بىر كوبلىتلىق ساتېرىك شېئىرلار
خوشامەتچىگە
بىر سېسىق بۇس چىقتى كىكىرىشىڭدىن،
مەخسىدىڭ مەلۇملۇق ئىگىلىشىڭدىن.
سېرىق ئەت بۆسۈلۈپ كەتمىگەي يەنە،
ئۈگۈچلەپ كۆتۈرۈپ چىڭقىلىشىڭدىن.
سۆيمىدى
كىم گەژگىنى شوتا قىلدى كۆكنى بويلاپ ئۆرلىدى،
مىڭ گەز ئىگىز ئۆرلىسىمۇ ھېچ ئاراملىق كۆرمىدى.
كىمنىڭ بولسا مەخسىدى نەپ،يالماپ -سەمرىش،يەپ -ئىچىش،
ئەلمىساقتىن ئەل -ئاۋام يۇرت مۇنداقلارنى سۆيمىدى.
ھىساپ
رېستۇراندا ئىچتۇق دوستلار بولىشىغا،
زەن قويمىدۇق كىملەرنى -كىم زورلىشىغا.
ئىچەرمەنلەر رىسالىسى شۇنداقمىكىن،
قالدى ھىساپ يۈزى تۆۋەن ياۋىشىغا.
<< دوستۇم>>
قارامنى سۇس كۆرسە يىراقتىن "دوستۇم"،
قۇلىنى سوزىدۇ تەڭلەپ سالامغا.
ئالدىمدا تۈلكىدەك ھېجىيىپ،ئەمما -
ئارقامدىن ئىتتىرەر تېگى يوق ھاڭغا.
ناكەس
ئەجەپ تاتلىقكەن مەجلىستە سۆزۈڭ،
ئەلگە كۆرۈندى نۇرلۇنۇپ يۈزۈڭ.
مەجلىستىن چىقىپ بولىسەن ناكەس،
كۆلگە سىيىشنى باشلايسەن ئۆزۈڭ.
پەگا
راستنى راست دىسەم قالدىم بالاغا،
يالغاننى راست دەپ ئۇچتۇم ھاۋاغا.
مۇنداق رەزىل بوپ ئۇچقاندىن كۆرە،
ئۆزۈم خوپ كۆرۈپ چۈشتۈم پەگاغا.
ئوخشايدۇ
جاڭگالدا چاي بولسا ئۈلگۈرۈشلىرى،
بىكاردىن نان تاپسا تۈگۈرۈشلىرى.
ئوخشايدۇ يالمانغا بەزى بىرلەرنىڭ،
زىغىردەك نەپ ئۈچۈن يۈگۈرۈشلىرى.
ئۆزگەردى
كەمتەر بوپ كۆرۈندى بىر دوستۇم بۇرۇن،
قوللاشتۇق ئىرىشتى ئەمەل -مۇنبەرگە.
ئاي ئۆتمەي ئۆزگەردى قارار كۈزى يوق،
ئۈستەلمۇ تەگمىگەي مۇنداق خۇمپەرگە.
بىرسى
پاك -پاكىز يەرگە تۈكۈرەربىرسى،
ئۇنى ئادالاپ سۈپۈرەر بىرسى.
بەزى ئىشلارغا ھەيرانمەن -ھەيران،
تۈكۈرگەنلەرنى كۆتۈرەر بىرسى.
نەپسىمىز
جاھاندا ئەڭ ئاچكۆز ۋەھشى ھايۋانمۇ،
يا گۆشخور،يا ئوتخور،بىرسى بولۇركەن.
لېكىن بىز ئىنساننىڭ تويماس نەپسىمىز،
ھەم گۆشنى ھەم ئوتنى يالماپ كېلۇركەن.
توۋا
توۋا جاھاننىڭ تىنجىقلىقىنى،
بەزى ئىشلارنىڭ قىزىقلىقىنى.
ئۇنى "پارىخور'دەپ يازسام ھەجۋىي،
بۇنىڭ نىمىشى ئىنجىقلىغىنى؟
ئەجەپقۇ!
ئومۇمدىن ئىبارەت"ئاقلىق سىيىر"نى،
ئەجەپقۇ،ئاچكۆزنىڭ ئىمىپ كەتكىنى.
قۇسقاننى كۆرگەنتىم ھارام يىگەندە،
نە ئىش بۇ جىم -جىتلا سىڭىپ كەتكىنى؟
ئىرادە
نائىنساپلارنى قامچىلاپ يازغان،
شائېر يۇلىنى توسىدۇ ئازغان.
توسقۇننى يېرىپ ھەقنى سۆزلەيمەن،
ئەگىپ يۈرسىمۇ بېشىمدا بازغان.
بەزىدە
بەزىدە بىر سۆز ياكى بىر قەدەم،
بىراۋغا بەخىت-ئامەت يار قىلۇر.
گاھى نەس جۈملە يا تەتۈر قەدەم،
بىرسىنى مەڭگۈ خارۇ -زار قىلۇر.
ئاگاھ
ئۇستا ئىكەنمىز ئۇسۇل -ناغرىغا،
چوڭ بىلدۇق چىقساق ئېشەك ھارۋىغا.
خەق ئۇچتى كۆكتە،پەن ئۈگەنمىسەك،
ئىرىشەلمەيمىز پۇچۇق زاغرىغا.
بەتتاملىق
كۆتۈرسە بىر رۇمكا شاۋدۈيجاڭ تازەك،
ئەيھانناس!سورۇندا ياڭرىدى ئالقىش.
قالماپتۇ چاۋاكنىڭ ئابرۇيى،بۇ دەل -
ئەمەسمۇ بەتتاملىق چېكىدىن ھالقىش.
سەن ۋە مەن
سەن خۇشالسەن"ئامەت"تېپىپ سەمرىپ قورساق سالغانغا،
مەن خۇشالمەن بىر ئەسىرىم چىقسا گېزىت -ژورنالغا.
سەن كۈلەرسەن "خۇشخەۋەر"دەپ بۈگۈن كىرگەن پارىدىن،
مەن كۈلەرمەن تەر -ئەجرىمدىن زەررىچە ئىز قالغانغا.
ئارمىنىم
تىگىشمەسمەن شائېرلىقىمنى،
تاجۇ -تەخىت،مەنسەپ ئەمەلگە.
ئارمىنىم شۇ مىسرالىرىمدىن،
كۈيلەر تۆكسەم ئانا ۋەتەنگە.
ماختانما
" بەگ"لىكىڭدىن بەك ماختانما خوجام،
نى -نى بەگ ئۆتكەن چۆرۈپ ئالەمنى.
ئەل -يۇرت ئىنساپسىز "بەگ"لەردىن كۆرە،
ئەسلەر تاشۋايدەك ئاددى ئادەمنى.
پەرق
قاندىكى ماي تەركىپ كۆپۈيۈپ كەتكەچ،
بەزىلەر ئىزدەيدۇ گۆش-مايسىز تاماق.
قۇۋەتچۈن بەزىلەر ئاجىز بەدەنگە،
تاپالماس ھەتتاكى تۆت سەر بەز بىراق.
ھالىغا ۋاي
دۈشمىنى تىكەن،باغۇ-چىمەننىڭ،
ھالىغا ۋايدۇر ھارام يىگەننىڭ.
ئىشى ئىلگىرى كەلمەس ھېچقاچان،
تەكەببۇرلىشىپ"مەن-مەن"دىگەننىڭ.
**********
مەنبە: ئۆز قەلىمىم.(ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akkani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-8 11:04 PM