مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1153|ئىنكاس: 5

تۈرك تارىخشۇناسلىقىنىڭ غۇرۇرى-ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79855
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3472
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 12:53:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                             تۈرك تارىخشۇناسلىقىنىڭ غۇرۇرى- ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان


                                                       يۈسۈپجان ياسىن


20- ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر تارىخچىلاردىن بىرى بولغان  ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان 1890- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى بۈگۈنكى باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشىمباي ناھىيىسىدىكى كۈزەن يېزىسىدا تۇغۇلغان. دادىسى ئەھمەدشاھنىڭ مەدرىسىدە باشلانغۇچ تەربىيىنى، 1902- يىلىدىن باشلاپ ئۈتەكتىكى تاغىسى ھەبىب نەججارنىڭ مەدرىسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى ئالغان زەكى ۋەلىدى 1908- يىلى قازاندىكى قاسىمىيە مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1909-يىلى قاسىمىيە مەدرىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاشۇ  مەدرىسدە تۆت يىل  تۈرك تارىخى ۋە ئەدەبىياتى دەرسلىرىنى ئۆتكەن. 1912- يىلى تۇنجى كىتابى ‹‹تۈرك ۋە تاتار تارىخى›› نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، روسىيە تەۋەسىدە ‹‹ۋەلىدوف›› دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر بىر تارىخچىغا ئايلانغان ھەم ئاشۇ كىتابىنىڭ شۆھرىتى بىلەن 1913- يىلى قازان ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە ۋە تارىخ جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.1913-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1914- يىلىنىڭ باشلىرىدا قازان ئۈنىۋېرسىتېتى نامىدىن قەدىمكى قول يازمىلارنى تەتقىق قىلىش مەقسىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا ۋە پەرغانە قاتارلىق شەھەرلەردە  ئۈچ ئاي ئىلمىي زىيارەتتە بولغان. بۇ زىيارىتىنىڭ دوكلاتى پېتېربورگ ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتى، قازان ۋە تاشكەنت ئارخېئولوگىيە جەمئىيەتلىرىنىڭ مەجمۇئەلىرىدە ئىلان قىلىنغان. بۇ زىيارىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقلىرىدىن بىرى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ پەرغانە نۇسخىسىنى بايقاپ، بۇنى ئىلىم دۇنياسىغا  تۇنۇتقانلىقىدۇر.

بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رۇسىيە ھاكىمىيتىدە پارلامېنتنىڭ كۈچىيىشى بىلەن زەكى ۋەلىدى سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغان. ئۇ ئۇفا ۋىلايىتى مۇسۇلمانلىرىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە 1916- يىلى ‹‹دۇما››نىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. بولشىۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، رۇسىيە تۈركلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۈرلۈك سىياسىي تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇپ،  ھەر خىل كونگىرسلەرگە قاتناشقان. 1917- يىلى رۇسىيە قۇرغۇچىلار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. بولشىۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن سىياسىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان. بولشىۋىك ئىنقىلاۋى پارتلاپ  22 كۈندىن كېيىن، يەنى 1917- يىلى 11- ئاينىڭ 19- كۈنى باشقۇردىستان مۇختارىيات ئىلان قىلغان. 1918-يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۈنى سوۋېت ئارمىيىسى ئورېنبۇرگنى ئىشغال قىلغاندا، زەكى ۋەلىدى قولغا ئېلىنغان. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 7- كۈنى تۇرمىدىن قېچىپ چىققان. 1919-1920- يىللاردا باشقۇردىستاننىڭ ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1920- يىلى باشقۇردىستاننىڭ دۆلەت رەئىسى بولغان. لېكىن، سوۋېت سىياسەتچىلىرىدىن لېنىن، ستالىن ۋە تروتىسكى قاتارلىقلار بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، سوۋىت - باشقۇردىستان مەسلىسى ھەل بولمىغانلىقتىن، ئوتتۇرا ئاسىياغا چېكىنىپ، ‹‹باسمىچىلار›› بىلەن ھەمكارلاشقان ۋە  ئۇلارنىڭ سوۋېتكە قارشى ئۇرۇشىدا يىتەكچى شەخسلەر قاتارىدا رول ئوينىغان. بۇ ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئاۋۋال سەپدىشى ئابدۇلقادىر ئىنان بىلەن بىرلىكتە ئىرانغا بېرىپ، مەشھەدتىكى رەۋزە كۇتۇپخانىسىدا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستانغا كېلىپ، كابۇل كۇتۇپخانىسىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1923- يىلى ھىندىستان ئارقىلىق  ياۋروپاغا كەتكەن. ئاۋۋال پارىژدىكى مىللەت كۇتۇپخانىسىدا، كېيىن بېرلىندىكى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا شەرق قول يازمىلىرى مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلىگەن. نۇرغۇن  قول يازمىلارنى رەتلەپ ئىلىم دۇنياسىغا تۇنۇتقان  ۋە بۇ قول يازمىلار ئاساسىدا خېلى كۆپ تارىخىي مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرغان. مەسىلەن، 1924- يىلى بېرلىن دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا ئىشلەۋاتقاندا، ‹‹جاھاننامە›› دېگەن ئەسەرنىڭ مەشھۇر تارىخچى مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ شېئىرىي رومانى ئىكىنلىكىنى دەلىللىگەن.[1] بۇ چاغدا پارىز، لوندۇن ۋە بېرلىندىكى نۇرغۇن شەرقشۇناسلار ۋە تارىخچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ  ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇ تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرى ھامدۇللاھ سۇپھى، مەشھۇر ئالىم م. فۇئاد كۆپرۈلۈ، رىزا نۇر ۋە يۇسۇف ئاقچۇرانىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىپ،  1925- يىلى تۈركىيىگە كەلگەن ۋە ئىستانبۇل دارۇلفۇنۇنىدا تۈرك تارىخى مۇدەررىسى(پروفېسسور) بولغان. شۇ ۋاقىتقا قەدەر ‹‹ۋەلىدوف›› ياكى ‹‹ۋەلىدى›› دېگەن نام بىلەن تۇنۇلغان زەكى ۋەلىدى ئەمدى تۈركچە ئېيتىلىشى بويىچە ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان.ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ كىتاپ مەنبەسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، رۇسىيە ۋە ياۋروپادىن ناھايىتى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئەكەلدۈرگەن. 1932-يىلى ئېچىلغان بىرىنجى قېتىملىق تۈرك تارىخى كونگرېسىدا مېدىستىنا دوكتۇرى رەشات گالىپ تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دەستلەپ دېڭىز بولۇپ، كېيىن قۇرۇغانلىقى ھەققىدىكى ماقالىسىنى تەنقىت قىلغاندا، توغانغا قارشى پىكىر سېپى ئېچىلغان. ھەقسىز بىر مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان شۇ يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ ۋېناغا كەتكەن. ئۇ يەردە ‹‹ئىبن فازلان ساياھەتنامىسى›› دېگەن دىسسىرتاتسىيەسى بىلەن 1935- يىلى پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن ۋە  بۇ ئەسىرى بىلەن خەلقارا ئىلىم ساھەسىدىمۇ  زور شۆھرەت قازانغان.  1935- يىلىدىن باشلاپ بونن ئۇنىۋېرسىتېتىدە، 1938- يىلى گۆتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدە دەرس ئۆتكەن. 1939-يىلى تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرىنىڭ تەكلىۋى بىلەن قايتىدىن تۈركىيەگە كېلىپ، ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتىدە تارىخ پروفېسسورى بولغان. بۇ فاكۇلتېتنىڭ قارمىقىدا ئومۇمىي تۈرك تارىخى بۆلۈمىنى ۋە  ئىسلام تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنى قۇرغان. 1953-يىلىدىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىسلام تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. بۇ ئارىدا بولۇپمۇ 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تۇرانچىلىق ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن گۇناھ بىلەن قولغا ئېلىنىپ 10 يىللىق كىسىلگەن. لېكىن، ھەربىي مەھكىمە بۇ قارارنى بوزغان، ئەھمەد زەكىي ۋەلىدى توغان ئاقىلانغان. 1948- يىلىدىن باشلاپ يېڭىباشتىن ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان. 1951- يىلى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 21- قېتىملىق دۇنيا شەرقشۇناسلىق كونگرىسىغا رەھبەرلىك قىلغان. بۇ يىللاردا ئۇ ئىلمىي شۆھرىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى.

