مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 298|ئىنكاس: 11

بىزگە پەلسەپە نىمىشقا لازىم؟(3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77266
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-3-11
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىزگە پەلسەپە نىمىشقا لازىم؟(3)

بىز ئەر ئەمەس، مۇسۇلمانمۇ؟


نەدە ئاڭلىغىنىم ئىسىمدە يوق .بىر يىللاردا شۇنداق بىر يۇمۇر ئاڭلىدىم .شۇ يىللاردا داغىستاننىڭ بىر شەھىرىدە شۇ جايدىكى رۇسلار بىلەن بىلەن يەرلىك مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سۇركۇلۇش بولۇپ جىدەل يوغىناپ بىر-بىرىنى توپلىشىپ كىلىپ ئۇرىدىغان ئەھۋاللار بولۇپتۇ.شۇ شەھەرنىڭ مۇسۇلمانلار توپلاشقانراق جايىدا بىر مەسچىت بار ئىكەن.ئۇ كۇنى تازا دىگەر نامىزى تارقىلىۋاتقان چاغدا بىر توپ ئادەم مېچىتنىڭ ئالدىغا باستۇرۇپ كەپتۇ.ئەمدىلا مىچىتتىن تاراۋاتقان جامائەت دالدىلىنىش ئۇچۇن ئالدىراپ سالدىراپ مىچىتكە كىرىپ كىتىشىپتۇ.بىر توپ كىشىنىڭ مەسچىتنىڭ ئالدىغا باستۇرۇپ كەلگەنلىگىنى كۆرگەن ئۆتكەن-كەچكەن  6-7 يەرلىك مۇسۇلمان ياشلىرى يۇگرەپ كېلىپ باسقۇنغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ.ئۆتۇپ كىتىۋىتىپ بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۇپ تۇرغان مودا كىيىنگەن بىر ئايال كىشى قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ-دە مىچىتكە  يالاڭباشتاقلا كىرىپ –ھەي سىلەرمۇ ئەرمۇ-دەپتۇكەن

ئىشتاننى ئوشىغىدىن ئاشۇرماي كىيىپ بولىشىغا ساقال قويىۋالغان بىرسى كۆزىدىن ئوت چاقنىتىپ تۇرۇپ

_ئاچا ماۋۇ دىگەن تەرەت ئېلىپ كىرىدىغان مىچىت. گەپنى توغرا قىلىڭ بىز ئالدى بىلەن مۇسۇلمان، ئەر ئەمەس دەپتۇ.

  ئەلۋەتتە مۇشۇنداق جاۋاپ ھازىرلىغىدا ياشايدىغان قارا يۇمۇرجانلار داغىستاندا ئەمەس بىزدىمۇ كەڭرى .لېكىن بۇ نىمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟بۇنداق يۇمۇرىستىك نادانلىقنىڭ دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟

ئىنسانلار جەمىيىتىدە،يۇرۇشى(جورۇق،ئەمەل)،بۇرۇچى،خۇيى،خارەكتېرى دىگەندەك مۇشۇنداق نەرسىلەر بولىدۇ بۇلارنىڭ شەخىس مىقياسىدا مىللىيەتلىشىشى دەرىجىسى، تۇغۇچ،مىجەز،بالا،ئوغۇل،قىز،ئەر،،ئايال دىگەندەك ھايات مەرغۇللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ .جامائەت مىقياسىدا مىللىيەتلىشىشى،يول-يوسۇن،ئەخلاق،مىللەتلەرنى ئۆرە قىلىدۇ.شۇڭا يۇقۇرىدىكى يۇمۇردىكى ئىنكارچىلىق ماھىيەتتە مانا مۇشۇ تىزمىنىڭ ھەممىنى ئىنكار قىلغانلىق بولۇپ، بىز ئەرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟دىگەن بۇ سۇالغا بېرىلىدىغان جاۋاپ قانداق بولسا، بىز ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟ دەيدىغان سۇالغا بېرىلىدىغان جاۋاپ شۇنداق بولىدۇ.. كىشىلەر ھەرقانچە نادان بولسىمۇ ئەر-ئايالدىن ئىبارەت ھايۋانىلىققا ئەڭ يېقىن بۇ ئۇقۇمغا نىسبەتەن يەنىلا مۇەييەن سەزگۇرلىكتە بولغاچقا بىز ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ دەيدىغان بىمەنە سۇالغا ،بىز ئەرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟ دەپ كىرىشسە مەسىلىنى تېخىمۇ ئاسان ئايدىڭلاشتۇرىۋىلالايدۇ.ئەلۋەتتە ئايدىڭلاشماي ،مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ ئەر ۋە ئايالغا ئېنىق ئايرىۋاشلانغان ئەندىزىلىرىدىن خالى ھالدا نوقۇل ئىنسان تەبىىتىدىن ئويلىغاندا ماھىيەتتە بىجىرىم ئەرمۇ ئەمەس،ئايالمۇ ئەمەس،مىللەتمۇ ئەمەس،ئاتالمىش"مۇسۇلمان"گەپتانلارنىڭ دوڭى ،ئىنسانلارنى قايتا ياراتماقچى بولغانلارنىڭ بۆسۇش نۇقتىسى بولۇپ تۇرىۋەرسىمۇ بولىدۇ لېكىن ئاقىىۋىتى مەلۇم بىر يىلى قۇمۇلدا يۇز بەرگەن مۇنۇ ۋەقەلىكتىن ئۆزگىچە بولۇپ كەتمەيدۇ.

بىر يىلى ئاتالمىش بىرنەچچە "تەقۋا" ياشلار كېتىۋىتىپ ،يولدا يېنىدا قىڭراق ساقلاپ يۇرۇيدىغان بىر تەلۋە لۇكچەك بىلەن نىمىسى نىمە بولغان جىدەللىشىپ قاپتۇ.بىرنەچچىسىگە قىڭراق تىگىپتۇ.ئارىدىن بىرسى قاندىغى قانداق بولغان قىڭراق تۇتقان تەلۋىنى ئارقىدىن كىلىپ قۇچاقلىۋاپتۇ.ئەمما شۇ چاغدا قىڭراقچىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ بەك "تەقۋا" قارىم ئۇنى ئۇرماي مۇشتىنى كۆتەرگىنىچە قاراپ تۇرۇپتۇ.پەيت كىتىپتۇ قىڭراقچى ئىككىسىدىن بوشۇنۇپ قىچىپتۇ.جاننى ئالقانغا ئېلىپ كەينىدىن قىڭراقچىنى قۇچاقلىغان بالا زەردىسى قايناپ؛ تەييار قىلىپ تۇتۇپ بەرسەم  نىمىشقا ئۇرمايسەن دەپتىكەن مۇش كۆتۇرۇپ قويۇپلا تۇرغان قارىم "پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئىنساننىڭ يۇزىگە ئۇرماڭلار " دەيدىغان ھەدىسى يادىمغا كېلىپ قالدى.دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

بۇ نىمىدىگەىن تەسىرلىك يۇمۇر-ھە.

شۇڭا  ئالدى بىلەن ئىنسان،ئەر ياكى ئايال بولۇش لازىملىغىنى،بۇ باسقۇچ ئوڭۇشلۇق بېسىلماي خارەكتېرى يىتىلمىگەن،پىكرى بۇزۇق،تۇيغۇسى كېسەل سۇرىتىي ئىنساننىڭ مۇسۇلمانلىق مەسلىكىنى. "ئىسلامى سۇرەت"نى بىلىپ،بىلمەي قورال-جابدۇق قىلىشى ئەمەس، مۇشۇ باسقۇچنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ كەلگەن ئىنساننىڭ كەلىمە شاھادەت ئېيتقانلىرىنىڭ ئاندىن  مۇسۇلمان بولىدىغانلىغىنى چوقۇم ناھايىتى ياخشى چۇشەنمەك لازىم.كامالەت تاپماق ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچى.تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ماۋزۇيىمىز بويىچە  بۇ جەھەتتىكى ئىجتىھاتىڭلارغا ياردىمى بولسۇن ئۇچۇن بۇنىڭغا قوشۇپ داۋۇت ئوبۇلقاسىمنىڭ< ئۆيى يوقنىڭ ئويى يوق> ناملىق ماقالىسىدىن تۆۋەندىكى ئۇزۇندىنى بەردۇق.پايدىلىنارسىلەر.

