بىلىم ئال
مەخمۇت ئاۋۇت (ongmas)
مەنزىلىمدە ئاداشماي يۈرەي دېسەڭ بىلىم ئال،
ئەجرىمدىن ھالال نەپ كۆرەي دېسەڭ بىلىم ئال.
ھايات يولۇڭ ئېگىز-پەس، بولساڭ مىشچان كۈنۈڭ تەس،
ياقاڭ يىرتىپ يىغلىماي، كۈلەي دېسەڭ بىلىم ئال.
بۈگۈننىلا كۆزلىمە، ئورۇنسىز لاپ سۆزلىمە ،
رىقابەتتە مۈشكۈلنى يېڭەي دېسەڭ بىلىم ئال.
قانات بىلگىن ئىلىمنى، نۇرلاندۇرار دىلىڭنى ،
نادانلىقنىڭ چۆلىدە يۈرمەي دېسەڭ بىلىم ئال.
بىئەقىللىق -نادانلىق ، ئۇندىن كېلەر نامراتلىق،
بۇردا نانغا زار بولۇپ ئۆتمەي دېسەڭ بىلىم ئال.
ياتساڭ ئۇخلاپ غەپلەتتە، ئۆتەر كۈنۈڭ مۇڭ-دەردتە،
بەختىم كۈلۈپ ياخشى كۈن كۆرەي دېسەڭ بىلىم ئال.
تەلەي كۈلۈپ باقسىمۇ، گەر ئەمىلىڭ ئۆسسىمۇ،
يېڭى مەنزىل ، نىشانغا ئۆرلەي دېسەڭ بىلىم ئال.
يۈزۈم يورۇق دېسەڭ گەر، كېلەر ھۆرمەت تۆكسەڭ تەر،
ئەلدە مەزمۇت پۇت تېرەپ تۇراي دېسەڭ بىلىم ئال.
ئىناقلىقنى كۆزلىگىن ، ھەقىقەتنى سۆزلىگىن ،
ھەق-ناھەقنىڭ پەرقىنى بىلەي دېسەڭ بىلىم ئال.
بولسا سەندە شىجائەت، ياردۇر بەخت-شان،ئامەت،
دۇنيالىقتا ئارمانسىز ئۆتەي دېسەڭ بىلىم ئال.
ئاپتورنىڭ بۇ شېئىرى «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژورنىلىنىڭ 2011-يىل 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
ئەر بولساڭ
ئۆزگىلەرنىڭ تونىدا تەرلىمىگىن ئەر بولساڭ،
سۇ يۈزىدە كۆپۈكتەك لەيلىمىگىن ئەر بولساڭ،
ھالال ئىشقا چات كېرىپ چەيلىمىگىن ئەر بولساڭ،
ھارام نەپتىن يېنىڭنى غەملىمىگىن ئەر بولساڭ،
قىپ كېبىرلىك ئەلنى زار ئەيلىمىگىن ئەر بولساڭ.
ھاياتىڭنى قەدىرلەپ ، رۇسلىۋالغىن يولۇڭنى،
ئىلىم، ھېكمەت، ھۆنەردە پۇختىلىغىن ئۇلۇڭنى،
ھورۇنلۇقتىن يىراق بول ، قىسقا قىلار قولۇڭنى،
ئەجىر بىلەن ياشاپ ئۆت ئەلگە چېچىپ نۇرۇڭنى،
پۇشايماندا كىرپىكىڭ نەملىمىگىن ئەر بولساڭ.
چىقارمىغىن ئېسىڭدىن كەلسە«ئامەت» ئەسلىڭنى،
ساقلا ، تۈگەل يوقاتما ئادىمىيلىك نەسلىڭنى ،
باشلار سېنى دوزاخقا ، قويۇۋەتسەڭ نەپسىڭنى،
ھالال ئەجىر نان بېرەر، تاپ ھۈنىرىڭ-كەسپىڭنى،
ھارامدىن نەپ ئېلىشنى پەملىمىگىن ئەر بولساڭ.
