يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان «ئانىلار بايرىمى » مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى بارلىق جاپاكەش،مىھرىبان،سۆيۈمۈلۈك ئانىلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن
«ئانا» دېگەن بۇ ئىسىم تىلغا ئىلىنسىلاكۆز ئالدىمدا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ جاپاكەش ئىنسان نامايەن بولىدۇ. چۇنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مەرتىۋىمۇ ئانا مىھرىبانلىقى ئالدىدا ھەيرانۇ _ ھەستۇر .
ئانا قوياش ، ئۇنىڭ مېھرى _ تەپتى ھىچقاچان سوۋۇمايدۇ . ئانا بىر قولى بىلەن بۆشۇكنى تەۋرەتسە ، يەنە بىر قولى بىلەن دۇنيانى تەۋرىتىدۇ .
ئانا ___ ئۇ بىر ئۇلۇغ زات ، ئۇنىڭ دىلى ئاغرىسا ، زېمىن تىتىرەيدۇ . ئۇنىڭ ئاچچىق سوزى بىزنىڭ ئاچچىق كۆزىمىزنى ئاچىدۇ .شۇڭا شان _ شەرەپ تاجىنى ئىزدىمەي ، ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش بەرھەقتۇر .
دۇنيا تار بىلىنگەن تەختىردىمۇ ، ئانا مېھرى يەنىلا كەڭ . ئانا مېھرى تەپتىگە ھېچ نەرسە توغرا كەلمەيدۇ . پەرزەنت ئۇچۇن ئانا قوينىدىنمۇ ياخشى ، يىقىملىق ۋە سويۇملۇك جاي يوق .دۇنيادىكى ھېچ بىر گۇل ئانىنىڭ بالىغا قىلغان تەبەسسۇمىدىن چىرايلىق ئەمەس. ئانىنىڭ ئەجىرى بەدىلىگە ھېچ نەرسە تەڭ ئەمەدس . ئانا مېھرىبانلارنىڭ مېھرىبانى . ئۇلۇغلرنىڭ ئۇلىغى . ئۇ قىنىمىزغا قان ، قانىتىمىزغا قانات ، جىنىمىزغا جاندۇر . پەخىرلىنىشگە توغرا كەلسە ئۇنىڭغا قىلغان خىزمىتىمىزدىن پەخىرلىنەيلى . ئۇنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش ___ بىزنىڭ يۇركىمىزدىن تامغان قان ، چۇنكى يۇرەكنى بىزگە ئانا ئاتا قىلغان ئەمەسمۇ !؟ ئانا مېھرى ئۇلۇغ ، ئۇ ناھايىتى غۇۋا ۋە ئاجىز ھالدا ئەكىس ئەتكەن تەقدىردىمۇ بالا قەلبىنى ئىللىتالايدۇ ۋە ساپلاشتۇرالايدۇ .
ئانا شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇلۇغكى ، ئۇ پىداكارلىقىنى چۇشىنىپلا قالماي ، يەنە ئۆزىنى پىدا قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ . ئانا مۇھەببىتى قوياشتەك ھارارەتلىك ، ۋولقاندەك قىززىق ، ئۇ بىزنىڭ مەنىۋى بايلىقىمىز . ئانىلارنىڭ كۆمۇشتەك ئاپپاق چىچى ئاكلىقنىڭ سىموۋولى ، ئۆز پەرزەنتىگە بولغان پاك مۇھەببىتىنىڭ قەلىپ دېڭىزىدىن چاچىراپ چىققان نۇژغۇنلىرى ، ئەڭ نەپىس ، ئەڭ چىن بولغان گۇزەل مەنزىرە . پىشانىسىدىكى تال_تال قورۇقلار يىللارنىڭ ئانىلارغا بەرگەن مەنىلىك ئىزناسى ، ھاياتلىق مۇساپىسىدە پەرزەنتى ئۇچۇن باسقان ھەربىر قەدىمىنىڭ ئىزى ، پەرزەنتكە بولغان يۇكسەك مۇھەببىتىنى جەزىملەشتۇرۇش ئۇچۇن بېسىلغان سۆيگۇ تامغىسى .
ئېھ ، ئانا ! دۇنيادا ھەرقانداق قەرىزنى قەيتۇرۇش مۇمكىن ، بىراق سېنىڭ ئەجىر _ مېھنىتىڭگە مال _ دۇنيا چىقىش قىلمايدۇ . ھەرقانداق مۇھەببەتكە ئازدۇر _ كۆپتۇر شەخسى مەنپەت ئارىلاشقان بولىدۇ . پەقەت ئانا مۇھەببىتىگە ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىغان ئۇلۇغ مۇھەببەتتۇر . ياشا ، ئەي ئۇلۇغ ئانا ! تۇمەن مىڭ يىل ياشا !
نەسىر مەنبەسى : مەرىپەت تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا narkos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 12:35 AM