
|
|
|
|
|