ئون ئىككى يېشىغىچە پارسچە ۋە رۇسچىنى، 18-يېشىغىچە ئەرەبچىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن، دوچ(گېرمان)، ئېنگلىز، فرانسۇز تىللىرىنى ۋە باشقا بىر مۇنچە تىللارنى پىششىق ئىگىلىگەن، ھەمدە 20 ئەسىرنىڭ 10-يىللىرىدا روسىيە تەۋەسىدە، 20- يىللاردا ياۋرۇپادا، 30-يىللاردا پۈتۈن دۇنيادا كاتتا شۆھرەت قازانغان ئوردېناريۈس، پروفېسسور، دوكتۇر ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ ئىلان قىلغان ماقالىلىرى  337 پارچىگە،  كىتاپلرىنىڭ سانى 40 پارچىگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەردىن باشقا ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، ‹‹ئوغۇز داستانى››،‹‹تارىختا ئۇسۇل››، ‹‹قۇرئان ۋە تۈركلەر››، ‹‹بۈگۈنكى تۈرك ئىلى تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئۆتمۈشى››، ‹‹ئىستانبۇل كۇتۇپخانىلىرىدىكى مىنياتۇرلارغا دائىر››، ‹‹خاتىرىلەر›› قاتارلىق  كىتاپلىرى  تۈركولوگىيە ئۈچۈن ھەر ۋاقىت مۇراجىئەت قىلىدىغان مۇھىم مەنبەلەر ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا  ئىلان قىلىنمىغان ‹‹تىمۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تارىخى››، ‹‹ئەل بىرۇنىگە دائىر››، ‹‹باشقۇرد تارىخى››، ‹‹ئەلىشىر نەۋائى : ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى››، ‹‹راشىددىن : ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى››، ‹‹ساكلارنىڭ تارىخى›› ۋە ‹‹تۈركلەرنىڭ مەنبەسىگە دائىر رىۋايەتلەر›› قاتارلىق كىتاپلىرى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ناھايىتى ئېتىبارلىق مەلۇماتلارنى بىرىدىغان ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش›› دېگەن كىتابى مەنبەسىنىڭ پەۋقۇلئاددە موللىقى، مېتودىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ شۇ قەدەر كەڭلىكى، شۇنىڭدەك ئەڭ زىل ۋە مۇنازىرىلىك نۇرغۇن تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مەسلىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ھەر قانداق بىر ئىلىم ئىگىسىنى قايىل قىلىدۇ. شۇڭا، ھېربېرت جېنسكىي بۇ ئەسەر ھەققىدە ‹‹ياش تۈركولوگلارغا يول كۆرسەتكەن ئەسەر›› دەپ باھا بەرگەن بولسا، مەشھۇر گېرمان ئالىمى، پروفېسسور، دوكتۇر پ.كوخل ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ ئىلمىي سۈپىتىنى ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى تېمىسىدىكى مول بىلىملىرى بىلەن 1937- يىلى ۋاپات بولغان ئاكادېمىك ۋ.ۋ. بارتولددىن كېيىن بۇ ساھەنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇتەخەسسىسىگە ئايلاندى›› دەپ خاراكتىرلەندۈرگەن.  

بۈيۈك باشقۇرد ئالىمى، مەشھۇر شەرقشۇناس، تۈرك تارىخشۇناسلىقىنىڭ پىشىۋاسى  ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان 1970- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى شەرقشۇناسلىق، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئۇنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولغان تۈركولوگىيە ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپمۇ قالماي، تارىخشۇناسلىقتىكى بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلىشى دەپ  قارالغان. بۇ ھەقتە مەشھۇر شەرقشۇناسلاردىن كارل .جون ‹‹ۋ.ۋ.بارتولد، ۋ. مىنورسىكىيدىن كېيىن 1970- يىلى ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاندىن ئايرىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن 19- ئەسىردە ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللەنگەن رۇسىيە تارىخ ئېقىمى ئاخىرلاشتى›› دەپ كۆرسەتكەنىدى.

بۇ بۈيۈك ئالىمنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتى ئىلمىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا. 1990 – يىلى ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن  باشقۇردىستاننىڭ پايتەختى ئۇفادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق كونفرانىس بىلەن ئالىمنىڭ ئىلمىي مىراسلىرىنى ئۈگىنىشنىڭ يېڭى بىر دەۋرى باشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ جۇمھۇرىيەتتە ‹‹ۋەلىدى ئەسەرلىرىنى ئوقۇش›› نامىدا كونفرانىسلارنى ئۆتكۈزۈش بىر ئەنئەنىگە ئايلاندى. ئەسەرلىرىمۇ باشقۇردىستاندا ھەمدە  رۇسىيە، ياپونىيە، تۈركىيە ۋە ئۆزبەكىستاندا يېڭىدىن نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى. باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي كۇتۇپخانىسىنىڭ نامى ‹‹باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتى ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان مىللىي كۇتۇپخانىسى›› دەپ ئۆزگەرتىلدى. ئالىم ھەققىدە باشقۇردچە، رۇسچە ۋە تۈركچە بىر مۇنچە ئەدەبىي ئەسەرلەر يېزىلدى، ھۆججەتلىك فىلىملەر ئىشلەندى. ئۇفانىڭ مەركىزىي كوچىلىرىنىڭ بىرىگە ئۇنىڭ نامى بىرىلدى. تاشكەنتتىمۇ ئۇنىڭ نامىدا ئاتالغان بىر كوچا بار. ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى كۈزەن يېزىسىدىمۇ ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر موزېي قۇرۇلدى. 2008- يىلى ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان سائىنت پېتېرۇرگ ئۈنىۋېرىستېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىدا تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى مەركىزى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھويلىسىدا ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ ھەيكىلى(بەلنىڭ ئۈستى قىسمى) تىكلەندى. ئالىمنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2010- يىلى باشقۇردىستاننىڭ جۇمھۇر باشقانى(رەئىسى) مۇرتازا رەھىموف قارار ئىمزالاپ، ئۇفادا ئالىمنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش ۋە خەلقارالىق سېمپوزيۇم ئۆتكۈزۈشنى بەلگىلىدى. شۇ يىلى باشقۇردىستاننىڭ تەكلىۋى بىلەن ‹‹تۈركسوي››غا ئەزا دۆلەتلەر 2010-يىلىنى ‹‹ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان يىلى›› دەپ ئىلان قىلدى. جۇمھۇر باشقانىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئەمىر يولداشبايېف ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان ھەققىدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرىنى توپلاپ كىتاپلاشتۇردى. يولداشبايېف يازغان ‹‹دەۋرداشلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدە بىلىنگەن ۋە بىلىنمىگەن تەرەپلىرى بىلەن زەكى ۋەلىدى›› دېگەن كىتاپ باشقۇردىستان بىلەن رۇسىيەدە كەڭ سېتىلدى.



[1]  ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان : <<تارىختا ئۇسۇل>>، تۈركچە، 84- بەت، 1985- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-9 02:17 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76375
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3153
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 11:05:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىتالىن‹‹زەكى ۋەلىت توخاننى بويسۇندۇرسام،تۇرۇكلەرنى يىرىم ئاسمىلاتسىيە كىلخان بولمەن››دىگەنگەن.تۇرۇكلەرنىڭ قالتىس ئالىمۇ بۇ!!!ياخشى تىمى يوللاپسىز.قولىڭىزخا  دەرىت بەرمىسۇن!!!!

ۋاقىت ھەمىنى ئۇز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54427
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3358
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2014-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 01:32:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە بىلىۋالدىم تىما ئىگىسىگە رەھمەت
777

مىللەت ئۇرۇشتا ئۇلمەيدۇ،سۇكۇتتە ئۇلىدۇ.                       777

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4805
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 757 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 02:10:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پائالىيەتچان ھەم بىلىملىك ئادەم ئىكەنتۇق. دەۋىر يارىتىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بۇلالمىغان بولسىمۇ، يارتىغان دەۋىرلەرنى ياخشى يورۇتقان شەخىس ئىكەن. بۇ ماقالىنى ئۇقۇپ باشقۇرد مىللىتىگە قىزىقىپ قالدىم. بۇنىڭدىن ئۇلارغا ئائىت ماتېرىياللار بولسا دىققەت بىلەن ئۇقۇيمەن.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 05:31:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىمىغان كىشى ئىكەن،ئەمدى بىلدىم.
‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش › دېگەن ئەسىرىگە قىزىقىۋاتىمەن.ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپتىكەنمۇ؟

مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 05:32:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىمىغان كىشى ئىكەن،ئەمدى بىلدىم.
‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش › دېگەن ئەسىرىگە قىزىقىۋاتىمەن.ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپتىكەنمۇ؟

مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش