|
|
|
|
خوتۇنىنى ئۇرغان سەئۇدىلىق ئەر «قۇرئان» ئوقۇشقا بۇيرۇلدى يەر شارى تورى مۇخبىرى جۇ شاۋلېي خەۋىرى : «دېڭىز قولتۇقى خەۋەرلىرى»نىڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، خوتۇنىغا زورلۇق-زومبۇلۇق ئىشلىتىپ ئۇرغان سەئۇدىلىق ئەرگە ئىككى پارچە ئىسلام كىتابى ئوقۇش ، ئاندىن ئىمتاھانغا قاتنىشىپ ئۆزى ئوقۇغان كىتابتىكى مەزمۇنلاردىن سوئالغا جاۋاب بېرىش بۇيرۇلغان.بۇ ئىككى كىتاب ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىنى شەرھىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەككەن. سەئۇدىدا چىقىدىغان «مەدىنە»گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ ئەر «قۇرئان»نىڭ 30پارىسىدىن بەش پارىسىنى پىششىق ئوقۇشى ھەمدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرىدىن يۈزنى يادقا ئېلىشى كېرەككەن . سوت مەھكىمىسى يەنە بۇ ئەرنىڭ ئايالىغا 700رىيال يەنى 12مىڭ يۇەن خەلق پۇلىغا باراۋەر تۆلەم بېرىشىنى بۇيرۇپ ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. http://world.huanqiu.com/well_read/2012-05/2700212.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-8 10:23 PM
|
|
|
|
|
|