"يېقىنقى دەۋردە نىمىشقىكىن بۇنىڭ ئەكسىچە مىللەتنى ئېتىراپ قىلمايمىز،دۇنيادا مۇسۇلمان كاپىر دەپ ئىككىلا مىللەت بار دەيدىغان نادان موللىچاقلار پەيدا بولدى.ھەتتا قەشقەردە  مېھماننى مۇسۇلمانلار،ئۇيغۇرەكلەر دەپ ئىككى خىل چاقىرىدىغانلىغى توغرىسىدىكى گەپلەرمۇ قۇلاققا كىرىپ تۇردى.  بۇ دەرىجىدە ساپاسىز كىشىلەر بىلەن ئەلۋەتتە مۇنازىرە قىلىپ ئۆلتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق،ئەمما بۇ گەپنى قانداق بىر «مۇتەپپەككۇر»نىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىغانلىغىنىمۇ تۇزۇك ئىلغا قىلغىلى بولمىدى.مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىنى شىنجاڭدىكى موللىلارنىڭ ئالدى دەپ چاغلايدىغان بىرسىنى تېپىپ گەپتانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن بۇ توغرىدا ئۇنىڭغا قىسقا ۋە ئۇدۇللا تەنبىھ بەردىم.ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مۇشۇ مەسلەكتە ئىكەنلىگىنى ئېنىقلىدىم.ئاندىن ئۇنىڭدىن ناھايىتى ھۆرمەتسىزلىك بىلەن بىر سۇئال سورايمەن سۇئالنىڭ نازاكىتىنىڭ يوقلىغى ماڭا مەلۇم بۇ توغرىدا مۇنازىرلەشمەيمىز.ھەم سۇئالدىكى بىئەدەپسىزلىكتىن ئاچچىقلاشمايمىز.پەقەت سۇئالنىڭ ئۆزىگىلا جاۋاپ بېرىلا دەپ شەرت قويدۇم ماقۇللىغىنى ئالغاندىن كىيىن بىز ئىسلامى رەسمىيەت بويىچە نىكاھلانغانلاردىن بولغان بالىلارنى ھالالدىن بولغان دەيمىز.لاما دېنىغا ئېتىقات قىلىدىغان بىر جۇپ قالماق ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ مىللى ئۆرۇپ- ئادىتى بويىچە توي قىلىدۇ. ئىسلامى چۇشەنچە بويىچە بولغاندا ئۇلاردىن بولغان بالىنى ھارامدىن بولغان دەيمىزمۇ ھالالدىن بولغان دەيمىزمۇ؟ دەپ سورىدىم ئۇ ئېرەڭسىمەيلا نىمە بولسا بولمامدۇ؟ دەپ كۇلۇپ،كاللىنىڭ ئىشى بار دەيمەن يوقىلاڭ گەپنى سورىماي نەق گەپنىلا سورىسىلا دىدى مەن سۇئالىمنى باشلىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھۇسالامنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ ئاشۇ قالماقلاردەك مۇشرىك ئىكەنلىگىنى بىلىلا شۇنداققۇ دەيمەن دىدىم ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن شۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى.مەن گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم ئۇنداقتا يۇقىرىقى قالماقلارنىڭ بالىسى توغرىسىدىكى سۇئالنى پەيغەمبەر ئەلەيھۇسالامنىڭ تۇغۇلىشىغا قارىتىپ سورىساق بۇنىڭ جاۋابى ئەمدى قانداق بولىدۇ؟ دىدىم ئۇ خېلىبەك قىزاردى. جاۋاپ بېرىشكە قاتتىق قىينالدى.مەن جاۋابىنى دەپ بېرەي ئەلۋەتتە ھەر ئىككىسى قانۇنلۇق ھىساپلىنىدۇ. ئىسلامى چۇشەنچىدە ھەركىم دىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆرۇپ ئادىتى بويىچە توي رەسمىيىتىنى بىجەرگەن بولسىلا بۇ نىكاھ قانۇنلۇق، تۇغۇلغان بالىلار ھالال بولىدۇ ئەكسىچە بۇ قالماقلار  ئۇرۇمچىگە ساياھەتكە كېلىپ ئىسلامى رەسمىيەت بويىچە توي قىلسا بالىسى ھالال بولمايدۇ.سىلىنىڭ بۇنىڭغا ھازىر بىرنىمە دىيىشلىرى ھاجەت ئەمەس،كىتاپ كۆرسىلە ئاندىن بىرنىمە دىسىلە دىدىم. ئۇ يەنە ئويلىنىشقا كەتتى بىرنەچچە كۇندىن كىيىن شۇنداق بولىدىكەن دەپ كەلدى. كۆرۇشلىككى ھەر مىللەتنىڭ ئۆرۇپ-ئادىتى ئىسلامى نۇقتئى نەزەردە ئەسلى ئاشۇنداق نوپۇزلۇق نەرسە،ئىسلام ئەھكاملىرىغا مۇخالىپ بولمىسىلا، ئۇ ئۆزىنىڭ نوپۇزىدىن قالمايدۇ.نىكاھنى تۆت ئادەم ئوقۇپ قويسىلا قالغىنى قىلسىمۇ بولىدىغان،قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمەس.مۇشۇنداق تۇرسا پەيغەمبەر ئەلەيھۇسالامنىڭلا ئەمەس دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ھالاللىقىنى دەلىلەيدىغان مىللىيەتكە نىمىشقا مۇنداق يەڭگىلتەكلىك قىلىسىلەر؟. مىللىيەتكە تىل سېلىشتا بۇنىڭ ئەھلىلىرى بىلەن سۆزلەشمەي كۆرمەي،ئۇنى يامانشىشقا نىمىشقا سەۋىيىسى ۋە خارەكتېرىنىڭ تايىنى يوق شۇنچىۋالا ئادەمنى سەپەرۋەر قىلىسىلەر؟نىمەڭلەرگە نىمە يەتمەي بۇ ئىسلامى نۇقتىئى نەزەردىن تېنىپ ئامىرىكىنىڭ ھەممىنى يەر شارىلاشتۇرۇش نۇقتئى نەزەزىرىدە گەپ-سۆز قىلىدىغان بولۇپ قالدىڭلار؟  كاشكى بۇنداق گەپ-سۆزلەرنى سۆزلەيدىغان گەپتانلار نۇقتىنەزەر ئاسىيلىغىنى ئىلغا قىلالىسا ئىدى ھەر ھالدا خوش بولۇپ قالىتۇق.مۇنچىلىك ساۋادى بار ئىنسان، مەسىلىنىڭ مىللى تۇيغۇدا ئەمەس، بەلكى مىللى تۇيغۇغا ئۇنداق –مۇنداق سەۋەپلەر بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئۇقۇملارنى ئوبىكىت قىلىپ، ئىنسانلار ئارىسىدا مىللىيەتنى سۇيى ئىستىمال قىلغان تېتىقسىز ئېرقچىلىق ۋە تەپرىقچىلىقنىڭ پەيدا بولىۋاتقانلىغىنى  ھېس قىلغان بولار ئىدى.سۇنى لېيىتىۋاتقانلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماس ئىدى.جىسمى ھاياتىغا ئىشلىتىلىدىغان يىمەكنى ھالال ھارام دەپ ئايرىغان يەردە ئۆز تەپەككۇرىگە ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇقۇملارنىڭ قۇرئان، ھەدىس ۋە ساھابىلەر دەۋرىدە باريوقلىغىغا،ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن -ئۇيغۇن ئەمەسلىگىگە تەگبىر ئېيتىپ بوغۇزلانغان گۆش بىلەن ئېيتماي بوغۇزلانغان گوشنى ئايرىغاندەك جىددىلىك بىلەن قارىغان بولار ئىدى.   

