مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2336|ئىنكاس: 23

ئامرىكا قوشما شتاتلىرى ئەلباشى باراك ئوباما [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79507
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3726
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 07:45:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوباما 1961-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شىتاتىنىڭ مەركىزى ھونولۇلۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئاتىسى كىنىيەلىك، ئانىسى كانزاس ئىشتاتىدىن.ئۇلار ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تونۇشقان. دادىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن، ئوبامانى ئانىسى كىچىكىدىن باشلاپ باققان. ئوباما ئىككى ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن. ئالتە ياش ۋاقتىدا ئوباما ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۆگەي دادىسى بىلەن ھىندونېزىيەدە تۇرمۇش كەچۈرگەن.

تۆت يىلدىن كېيىن، ئوباما ھاۋايغا قايتىپ كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ كالىفورنىيە شتاتى غەرب ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئىككى يىلدىن كېيىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئالمىشىپ كەتكەن. 1983-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىي بويىچە باكالاۋۇرلىق ئۇنۋانى ئالغان. 1985-يىلى ئۇ چىكاكوغا كېلىپ مەھەللە خىزمىتى ئىشلىگەن. 1988-يىلى ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1991-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، چىكاكودىكى بىر ئادۇكاتخانىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. ئوباما دېموكراتلار پارتىيەسىدىن،1996-، 1998-، 2002-يىللىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئۈچ قېتىم ئىللىنوئىس ئىشتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2004-يىلى پارلامېنت سايلىمىدا ئوباما قوشما شىتات پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان، قوشما شىتاتنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولغان مەزگىلىدە ئۇ مۇنتىزىم قۇراللارنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى لايىھە، قوشما شىتات فوندىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئامما نازارەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، سايلام ئالدامچىلىقى،كىلىمات ئۆزگىرىشى، يادرو تېررورلۇقى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى بىر يۈرۈش لايىھەلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۇ يەنە شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق،ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان.

2007-يىلى 2-ئايدا ئوباما پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە «ئىسلاھات» تېمىسى بىلەن ئىراق ئۇرۇشىنى ئاياقلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيەدە ئۆزىنى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، باجنى ئازايتىش سىياسىتىنى توختىتىش، داۋالاش سۇغۇرتىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكىتلىگەن ھەمدە پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقئارادا قايتىدىن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇ دېموكراتلارپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ56 -نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان ھەمدە ئامېرىكا تارىخىدىكى ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان تۇنجى پىرېزىدېنتقا ئايلانغان. 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوباما رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان.

2009-يىلى10-ئاينىڭ 9-كۈنى نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى 2009-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئوباماغا بېرىپ، ئۇنىڭ «خەلقئارا دىپلوماتىيە ۋە خەلق ئارىسىدىكى ھەمكارلىق»نى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تەقدىرلىگەن.

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، ئوباما جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ بىر يىل ئىچىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى.

ئوبامانىڭ «دادامدىن كەلگەن ئارزۇ »، «قورقماس ئۈمىد: ئامېرىكاچۈشىنى قايتا تەكىتلەش» ناملىق ئەسەرلىرى بار. «دادامدىن كەلگەن ئارزۇ » دېگەن ئەسەر ئوبامانىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، 1995-يىلى تۇنجى قېتىم نەشىردىن چىققان.«قورقماس ئۈمىد: ئامېرىكا چۈشىنى قايتا تەكىتلەش» 2006-يىلى نەشىردىن چىققان،ئاساسلىقى ئوبامانىڭ سىياسىي غايىسى ۋە كۆز قاراشلىرى تونۇشتۇرۇلغان. ئوباما 1992-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ساۋاقدىشى مىچىل روبىنسۇن بىلەن توي قىلغان، ھازىرئىككى قىزى بار.


مەنبە--ئانا تۇپراق تورى 2012-4-27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-9 12:37 AM  


151ab79d1f1d8a525a0484b9ebce0b14.jpg
كۆرئىتقا باش بولسا ئارسلان،ئىتلارمۇبۇلۇر ئارسلانسىمان
گەربولسا ئۇئىت ئارسلانغاباش.ئارسلانلارمۇھەم ئىتتەك ھامان
aㄒamaη بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 11:27:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
nap--rat48 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 11:32:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6216
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12200
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 2471 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 11:46:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ كۆز قارىشىم : ئامىركىنىڭ باشقا پىرىزدىنتلىرىغا قارىغاندا خېلى ياخشى دەپ قارايمەن ````

ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!
aㄒamaη بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 04:07:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
aㄒamaη بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 05:17:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11430
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 10:37:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوباما  باشقا زۇڭتۇڭلاردەك كۈچلۈك ئىقتىسادى ۋە سىياسى ئارقا تېرىكى يوق ئەھۋال ئاستىدا پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ نۇتۇق قابىلىيتىگە ۋە بىلىمىگە تايىنىپ زۇڭتۇڭ ئورنىغا دەسسىگەن ، ۋە ئامېىرىكىنىڭ تۇنجى نېگىر زۇڭتۇڭغا ئايلانغان ، مەن ئۇنىڭغا بەك قول قويىمەن .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6222
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 11:01:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قارىۋاي سايلام يېقىنلاشقاچ كىلون نۇسخىسىنى كۆپەيتىپ، مۇنبەر ئەھلىنى ئۆزىگە قارىتىپ، سايلامدا غەلبە قىلىشنى پىلانلىغان گەپ!
قېنى ئاتامان قارى بىلەن ئوباماجاننىڭ قايسى يېڭىدۇ قاراپ باقايلى!

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79503
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3287
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2014-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 11:21:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بۇ قاراۋاي يەنە زۇڭتۇڭ بۇلۇشى مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 11:57:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنقى كاتىپى رايىسنىمۇ كىچىك چېغىدا دادىسى كوچىدا يېتىلەپ كېلىۋېتىپ  ،قىزىم،چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىسىز دەپ سورىسا ،ئاق ساراينى(بەلكىم پارلامېنت بىناسى بولىشىمۇ مۇمكىن ،ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ) كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،چوڭ بولسام مۇشۇ بىنادا خىزمەت قىلىمەن ،دەپتىكەنتۇق ،شۇنىڭغا قارىغاندا ،تىلىسەڭ تاپارسەن دەپ كىچىك چاغدىكى غايە ،ئارزۇ ئارماننىڭ بولىشىمۇ مۇھىم ئوخشايدۇ.

مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش