قەلەم دەردى
ئاي-ھاي، دوستۇم، بايان ئەيلەي، قۇلاق سېلىڭ، بۇ دەرتلەرگە،
نە دەرت؟ بەلكى، قەلەم ئاتلىق دوستۇم بەرگەن كۈلپەتلەرگە.
تولدۇراتتى تەۋرەپ خۇشھال، تىزىپ مىسرا بەت-بەتلەرگە،
شۇنداق قىلىپ قاندۇراتتى، يۈرىكىمنى چەشمىلەرگە،
يوقاپ كەتتى، ئۇزۇن بولدى، سەرسانمىدۇ نە چۆللەردە؟
بۇرۇن خېلى ئوبدان ھەمداش، ھەم پاراڭداش، سىرداش ئىدۇق،
كۆرۈپ قەلبىم، تەييارلىنىپ، شوخ تەۋرەيتتى ئىزلار سېلىپ.
خۇشاللىقىم ۋە قايغۇمغا، ھاياجانغا تەسەللىيتى،
چوڭقۇر مەدەت سۆزى بىلەن، توختىماستىن قۇرلار بېسىپ،
كۆرۈنەيدۇ، ھاردىمىكىن، مېڭىۋىرىپ يولدىن ئېزىپ.
ئانچە-مۇنچە ئىزدەپ مېنى، تۇتقۇزاتتى ئۆزىنى چىڭ،
نادان خەلىق ھالىنى ھەم ئەسكەرتەتتى توختىماستىن.
قىلمىشلارنى سۆكۈپ تۇر ھەم، ئۆزۈڭمۇ بەك يىراق تۇر دەپ،
بەزى قاتراپ توختىمايتتى، ھەتتا كېچە ئۇخلىماستىن،
تاپالمىدىم، نە كەتكەندۇ؟ ئەمدى مېنى ساقلىماستىن.
"ھايا ئىمان---ھايات شۇدۇر"،تەربىيەسى ئىدى ئۇنىڭ،
ئاچچىقىدا قاڭقىپ قالتى، ھورۇنلۇقۇم باغلاپ ئالسا.
شاۋقۇنلىسا تومۇردا قان، مەمنۇن بولۇپ تەبەسسۇمدا،
ھەمرا ئىدى بېسىققۇچەم، ئېلھاملىرىم قايناپ قالسا،
ئەمدى قانداق قىلارمەن تاڭ؟ بەڭۋاشلىقىم يۈگەن سالسا.
چېكىپ خەلقىم يۈرىكىنى، تىڭشاي دەيتتىم ساداسىنى،
بىلەي دەيتتىم نېمە ئۇنىڭ ئىنتىزارى ھەم بىزارى.
ئىنتىزارلىق باغلىرىغا تەرسەم چىمەن، چېچەكلىسە،
تەشنالىقى قانسا ئاندىن، بولسا ئىدى مەندىن رازى،
ئارزۇيۇمنى كۆكلەتمىدى، قېنى قەلەم؟؟؟ ئۆتتى زارى.
ئۇزۇن بولدى تەۋرىمىدى، ئىنتىلسىمۇ يۈرىكىم لىك،
يامان ئىكەن كۆيگەندىن بەك، كۆنۈپ قالغان... قەلەم دەردى.
تېپچەكلىسە مۇشتەك يۈرەك، بېسىقتۇرار كۈچ بولمىسا،
بۇرۇقتۇرما بولۇپ كەتتىم، ماڭا ياشاش راست تەس كەلدى،
ئىيتىڭلارچۇ مەن نە قىلاي؟ ئىجادسىز بۇ ياشلىقىمنى.
مەنبە: مېنى مۇشۇ دەرتكە سالغۇچى، يەنىلا قەلەم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izgv-hiyal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 06:57 AM