راس بىزنىڭ جاماەتچىلىكىمىز،مىللىيىتىمىز مەزلۇم.شۇڭا ئارىمىزدا مىللەتكە قارىماي يول تۇتالايدىغان،ئۇنى كەمسىتىدىغان،مىللەتتىن ھايا قىلمايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ مەنپەتىنىڭ قارشىسىدا مېڭىشنى تاللىۋالغان كىشىلەر ئاۋۇپ قېلىغلىق. ئەقەللىسى ھەر ھېيتتا يۇرتتا ھېيت نامىزى ئوقۇلسۇن ئوقۇلمىسۇن سەئۇدى پالانچى كۇنى ھېيت قىلىدىكەن قىلمايدىكەن دىيىشىپ يۇرت جامائىتىگە قارىماي ئايرىم ھېيت قىلىدىغان، ھەتتا بۇنى دىندارلىق دەپ بىلىپ غادىيىپ يۇرىدىغانلار بار،.ھالبۇكى دىننىڭ يولى بۇ ئەمەس. ھېيتنىڭ قاچان بولىدىغانلىغى ۋە ھېيت نامىزىنىڭ قاچان ئوقىلىدىغانلىغىنى سەۇدى ئەمەس،يۇرت جامائىتى بەلگىلەيدۇ.جاماەت ۋە مىللەتنىڭ مەزلۇملىغى ،نادانلىغى ساڭا بىلىنىشكەن بولسا ئۇنى ئوڭشاش ئۇچۇن كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىق ،ئىزدەن،بىلگەنلىرىڭنى تەدبىقلا،بولۇمسىزلىقنى ئوڭشاشنىڭ تەدبىرىنى قىل،لېكىن مىللەتنىڭ ئېتىبارىنى،نوپۇزىنى سۇندۇرۇشنىڭ يولىغا كىرمە.ئۆزۇڭنى كىچىك چاغلاپ بۇنىڭغا جۇرئەت قىلالمىساڭ يەنە بىر ئۆينىڭ گىپىنى قىلىپ،غودۇڭشۇپ يۇرمە،مېجازى ھالدا ئېيتقاندا ئۆزۇڭنى ئەر چاغلىماي ئۇ ئەردىن چىقىپ بۇ ئەرگە تەككەن بولساڭ، بۇرۇنقى ئېرىڭنىڭ يامان گىپىنى قىلما.يېڭى ئېرىڭنىڭ يېنىغا بار ئۆيۇڭنى تۇت. بىر كۇنى مەن مۇشۇنداق ھېيت قىلىدىغان "ئاتالمىش تەقۋا"لارنىڭ بىرسىدىن ناۋادا  شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئەرەپلەر بىر-بىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ قالسا قانداق قىلىسىلەر مىللەنى سېتىپ سەۇدىدىكى ئىماملىرىڭلارنىڭ پاي قەدەملىرىگە ئەگىشەمسىلەر؟ دەپ سورۇدۇم.ئۇ تاڭزىپ مەن مىللەتنى تونىمايمەن دىدى.ھالبۇكى ئۇنىڭ جاۋابىنىڭ ئەكسىچە دىن مىللەتنى تونۇيتى ،تېخى دىن ئاتالغۇسى قەدىمىيلىك ئېتىبارىدا ئېيتىلغاندا مىللەت دىيىلەتتى.ئەمدى بۇ قانداق مەنتىقە! ئېنىقكى بۇ خىلدىكى كىشىلەردىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىمەي بولمايدۇ.

--- مەن ساقلىۋالغان باشقىلارنىڭ يازمىسىدىن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-9 02:59 AM  


كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1072
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1978
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1770 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق گەپ بۇ ئەمدى  نەدە بىرگەپلەرنى قىلىدىكەن دەيمەن بۇياغۇچىلەر ، مىنىڭدىن  سورىسا چۇ  شۇ  سۇئالنى سورىغانغا  يارىشا قايىل قىلاتتىمكەنتۇق ،نەدە بىر ئادەمدىن  سورىۋېلىپ ئېلەشتۇرۇپتۇ .ئەمەسمۇ ،نىمۇئۇ ھېيىتنى جامائەت بەلگىلەيدۇ دىگەن  مانداق   ئايغا قايلاپ تۇرۇپ ئاينى كۈرۈپ تۇرۇپ ئاندىن ئۇقۇيدۇ  نامازنى ..لىكىنزە مىنىڭمۇ  بەزى تەپىرقچىلارغا ئاچچىقىم بار ،زادى ،مىللىتىڭنى دىنسىز قىلىپ نىمەقىلاتتىڭ ،نىمىلا بولمىسۇن ئاتىسى ئۇيغۇر ئانىسى ئۇيغۇر ئىسمىمۇ ئۇيغۇر  تۇرسا ،  ئۇيغۇرتۇرۇپ ئۇيغۇرنى كاپىرغا چىقارغان كىشى  ياخشى كىشى ئەمەس .كاپىر دىگەن گەپ ئېغىر گەپ ئۇ ، ئاخىردا مەن جاۋاپ بىرەي شۇ قارىم جاۋاپ بىرەلمىگەنگە ،ھەرقانداق بىر جان ئىگىسە ئىسلام ئۈستىگە توغۇلۇدۇ ،،  ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈزىنىڭ دۆلىتىنىڭ ياكى پارتىيسىنىڭ ئىچىدە بۇلىدىكەن  شۇ پارتىيە ياكى شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى بۇيىنچە ياشايدۇ بۇقىل سىغمايدىغان ھەقىقەتتتۇر ،شۇنىڭ ئۈچۈن قالماق دىنسىرتىدا تۇرۇپ توي قىلىشى  بالاتېپىشى .ئۈزى ئۈچۈن ھالالدۇر .ئاللاھ  كاپىرلارغا دوۋزاق ئۇتىنى تەييار قىلىپ قويدى ،ئىگەر شۇ قالماقتىن تۇغۇلغان پەرزەنىت ئاللاھ يۇلىغا ماڭسا يەنى ئىمان ئىتسا يەنىلا ياخشى مۇسۇلمان .بۇنىڭلىق بىلەن ئاتا بالىلىق مۇناسىۋەت ئاجراپ كەتمەيدۇ ،نىكاھ ئۇقۇمى  غاتا كۆز قاراشتا  تۇرغانلار  باركەن .نىكا ھ  پۈتۈن دۇنيادا ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر بىرىگە ھالال بۇلۇشىغا كاپالەت بۇلىدىغان ۋەدە دۇر ،بۇ ھەرقانداق مىللىەتتىن  بولسۇن قانداق دۆلەتتىن بولسۇن چۇقۇم ئەمەل قىلىدۇ ،لىكىن دىنى ئىتقات  ئۆرىپ ئادەتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ نىكاھ  ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ ،
شۇڭا ھەرقانداق مىللەتتە  يامان ئالىدۇ نىكاھسىز بىر يەردە تۇرۇشنى ...شۇڭا قالماقنىڭ بالىسى ھارامدىن بولغانمۇ ياھاlامدىنمۇ  دەپ سورىغان يازغۇچى يەنە ئازراق بىلىپ ئاشۇرسا بولغۇدەك  ،،، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax114 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-9 12:07 AM  


ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33849
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1314
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 4032 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى يەرلىرى توغرا بەزى يەرلىرى خاتا دەكلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بەزى گەپلىرى ئورۇنلۇقتەك ،بەزى گەپلىرى .............
چۈشىنىكسىزدەك ھېس قىلىپ قالدىم ،تاڭزىم دېگەن نېمە گەپ؟

★ مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.
★ تىنچ يول بىلەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە مۇشت ئىشلىتىپ ئېرىشەلەيسەن.
★ ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە گۇمران بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77266
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-3-11
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kurax114 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-8 11:50 PM
قانداق گەپ بۇ ئەمدى  نەدە بىرگەپلەرنى قىلىدىكەن دەيمەن ...

مەن قارىساممۇ بەزى يەرلىرى ئانچە ئورۇنلۇق بولماپتۇ ئاپتۇرنىڭ . لىكىن ئۇنىڭ دىمەكچى بولغىنى ئاۋال ئادەم بۇلۇشنى ئۆگەن ، ئاندىن ياخشى مۇسۇلمان بۇلالايسەن دىمەكچى ئوخشايدۇ . ئاۋۇ تالىپ بالىلارنىڭ ھېكايىسى مېنى خىېلە ئويلاندۇردى .  مېنىڭ ئەتراپىمدىمۇ ئۇنداق كاللىسى ئاددىي ئىخلاسمەن باللاردىن خېلە بار . دائىم باشقا باللارنى ئارىغا ئالماي يۈرۇيدىغان . ئەمما زە   ئىنتايىن ئىسىل بۇرەدەرلىرىمدىنمۇ نەچچىسى بار . دىندىمۇ ،پەندىمۇ بار ، مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان ، خۇش - پېئىل باللاردىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78230
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنىلا كۈرەسنىڭ پىكىرنى قوللايمەن.

نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 611
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى بىر نەرسىنى چۈشۈنگەندەك بولدۇم  ، تىما ئېگىسىگە رەھمەت ...

ۋاقىت  ئۆتمەكتە   بىزلەرگە   باقماي،
جاھانغا نەزەر سال قورساقنى باقماي.
تەكەببۇر  بولمىغىن  دەۋىر  ئالدىدا
كەمسىتمە بىراۋنى ،ھالىڭغا  باقماي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان يۇمۇردىكى كالتەك ساقال تالىپچاقنىڭ بىز دىگەن مۇسۇلمان  ، ئەر ئەمەس، دىگىنى ئارىمىزدىكى بەزىلەرنىڭ قىلچە تەپ تارتمايلا مەن مۇسۇلمان،ئۇيغۇر ئەمەس دەۋاتقىنىدەكلا ئاڭلىنىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77266
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-3-11
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 07:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-5-9 11:15 PM
بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان يۇمۇردىكى كالتەك ساقال تالىپ ...

قانچىلىك ئەركىن پىكىر قىلالايمىز؟ ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم پەننىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىز قانداق تۇنۇيمىز؟ فىزىكا پەنلىرى دوكتۇرى بىلەن ئىسلام پەنلىرى دوكتۇرى ئوتتۇرىسدا سۆھبەت.
بۇ يازما مەزكۇر بلوگنىڭ تۆھپىكار ئاپتورى ( Contributing Author ) فونون ئەپەندى ( قوللىنىشچان فىزىكا پەنلىرى بويىچە دوكتور كاندىداتى) بىلەن ئىسلام پەنلىرى بويىچە دوكتور كاندىداتى B ئەپەندى (ۋاختىنچە شۇنداق دەپ ئاتاپ تۇردۇق )ئوتتۇرىسىدا ئىلخەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت بولۇپ ئىككەيلەننىڭ سۆھبىتى يەنە داۋاملاشقۇسى.


قانچىلىك ئەركىن پىكىر قىلالايمىز؟
ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم پەننىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىز قانداق تۇنۇيمىز؟
فىزىكا پەنلىرى دوكتۇرى بىلەن ئىسلام پەنلىرى دوكتۇرى ئوتتۇرىسدا سۆھبەت.

تۆۋەندىكى مەزمۇنلار قوللىنىشچان فىزىكا كەسپىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان مەن  بىلەن ئىسلام پەنلىرى دوكتۇرى (B)  ئوتتۇرىسىدا بۇلۇنغان پىكىر ئالماشتۇرۇش. دىققەت! بەس-مۇنازىرە، تالاش-تارتىش ئەمەس. دوكتۇرى (B)  نىڭ ۋاقىت چىقارغىنىغا، ھەم ئىپادىلىگەن سەۋىرچانلىق، كەمتەرلىكىگە  رەخمىتىمنى بۈلدۈرىمەن.  ئەسلى يازمىنى قايتا تەھىرلەشنى ئويلاشقان، لىكىن بۇنداق قىلسام دوكتۇرى (B) غا ئادىل بولمىغۇدەك. شۇڭا پەقەت بەزى قوپال چىقىپ كەتكەن سۆزلەرنى ئۇزگەرتىپ قويدۇم. جۇملىلەر، تەھرارلانغان مەزمۇنلار ئۆزگەرتىلمىدى. ئەگەر دوكتور B نىڭ داۋاملىق ۋاقتى چىقسا بۇلۇنغان پىكىرلەرنى يەنە يىزىپ قۇيىمەن.
+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

فونوندىن:
سالام سىزگە!
ئۆزۇم چەتئەلدە قوللىنىشچا فىزىكا كەسپىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيمەن. ئاللاھ خالىسا بۇيىل ئوقۇش پۈتىدۇ. مەنمۇ ۋاقتىم بولسا تورغا ئانچە مۇنچە ئىنكاس، ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ قويىمەن. كۆپىنچىسى دىن ۋە مىللەتكە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار.  بىرنەچچە توردا فونۇن نامىدا تىزىملاتقان. ئەگەر سىزمۇ تور ئارىلىسىڭىز يازما، ئىنكاسلىرىمنى كۆرۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
مەقسەت!
تورغا يەنە ئويلىغانلىرىمنى يىزىپ قويماقچى ئىدىم، مەزمۇنلار ئىسلام، قۇرئان كەرىم، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئالدى بىلەن سىز بىلەن بىر پىكىر ئالماشتۇراي دەپ ئويلىدىم. يازغىنىمنىڭ باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تورلارغا كۆچۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن گەپ سۆزنى ياساپ يازمىساق بولمايدۇ. …  جاۋاب قايتۇرۇششىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
مەزمۇن ئەركىن پىكىر قىلىش؟ قورۇقماي پىكىر قىلىش؟ چوڭقۇر پىكىر قىلىش؟
تورلاردىكى دىن بىلەن پەن نىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ماقالىنى كۆردۇم.  مەن ئۈچۈن دىن، ئىلىم-پەن نىڭ مۇناسىۋىتى ئۇنچىلىك مۇرەككەپ ئىش ئەمەس. پەقەت ئىككىسىنىڭ جاۋاب قىلىش ئوبىكتى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن ئىلىم-پەن داۋالىنىش ئۇسۇلىنى تەمىنلىدى، لېكىن ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىككە، قانداق ئىشلىتىشكە جاۋاب قىلمايدۇ. بۇنىڭغا دىن بىلەن جاۋاب قىلساق بولىدۇ. بۇ جەھەتتە دىن ئىنسان جەمىيىتىنى، ئەدەپ-ئەخلاق دىگەنلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەر بىلەن ئوخشاش.
ئەگەر ئىلىم-پەندا ئېرىشكەن نەتىجىلەر ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇدات، قانۇنىيەتلەرنى توغرا چۈشىنىشتىن كەلگەن بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ ئىسلام بىلەن زىت بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇدات، قانۇنىيەتلەر ھەرگىز بىر-بىرىگە زىت بولمايدۇ.
بۇ مەزمۇنلارنى بۇرۇن تورغا يازغان. ئاخىرقى جۈملىگە ھەممە ئادەم باشقا پىكىردە بولمىغان.  مەن مۇشۇ جۈملە ئۈستىدە پىكىر قىلماقچى.  ئىسلامنى چۈشەندۈرۈشتە ئاساسىمىز قۇرئان كەرىم، سەھىد ھەدىس.  مەن بۇنىڭغا يەنە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى قوشۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. (بۇنى تېخى كۆپلەپ تەشۋىق قىلغىنىم يوق).  چۈنكى ھەركىمنىڭ چۈشەنچىسى ئوخشاش بولمايدۇ، پەرىقلىق بولىدۇ. بۇنى سىز بەرگەن پەتىۋالاردىن ئېنىق كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.  ھەدىسنى توقۇغىلى بولىدۇ. قۇرئاننى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن مەيلى ياخشى ئادەم بولسۇن، يامان ئادەم بولسۇن، مۇسۇلمان بولسۇن، ئېتقادى يوق بولسۇن ھەممىسى ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇنىدۇ، بۇ قانۇنىيەتلەرنى بۇزغىلى بولمايدۇ، ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن قىزىق نەرسە قولنى كۆيدۈرىدۇ. مۇسۇلماننىڭ قۇلى كۈيۈدۇ،باشقىلارنىڭ قۇلى كۈيۈدۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇلىمۇ كۈيۈدۇ. يەرشارىدا سۇ يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە ئاقىدۇ. كۈچ بەرمىگۈچە يۇقۇرىغا ئاقمايدۇ. ياراتقۇچىدىن باشقا ھەممە مەۋجۇداتنى، پەرىشتىلەرنى، جىن-شەيتان، ئىبلىسنى، ياردەمگە چاقىرتساقمۇ سۇ يەنىلا يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە ئاقىدۇ.  مەن مۇشۇنداق تۇنۇشتا بولغاچقا قۇرئاندا تەسۋىرلەنمىگەن تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە زىت بولغان ھەرقانداق ھەدىس، مۆجىزىلەرگە گۇمان قىلىش، ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەدە بولىمەن. مەسىلەن ھازىرغىچە ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان زەمزەم نىڭ خاسىيىتى، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى مۆجىزىلەر….  قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان چۈشەندۈرۈشلىرىگىمۇ ئوخشاش پوزۇتسىيە تۇتىمەن.. مەسىلەن ئاينىڭ يېرىلىشى، پىل ئۇرۇشى….  قاتارلىق.  
بۇنداق پوزۇتسىيە تۇتىشىمغا قۇرئاندىن ئاساسىم بار. مەيلى نوھ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى توپان بالاسى بولسۇن، موسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى تالاپەتلەر بولسۇن، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ياردەمگە بارغان پەرىشتىلەر بولسۇن، ئەلەيھىسالاملارنىڭ دىن تارقىتىش جەريانى بولسۇن ھەممىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق. تەبىئەت قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن.  ئىنسانلارنى جازالاشقا، پەيغەمبەرلەرگە ياردەمگە ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام مۇۋاپىق ئىدى. ئىمان ئېيتمىغانلارنى، پەيغەمبەرلەرگە بويسۇنمىغانلارنى شۇ زامان ئامانەتنى ئالسا بۇلاتتى. بۇنداق قىلىنمىدى. بەلكى يەرشارىدا مەۋجۇت بولغان تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى بويىچە بولدى. يامغۇر ئەقىلگە مۇۋاپىق، پەرىشتىلەر بورانغا ئۆزگەردى ئەقىلگە مۇۋاپىق. …  كىشىلىرىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۇچۈن نۇرغۇن ئەجىرلەرنى قىلدى. قۇرئاندىن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى تاپقان بولدى… مەسىلەن سانلار… بۇلارنى مۇسۇلمان كىشىلىرىمىزگە يەتكۈزسەك ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. لېكىن بۇ مۆجىزىلەر بىلەن مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرنى قايىل قىلىشقا بەك ئاجىزلىق قىلىدۇ. باشقىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ كىتابى، ئېتىقادىدىن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.  ئاللاھ قا شۇكرى بۇ يولنى تۇتماي، بەلكى قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ يازمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش يولىنى تۇتقانلار بار، ماقالىلارمۇ كۆپ. مەن بۇ يولنى قوللايمەن. بۇنىڭ قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك. ماڭا قۇرئان كەرىم، مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ پەزىلىتى، ئەخلاقى يېتەرلىك،  ئۇنداق مۆجىزىلەر لازىم ئەمەس.  مۆجىزە دېسەك ئەتراپىمىزدا كۆپ، ئىشىپ تېشىپ تۇرىدۇ. كىشىلىرىمىز بۇلارغا پىسەت قىلمايدۇ. شۇنداق ئاجىز، زەئىپ مۆجىزىلەرنى قوغلىشىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟
ئىسلامنىڭ بىزگە يىتىپ كەلگەن چۈشەندۈرۈش، چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىدا مەسىلە بار. ئىسلامنى سىرلىقلاشتۇرۇش بىر چوڭ مەسىلە. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامدا ئەدەتتىكى كىشىلەردە بولمىغان سېھىرى كۈچ بار، مۆجىزە يارىتالايدۇ دەپ سىرلىقلاشتۇرۇش، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدىن مۆجىزىلەر يۇشۇرۇلغان، چۈشىنىش تەس دەپ سىرلىقلاشتۇرۇش. قۇرئان كەرىمدە ھەممە سۇئالغا جاۋاب بار دەپ سىرلىقلاشتۇرۇش.  پەقەت ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ياكى پەيغەمبىرى ئەۋلاتلىرى، ئىماملارلا ئىسلام توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش ھوقوقىغا ئىگە دەپ قاراش يەنە بىر چوڭ مەسىلە.  بۇ يەردىكى مەقسەت ياخشىدۇر،  ئىسلامنى قالايمىقان چۈشەندۈرۈشنىڭ، ئۆز نەپسى بويىچە چۈشەندۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان. ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان، چۈشەندۈرۈش ئىشلارنى ئازساندىكى كىشىلەرگە تاپشۇرغان. يامان بولغىنى بۇ مەقسەتكە يېتەلمىدۇق. ئىسلام بۆلۈندى. قالايمىقان ھەدىس، پەتىۋالار ئۇچۇپ يۈرىيدۇ.  مەسچىت لەرنى پارتىلتىشلار بولدى.  
ئامېرىكا دۆلىتىنى قۇرۇش،قۇرماسلىق توغرىسىدا شۇ چاغدىكى كىشىلەر، ۋەكىللەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان بەس مۇنازىرە قىلغان، ئاخىرى ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىش، دۆلەت قۇرۇشنى قارار قىلغان. ئامېرىكا ھازىر ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولدى.  تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ پارلامېتلىرىدا كۈندە بەس-مۇنازىرە، تالاش تارتىش، سايلام ۋاقتىدا بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىش يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. لېكىن دۆلەتتىن چاتاق چىققىنى يوق.  ھەممە ئىشلار نورمال. ئىسلام ئاللاھ تاللىۋالغان ئەڭ ئاخىرقى دىن. قىيامەت قايىم بولغۇچە داۋام قىلىدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن ھەممە ئادەمنىڭ بەس مۇنازىرىگە قاتنىشىشىدىن قورققاندەك، يامان ئاقىۋەتلەر يۇز بېرىدىغاندەك ئەنسىرەشتە بولىمىز؟  سەھىھ ھەدىس دەيمىز. كىم بىزگە ئايرىپ بېرىدۇ؟ مەنچە توغرا بولغىنى سەھىھمۇ؟ سەھىھ ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىماي. بەس-مۇنازىرە؟ دە-تالاشلاردىن ئۈتۈپتىمۇ دەپ سوراش ياخشى.  ياخشى كىتاپلار كۆپ، ئوقۇمۇشلۇق، ياخشى ئادەملەرمۇ كۆپ. لېكىن قالايمىقان نەرسىلەر يەنىلا تارقىلىپ يۈرۇيدۇ. ئسلام توغرىسىدىكى قالايمىقان مەزمۇنلارنىڭ تارقىلىشى، توغرا سەھىھ مەزمۇنلارنىڭ تارقىلىشىدىن تىز، كەڭ. بۇ نېمە ئۈچۈن. قارىغاندا ناچار ئادەملەر ياخشى ئادەملەردىن كۆپ تىرىشچان ئوخشايدۇ.

ھازىرچە مۇشىنچىلىك يېزىپ تۇراي
ئاددى سالام بىلەن، جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ
فونون

دوكتور Bدىن:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: پىكىرلىشىش ئۈچۈن خەت يازغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
سىز دېگەندەك ئىلىم-پەندە ئېرىشكەن قانۇنىيەتلەر توغرا چۈشىنىشتىن كەلگەن بولسا، ئىسلامغا زىت چىقمايدۇ، سەھىھ نەقىل بىلەن ساپ ئەقىل ياكى ئىلمى قانۇنىيەتلەر بىر-بىرىگە ھەرگىزمۇ زىت كەلمەيدۇ. زىتلىق كۆرۈلدى دېگىنىمىزدە يا قانۇنىيەتتە مەسىلە بار، يا نەقىل قىلىنغان ئايەت ياكى ھەدىسنى چۈشىنىشتە ياكى ئۇنىڭ دالالىتىدە مەسىلە بار.
ئەلۋەتتە مۇسۇلمان بولمىغان ئادەم ئايەت-ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتىن بەكراق تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. بىراق بۇ قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى ھەم ناتايىن. پەقەتلا چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغان يېتۈك ئالىملارلا تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاخىرى ئىمان ئېيتقان. ئەمما ئاۋام كىشىلەر ئالىملارغا ئوخشاشلا مۆجىزىلەرگە موھتاج. مۆجىزىمۇ ئەمەلىيەتتە تەبىئەت قانۇنىدىن ھالقىغان پەۋقۇلئاددە ھادىسە.
قانۇنىيەت دېگىنىمىز ئادەتتە داۋاملىق ئىزچىل بولۇپ تۇرسىمۇ قانۇنىيەتتىن چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. چۈنكى ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
سىزگە پىروفىسسور زەغلۇل ئەل نەججار نىڭ ئىنگىلىزچە سۆزلىگەن ۋە يازغان نۇرغۇن ئىلمى تەتقىقاتلىرىدىن پايدىلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. توردا بار.
قايىل قىلىش كۈچ قايىل قىلىنغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمىسا كېرەك. فىزىكا مۇتەخەسسىسى بىلەن باشقا كەسپتىكى ئىختىساس ئىگىسى ۋەياكى ئادەتتىكى سەۋىيەدىكى بىر كىشىنىڭ قايىل بولۇشى ئەلۋەتتە پەرقلىق.
سىز دېگەندەك قۇرئاننىڭ ئىلاھىي ۋەھىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئەڭ ساغلام ھەم قىسقا يوللارنىڭ بىرى.
ھەرھالدا سىزنىڭ ئەركىن، چوڭقۇر ۋە قورقماي پىكىر قىلىش روھىڭىزغا بارىكاللا.
ھۆرمەت بىلەن: B

فونون دىن:
ئشلىرىڭىزغا ئاللاھ مەدەت قىلغاي! خەت قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت! ۋاقتىڭىز بولسا بۇ  پىكىرلىشىشنى يەنە داۋاملاشتۇرساق دېگەن ئۈمىدتە!
مۆجىزە دېگەن ئۇقۇم كىشلەرنىڭ چۈشەندۈرۇشكە ئاجىزلىق قىلغان ھادىسلەرگە تاپقان بانىسى. مۆجىزە پەقەت ئاللاھ غىلا خاس. بۇ قۇرئاندا ئېنىق بايان قىلىنغان. يارالغان مەۋجۇداتلار قانۇنىيەتتىن چىقىپ كىتەلمەيدۇ. مۆجىزىگە كۈتۈرىلەلمەيدۇ. تەبىئەت قانۇنىدىن ھالقىغان پەقەت ئاللاھ. زەغلۇل ئەل نەججار نىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز مەن ئىزدىنىپ كۆرەي. توردا ئاينىڭ يېرىلىشىنى چۈشەندۈرگەن بىر يازما بار. بۇ يازمىدا < گېئولوگىيە ئالىمى دوكتور زەغلۇل نەججار > دېگەن ئىسىم بار. بۇ يازمىنى سىز كۆرگەنمۇ؟ سىز دېگەن كىشى مۇشۇ ئادەممۇ؟ سىز بۇ يازمىغا قانداق قارايسىز!
مەن بۇيازمىنڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايمەن. لېكىن ئاينىڭ يېرىلىشىنى چۈشەندۈرۈشى بەك ئاجىز، ئىشەنچىسىز. چۈنكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھېچكىم ئاينىڭ يېرىلغىنىنى خاتىرلىگىنى يوق. ئاخىردىكى ئەنگىلىيىلىك ياشنىڭ بايانلىرى تېخىمۇ ئىشەنچىسىز. نە ئۇنداق ئىشلار بولسۇن. بۇيەردە يەنە ئىككى خىل چۈشەندۈرۈش بار. ئاي يېرىلىش ئەمەس، ئاي كولاش، قېزىش. بۇنداق بولغاندا ئىنسانلارنىڭ ئايغا چىقىشى بۇنىڭغا ماس كېلىدۇ. ئاي يېرىلىش تېخى يۇز بەرمىدى. قۇرئاندا ئاخىرەتتە زىمىننىڭ تۈپتۈز باياۋانغا ئايلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىدىمۇ ئالەمنىڭ بىر نوقتىغا قايتىش دىگەندەك كۆزقاراش بار. بۇمۇ ئاي يېرىلىش دىگەنگە يېقىن كېلىدۇ.
ئەڭ مۇھىم گەپ <ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ>مۇ ياكى <ئاللاھ خالىغىنىنى قىلالايدۇ>مۇ؟ بۇ ئىككى جۈملىنىڭ بىرنەچچە ھەرىپى ئوخشاش بولمىغان بىلەن ئىپادىلىگەن مەزمۇنى كۆپ پەرق قىلىدۇ. ئۈگەنگەن بىلىملىرىم مىنى كىيىنكى جۈملىگە مايىل قىلىدۇ. سىزمۇ ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن.  دىننى ئىتقادى يوق كىشىلەر <ئاللاھ ھەممىگە قادىر بولسا، ئۆزى كۆتۈرۈلمەيدىغان تاشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلەمدۇ؟> دېگەن سوئال سورايدۇ. مەيلى يارىتالايدۇ، مەيلى يارىتالمايدۇ دەڭ ئوخشاشلا تۇتۇلۇپ قالىمىز <يارىتالمايدۇ> دەپ جاۋاب قىلساق، ئاللاھ ھەممىگە قادىر بۇلالمىغان بولىدۇ. <يارىتالايدۇ> دەپ جاۋاب قىلساق، ئاللاھ تاشنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولىدۇ. يەنىلا ھەممىگە قادىر بۇلالمىغان بولىدۇ. ئىنسانلار بويسۇنىدىغان قانۇنىيەت، لوگىكا بويىچە پىكىر قىلىنىپ، ئاللاھ نىڭ بۇ قانۇنىيەتلىرىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتقانلىقىدىن يۇقارقىدەك سوئال-جاۋابلار كىلىپ چىقىدۇ. قۇرئاندا ئېنىق كۆرسىتىلدى. ئاللاھ ئەڭ ئادىل، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى. قۇرئان كەرىمدە زىت نەرسە يوق. شۇنداق بولغاندا <ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى> مۇ ياكى<ھېكمىتى بىلەن ئىش قىلغۇچى>مۇ؟ مەن يەنىلا كىيىنكىسىگە مايىلراق. بۇنداق بولغاندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈش بەك ئاسانغا توختايدۇ. مەسىلەن تەقدىر، دۇئا تىلاۋەتنىڭ قوبۇل بۇلۇشى، زۇلۇم، بەخت …. دىگەندەك
جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ
ئاددى سالام بىلەن
فونۇن

+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
دوكتور B دىن:
تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىز ھەقىقەتەن چوڭقۇركەن. ئادەتتە كىشىلەر ئانچە ئيلاپ بقامايدىغان ئىشلارنى ئويلاپ مۇلاھىزە قىلىدىكەنسىز.
ئەھۋالدىن قارىغاندا سىز ماجىزىگە ئىشەنمەيدىغاندەك تۇرىسىز. ياكى مۆجىزە دېگەن نېمە بۇنى خاتا چۈشىنىۋالغاندەك تۇلارىسىز.
ماجىزە دېگەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قولىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئادەتتىكى قانۇنىيەتكە خىلاپ بىر ئىش دېسەك، بۇنى پەيغەمبەر يەنى ئىنسان قولىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ دەيمىز.
قۇرئاندىمۇ مۇنداق مۆجىزىلەرنى خېلى كۆپ بايان قىلغان.
بولسا مۆجىزىنى ئىنچىكە بىر تەرىپ قىلىپ باقسىڭىز مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. مۆجىزە ئاللاھقىلا خاس دېگەن سۆزدىن مەقسىتىڭىز ئېنىق چۈشىنىلمىدى.
دوكتۇر زەغلۇل نەججار سىز ئىزدىنىۋاتقان ساھەدە خېلى تونۇلغان ئالىم. كاپىنچە ئنگىلىزچە لىكسىيىلىرى بار. مەن ئادەتتە كەسپ دائىرەم فىقھى ئەھكام بولغاچقا دوكتۇرنىڭ لىكسىيىلىرىنى ئاڭلىمايدىكەنمەن. لېكىن ئادەتتىكى دىن ئالىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى دوكتۇرنىڭ ئىلمى تەتقىقاتقا بۇ تەرىقىدە چۆكۈپ قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئىلمى ئىزاھلىشىغا ئانچە ئىسسىق قارىمايدۇ.
دوكتۇرنىڭ تور بېتى ئادرىسى:
<
http://www.elnaggarzr.com/en/index.php>
ئاينىڭ يېرىلىش ۋەقەسى قۇرئاندىمۇ بايان قىلىنغان. قەمەر سۈرىسى 1-ئايەت. سەھىھ ھەدىسلەردىمۇ كەلگەن. بۇنى قايتا ئىزدىنىپ باققايسىز.
ئىككى جۈملە پەرقىگە دىققەت قىلماپتىمەن. پەرقى بولسا قانچىلىك پەرقى بولا؟
ئازى كۆتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارىتىش دېگەن سوئال ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھنى تەرىپ قىلايلى، ئاللاھ دېگەن بىر نەرسىنى قىلالمايدىغان ياكى ئاجىز كەلمەيدىغان قۇدرەت ئىگىسى تۇرسا، كۆتۈرەلمەيدىغاننى دېگىنى باشتا ئېتىراپ قىلغان قۇدرەتكە زىت بوپ قالىدۇ. دېمەك سوئال ئۆزىدە زىتلىقنى كۆتۈرۈپ كەلگەن قاملاشمىغان مەنىقىسىز سوئال.
ھۆرمەت بىلەن:  B

فونۇن دىن:
جاۋاب قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!
ئىنسانلار بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان، بارلىققا كەلتۈرۈلگەن مەۋجۇدات، قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مۆجىزە. قۇرئان كەرىمگە ئىمان ئىيتقان بولغاندىكىن ئەلۋەتتە قۇرئاندا تەسۋىرلەنگەن مۆجىزىلەرگە ئىشىنىمەن. مىنىڭ گۇمان نەزىرىدە قارىغىنىم پەقەت قۇرئاندا تەسۋىرلەنمىگەن مۆجىزىلەر ھەم قۇرئاندا تەسۋىرلەنگەن مۆجىزىلەر ئۈستىدە پىكىر قىلماسلىق.  قۇرئان كەرىمدە تەسۋىرلەنگەن كۆپ ئادەملەرگە تونۇش بولغان مۆجىزىلەر
پىل ئۇرۇشى.  بۇ ئۇرۇش تارىخ كىتابلاردىمۇ تەسۋىرلەنگەن. قۇشلار تەسۋىرلەنمىگەن. پىل قوشۇنىدا يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان، كىسەلنىڭ ئىپادىسى قۇرئاندىكى تەسۋىر بىلەن ئوخشاش.  بۇنداق بولغاندا بۇ مۆجىزىنى ئاللاھ قۇشلار ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەل تارقىتىپ پىل قۇشۇنىنى نابۇت قىلدى دەپ چۈشەنسەك بولماسمۇ؟
ئەيسا ئەلەيھسسالامنىڭ يارىتىلىشى. بۇنى يىقىنقى زامانغىچە چۈشىنىش تەس بولغان مۆجىزە ئىدى. يىقىنقى كېلون تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بىزنى يىڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى. ئەلۋەتتە بۇ مۆجىزىنى تېخى تولۇق چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ كېلون تېخنىكىسىغا ئوخشاش ئۇسۇل ئىشلىتىلگەن بۇلۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلساق بولماسمۇ؟
پەرىشتە جەبرائىل نىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلىشى. ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىدا كۆپ ئۆلچەملىك بوشلۇق دەيدىغان نەزەرىيە بار.  جەبرائىل بىلەن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مۇشۇ بوشلۇقلار ئارا پەرۋاز قىلغاندىمۇ؟ مۇشۇنداق پىكىر قىلساق بولماسمۇ؟
قالغان ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشى، تاشتىن تۆگىنىڭ بارلىققا كىلىشى قاتارلىق مۆجىزىلەرنى ھازىرچە چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. لېكىن ئاللاھ ئەقىلنى پىكىر قىل دەپ بەرگەنكىن ئاخىرقى زامان بولغۇچە ھەممە ئىش – شەيئى، مۆجىزىلەر ئۈستىدە توختىماي پىكىر قىلساق، بۇ ئاللاھ ! دەپلا ياقىمىزنى چىشلەپ ئولتۇرغاندىن كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ؟
قالغان قۇرئاندا بولمىغان مۆجىزىلەرنى مەسىلەن، مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ ئاغرىقنى داۋالىشى، قولدىن سۇ چىقىرىش دىگەنلەرنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە. بۇلاردىن گۇمانلىنىش ئىمانغا تەسىرى يوق. قۇرئاندا ئېنىق قىلىپ مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىنغان.  باشقا پاكىتلار بولسا جەڭلەردە مۇھەممەت ئەلەيسالامنىڭمۇ يارىلانغانلىقى، ئەلىنىڭمۇ يارىلانغانلىقى، مەغلۇپ بولۇنغان ئۇرۇشلارنىڭ بولۇنغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. جەڭ مۆجىزىگە ئەڭ تەقەززار، لېكىن مۆجىزە قوللىنىلمىدى. بۇنىڭدەك سوئالدىن يەنە بىرنەچچىنى سورىغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە خۇددى ئاللاھ نىڭ ھەممە ھىكمەتلىرىنى بىلىدىغاندەك <مۇنداق بولغاچقا ئاللاھ مۇنداق قىلغان، ئانداق بولغاچقا ئاللاھ ئانداق قىلغان> ياكى <ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ> دەپلا چۈشەندۈرۈش بېرىدىغانلار بار. ھەر بىر چۈشەندۈرۈش بۇ قاراشلارنى ئاجىزلىققا ئىلىپ بارىدۇ. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىم يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ باشقا مۆجىزىلەر نە ھاجەت؟
ئاللاھ ئالەمنى ياراتقاندا بىر ھېكمەت( قانۇنىيەت) بىلەن ياراتتى. ئىنساننى، پەرىشتىلەرنى، جىنلارنى ھەممىسىنى ئۆزلىرىگە ماس ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ئاللاھ بۇ ھېكمەتلەرنىڭ ئۈستىدە. ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ياراتقان ھېكمىتى بىلەن ئنسانلارغا تەسىر قىلارمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ دېسەك بۇ ئېھتىماللىق مەۋجۇت. بۇلا ئەمەس نۇرغۇن سۇئالغا ئېنىق جاۋاب قىلىش تەس بولىدۇ.  ئاللاھقا ئىمان ئىيتقان ئادەم چوقۇم جەننەتكە كىرەمدۇ؟ … ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىپ كىرگەسمىسىچۇ؟ ئەسكى ئادەم دوزاققا چۈشەمدۇ؟ …. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىسا … يەنە نۇرغۇن سۇئالغا مۇشۇنداق ئېنىق بولمىغان جاۋابلارنى بەرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولسا، كىسەللىرىمىز شىپالىق تاپسا، ساغلام پەرزەنتلىرىمىز بولسا ئاسانلا بۇلار ئاللاھنىڭ شاپائىتى رەھمىتى دېيەلەيمىز، ئاللاھ غا ھەمدۇسالاملار ئېيتىمىز. ئەگەر ئىشلار تەتۈر بولسا ئىشلار ئىلگىرى باسمىسا، كىسەللەر شىپا تاپمىسا، شۇنداق مۆمىن ياخشى ئادەملەرنىڭ باللىرى مىيىپ تۇغۇلۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟. ئاللاھ نىڭ رەھمىتى دىگىنمىز كەلمەيدۇ. پەقەت تەقدىر – پېشانە دەپ تەسەللى بېرىمىز. قۇرئاندا ئېنىق قىلىپ ياخشى يامانلىق ئاللاھدىن دەپ يىزىلغان تۇرسا يەنىلا مۇشۇنداق مۈجىمەل جاۋاب قىلامدۇق.   ئاللاھ ئەڭ ئادىل.  ھېكمىتى بىلەن ئىش قىلغۇچى.  قۇرئاندا ئېنىق يىزىلغان، قىچىلىق زىددىيەتلەرگە ئىمكان قويمايدۇ.  ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىگە، ھېكمىتىگە بويسۇنىدۇ دەيمىز، تۇرۇپ-تۇرۇپ بۇنى ئۇنتۇپ قالىمىز.  ئاللاھ ئىنسانلار يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا ئىنسانلار تۇرىۋاتقان پۈتكۈل ئالەم، ئىنسانلاردا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى يېزىپ بولغان. بۇ قانۇنىيەتلەر قىيامەت قايىم بولغىچە داۋاملىشىدۇ. مەيلى ئاللاھ نىڭ رەھمىتى بولسۇن، جازاسى بولسۇن ھەممىسى شۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ نەتىجىسى. مۆمىن ياخشى ئادەمنىڭ بالىسىنىڭ مىيىپ بولۇپ قىلىش، بالدۇر تۈگەپ كىتىشى ھەممىسى شۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ نەتىجىسى. بۇ يەردە ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىپ قىلغان ئىش يوق!  بۇ قانۇنىيەتلەر ھەممە ئىنسانغا ئورتاق. مەيلى ئتقادى بولسۇن بولمىسۇن. ئېتىقادىڭىز بولسۇن ھەممە پەرىزنى ئادا قىلىڭ، كېچە كۈندۈز دۇئا تىلاۋەت قىلىڭ، لېكىن سىز قۇدرەت تېپىشنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىلەن ئىش قىلماڭ،  سىز قۇدرەت تاپالمايسىز. ھازىر غەرىپتىكى دۆلەتلەر شۇ ئاللاھنىڭ تەرەققىي قىلىشتىكى ھېكمىتىنى تاپقانلار.  تەقدىرمۇ ئوخشاش ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن ئنساننىڭ تاللىشىنىڭ نەتىجىسى.  ئاللاھ ھەربىر ئىنساننىڭ قانداق تاللاش قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. قانداق ئىشلارنىڭ يۇز بېرىدىغانلىقىنى، كەلگۈسىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.  شۇسەۋەپ ئىنساننىڭ تەغدىرى ئاللاھ ئالدىدا ئۆزگەرمەيدۇ.  لېكىن بۇلار ئىنسانلارغا نامەلۇم. كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ بۇلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە ھاياتنى داۋاملاشتۇرىمىز.
بۇ مەسىلىلەرگە سىز قانداق قارايسىز؟
سىز ئەۋەتكەن تورنى ئىچىپ كۆردۇم. مەزمۇنلارنى تېخى ئوقۇغۇدەك بولمىدىم. ئوقۇغاندىن كېيىن يەنە خەت يازارمەن!  ئەگەر قوشۇلسىڭىز بۇ ئالاقە قىلىنغان مەزمۇنلارنى تورغا يېزىپ قويسام دەپ ئويلايمەن. بىئەپ كۆرسىڭىز ئىسمىڭىزنى يازمىسام بولىدۇ.

