|
|
|
|
بوكىس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بوكىس مۇسابىقىسىنىڭ ئولىمپىك سالاھىتىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككى قىتىم تۇتىشىپ ،رەقىبىنى يىقىتىپ ،2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشكەن.
مەمەتتۇرسۇن چوڭ 1988-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ باغچى يېزىسىدا تۇغۇلغان،ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا كىنو فىلىملەردىكى پالۋانلارنىڭ ھەرىكەتلىگە قىزىقىپ قىلىپ ،بوكسىيورلۇققا ھىرىسمەن بولۇپ قالغان.شۇڭا ئۇ ئۆيىگە قۇم خالتىسى ئېسىپ ،بوكسىيورلۇقنى ئۆزلىكىدىن جاپالىق مەشىق قىلغان.ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ تالانتىنى بايقاپ سىستىمىلىق تەربىيلىگەن ،كىيىن ئۇ تېخىمۇ مۇنتىزىم تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىۋىدە مۇنتىزىم تەربىيلىنىپ ،2002-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يىللىق مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ بوكىسچىلار چوڭ ئەترىتىگە تاللانغان .شۇنىڭدىن باشلاپ مەخسۇس مەشىىق قىلىشنى باشلىغان .
2004-يىلى ئۇ ئاسىيىا ياشىلار -ئوسمۇرلارنڭ لەۋھە تالشىش بوكىس مۇسابىقىسدە 2-لككە ئېرىشكەن .2007-يىلى دۇنيا لوڭقىسنى تالشىش مۇسابىقسىدە 18ياشقا كىرگەن مەمەتتۇرسۇن چوڭ بەش ماھىر قاتارىغا كىرگەن .2009-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۇنى 11-نوۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابقىسنىڭ بوكىس مۇسابىقىسدىكى ئەرلەرنڭ 64كىلوگىراملىقلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە چېمپىيون بولغان .
ئگىلىنشچە ،.ئۇ ئىككى نۆۋەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسنىڭ بوكىس ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسگە قاتناشقان بىردىنبىر ئۇيغۇر تەنھەركەتچى ھېسابلىندىغان بولۇپ ، جۇڭگۇنىڭ 69 كىلوگىراملىقلار بويىچە 1-نۇمۇرلۇق ماھىرى ئىكەن .
مەمەتۇرسۇن چوڭ 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسگە قاتناشقان ،2011-يىلى ئاسىيا لەۋھە تالشىش مۇسابىقسنىڭ چېمپىيۇنى بولغان .
مەنبە:قەشقەرگېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 02:08 AM
|
|
|
|
|
|