ئىشقا تۇرما ئېرىنىپ ، باشقىلارنىڭ زورىدىن ،
قىلساڭ سەۋەپ تەر بىلەن ھالۋا پۈتەر غورىدىن،
جاسارىتىڭ ئايىما ، مۈشكۈل بىت-چىت تورىدىن،
ساقلار ئەقلىڭ مەنزىلدە داۋانلاردىن- ئورىدىن،
چىدام-غەيرەت يولىدىن چەتنىمىگىن ئەر بولساڭ.
رۇبائىيلار
بىلىمنى ئۆزۈڭگە قىلغىن تىل-تۇمار،
بولغىن ھەم ئۇنىڭغا ئەبەدىي خۇمار؛
جاسارەت كەمىرى بولسۇن بېلىڭدە،
يانمىغىن يولۇڭدىن،بوشاشما زىنھار.
لاپ ئېتىپ يۈرگەنلەر نەپ ئالدى دېمە،
(ۋاقىتلىق ئالار«نەپ» پايدىسدىسى نېمە؟)؛
«تەر تۆككەن ئېزىلىپ كېتەرمىكىن»دەپ،
زامانەم ئادىلدۇر ئۇندىن غەم يېمە.
باغلىساڭ ئىرادە يوق ھېچ ئىش قىيىن،
«كېلىدۇ ھالاۋەت جاپادىن كېيىن»؛
كىيسەڭ تون چىدامدىن ئۆزۈڭگە ئەگەر،
ئالەمچە مۈشكۈلمۇ ساڭا بىر تىيىن.
ئىجادكار كەچمىسە راھەت مەرىدىن،
(كېلىدۇ ئىلھامى ئۇنىڭ نەرىدىن)؛
بىلسە گەر ۋاقىتنى ئالتۇندىن قىممەت،
گۈل ئۈنەر ئۇ تۆككەن مۇنچاق تەرىدىن.
ئېيتىدۇ چىن دوستۇڭ گەپنى يۈزۈڭدە،
چۈشەنەىن بۇنى سەن ئەقىل كۆزۈڭدە؛
«نەسىھەت ئاچچىقتۇر-مېۋىسى تاتلىق»
دانالار ھېكمىتى بولسۇن ئېسىڭدە .
يىغىپسەن نەپسىڭنى تۇتقىن ئۆزۈڭنى،
تورايدۇ ھارام نەپ روشەن كۆزۈڭنى؛
ئەيلىگىن پاكلىقنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ،
بۇلغىما قارىدا نۇرلۇق يۈزۈڭنى .
ئەيلىگىن سەن ھەزەر ھورۇنلۇق-چۈشتىن،
سۆيۈنەر ئەل دىلى ئەجىرلىك ئىشتىن ؛
يازدا ھېچ بىلىنمەس يالىڭاچلىق دەردى،
چىقماق تەس ئوزۇقسىز زىمىستان قىشتىن.
ھەر بىر ئىشىڭدا ھەقنى كۆزلىگىن ،
كەلسە گەر پۇرسىتى ھەقنى سۆزلىگىن؛
ناھەق ئىشلارغا قىلمىغىن سۈكۈت،
ئىللەتلەر يىلتىزىن قۇمار،تۈزلىگىن.
ھەقىقەت يولىدا ئىككىيلەنمە-بەس!
ھاراملىق نىممەتكە قىلمىغىن ھەۋەس؛
گەر قىڭغىر يولغا تاشلىساڭ قەدەم،
ئەل-ئاۋام ئالدىدا بولۇر ئورنۇڭ پەس.
تىرىشساڭ،تىرماشساڭ تاپىسەن كامال،
يېشىلەر قىيىن ئىش، تېپىلار ئامال؛
«شىجائەتلىك كىشىگە نەتىجە ھەمراھ»
ئاقىللار سۆزىگە ھەردەم قۇلاق سال.
كۆپتۇر بۇ جاھاندا تىرىكلىك يولى،
ھالال ھەم پاك ياشاش ھايات سەرخىلى؛
ناپاكلىق يوللىرى ئېتىلسە تامام ،
ھىد چاچار پۇرەكلەپ چىن پاكلىق گۈلى.
ئۆت ئىجىل-ئىتتىپاق مىللەت،ئۆز-ئارا،
بۆلگۈنچى كىشىنىڭ يۈزىدۇر قارا ؛
گۈللىنەر ئەل-ۋەتەن ئىناقلىق بىلەن ،
ھەتتاكى گۈزەلدۇر ئۆملۇكتە دۇنيا .
ناپاكلىق -ۋابادۇر، يۇقۇملۇق كېسەل،
يۇقسا ئۇ كېتىدۇ ئىنسان بىئەجەل؛
ۋىجدان سورىقى تارتماي دېسەڭ گەر،
پاك ياشاپ مېھنەتتىن ئەلگە بەر ھەسەل.
كىشىنىڭ ھەققىگە كۆزۈڭ قىزاتما ،
نەپسىڭگە بېرىلىپ ۋىجدانىڭ ساتما؛
بىر كۈن ئۇنىڭمۇ سورىقى باردۇر،
بەس!دوزاخ ئىچىگە ئۆزۈڭنى ئاتما.
باسقاندا ھاياتلىق يولىغا قەدەم،
ئۇچرايسەن توساققا دائىم،دەممۇ-دەم؛
بولمىسا مۇستەھكەم ئىرادەڭ ئەگەر،
قالىسەن شاللىنىپ يولۇڭدىن ھەردەم.
ھايات قەسىدىسى
(مۇخەممەس)
بۈگۈن ساڭا غەنىمەتتۇر، ئۆتمىسەڭمۇ پاراغەتتە،
ئۇنۇتمىغىن تۈنۈگۈننى ،ئۆتكۈنۈڭنى ئازاپ-دەرتتە،
ئەتەڭ ئۈچۈن ئاساس سالغىن،يۈرمە ھەرگىز نادامەتتە،
سېلىنسا گەر ئۇلۇڭ پۇختا ، باردۇر ئۈمۈت سائادەتتە،
بولۇر ئورنۇڭ ئەل ئىچىدە، يېتىلسەڭ گەر ماھارەتتە.
.
جاپا تارتماي جاھاندا ھېچ ، ھالاۋەتمۇ بولمايدىكەن،
بولار ئىنسان قانائەتسىز،كېمى ھېچ بىر تولمايدىكەن،
تۈنۈگۈننى ئۇزۇتۇپلا ، بۈگۈننى ھەم ئويلايدىكەن،
ئەجرىدىن گەر ئۇتۇق تاپسا، كۆڭلى خوشال يايرايدىكەن،
ئىشچانلارغا ياغار ئالقىش، كۆتۈرەر باشتا-ھۆرمەتتە.
.
ئۆكۈنمىگىن كۈنلىرىڭدىن ، بىركۈن ئامەت ياغار ساڭا،
ئەجىر-مېھنەت بېرىپ مېۋە، بەخىت كۈلۈپ باقار ساڭا،
ئۇتۇقىڭنى ئاۋام بىلگەچ ، شەرەپ گۈلى تاقار ساڭا،
كۆڭلۈڭدىكى شۇ نىگارىڭ كېلىپ باغرىن ياقار ساڭا،
ئەمما يەنە خىرىس مەۋجۇت، كېرىلمىگىن قانائەتتە.
.
بىلسەڭ بىر چاغ قولۇڭ قىسقا، ئۆتەر ئىدىڭ كۈنۈڭ تەستە،
قىينار ئىدى جاپا -مۈشكۈل، ياتار ئىدىڭ ئاياق-پەستە،
نىچاغ باغلاپ بېلىڭنى سەن، نىشان تاپتىڭ ئەشۇ پەيتتە،
بەخىت كۈلۈپ باققىنىدا ، ئۆتكەن كۈنۈڭ بولسۇن ئەستە،
قىممىتىمنى ساقلاي دېسەڭ، يېتىلگىن سەن كامالەتتە.
.
ھايات قەدرىن بىلمەك كېرەك، كېلەر ئىنسانغا ئۇ بىر رەت،
بىھۇدە ئۆتسە ھەر بىر كۈن، يېنىپ كەلمەس ئۇ ئاقىۋەت،
ئۆمۈر مەنزىلى بەك قىسقا، كۈلۈپ ياشا، كۆرمىگىن دەرت،
پۇشايماندا كۆزۈڭ ياشلاپ ، ئۆكۈنۈشتە ئۆتمە پەقەت،
شۇڭا قەدىرلە ھەر كۈننى، بىلىپ ئۇنى غەنىمەتتە.
رەزىللەر
(بۆلگۈنچى كۈچلەرگە رەددىيە)
پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ «كۆڭۈل ئۇتقان »رەزىللەر،
ئىناقلىققا چات كېرىپ يات يول تۇتقان رەزىللەر،
بىگۇناھقا قەسىت قىلىپ يالماپ-يۇتقان رەزىللەر،
چىقىپ ئىنسان قېنىدىن ، ياۋغا قاتقان رەزىللەر،
بىۋاپالىق قىپ بۇدەم ، ۋەتەن ساتقان رەزىللەر.
غۇرۇر، دىننى نىقاپ قىپ قايمۇقتۇرغان خەلقنى،
شۇم نىيەتتە «دەريادىن ئايرىماق بوپ بېلىقنى»،
سالماق بولغان ئارىغا بۆلگۈنچىلىك-يېرىقنى،
دۇرۇس ئىنسان قىلمايدۇ ئاڭا ئوخشاش قىلىقنى!
ئۆز پۇتىغا چاغلىماي پالتا چاپقان رەزىللەر.
چاغلاپ ئۆزىن بەك تادان، قوي كۆرسەتكەن قاۋاننى،
ئەلنى بىلمەس دەپ ئويلاپ ياخشى بىلەن ياماننى،
«ئىستىقباللىق بۈيۈك يول» قىپ كۆرسەتكەن داۋاننى،
زۇلىمەت-تۈن ئىچىگە باشلىماق بوپ ئاۋامنى،
جاھانگىرلار قوينىغا ئۆزىن ئاتقان رەزىللەر.
ئەلگە بەرمەس ئەمىنلىك، نىيەت-قەستى ياماندۇر،
ۋەز ئېيتسىمۇ تېتىقسىز، بۇغدىيى يوق ساماندۇر،
قىپ قويغاچقا پەس ئىشنى ئەمەس كۆڭلى ئاماندۇر،
يۈرەلمەس ھېچ ئاشكارە، گەر كۆرۈنسە تامامدۇر،
نىيىتىگە جاۋابەن «گۆر»دە ياتقان رەزىللەر.
كەسىپ قىلغان ئۆزىگە ئۆسەك سۆزنى،ئىغۋانى،
تاراتماق بوپ يۇرت-ئەلدە ئارازىلىق-غەۋغانى،
گەر بۇزۇلسا ئىناقلىق - بولار ھاسىل ئارمانى،
جار سالسىمۇ ئالەمچە جىسمىدا يوق دەرمانى،
بولۇپ ياۋغا يانتاياق قارغىش ئارتقان رەزىللەر.
قانۇن ئادىل،رەھىمسىز، يۈز قارىماس ئادەمگە،
بېرەر جازا تېگىشلىك يامان يوللۇق قەدەمگە،
كېلەر ئېلىپ ئەنسىزلىك-بۆلگۈنچىلىك ئالەمگە،
خەلق-ئالەم يول قويماس قارا نىيەت ئادەمگە،
قىلمىشىنى يوشۇرۇپ -چاپان ياپقان رەزىللەر.
يولدىن ئۆتكەن چاشقاندەك قالار ئۇلار ئۇر-ئۇرغا،
ئەل قارغىشى ئۇلۇغدۇر ، سۇنار ئۇندا قوۋۇرغا،
قۇتراتقۇلۇق،پەسكەشلىك كەتكەن سىڭىپ تومۇرغا،
قىلمىشىدىن تامام ئەل ئۇقار لەنەت ئۇنىڭغا،
ياخشى كۈنگە تىغ ئۇرۇپ،قان-ياش يۇتقان رەزىللەر
بىخۇتلاشساق ناۋا بىز ، شۇم نىيەتلەر قاۋاندۇر ،
تۇتۇشۇلسا قولغا-قول ياۋنىڭ رەڭگى ساماندۇر،
كەلدى ئەل-يۇرت لەرزىگە ئاۋام پەيلى ياماندۇر،
بولسا بىت-چىت ياۋ قەستى شۇندا خەلقىم ئاماندۇر،
«ئەل قىساسى مىنەل ھەق»، زاۋال تاپقان رەزىللەر.
قىمارۋاز
تەلەي سىناپ دو تىكىپ، ئىش باشلايدۇ قىمارۋاز،
ئامىتىگە كۆز سېلىپ، پۇل تاشلايدۇ قىمارۋاز،
كەتسە ئامەت پەر قېچىپ، باش قاشلايدۇ قىمارۋاز،
كېلەمدىكىن دەپ يېنىپ، ھېچ يانمايدۇ قىمارۋاز،
بار بىساتتىن ئايرىلىپ، كۆز ياشلايدۇ قىمارۋاز.
قىزىقتۇرغاچ كىشىنى، ‹‹ئامەتلىكسەن››دەپ قىمار،
تاشلاتقۇزۇپ ئىشىنى، ئىسكەنجىگە ئېپ قىمار،
مەپتۇن بولغان كىشىنى، ھەر كويلارغا سېپ قىمار،
شەيتان كەبى سازىنى، ھەر پەدىگە چېپ قىمار،
ئۇتتۇرغانغا تەن بەرمەي، پۇل تاشلايدۇ قىمارۋاز.
تاپقان پۇلنى سورىغاچ، ئايال يىغلار سەرسانە،
كونا يولدىن قايتمىغاچ، جىسمىدا يوق دەرمانە،
تەكرار بېرىپ ئۇتتۇرغاچ، ئۆينى قىلار ۋەيرانە،
ھەتتا ئۆيدىن ئايرىلغاچ، سىرىتلاردا دىۋانە،
ئاقىۋەتنى ئويلىماي ئىش باشلايدۇ قىمارۋاز.
ئوخشايدىكەن قىمارۋاز مېۋىسى يوق باراڭغا،
ئايلاندۇرغاچ قىمار ئۇنى ئوخشاپ قالدى ساراڭغا،
قىپ نەسىھەت توسىساڭ تۇز سېپىدۇ ياراڭغا،
ھەتتا سېنى قىزىقتۇرۇپ بۇس چاچىدۇ ئاراڭغا،
ئۆز خاھىشى بويىچە يول باشلايدۇ قىمارۋاز.
‹‹قىلما››دەپ چىن ئات قويغان، ئاقىل شۇڭا قىمارغا،
قىلىپ كۆنگەچ بەزىلەر ئايلاندۇردى تۇمارغا،
قۇتۇلماق تەس ئۇنىڭدىن كىرىپ قالسا خۇمارغا،
چېچىلدۇرۇپ نېرۋىنى ئايلاندۇرار بىمارغا،
ماھىيەتنى چۈشەنسە پەر تاشلايدۇ قىمارۋاز.
ئاپتور مەخمۇت ئاۋۇت ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 11:36 AM