ئاددى سالام بىلەن
فونۇندىن
++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

فونۇندىن:
كۆپ ئادەملىرىمىز تېبابەت، گېئولوگىيە، ياكى باشقا ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنىڭ  قۇرئاندا ئالدىن يېزىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئوقۇغاندا بولغان ئىنكاسى مۆجىزە!  مۆجىزە!..   بۇنىڭدىن باشقا ئىنكاس پىكىر يوق. ئەڭ كۆپ ئيتىلغان سۆز< 1400 يىل بۇرۇنلا خاتىرلەنگەن>. ئەسلى قۇرئاندا بار بولغان نەرسىنى 1400 يىلدىن بۇيان نېمە ئۈچۈن بىز بايقالمىدۇق؟ قۇرئاننى تونۇمايدىغان باشقىلار بايقىدى دىگەننى كۆپ ئويلىساق ياخشى بۇلاتتى. يەنە بىر ئويلاشقا تەقەززار ئىش قۇرئاننى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئىلىم- پەننى بىرمۇھېم كەم بولسا بولمايدىغان ۋاسىتە قىلىشىمىز لازىم.  بۇ پەقەت بىرىنچى ئايەت <ئوقۇ>. ئىسلام ئىلىم-پەنگە قارشى ئەمەس، زىت ئەمەس دەپلا گەپنى تۈگەتمەي،  ئىلىم ئۈگۈنۈشنى بىر ھەقىقى يۇقىرى ئورۇنغا  قويساق دەپ ئويلايمەن.  كەسپىمنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى بولمىغاچقا مىنىڭ سۆزلىرىمنىڭ تەسىر قىلىدىغىنى پەقەت ئاز سانلىق بىر نەچچە كىشى. لېكىن ئوخشاش سۆز دەۋەتلەر دىننى ئۆلىمالارنىڭ ئاغزىدىن چىقسا بۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.  ئىسلامدا ئوخشاش ئىشلار توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار. ئاخىرەتتە ئەيسا ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۈشەمدۇ؟ بۇنىڭغىمۇ چۈشىدۇ، چۈشمەيدۇ دەيدىغان ئىككى خىل كۆزقاراش بار، ھەممىسى قۇرئاندىن ئىسپاتلار قىلىدۇ. لېكىن بىز بىلىدىغىنىمىز پەقەت <كېلىدۇ> دەيدىغان كۆزقاراش.  مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى باشقا ئنسانلارغا ئوخشاش ئاللاھ نىڭ بەندىسى دەپ تونۇيمىز، ئەمما يەنە <قىساسۇل ئەنبىيا> دىگەندەك كىتابلارنىڭ تەسىرىدە نوقسانسىز مۇكەممەل ئىنسان دەپ تونۇيمىز. كىچىك ۋاقتىدا ئۇنداق بۇنداق ئىشلار بولغان، بەدىنىدە ئىزنالار بار دېگەندەك مەزمۇندىكى يازمىلار تارىلىپ يۈرۈيدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئېنىق ئايەتلەر مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ مۇكەممەل ئادەم ئەمەسلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇرسا، كۆپ كىشىلىرىمىز يەنىلا مۇكەممەل دەپ تۇنۇيدۇ.  بەس مۇنازىرە، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ بولغىنى ياخشى. بولۇنغان بەس مۇنازىرە، پەتىۋا بەرگەندە كەلتۈرگەن ئىسپاتلىرىمىزنىڭ ئىچىدە قانچىسى ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ؟ قانداق قىلساق كىشىلەرنى قورقماي ئەركىن پىكىر قىلىشقا ئۈندىگىلى بۇلار؟
ئاددى سالام بىلەن: فونۇن

دوكتور B دىن:
we eleykum essalam:
siz bayan kilgan kozkaraxlar aldirimay tohtulup munazire kilixka mohtaj.
xunga mening teklivim siz bu turdiki munazire temisini etraplik izdinix we baxkilar bilen ortaklixix uqun birer munazire munbirige yollisingiz yahxi.
bolsa mawu munberge yollisingiz ezherde okuwatkan okuguqilar kop kiridu. paydilik bolidu.
http://bbs.meripetyoli.com/forum.php
men jawab yazgan abzaslarni temingizda nekil kilsingiz bolidu.
++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
فونۇن دىن:
مەن يەنە يازغاچ تۇراي، ۋاقتىڭىز بولغاندا خەت قايتۇراسىز.
دارۋىننىڭ نەزىرىيىسى ھەممەيلەنگە تونۇش.  مەزمۇنلار مۇسۇلمان ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز مۇسۇلمانلار ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، ھەم ئېتىقادىمىزدىن باشقا ھىچ قانداق رەدىيە قىلىدىغانغا پاكىت تاپالمىدۇق. يەنىلا شۇ قۇرئاننى تۇتۇپ باقمىغان غەربلىكلەر فىزىكا قانۇنىيەتلىرى، كۆز،يۈرەك ۋە باشقا ئەزالارنىڭ يېتىلىش جەريانى، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، گېن تېخنىكىسى قاتارلىق بىر قاتار نەتىجىلەر بىلەن دارۋىننىڭ نەزىرىيىسىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئاللاھ غا شۈكرى  بۇ نەتىجىلەرنىڭ پاتنىت ھوقوقى يوق، بولمىسا مۇسۇلمانلار قانداقمۇ قىلاتتۇق؟ بۇ ئىشلار ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئېتىقادىمىزنى قوغداش، چىڭىتىش ئاللاھ نى تۇنۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كۇندە قىلغان دۇئا تىلاۋەتلىرىمىز، ئادا قىلغان پەرز، سۈننەتلەر ھەممىسى ئاللاھ نى تونىغاندىن، ئىشەنگەندىن كىيىنكى ئىشلار، بۇ بەندىچىلىك. ئاللاھ نى تۇنۇشنىڭ، ھېس قىلىشنىڭ تۆۋەن باسقۇچى. ئاللاھ ياراتقان بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدە ئەركىن، دادىل پىكىر قىلىپ ئاللاھ نىڭ ھىكمەتلىرىنى بايقىغاندا ئىسپانلىغاندا، بۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ نەقەدەر گۈزەل، مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا ئاللاھ بولغان تونۇشىمىز، ئتقات ئىشەنچىمىز بىر چوڭ بالداق ئۆرلەيدۇ.
قۇرئان كەرىم ئاللاھ نىڭ سۆزى، كىتابى. لېكىن ئالەمدىكى بارلىق سىرلارنىڭ جاۋابى ئەمەس. قۇرئان كەرىم ياشاش يۈلۈنىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى. مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ گەپ سۆز، ئىش پائالىيەتلىرى قۇرئان كەرىم كۆرسەتكەن ئىشلارنى تۇلۇقلىدى.  قۇرئان كەرىم بىلەن ئىلىم- پەن تەتقىقاتى ئىلىپ بىرىش دىگەندەك سۆزلەر توغرا ئېيتىلمىغان سۆز.  ياپۇنلارنىڭ تەرەققىياتى؟ غەربلىكلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟  ھەر قانداق ئىلىم- پەن تەتقىقاتى ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى، ئۇسۇلى بىلەن ئىلىپ بېرىلىشى لازىم. ئەلۋەتتە بۇ ئىدىيە، ئۇسۇلى ئاللاھ ياراتقان قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك.  بۇ يەردە ھىچ قانداق زىتلىق يوق. ئاللاھ نىڭ ھېكمىتى بولغان ئىلىم-پەندە يۈكسەلمەيدىكەنمىز، تەرەققىي قىلىشتىن ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

مەن يازمىنى جېك تۇراسىغا چاپلاپ تۇراي.
ئاددى سالام بىلەن
فونۇنhttp://jeckblog.com/qanchilik-erkin-pikir-qilalaymiz/















ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77266
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-3-11
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gvlqay يوللىغان ۋاقتى  2012-5-9 10:53 AM
شۇنداق بەزى گەپلىرى ئورۇنلۇقتەك ،بەزى گەپلىرى .............
...

خەت خاتا ئۇرۇلۇپ قاپتۇ ،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش