|
|
|
|
كۈمۈلمەس ئىزلار
(مۇرادجان مۇختەر نائىل)
مەن بۇشېئىرمنى قەلبىمدىكى ئۇستاز ،ئەل قەلبىدىكى مۆھتىرەم ، ھۇسۇللۇق شائىر،
مۇھەممەدجان راشىدىنغا بېغىشلايمەن!
( لېكىن بۇ ئۇستاز بىلەن ھاياتىمدا بىر قېتىممۇ ئۇچۇرشۇپ باقمىغان)
ياشايدۇ شۇنداق بىر تۆھپىكار قان-تەر تۈكۈپ ئەجرىدىن ،
چىن ھالاللىق ھەم ئادالەت تۈكۈلۈپ تۇرار مىسراسىدىن .
ئەل دىدى،كۆيدى ھامان، ئەلمۇ ھەم كۆيدى شۇڭا،
ئەزىز خەلقىم ئۇرۇن بەردى ،قەلىب كۈڭۈل تۆرىدىن .
ھايات يولدا مىزان بولغاچ تەييارغا ھەييار ياشماسلىق،
بىر زاغىرسى ئەتىۋادۇر،قارا نىيەتلەر تىللاسىدىن .
«جاھان دىگەن يارالدى شۇنداق»قەدرىڭدە ياشا ئىنسان دىگەچ،
قايىل بولار گاس-گاچا ھەتتا جاھانغا بەرگەن تەدبىرىدىن.
ھەرنەپەستە دىگەچ ھەمىشە دىھقان ئاتام ،دىھقان ئانام،
بەركەت قىلار خامىنى ھەم دىھقان بەرگەن دۇئاسىدىن.
ئەتىۋاركەن ياخشى دىگەن،كۆرسىمۇ تالاي كۈلپەتلەر،
شۇۋەجىدىن «ياخشىلارغا ناخشا تولا»كۈي ناۋاسىدىن.
ھەي جاپاكەش ھەي قەدىردان مىڭ تەشەككۈر ئەجرىڭگە،
پەخىرلىنەر ئانايۇرت ھامان ئۈزنىڭ شۇنداق ئوغلانىدىن.
سىنىڭ ئۈچۈن ھەربىر قوللار دۇئادا بولغاچ ھەر زامان ،
قادىر خۇدا ئامان قىلغاي ئەھلى دۈشمەن دىشۋارىدىن.
نائىل يۈركى يايرايدۇ تەن،سىنىڭ ئۈچۈن مىسرا يېزىپ،
ئاڭلا خەلقىم ئۇشبۇ كارۋان دەل مۇھەممەتجان راشىدىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 02:56 AM
|
|
|
|
|
|